ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 416 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 610|ئىنكاس: 17

مۇزىكا ماستىرلاشتىكى مەخپىيىتىم!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
43 سائەت
شۆھرەت
183
پۇل
553
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2011-9-4
نادىر
3
جۇغلانما
183
يازما
102
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 20:35:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئەزىز دوسلىرىمىز؟! بارلىق تورداشلارغا سالام يوللايمەن،ھەم قوللىغان دوسلارغا رەھمەت ئېيتىمەن!!ئەسكەرتىش مەن بۇ ماقالىنى 8-ئايدا يازغانمەن ،دوسلىرىمىزنى قايمۇقتۇرۇپ قويماي دەپ ئەسلى پىتى يوللىدىم،مۇۋاپىق بولمىغان يەرلىرى بولسا ماكان ئەپەندىمنىڭ تۈزۈتۈپ قويىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .

       ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەزىز دوسلار؟سىلەر بىلەن تور يۈزىدە كۆرۈشكەنلىگىمدىن تولىمۇ خوشالمەن،بولۇپمۇ بارلىق تورداش دوسلىرىمىزنىڭ مىنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىنكى مەدەتلىرى ھەم سەمىمىي تەكلىپ پىكىرلىرى مىنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىمگە تۈرۈتكە بولدى،مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن(ئەلى مۇزىكا تورى)دىكى بارلىق ئەزىز سەنئەت خۇمار دوسلىرىمىزغا ئالىي ئىھتىرام بىلدۈرىمەن،ھەم سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارنىڭ تىنچ ئامان ،تىنىڭلارنىڭ ساق-سالامەت بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن!مەن بۇ تورغا ئۆزۈم ئىشلىگەن ناخشىلىرىمنى چىقارغاندىن كىيىن، ئەلى ئەپەندىم ۋە بارلىق تورداش دوسلىرىمىزنىڭ بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە نائىل بولدۇم(بەلكىم ماڭا پىكىرى بار دوسلىرىمىز بولۇشى مومكىن ئەلۋەتتە!).بەزى دوسلىرىمىز ماڭا ؛(مۇزىكا ئۈنۈملىشىڭىز بەك ياخشىكەن،ياكى ئاۋازنى ياخشى كىرگۈزۈپسىز )دىگەندەك باھالارنى بەردى،ھەم مەندىن چ چ ئارقىلىق بەزى ئۆزى يولۇققان مەسىلىلەرنى سورىدى،مەسلەن؛(قانداق ئاۋاز كارتىسى ئىشلىتىسىز؟قانداق مىكروفون ئىشلەتتىڭىز؟قانداق ياڭراتقۇ ئىشلىتىسىز؟)دىگەندەك.مىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم بولسا scope homeئاۋاز كارتىسى ئەينى چاغدا 3300يۈئەنگە سىتىۋالغان ،مىنىڭ ھازىرچە مىكروفونۇم يوق ،باشقىلاردىن ئارىيەت ئىلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن تەخمىنەن 250يۈئەنلىك مىكروفونغۇ دەيمەن ،ياڭراتقۇم بولسا ئادەتتىكى ياڭراتقۇ ،،،،يەنە بەزىلەر مەندىن(مەن مۇزىكىنى ئىشلىيەلەيمەن بىراق سىزدەك ياخشى تەڭشىيەلمىدىم،ماڭا ياردەم قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ بىرەر كۆپ يوللۇق مۇزىكىڭىزنىڭ ئەسلى ھۆججەت نۇسقىسىنى ئەۋەتىپ بىرەلەرسىزمۇ؟)