ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 416 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 168|ئىنكاس: 6

ناخشا تىكسلىرى ‹‹قارسۇ›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
0 سائەت
شۆھرەت
94
پۇل
239
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-29
تىزىملاتقان
2011-10-21
نادىر
0
جۇغلانما
94
يازما
42
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 21:22:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
              كەتمەكچى بولدۇڭ يارىم يىراققا

                  رۇستەم قارسۇ

كەتمەكچى بولدۇڭ يارىم يىراققا،
ئاشىق يۈرەكنى قۇيۇپ پىراقتا.
ئۇنتالماي سىنى قىينالسا جىنىم،
ئۆلپەت بولايمۇ كۈندە ئازاپقا.

كەتمەكچى بولدۇڭ يارىم يىراققا،
ئۆمرۈم ئۈتەرمۇ قاراپ يولۇڭغا.
چىدالماي دەرىتكە ئىچىپ شاراپنى،
يىقىلسام كىممۇ يۈلەر قاۋاقتا.

كەتمەكچى بولدۇڭ يارىم يىراققا،
ئىيىت ئامال بارمۇ بۇ جۇدالىققا.
تاپالماي داۋا كەتسەم گەر ئۈلۈپ،
كىلەرسەنمۇ يار شۇ نامازىمغا.

       كەتسەڭمۇ كەت........

كۈيۈشكەندە تەڭ كۈيۈشكەن بىز،
جۆپ لەۋلەرگە ئۆچمەس سالغان ئىز.
شۇنچە شىرىن خىياللا سۈرۈپ،
ئىسىڭدىمۇ  تەڭ كۆلەتتۇق بىز.

ۋەدىلەرنى چىن بىلگەچ كۈڭلۈم،
ئۆزگە گۈلنى كۆرمەيتى كۈزۈم.
لىكىن كەچتىڭ مەندىن نە سەۋەپ،
توختىماستىن ئاقىدۇ  يىشىم.

كۈيۈشكەندە تەڭ كۈيۈشكەن بىز،
ئۆلسەك بىرگە دىگەن ئۆلىمىز.
ئىسىڭدىمۇ قالساق ئايرىلىپ،
ياشالمايمىز دىگەن سۆزىمز.

ئەمدىلىكتە كەتتىڭ يۈز ئۆرۈپ،
شۇ سۆيگۈگە  ئاسىلىق قىلىپ.
بىلەلمىدىم سەنسىز ياشاشنى،
كەتسەڭمۇ كەت بىر يول كۈرسۈتۈپ.

          ئاڭلا يارىم ناخشام سەن ئۈچۈن

              رۇستەم قارسۇ

ئاڭلا يارىم     ناخشام سەن ئۈچۈن،
بىرەلمەيسەن   سۆيگۈ نە ئۈچۈن.
بىرەلمىسەڭ    مەيلى مەن ئۈچۈن،
بەرمىسەڭمۇ   قەلبىمنى  بىلگىن.

سۆيەلمەيدۇ        كۈڭلۈم باشقىنى،
سەن سۆيسەڭمۇ   مەندىن ئۆزگىنى.
رەنجىمەيمەن    يات كۈرسەڭ مىنى،
مەن ئۆتەرىمەن   تىلەپ بەختىڭنى.

ئاڭلا يارىم   ناخشام سەن ئۈچۈن،
يۈرەكتىكى    ئوت يالقۇن ئۈچۈن.
ئۇتتا كۈيۈپ  ئۈلۈشۈم مۇمكىن،
لىكىن ئوتنىڭ  ئۆچمىكى قىيىن.

يىراق كەتسەڭ   ئامان بول جانان،
تىلەكلىرىم    سەن بىلەن ھامان.
غەملىرىڭگە    بولاي مەن غەمغان،
رازى بىلسەڭ     قەلبىمنى تامام.

        ئاشىق

قەلبىمدە بىر     ئوت بار كۆرمەيسىز،
كۈڭلۈمدە بىر     سۆز بار بىلمەيسىز.
چۆشۈمدە بىر     سىز مەلىكەمسىز،
مەن بىر ئاشىق   بۇنى بىلمەيسىز.

ئىيتاي دەيمەن    ئىيتالماس تىلىم،
خىجىللىقتىن      بارالماس  گۈلۈم.
قىيىن ئەمەس   دەيمەنۇ ئۈزۈم،
ئىيتالمايمەن   كۆرگەندە كۈزۈم.

سىزنى كۆرسەم   كۆلەر يۈرىكىم،
قىلماق بولغان   يۈتەر سۆزلىرىم.
تامام شۇنداق  ئۈتەر كۈنلىرىم،
مەن بىر ئاشىق   بىر سىز كۈتكۈنۈم.

            يار دەردى

         رۇستەم قارسۇ

يار دەردىدە يۈرىكىم يارا،
بۇ كىسەلگە ئەزەل يوق شىپا.
ئۆز يارىمغا مەن يار بولالماي،
نامەرىتلەرگە بوپ كەتتى راۋا.
تاركەن شۇنچە تاركەن بۇ دۇنيا،
نامەرتىلەرگە ياركەن بۇ دۇنيا.

