- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-6
- توردا
- 2007 سائەت
- شۆھرەت
- 2238
- پۇل
- 2931
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 2620
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2238
- UID
- 1
  
- توردا
- 2007 سائەت
- شۆھرەت
- 2238
- پۇل
- 2931
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-6
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2238
- يازما
- 2620
|
سۇجاۋا مىلادى 6-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر مۇزىكا نەزىريىچىسى. ئۇ كۇچارلىق بولۇپ، ئۇيغۇر بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسلىق بۇلاقلىرىدىن بىرى بولغان كۇچاردا بۇ دەۋردە تىل - ئەدەبىيات، رەسساملىق، مۇزىكا ۋە سەنئەتنىڭ باشقا شەكىللىرى ئالاھىدە راۋاجلانغان ئىدى.
سۇجاۋانىڭ ئاتىسى ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق مۇزىكا ئۇستىلىرىدىن بولۇپ، كۇچاردا مۇزىكا پىرى دەپ ئاتىلاتتى. ئۆز تالانتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئەىنە شۇنداق بىر مۇھىت ئىچىدە يېتىشكەن سۇجاۋا تىز ئارىدىلا خەلققە تونۇلۇپ، ئاتىسى بىلەن بىر سەپتە ئاتاقلىق مۇزىكانتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
تارىخى مەنبەلەردە خاتىرلىنىشىچە سۇجاۋانىڭ مۇزىكا ساھەسىدە«5تارانە، 7 ئاۋاز« قانينى بولغان. ھەر بىر تارانە بىر خىل ئاھاڭ شەكلى بولۇپ، ئۇ ئۆز ئىچىدىن 7 ئاۋاز باسقۇچىغا بۆلۈنۈش بىلەن، جەمى 35 ئاۋاز بۆلەكلىرىگە ئايرىلغان. بۇ 7 ئاۋاز 12تىمپېلىق كۈي قانۇنى قەدىمقى كۇچار مۇزىكىسىنىڭ كۈيشۇناسلىق نەزەرىيىسى بولۇپ، ئومۇمىلىق جەھەتتىن پۈتۈن ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى ئىدى. تارىخىي جەھەتتە سۇجاۋا ۋە ۋە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ 12 تىمپېلىق كۈي قانۇنى شۇ زاماندىكى مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ھىسابلىنىدىغان ھىندى ۋە ئەرەپلەرنىڭ ئاۋاز قانۇنى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىدىن كۆپ قەدىم ئىدى.
سۇجاۋا 577-يىلى شىمالى تۈرك قاغانلىقى بىلەن جۇ خانلىقىنىڭ قۇدىلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن قارا قۇرۇمدىن چاڭئەنگە كىرىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغان ھەمدە خەنزۇلارنىڭ شۇ دەۋردىكى مۇزىكا سەنئىتىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ بىر يېتۈك مۇزىكانت، پىپا مۇزىكىسىنىڭ ماھىرى، خۇشاۋاز ناخشىچى ئاتاقلىق مۇزىكا نەزەرىيىچىسى ئىدى. |
|