دىگەنگە ئوخشاش ياردەملەرنى سورىدى،سورىغانلارغا دىگەنلىرى بويىنچە ياردەملەردە بولدۇم.ئەمسە مەن قانداق قىلىپ بۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشتىم ؟مىنىڭچە قىممەت ياخشى ئۈسكىنىنىڭ مۇزىكىدىكى رولىغا سەل قارىغىنى بولمايدۇ،بىراق ئادەتتىكى شارائىتتىمۇ ياخشى مۇزىكا ياراتقىنى بولىدۇ دەپ قارايمەن.مەن قىلالىغان ئىكەنمەن دوسلىرىمىزمۇ چوقۇم قىلالايدۇ، شۇڭا دوسلىرىمىزغا مىنىڭ تەجىرىبىلىرىمنىڭ ياردىمى بولۇپ قالار دەپ ئويلاپ بۇ ماقالىنى يازدىم ،بۇنى بىر قانچىگە بۆلۈپ يوللىماقچىمەن .  دوسلىرىمىزغا مەلۈم بولغىنىدەك مۇزىكا بىلەن مۇزىكا ئوخشىمايدۇ،بەلكىم بىر مۇزىكىدا ئىشلەتكەن ئۇسۇل يەنە بىر مۇزىكىدا كارغا كەلمەسلىگى ياكى ئۈنۈمى ياخشى بولماسلىقى مومكىن، مەن ئادەتتە مۇشۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىمەن ،مەيلى ئىلغار ئۈسكىنىلەر بولسۇن ياكى ئادەتتىكىسى بولسۇن مىنىڭ خىزمەت قىلىش ئۇسۇلۇم ئوخشاش .(ئەمسە   قانداق قىلغاندا ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشكىنى بولىدۇ؟) دەپ سورىشىڭلار مومكىن. بۇنى بىر ئىككى ئىغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرگىنى بولمايدۇ،،بۇ ئىنتايىن زىل بىر كەسىپ بولۇپ ئىنىق فورمۇلاسى ھەم بار ھەم يوق!بەزى ئاۋازلارنى ھىساپلاپ تەڭشەيسىز،يەنە بەزى ئاۋازلارغا بۇ ھىساپ توغرا كەلمەي قالىدۇ.نىمىشقا دىگەندە نەچچە مىڭ تۈرلۈك ئاۋازلارنىڭ ھەرخىل تەڭشەشلىرى بار،يەنە ھەرخىل ئۇسلۇپنىڭ تەڭشەش پىرىنسىپىمۇ ئوخشىمايدۇ،ئىشقىلىپ سىز ئىچكىرىلەپ كىرگەنسىرى ھىچنىمە بىلمەيدىغاندەك تۇيغۇدا بولۇسىز،شۇڭا چەتئەلدە ئاۋازنى قۇرۇق كىرگۈزىدىغانلار ئايرىم،قۇرۇق ئاۋازغا ئۈنۈم قوشىدىغانلار يەنە ئايرىم،ئەڭ ئاخىرىدىكى ماستىر قىلغۇچى يەنە ئايرىم كىشىلەردۇ.بۇنىڭ شۇنى كۆرىۋىلىش مومكىنكى بۇ كەسىپ قانداقتۇر ئاۋازنى كىرگۈزۈپلا ئۈنۈم قوشۇپ قويسىلا پۈتىدىغان ئۇنداق ئاسان كەسىپ ئەمەس.مەنمۇ ئۇنچە كەسىپ ئەھىللىرىدىن ئەمەسمەن،بۇ كەسىپكە ھىچكىم (مەن ئەڭ مۇنەۋەر  باشقىلار مەندەك قىلالمايدۇ )دىيەلمەيدۇ.مىنىڭ ھىس قىلغانلىرىم ھەم تەكلىۋىم تۆۋەندىكىچە؛1- خىزمەت قىلغاندا ئۆلۈك بولماسلىق ،ھەممىنى ماشىنا ئادەمدەك بىرخىلا ئۇسۇلدا ئەمەس كۆپخىل ئۇسۇلدا قىلىپ بىقىش.2-سۇنى باشتىن سۈزۈك قىلىش،بۇ دىگەنلىك مۇزىكىنى چىلىشنى باشلىغاندىن تارتىپ ئاخىرىنى ئويلاپ قويۇش.شۇنى ئىسىڭىزدە تۇتۇڭكى بىر ياخشى مۇزىكا ئەڭ دەسلىۋىدىن تارتىپلا ياخشى چىلىنىشى،ياخشى ئۈنگە ئىلىنىشى كىرەك،بولمىسا سىز ئۇ مۇزىكىڭىزنى ئامىرىكىغا ئىلىپ بىرىپ تەڭشەتسىڭىزمۇ بىكار!مۇزىكىدىكى ھەر بىر ئاۋازنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تاللىشىڭىز ۋە چىلىشىڭىز كىرەك!3-روھىي كەيپىياتىڭىز ياخشى بولۇشى،ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشىڭىز كىرەك.