ماڭا ياققان مەنمۇ ھەم ياققان،
ئايرىلماسقا ۋەدىلەر قىلغان.
رايىمىزغا تەغدىر  باقمىسا،
مىڭ قىلساقمۇ بولاكەن يالغان.
تاركەن شۇنچە تاركەن بۇ دۇنيا،
نامەرتىلەرگە ياركەن بۇ دۇنيا.

يار يىغلايدۇ خىلۋەتتە تەنھا،
نامەرىتلەرگە رايى يوق ئەمما........
تەڭ يىغلايدۇ بىزنڭ يۈركىمىز،
پاك سۆيگۈمىز ئىسلدى دارغا.
تاركەن شۇنچە تاركەن بۇ دۇنيا،
نامەرتىلەرگە ياركەن بۇ دۇنيا.

        كۈزۈڭدىن يۈتەي

بىز تۇنۇشۇپ كۈڭۈل  بىرىشىپ،
بۇ شەھەردە يۆرگەن كۈلۈشۈپ.
شۇنچە شىرىن ئەسلىما قالغان،
ئۇنۇتتۇڭمۇ كەتتىڭ ئايرىلىپ.

ماڭغان كۇچا بارغان باغچىلار،
بىرگە چىققان ئاشۇ تاغ دالا.
ئازابلارغا تاشلايدۇ مىنى،
يالغۇزسىراپ ئۆيدىن چىقساملا.

غىرىپ شەھەر ماڭىلا شۇنداق،
يا ئۆچمىدى يۈرەكتىن پىراق.
سەن بولمىغاچ كۈنلەر مەنىسز،
بىلەلمىدىم ياشاشنى قانداق.

ئەمدى يۇرتۇم سەھراغا كىتەي،
بۇنى تەغدىر قىسمەت دەپ بىلەي.
ئەسلىگىم يوق ئۆتكەن كۈنلەرنى،
بۇ شەھەردىن كۈزۈڭدىن يۈتەي.

رۇخسەتسىز كۈچۈرۈشكە بولمايدۇ.قىرىنداشلار ئىش بولسا ئالاقىلاسساق بولدۇ 449743158چ چ   13031342141يانفۇن

رۇستەم قارسۇ ئاتۇش
2011.10.بۆرتالا ئالاتاۋ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارسۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-25 21:23  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2007 سائەت
شۆھرەت
2238
پۇل
2931
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2238
يازما
2620

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 10:32:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىتىدىغان دوسلار ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىشلىتىڭلار،ياكى ئۆزەڭلار ئىشلىمكەچى بولغان ناخشىنىڭ مەزمۇنىنى دىسەڭلار، ‹ رۇستەم قارسۇ› ئەپەندى تېكىسىنى  يېزىپ بەرسىمۇ بولىدۇ

Rank: 2

توردا
0 سائەت
شۆھرەت
94
پۇل
239
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-29
تىزىملاتقان
2011-10-21
نادىر
0
جۇغلانما
94
يازما
42
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 21:53:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
makan يوللىغان ۋاقتى  2011-10-26 10:32
ئىشلىتىدىغان دوسلار ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىشلىتىڭ ...

سۆزلىرڭىز قاملشىپتكەن باشلىق بولمىسا ئىۋۇ كۈلگەندىن باشقىسى .چىشلىرڭىزنى چىقرىپ خۇددى جانان چىش پاستىسنى ئىلان قىلۋاتقفندەك

Rank: 2

توردا
112 سائەت
شۆھرەت
64
پۇل
372
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2010-12-7
نادىر
0
جۇغلانما
64
يازما
160
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 01:40:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2007 سائەت
شۆھرەت
2238
پۇل
2931
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2238
يازما
2620

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 11:53:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
›چىراي ئىپادىسى قارىغاندا ئېنكاسىمنىڭ ئەستايىدىللىغىنى يوققا چىقىرىپتۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
74 سائەت
شۆھرەت
65
پۇل
231
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-2
تىزىملاتقان
2010-11-28
نادىر
2
جۇغلانما
65
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 12:02:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان تېكىستلەركەن ، تېمىلارمۇ يېڭى،  كونا دېيىلىپ بولغان گەپلەر جىق يوق، بازارغا لايىق ياخشى ناخشا بولغۇدەك تېكىسلەركەن ، بولسا دوستلىرىمىز ئوپتور بىلەن كۆرۈشىپ ئېشلىتىپ باقسا بولغىدەك
مۇرادىل

Rank: 2

توردا
0 سائەت
شۆھرەت
94
پۇل
239
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-29
تىزىملاتقان
2011-10-21
نادىر
0
جۇغلانما
94
يازما
42
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 22:13:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
makan يوللىغان ۋاقتى  2011-10-27 11:53
‹ ›چىراي ئىپادىسى قارىغاندا ئېنكاسىمنىڭ ئەستايىدىل ...

ئۇنداققۇ ئەمەس مەن خاتا چۈشنىېالدىممۇ يا؟
مىڭ بىر مەخسىتىم مۇشۇ قەلبىمدىكى شۇ ئوتلار خەلقىم بىلەن دىدارلاسسا خالاس باشقا كۈتكۈنۈم يوق تۇرداشلارنىڭ مۇزكانتلارنىڭ مىنى قوللىشنى ئۈمۈت قىلمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-7 00:44 , Processed in 0.579422 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش