- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-8
- توردا
- 2017 سائەت
- شۆھرەت
- 2270
- پۇل
- 2980
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 2625
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2270
- UID
- 1
  
- توردا
- 2017 سائەت
- شۆھرەت
- 2270
- پۇل
- 2980
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-8
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2270
- يازما
- 2625
|
[7] VSTi قىستۇرما يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ئەپچىللىك بىلەن ئىشلىتىش
32-مەشغۇلات:VSTi قىستۇرما يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلىتىش
1-VSTi قىستۇرما يۇمشاق دىتالللىرىنى قوشۇش ئۈچۈن(چىقىرىش) ، تىزىملىكتىن Devices-VST Instruments باسىمىز(كومپىيۇتىر كونۇپكا تاختىسىدىن F11 نى باسساقمۇ بولىدۇ)،بۇ چاغدا تەقلىدىي سازلار يەنى VST يۇمشاق دىتاللار رامكىسى چىقىدۇ،شۇ رامكىنىڭ ئىچىدىكى بوش ئورۇننى باسساق ،بىزگە بىز قاچىلىغان،كومپىيۇتىرىمىزدىكى VSTi لارنى چىقىرىپ بېرىدۇ،شۇنىڭ ئىچىدىن ئىشلەتمەكچى بولغىنىمىزنى تاللايمىز.

2-بۇنىڭ ئىچىدىن كۆپ يوللۇق VSTi نى تاللايلى(مەن Hypersonic نى قاچىلىمىغانلىغىم ئۈچۈن بۇ يەردە گىگانىت Colossus نى مىسال قىلىپ سۆزلەيمەن)،بۇنى تاللىساق ئىكراندا بۇ VSTi نىڭ تاختا يۈزى چىقىدۇ(باشقۇرۇش كۆزنىگى).

3-بۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولماي تۇرسۇن،بىز ئاساسىلىق كونتىرول يۈزىگە قايتىلى(Cubase/Nuendo نىڭ)، بىز MIDI يولىدىن out نى بىز بايا تاللىغان VSTi قىلىپ تاللاپ قويىمىز(قايسىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز شۇ قىستۇرما يۇمشاق دىتالنىڭ ئىسمىنى تاللايسىز،قايسىنى مۇقۇملاشتۇرسىڭىز شۇ ئىشلەيدۇ)،ئەگەر بۇ 8 يولنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇ VSTi نى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز out نى تاللاپ تۇرۇپ كومپىيۇتىر تاختىسىدىن Alt نى بىسىپ تۇرۇپ مائۇس بىلەن ھەر بىر يولنى چىكىپ تاللىسىڭىز(8 يول تاللىسىڭزى بولىدۇ) بولىدۇ.

4-ئوخشاش بولمىغانMIDI(يەنى 1-3-6-....دىگندەك يوللار) يوللاردا بۇ كۆپ يوللۇق VSTi نىڭ ئاۋاز تۈسلىرىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز،VSTi نىڭ ئىچىدىكى ئاۋاز تۈسلىرىنى ئايرىم-ئايرىم ھەرقايسى (ئۆزىڭىز بىكىتمەكچى بولغان يول)يوللارغا ئوقۇتىۋالسىڭىز بولىدۇ(VSTi كۆرۈنمىسە chn نىڭ سول تەرىپىدىكى رامكىنى چەكسىڭىز بولىدۇ)،ئايرىم ھالدا MIDI يولىدىكى chn دا ماس يوللارنى كۆرسىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ(سىناپ بېقىڭ ،بۇ دەرىسلىكلەرنى بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن مەشغۇلات قىلسىڭىز ئەمىكىي ئۈنۈمى بولىدۇ).

5-ئەگەر بىر تۈردە(工程) ئوخشاش بولمىغان نەچچە خىل VSTi قىستۇرما يۇمشاق دىتالنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز(ئوخشاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)،سىزنىڭ كومپىيۇتىرىنىڭزنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى يىتەرلىك چوڭ بولسا(ئاۋاز ئۈلگە ئىلىش ئۈچۈن)،CPU رىڭىز يىتەرلىك بولسا(بىرىكتۈرمە چالغلارنىڭ نورمال ئىشلىنىشى ئۈچۈن)،بىز يەنە بىر VSTi قىستۇرما يۇمشاق دىتالنى قوشىلى(قوزغۇتىلى)،قوزغۇتۇپ بولۇپ MIDI يولىنىڭ out دىگەن يېرىدىن تاللايلى(تۆۋەندىكى رەسىم مىسال ئۈچۈن)