تىرىشسىڭىزلا چوقۇم يول تاپالايسىز.4-ئۆزىڭىزنى ئىنكار قىلالايدىغان بولۇشىڭىز كىرەك،نىمىشقا دىگەندە تىخمۇ ياخشى قىلىش ئۈچۈن باشقا ئۇسۇللارنىمۇ سىناپ باقىسىز.5-ئۆزىڭىزنى زورلاپ مەجبۇرى ئىش قىلماسلىغىڭىز كىرەك،ئارام ئىلىشنىمۇ بىلىشىڭىز كىرەك.6-خىزمەت قىلىدىغان ئۆيۈڭلار چوقۇم يورۇق ھەم ئازادە بولۇشى لازىم.(مەن مۇشۇنى ياقتۇرىمەن،بۇنى ھەركىم ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ بىكىتسە بولىدۇ) 7-ئادەتتە نادىر مۇزىكىلارنى كۆپ ئاڭلىشىڭىز،ئاڭلاپلا قالماي پىكىر يۈرگۈزىشىڭىز كىرەك،بۇنىڭدا مۇنداق بىر دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسلە بار،ئۇ بولسىمۇ سىز داۋاملىق مۇزىكا ئاڭلايدىغان نائۈشكا بولسۇن ياكى ياڭراتقۇ بولسۇن چوقۇم بىر قەدەر توغرا چىقىدىغان بولۇشى لازىم،نىمىشقا دىگەندە قۇلاقنى ۋە تەپەككۈرنى مۇشۇنداق يىتىلدۈرىمىز،چۈنكى سىز مۇزىكا تەڭشىگەندە بىر توغرا بولغان قۇللاققا تايىنىسىز ،شۇ مۇزىكىلارنىڭ ئاۋازلىرى قۇلىغىڭىزدا ياكى تەسەۋۇرىڭىزدا بولمىسا نىمىگە تايىنىپ تەڭشەيسىز؟8-مۇزىكىنى مۇنداقلا تەڭشەپ قويۇپ رازى بولماسلىق،يەنە داۋاملىق ئوپىراتسىيە قىلىش كىرەك،مەن ئادەتتە مۇزىكا ئىشلىسەم بىر ھەپتە ئەتىراپىدا ئىشلەيمەن،(لىكىن مۇتلەق ئەمەس) !تەڭشىگەندە بولسا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 3ئاي ئەتىراپىدا تەڭشەيمەن.(ئەستا مىنى ئەمدى باشقىلار ئىشنى يامان ئاستا قىلىدىغان بالىكەن دەپ قولۇمغا ئىش بەرمەيدىغان بولدىدە،،بوپتۇ مەيلى،،ھا،،ھا،،، )نىمىشقا بۇنچە كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىسىز دەپ سورايسىز؟ چۈنكى مەن مۇنداق بىر ھىكىمەتكە ئەمەل قىلىمەن(كۈچۈك يىلدا10نى تۇغىدۇ ئۇ كۈچۈك بولىدۇ،يولۋاس يىلدا 1نى تۇغىدۇ ئۇ يولۋاس بولىدۇ)مەن ھەربىر تەڭشىگەن مۇزىكامنى تىلافۇنۇمغا كۆچۈرۈۋىلىپ ھەر ۋاقىت ئاڭلايمەن،بولمىغان يەرلىرىنى ھەر ۋاقىت تۈزىتىمەن،تۈزەتكىنىمنى بەلكىم ئۇنچە چوڭ ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلالماسىقى مومكىن،بىراق سىز ئويلاپ باقسىڭىز مۇشۇنداق ياخشى بولمىغان يەرلەرنى تۈزەتكەنلىرىڭىز كۆپەيگەنسىرى مۇزىكىڭىز بىر قەدەر مۇكەممەللىككە قاراپ ماڭىدۇ،ھەم بەلكىم بىر مۇكەممەل ئەسەر بولىدۇ(ياكى بولمايدۇ ئەلۋەتتە !بۇنىڭدا نۇرغۇن سەۋەپلەر بار ،مۇزىكا سەۋىيەرىڭىز،تەجىرىبىڭىز ،ئىشلەتكەن ئۈسكۈنىلىرىڭىز،،دىگەندەك،،،بىراق مەيۈسلەنمەڭ !سىز ھامان قىلالايدىغان بولىسىز!).9-بۇ كەسىپ بىلەن ئۈزلۈكسىز ھەپىلىشىشىڭىز لازىم،بۇنداق دىگىنىم سىزنى كومپىيوتورنىڭ ئالدىدا 24 سائەت ئولتۇرۇڭ دىگەنلىك ئەمەس ،پەقەت تەپەككۈرىڭىز،خام خىياللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن دىگەنلىك! ،بىپەرۋالىق قىلىشىڭىز ياكى يىنىكلىك بىلەن بولدى قىلىۋىتىشىڭىز سىزنى ئالغا ئىلگىرلەتمەيدۇ.10-ھەر ۋاقىت ئىزدىنىپ ماتىرىيال كۆرۈشىڭىز كىرەك!