- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-29
- توردا
- 0 سائەت
- شۆھرەت
- 94
- پۇل
- 239
- تىزىملاتقان
- 2011-10-21
- ھوقۇقى
- 20
- يازما
- 42
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 94
- UID
- 1759

- توردا
- 0 سائەت
- شۆھرەت
- 94
- پۇل
- 239
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-29
- تىزىملاتقان
- 2011-10-21
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 94
- يازما
- 42
|
رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيەتلىرى
قايتىپ كەلگىن
كېتىۋاپسەن يەنە ئۆيۈڭگە،
رەنجىپ قېلىپ قىلغان سۆزۈمگە.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈممۇ غەمدە،
قايتىپ كەلگەن خىيالىم سەندە.
چوڭ كۆرسەتمە ئۆزەڭنى بۇنچە،
توزىغان گۈل بولالماس غۇنچە.
رەنجىسەڭمۇ مىنىڭدىن شۇنچە،
قايتىپ كەلگىن خىيالىم سەندە.
يامانلىساڭ مېنڭدىن كۈندە،
دۈشمەنلىرىم كۈلەر تۈۋىمدە.
بولسۇن مەندە مەيلى سېنڭدە،
قايتىپ كەلگىن خىيالىم سەندە.
يامانلىق يوق مەندە يا سەندە،
ھەر ئىككىمىز كۆيۈشكەن بىرگە.
ئوخشاتمايلى تۇرمۇشنى جەڭگە،
قايتىپ كەلگىن خىيالىم سەندە.
ھايات دىگەن ئەگرى توقايكەن،
تۇرمۇشمۇ ھەم شۇنداق بولاركەن.
كۆڭۈل ئاغرىق بولۇپ تۇراركەن،
قايتىپ كەلگىن خىيالىم سەندە.
كۈلەلمىگەن كۆڭۈل
سەن ۋەدەڭدە تۇرالمىدىڭ يار،
ئازابىغا قالدى بۇ كۆڭلۈم.
يا دېدىڭمۇ بولسۇن مىنى خار،
زەرداپ يۇتۇپ قىينالدى باغرىم.
بۇ دەتلىرىم ساڭا بەرىبىر،
بىلەلمەيسەن ھەر كۆڭۈل ئايرىم.
كۆرگەنلىرىم پۈتۈلگەن تەقدىر،
ئاغرىنساممۇ كۆنەرمەن بەلكىم.
بولمىساڭمۇ مەن ئۈچۈن نىگار،
ئۆتۈپ كېتەر ئۆمۈر كارۋىنى.
رەنجىسەممۇ سېنىڭدىن بىكار،
ئۆتۈلگىچە سۆيگۈمنىڭ قەدرى.
ئاڭلا يارىم بار بىر ھەقىقەت،
يالغۇز قالماس يارالغان بەندە.
ھەمرا بولسا دەيدۇ شۇ پەقەت،
ئۆزى سۆيگەن يارىنى كۈندە.
ساقلىمايدۇ ئۆمۈر كارۋىنى ،
سەنمۇ مەنمۇ بىر كۈن كىتەرمىز.
سەن باشقىنى مەن باشقا يارنى،
ھەمرا قىلىپ ئەجەل كۈتەرمىز.
بىزار بولمامدۇ
دەز كەتكەن يۈرەكنىڭ دەردى بولمامدۇ،
كېسىلگەن تېرەكنىڭ شىخى قۇرىمامدۇ.
خالىساڭ مىڭ كېتىپ خالىساڭ كەلسەڭ،
مىڭ كۆيگەن يۈرەكمۇ بىزار بولمامدۇ.
يارىم دەپ كۆيسەم مەن يۈرەكتىن ئوتلۇق،
تەڭ قىلماي ئۆزگىدىن كۆرۈپ مىڭ ئارتۇق.
ئەجىرىمگە بەرگىنڭ تۇرسا شۇ خورلۇق،
مىڭ كۆيگەن يۈرەكمۇ بىزار بولمامدۇ.
يار ئەمەس سەن ئەمدى، ئالدامچى قىزچاق،
بولماسمەن ئەمدى ھەم ئالدىڭدا قونچاق.
ئەقىدەم سۆيگۈمنى خارلىساڭ شۇنداق،
مىڭ كۆيگەن يۈرەكمۇ بىزار بولمامدۇ.
تۇرمۇشنى بازارغا سالما
ھال ئىيتىپسەن سىرداشلىرىڭغا،
دەرت تۆكۈپسەن تورداشلىرىڭغا.
يامان دەپسەن مىنى باشقىغا،
بۇ تۇرمۇشنى بازارغا سالما.
ئايالىم سەن مەڭگۈلۈك يايرىم،
غەيۋەت قىلما ئۈستۈمدىن دائىم.
توغرا كۆرمەس مىنڭ بۇ رايىم،
بۇ تۇرمۇشنى بازارغا سالما.
يالغان كۈلەر دۈشمەنلەر ئاڭلاپ،
قىلغان سۆزنى يۈرمەيدۇ ساقلاپ.
گەپ سۇرايدۇ سىنىڭدىن ئالداپ،
بۇ تۇرمۇشنى بازارغا سالما.
تۇرمۇش بولسۇن تۇرمۇش ئۆزىدە،
ئېلىپ چىقما پاراڭ سۈپتىدە.
قالماي دىسەڭ ئۇيات كۈلكىگە،
بۇ تۇرمۇشنى بازارغا سالما.
قېرىنداشلارنڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سۇرايمەن ئالاقىلشىڭ QQ: 449743158 يانفون: 13031342141
رۇستەم قاراسۇ
2011.11...ئاتۇش |
|