ئەسساللام دوسلار! يېڭى يېلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
تۆۋەندە بىز يىللىق خۇلاسە قىلايلى. تۆۋەندىكى مەزمۇن 2010-يىللىق خۇلاسە ۋە 2011-يىللىق پىلان،بۇنىڭدىن پىلارنلىرىمىزنىڭ ئورۇنلىنىش ئەھۋالىغاغا قاراپ باقىلى:
------------------------------------------------------------------------------
مانا بۈگۈن 2010 -يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىنى ئۆتكۈزىۋاتىمىز،بۇ بىر يىلنى ئەسلەپ ئۆتسەك :
1-نەزىريىۋى بىلىملەر كۆپەيدى؛
2-مۇزىكا ئىشلەشكە دائىر يۇمشاق دىتاللاردىن 2~3 دىتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى؛
3-ساندىنىمىز ئەسلىگە كىلىپ تور بىتىمىز ئەسلىگە كەلدى؛
4-ئەزالارنىڭ قىزغىنلىغى ئېشىپ ،بىر نىيەت-بىر مەخسەتتە خالىسانە ئەمگىگىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇر كومپىيوتۇر مۇزىكىچىلىغىدىكى بۇ بوشلۇققا كۈچ چىقىرىش ئېڭى شەكىللەندى؛
5-تور بوشلىغىمىز بۇرۇنقى 100MB دىن 1GB غا كۆتۈرۈلدى؛
2011 - يىللىق پىلان
1-تور بوشلىغىنى يۇقۇرلۇتۇش،بارىلىق ئەزالارنىڭ ناخشىلىرىنى ۋە دەرىسلىگىنى ئۆزىمىزنىڭ بووشلىغىغا قويۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛
2-تور بەتنى قايتىدىن ياسىتىش،مەخسۇس تور بەت لاھىيلىتىدىغان ئورۇن تېپىپ باش بەتنى لاھىيلىتىش؛
3-ئەزالارنىڭ ناخشىلىرىنى مەخسۇس بىر كۆزۈنەكتە چىقىرىش؛
4-بىر مۇزىكىنى ھەممە ئەزالارنىڭ ئىشلىشىگە بېرىپ،مۇكاپاتلىق پائالىيەت ئىلىپ بېرىش؛
5-تەشۋىقاتنى كۈچۈيتىپ،بەزى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىش؛
6-ئاز دىگەندە 2 يۇمشاق دىتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش؛
7-دوستانە ئۇلۇنۇش تور بىكەتلىرمىز بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە دوسلۇقنى كۈچەيتىش؛
ھازىرچە پىلانلار مۇشۇنچىلىك،بەزى پىلانلار ئەمىلىيەتكە قاراپ بېكىتىلىدۇ،ۋاختى كەلگەندە مەخسۇس تېما يوللاپ دوسلار بىلەن ئورتاقلىشىمىز.
ئاخرىدا ئۇيغۇر كومپىيوتۇر مۇزىكا ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان بارىلىق دوسلار ۋە ئەزالارنىڭ يېڭى يىلىنى مۇبارەكلەيمىز، ئائىلەڭلەرگە خاتىرجەملىك ۋە بەخىت تىلەيمىز شۇنداقلا تىنىڭلارغا سالامەتلىك ،خىزمىتىڭىلارغا ئۇتۇق تىلەيمىز
2010-يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى
------------------------------------------------------------------------------
يۇقارقىلاردىن كۆرىۋالساق 2011- يىللىق پىلانىنىڭ ئورۇنلىنىش ئەھۋالى :
1-تور بوشلىغىنى يۇقۇرلۇتۇش،بارىلىق ئەزالارنىڭ ناخشىلىرىنى ۋە دەرىسلىگىنى ئۆزىمىزنىڭ بووشلىغىغا قويۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛
ئەمەلگە ئاشتى ،بوشلىغىمىز ھازىر دۇنيادىكى 1- ئورۇندا تۇرىدىغان ئامىرىكىنىڭ بوشلىغى ،ھەجىمى 150GB.
2-تور بەتنى قايتىدىن ياسىتىش،مەخسۇس تور بەت لاھىيلىتىدىغان ئورۇن تېپىپ باش بەتنى لاھىيلىتىش؛
مۇنبىرىمىز ئەسلىدىكى DISCUZ6.0 نەشىرىدىن بىراقلا DISCUZ x2 گە كۆتۈرۈلدى،لىكىن تور بىكەت ياستىشىش ئىشى مەبلەغ سەۋەبىدىن ئەمەلگە ئاشمىدى.
3-ئەزالارنىڭ ناخشىلىرىنى مەخسۇس بىر كۆزۈنەكتە چىقىرىش؛
بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولدۇم،لىكىن دوسلارغا بۇ بەتنى تېخى ئاشكارلىمىدىم،رەتلەپ بولغاندىن كىيىن دوسلارغا ئېچىۋىتىلىدۇ.
4-بىر مۇزىكىنى ھەممە ئەزالارنىڭ ئىشلىشىگە بېرىپ،مۇكاپاتلىق پائالىيەت ئىلىپ بېرىش؛
بۇ پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان بولساقمۇ دوسلارنىڭ قىزغىنلىغى تۆۋەن،ئەمەلگە ئاشمىدى.مۇزىكانىت دوستىمىز بۇنىڭ پىلانىنى تۈزمەكچى بولغان ،لىكىن ئاخىرى چىقماي قالدى...خۇدايىم بۇيرىسا 2012-يىل داۋاملىق تىرىشىمىز.
5-تەشۋىقاتنى كۈچۈيتىپ،بەزى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىش؛
بۇنىمۇ ئەمەلگە ئاشتى دىسەك بولىدۇ،لىكىن داۋاملىق ھامكارلىق ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىمىز (107.4 سەنئەت رادىئوسى سەھىپىسىنى تەسىسى قىلىندى).
6-ئاز دىگەندە 2 يۇمشاق دىتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش؛
ئەمەلگە ئاشتى ، Celemony Melodyne v3.0.1.5 Studio Edition نى كىلەر يىلى پۈتتۈرىمەن،ھازىر 45% پۈتتى.
7-دوستانە ئۇلۇنۇش تور بىكەتلىرمىز بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە دوسلۇقنى كۈچەيتىش؛
دوستانە ئۇلۇنۇشلار بۇنىڭ ئىسپاتى،بۇ يىل تور بىتىمىز ئېتىراپ قىلىنىدىغان تور بىكەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى،داۋاملىق تەشۋىقاتنى كۈچۈيتىمىز.
2012 -يىللىق پىلارننى دوسلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈشنى لايىق تاپتىم،دوسلار ئۆز پىكىرلىرىنى دەپ باقسا(ئەمىلىيرەك).شۇنۇڭغا قاراپ پىلاننى بىكىتسەك.
ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى ھەممەيلەننىڭ تور بىتى،شۇڭا بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەممەيلەننىڭ مەسئۇليىتى! |