مەن ئۆزۈمنى ئىلىپ ئېيىتسام توردىن ماتىرىيال ئىزدىگەندىن سىرىت يەنە كىتاپخانىلارنىمۇ كىزىپ تۇرىمەن،مەيلى مۇزىكىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن ياكى باشقىلىرى بولسۇن چوقۇم ئەھمىيىتى بار دەپ ئويلايمەن،مىنىڭ مۇكەممەلىك قوغلىشىدىغان ئۇسۇلۇم (روك ناخشا پادىشاھى مىكائىل جىكسون)دىگەن كىتاپتىن كەلگەن،ئۇ كىشىمۇ نوقۇل بىر ناخشا ياكى مۇزىكا ئەمەس بەلكى بىر مۇكەممەل سەنئەت بويۇمى ئۈچۈن تىرىشقان،بىز ئۇنىڭدەك شۆھرەت قازىنالمىساقمۇ بىراق كىيىنچە ئەپسۇسلانماسلىغىمىز كىرەك دەپ ئويلايمەن.11-پۇل ئۈچۈن ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمەيدىغان مۇزىكىلارنى ئىشلىمەسلىگىڭىز كىرەك،ياكى ھەممە ئۇسلۇپقا ئىسلىۋالماسلىغىڭىز كىرەك ،ۋەياكى زاۋۇتقا ئوخشاش سائىتىگە بىردىن مۇزىكا ئىشلىمەسلىگىڭىز كىرەك.پۇل ھەقىقەتەن مۇھىم بىراق پۇلنىڭ قۇلى بولۇش ئىنتايىن خەتەرلىك،ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق بولسىلا بولدى،بەزى نەرسىلەرنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىنى بولمايدۇ.                                       ئەزىز دوسلىرىمىز يۇقىرىدىكى تەكلىۋىمدىن سىرىت ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك مۇزىكىنى ئىشلىگەندە چوقۇم شارائىت يار بەرسە ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىشلەش كىرەك،مەسلەن؛مەن ئادەتتە مۇزىكا ئىشلىگەندە بولسۇن ياكى ئۈنۈملىگەندە بولسۇن 24بىت 96000گىرىتىستا ئىشلەيمەن،بۇ خۇددى بىر waveمۇزىكىنى mp3كە ئايلاندۇرساق ئەسلىدىكىنى بەك كۆپ يوقاتمىغان ئاساستا ئاڭلىنىدۇ،ئەگەرmp3مۇزىكىسىنى waveغا ئايلاندۇرساق ئەسلىدىكى كەمتۈك نەرسىلەر ھەرگىزمۇ تولۇقلانمايدۇ.شۇڭا مۇزىكىنىڭ يىلتىزىنى كومپىيوتور ياكى ئاۋاز كارتىسىنىڭ قوللاش دائىرىسى بويىنچە يۇقىرى قىلىش كىرەك،ھەر بىر ئاۋازنى waveئايلاندۇرغاندىمۇ شۇ يۇقىرى ئىنىقلىقتا چىقىرىش كىرەك،چىقىرىش ئۇسۇلى مۇنداق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ 1-مۇزىكىنى كومپىيوتورcpu سى ئارقىلىق مۇزىكىنى قويماي تۇرۇپ چىقىرىش ،بۇ مىنىڭچە تۆۋەن سەپلىمىلىك كومپىيوتورلار ئۈچۈن لاھىيەلەنگەن ئۇسۇل.2-مۇزىكىنى nuendo-cubaseنىڭ ئىچىدە تولۇق بىر قىتىم قويۇپ چىقىرىش ،مەن ئادەتتە 2-خىل ئۇسۇلنى ئىشلىتىمەن .مۇزىكىڭىزنى ئۈنۈملەپ بولۇپ چىقارغاندا ئىلاجى بار ئەڭ يۇقىرى ئىنىقلىقتا چىقىرىڭ.مەسلەن؛24بىت96000دىگەندەك. مۇزىكىڭىزنى چىقىرىپ بولۇپ ئاندىن 16بىت 44100گىرتىسكە ئۆزگەرتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ،(يۇقىرىدا 16بىتقا ئۆزگەرتىۋىلىڭ دىگىنىم كۆپ يول مۇزىكىنى دىگىنىم ئەمەس جۇمۇ،كۆپ يول مۇزىكىغا چوقۇم يۇقىرى ئىنىقلىقتا ئۈنۈم قوشۇش  كىرەك)يەنە بىر دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتا مۇزىكىنى پۈتكۈزۈپ چىقارغاندا كومپىيوتورىڭىزدا باشقا ھەرقانداق مەشغۇلات قىلماڭ،ئىمكانىيەت بولسا ۋىروسخورىڭىزنى توختىتىپ قويۇڭ،ئەلۋەتتە تورغىمۇ ئۇلىماڭ بولمىسا ۋىروسخور خىزمەتتىن توختىغاچقا كومپىيوتورىڭىز توردىن ۋىروسلىنىپ قالمىسۇن.