دىققەت: بىر ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان MIDI يولىغا VSTi ۋە يۇمشاق دولقۇنلۇق ئاۋاز مەنبەسى ئىشلەتمەڭ،بولمىسا ئاۋاز كىچىكىش بولۇق ئاۋاز قالايمىقانلىشىدۇ(软波表 دىگەن ئۇقۇم خىلى چوڭ ئۇقۇمكەن،بۇ ئۇقۇمغا دوستىمىز مۇسىكفان ئىنىقلىما بېرىپ باقسا بولىتى،ياكى دوستىمىز ئەرشىدىن مۇسىك جاۋاب بېرىپ باقسا بولىتى،مەن بۇ تېمىلارنى يېزىش جەريانىدا بۇ ئۇقۇمنى ئازىراق يۈزەكى چۈشەندىم،يەنىلا كەھىپ ئىگىلىرى تەپسىلى چۈشەندۈرسە دىگەن ئۈمۈتتە).
33-مەشغۇلات:ئاپتۇماتىك ئورالما ئەگىرى سىزىقلار ئارقىلىق VSTi قىستۇرما يۇمشاق دىتاللارنى باشقۇرۇش
1-ئاۋزغا ئىلىش يولىدىكى VST Instruments نى بىسىپ بۇ يولنى كەڭەيتىمىز،بۇ چاغدا بىز ئىشلىتىۋاتقان VSTi قىستۇرما يۇمشاق دىتالنىڭ كونتىرول قىلىش يولى ئىچىلىدۇ،[R] نى بىسىپ يىشىل ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئورالما سىزىقنى سىزىمىز(ئورالما سىزىق توغۇرلۇق بۇ دەرىسلىكنىڭ بىشىدىلا ئىنىقلىما بېرىپ ئۆتتۈم)،“+” بەلگىسىنى بىسىپ يەنە نۇرغۇن كونتىرول قىلىش يوللىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ(2-بابتىكى 12- مەشغۇلاتنى ئوقۇسىڭىز بولىدۇ).

2-ئەگەر بۇ چاغدا بىز بۇ يولدىكى ئەگىرى سىزقلارغا تۈزۈتۈش ئىلىپ بارساق بۇ چاغدا ھەممە MIDI يولدىكى گىگانىت ئادەم VSTi لارنىڭ ئەگىرى سىزقلىرى بۇنىڭغا ئەگەشەپ ئوخشاش ئۆزگىرىپ كىتىدۇ ،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ گىەانىت ئادەمنىڭ ئىچكى قىسمىغا تەڭشەش ئىلىپ بارىمىز.

رەسىمدىكى سېرىق رەڭلىك رامكىنىڭ ئىچىدىكى بەلگىنى بىسىپ (بۇ 3 كونۇپكىنى باسسىڭىز ئىشلىتىۋاتقان VSTi كۆرىنىدۇ)،گىگانىت ئادەمنىڭ ھەر قايسى يوللىرىغا ئوخشاش بولمىغان كونتىرول قىلىش يولىنى تەقسىملەپ بېرىمىز.
34-مەشغۇلات:MIDI يولىدا ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ ئۈنۈملىگۈچىنى ئىشلىتىش
1-ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ ئۈنۈملىگۈچىنى(音频效果器) قوشماقچى بولغان MIDI يولىنى تاللاپ تۇرۇپ،تۆۋەندىكىدەك شۇ يولنى چىكىپ ،ئاندىن [Inserts] نى بىسىپ ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ ئۈنۈملىگۈچىنى قوشىمىز(ئەمىلىيەتتە بۇ ئۈنۈملىگۈچنى VSTi قا قوشقانلىق).

2-ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ،[R] نى يىشىل يوتۇرۇپ،بۇ يەرگە قوشقان ئۈنۈملىگۈچ ئارقىلىق ئاپتۇماتىك ئورالما سىزىقلىق كونتىرىللىغۇچنىڭ سانلىق قىممىتىنى كونتىرول قىلالايدۇ(2- بابنىڭ 12-مەشغۇلاتىغا قااراڭ).

35-مەشغۇلات:VSTi ئاۋز مەنبەسىنى توڭلۇتۇش (قۇلۇپلاش) ۋە ئېچىش
1- بىر نەچچە VSTi لارنى ئىشلەتكەندە ،سېستىما بۇ ئېغىر يۈكنى كۆتۈرەلمەي ،شاۋقۇن ئاۋازى چىقىرىش،قىتىۋىلىشتەك ھادىسىلەر كۆرۈلىدۇ.
VSTi نى توڭلۇتۇش(قۇلۇپلاش) ئارقىلىق سېستىمىنىڭ يۈكىنى كىچىكلەتكىلى شۇنداقلا سېستىمىنىڭ سېغىمىنى تىجىگىلى بولىدۇ،توڭلاتقاندىن كىيىن بۇ يولىدكى ھۆججەتنى تەھرىرىلىگىلى شۇنداقلا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن MIDI يولىدىكى ھۆجججەتنى تەھرىرلەپ بولۇپ توڭلۇتۇش كېرەك.
F11 نى بىسىپ VST Instruments نىڭ ئىچىدىن توڭلاتماقچى بولغان VSTi نىڭ ئالدىدىكى قار ئۇچقۇنىنىڭ بەلگىسىنى باسساق بولىدۇ.بۇ چاغدا تولۇتۇش رامكىسى چىقىدۇ.

بىرىنجىسىنى تاللىسڭىز توڭلۇتۇش بولىدۇ،ئىككىنجسىنى باسسىڭىز شۇ يولدىكى ئۈنۈملىگۈچنىمۇ قوشۇپ تولىتىدۇ(مۇشۇنى تاللىسىڭىز بولىدۇ).
2-ئەگەر توڭلىتىلغان يولغا تەھرىرلەش ئىلىپ بارماقچى بولسىڭىز،ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن قار ئۇچقۇنى بەلگىسىنى بىسىۋەتسىڭىز بولىدۇ،شۇنداقلا [Unfreeze نى بىسىپ مۇقۇملاشتۇرىسىز.

رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ
ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى |
|