بەزىلەر( بۇنىڭ نىمىگە پايدىسى بار )دەپ سورايدۇ؟ئەلۋەتتە سەۋەبى بار،سىز بىلەمسىز ھازىر دۇنيادا يۇمشاق دىتال 软件شۇنچە تەرەققىي قىلسىمۇ چەتئەلدىكى داڭلىق ئۈن ئىلىش ئورۇنلىرىدا ياكى دۆلىتىمىزدىكى ئۈن ئىلىش ئورۇنلىرىدا نىمىشقا قاتتىق دىتال(硬件) ئىشلىتىدۇ؟چۈنكى يۇمشاق دىتال ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ ئۇ كومپىيوتورغا مۇھتاج،ئۇ ئەمىلىيەتتە سانسىفىرلىق ھىساپلاش ئۇسۇلى بويىنچە خىزمەت قىلىدۇ،ئەمما كومپىيوتور ئۇ دىتالدىنى خىزمەت قىلدۇرۇشتىن باشقا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلمىسا بولمايدۇ،مەسلەن؛ئىكىرانغا ئۇچۇر يوللاش،ۋىروسخور،،دىگەندەك.شۇڭا ئۇنىڭ يۈكىنى بەك كۆپ قىلىۋەتكەندە،ئۇ بىلىپ بىلمەي خاتا ھىساپلىۋالىدۇ،ياكى ھەر قىتىمقى ھىساپلىشى ئوخشاش بولماي بىزنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ،بەزىدە nuendoدىكى ئاڭلىغىنىمىز بىلەن پۈتۈپ چىققاندىكى مۇزىكىمىزنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىكى سەۋەپلەردە  دەل يۇقىرىدا تىلغا ئالغان 2تۈرلۈك سەۋەپمۇ باردۇر!!يەنە بىر مۇھىم ئىش بولسا ياڭراتقۇنى چوقۇم ئىلمىي ئاساستا تىزىڭ ،ھەرگىزمۇ ئاۋازنى ئاڭلىساملا بولدى دەپ ئوڭ-تەتۈر قويۇشقا بولمايدۇ،چوقۇم ئوڭ-سول تەرەپتىكى ياڭراتقۇ بىلەن سىزنىڭ ئورنىڭىز ئۈچ بۇرجەك ھاسىل قىلىشى كىرەك،بۇنداق دىگەنلىك سىزنىڭ ھەربىر ياڭراتقۇ بىلەن بولغان ئارلىغىڭىز چوقۇم ئىككى ياڭراتقۇنىڭ ئارلىغىدىكى ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئوخشاش بولۇش دىگەنلىكتۇر،بۇ نۇقتا پۈتكەندىن كىيىن ياڭراتقۇنىڭ سىز بىلەن بولغان ئىگىزلىگى چوقۇم ياخشى تەڭشىلىشى كىرەك،ياڭراتقۇ سىزدىن پەسرەك،ياكى ئىگىزرەك بولسا بولمايدۇ،چوقۇم ياڭراتقۇنىڭ يۇقىرى ئاۋازى高音喇叭 بىلەن تۆۋەن ئاۋازى低音喇叭 ئىككى قۇلىقىڭىزنىڭ ئاستى ئۈسىتىگە توغرا كىلىشى كىرەك ،يەنە ئۇنداق دىسەم قولاققا ئىسىۋالماڭ يەنە ئالدىدا سۆزلىگەن ئۈچ بۇرجەك   ئۇنتۇلمىسۇن! مۇشۇ ئۇسۇلدىن كىيىن سىز مۇزىكا چىلىشقا ياكى ئۈنۈملەشكە باشلىسىڭىز بولىدۇ. دوسلارنى زىرىكتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن قالغان تەجىربىلىرىمنى كىيىنكى قىتىمدا يوللايمەن!!ئەزىز دوسلىرىمىزنىڭ ئايەم كۈنلىرىنىڭ خوشال ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن!!! سىلەرگە ئاتاپ يەنە بىر ناخشامنى سۇندۇم!! بۇ ناخشىنى2009يىلى ئىشلىگەن ،شۇ ۋاختىمدىكى سەۋىيەم،ئاكورت ئاۋازلاردا ؛مۇتەللىپ،مىرئادىلجان،مىھراي.ئۇنىڭدىن باشقا مۇزىكا ئاكوردلاشتۇرۇش ،ئۈنگە ئىلىش،ناخشا،ھەم گىتتاردا مەن ئۆزۈم!!


دۇنيادىن ھامان بىر كۈنى كىتىمىز،،،،،،

Rank: 2

توردا
112 سائەت
شۆھرەت
64
پۇل
372
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2010-12-7
نادىر
0
جۇغلانما
64
يازما
160
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 12:23:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ئۇستاز!
بىز ئۈچۈن جاپا چېكىپسىز!

Rank: 2

توردا
97 سائەت
شۆھرەت
60
پۇل
478
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-4
تىزىملاتقان
2011-5-6
نادىر
0
جۇغلانما
60
يازما
174
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 12:51:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە   بەك جاپاچېكىپسىز    تىرىشىڭ   
ئاللاھ قولىڭىزغا دەت بەرمۇسىۇن !````

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2007 سائەت
شۆھرەت
2238
پۇل
2931
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2238
يازما
2620

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 12:53:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت،سىزدەك ۋە سىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق ئىسىل بىلىملىرىنى دوسلاردىن ئايىماي جاپا چىكىۋاتقان دوسلىرىمىزنىڭ ئەجىرى، پەقەت مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالارغىلا نەپ يەتكۈزۈپلا قالماستىن،ئۇيغۇر كومپىيوتۇر مۇزىكىسى ئۈچۈن چوڭ تۆھپە قاتارىدا ئورۇن ئالىدۇ دەپ قارايمەن.
بىلگەنلىرىمىزنى قالدۇرىلى،بىلمىگەننى بىرلىكتە ئىزدىنىپ بارىلىققا كەلتۈرىلى!
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىزنىڭ تۆۋەندىكى ھېكمىتى دائىم ئىسىمىزدە بولغاي دوسلار:

yusup has hajip.gif

Rank: 3Rank: 3

توردا
486 سائەت
شۆھرەت
381
پۇل
917
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2008-10-11
نادىر
4
جۇغلانما
381
يازما
1141

Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 13:04:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت تېمىڭىزغا ئەتىراپلىق چۈشەندۈرۈپسىز  ھەقىقى كەسىپ ئىگىسى دىگەن مانا مۇشۇنداق بولۇش كېرەك  ھەم كەسىپنى سۈيىيشى ئىشنى قىلغاندا ئەستايىدىل كۈيۈنۈپ قىلىش كېرەك نۇرغۇنلىغان بىلىملەرنى ئۈگۈنىۋالدۇق .
داۋاملىق يولاپ تۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن
تەتىلدە دەم ئېپ كۈنۈپ قېپ دەرىس ئۈتۈش خوش ياقمايۋاتىدىغۇ بىرادەرلەر  

Rank: 3Rank: 3

توردا
139 سائەت
شۆھرەت
200
پۇل
768
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-2
تىزىملاتقان
2009-1-21
نادىر
0
جۇغلانما
200
يازما
295
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 19:49:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، ئىليارجان، بەك ياخشى تېما يوللاپسىز... مۇشۇنداق سېخى ۋە مەرد  بۇرادەرلەر بۇ ساھەدە بەك ئاز ئۇچىرايدۇ، سىزگە ئاپىرىن!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
185 سائەت
شۆھرەت
339
پۇل
1185
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2011-9-23
نادىر
1
جۇغلانما
339
يازما
295
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 20:06:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئلىيار كا كۆپرەھمەت رەھمەت   تىمىڭىزدىن كۆپبىلىم  ئالدىم.ئاللاھ : تىنڭزنى سالامەت قىلسۇن.

Rank: 3Rank: 3

توردا
368 سائەت
شۆھرەت
361
پۇل
1420
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2009-1-12
نادىر
0
جۇغلانما
361
يازما
526
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 21:03:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت تىمىڭىزغا ئىليارجان .
بۇنىدىن كىين مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلمىز. ئىشلىرىڭىزغا  ئۇتۇق تىلەيمەن.
ۋاقىت تۇلىمۇ قىممەتلىك ، ۋاقتىڭ كەتتى بەختىڭ كەتتى

Rank: 2

توردا
34 سائەت
شۆھرەت
79
پۇل
251
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-4
تىزىملاتقان
2010-12-3
نادىر
0
جۇغلانما
79
يازما
99
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 03:01:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ  رەخمەت سىزگە  .جاپا  چىكىۋاتسىز!   تىخمۇ  .كۆكلەڭ  سەۋيىرىڭىز   ھەقىقەتەن    ماختاشقا  لايلىق!   سىز  ئىشلىگەن  مۇزىكىلاغا   دىققەت قىلىپ   كىلىۋاتىمەن،  ھىچ-بىر  نۇقسان  يوق   رەخمەت سىزگە   بولسا  چ چ   نومىرىڭىزنى !  قالدۇرۇپ  قويغان  بولسىڭىز؟   
مەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
شۆھرەت
67
پۇل
66
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-4
تىزىملاتقان
2008-3-9
نادىر
0
جۇغلانما
67
يازما
331
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 15:51:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئېسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، ئەجرىڭىزگە رەخمەت

Rank: 1

توردا
7 سائەت
شۆھرەت
2
پۇل
85
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-10
تىزىملاتقان
2011-6-26
نادىر
0
جۇغلانما
2
يازما
45
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 20:31:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ئىليار
بۇ كۈنەردە  ھەجەپ ئالدىراش بوپ كەتتىم ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
135 سائەت
شۆھرەت
258
پۇل
761
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2010-9-3
نادىر
1
جۇغلانما
258
يازما
220
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 21:46:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىليار ئەپەندى..زىرىكمەي ئولتۇرۇپ يىزىپسىزدە بۇ تىمىنى...
يوللىغان تىمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر...مۇشۇنداق تىمىلارنى ماكان ئەپەندىلا يوللاۋەرمىسۇن....
باشقا مۇزىكانىت دوستلىرىمىزمۇ كۆپرەك كۈچ چىقىرىپ قويىلى بۇ مۇنبەرگە...
بارىكاللا ..ئىليار ئەپەندى...تىمىڭىز جەۋھەرلەشكە لايىق تىما بوپتۇ...
مەنمۇ سىزنىڭ ئىشلىگەن مۇزىكىلىرىڭىزغا دىققەت قىلىۋاتىمەن...بوشاشماي تىرىشسىڭىزلا ئىستىقبالىڭىز تىخىمۇ پارلاق بولغۇسى...

Rank: 2

توردا
37 سائەت
شۆھرەت
126
پۇل
598
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2011-9-10
نادىر
1
جۇغلانما
126
يازما
134
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 22:27:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى قانداقمۇ مەخپىييەت دئىگىلى بولسۇن،  2 دىن بىرنى ئالسا 1 سى قالىدۇ دىگەندەك ئىشقۇ بۇ     

Rank: 1

توردا
23 سائەت
شۆھرەت
11
پۇل
63
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-22
تىزىملاتقان
2011-2-7
نادىر
0
جۇغلانما
11
يازما
105
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 23:23:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت  تىمىڭىزنى كۈرۈپ خېلى جىق نەرسىلەرنى چۇشنىۋالدىم . مۇمكىن بۇلسا  چ چ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيسىڭىز ، ئالاقىلىشىپ تۇرساق ............. مىنىڭ چ چ رىم 907700392

Rank: 3Rank: 3

توردا
44 سائەت
شۆھرەت
231
پۇل
654
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2011-8-9
نادىر
0
جۇغلانما
231
يازما
110
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-9 12:44:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەزىريىۋى بىلىمىزگە رەخمەت !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-7 06:10 , Processed in 0.408928 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش