ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 269 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 905|ئىنكاس: 0

6-ئەسىردىكى ئۇيغۇر مۇزىكا نەزىريىچىسى--سۇجاۋا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1936 سائەت
شۆھرەت
1990
پۇل
2451
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
1990
يازما
2554

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-2-29 16:40:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇجاۋا  مىلادى 6-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر مۇزىكا نەزىريىچىسى. ئۇ كۇچارلىق بولۇپ، ئۇيغۇر بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسلىق بۇلاقلىرىدىن بىرى بولغان كۇچاردا بۇ دەۋردە تىل - ئەدەبىيات، رەسساملىق، مۇزىكا ۋە سەنئەتنىڭ باشقا شەكىللىرى ئالاھىدە راۋاجلانغان ئىدى.
سۇجاۋانىڭ ئاتىسى ئۆز دەۋرىنىڭ  داڭلىق مۇزىكا ئۇستىلىرىدىن بولۇپ، كۇچاردا مۇزىكا پىرى دەپ ئاتىلاتتى. ئۆز تالانتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئەىنە شۇنداق بىر مۇھىت ئىچىدە يېتىشكەن سۇجاۋا تىز ئارىدىلا خەلققە تونۇلۇپ، ئاتىسى بىلەن بىر سەپتە ئاتاقلىق مۇزىكانتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
تارىخى مەنبەلەردە خاتىرلىنىشىچە سۇجاۋانىڭ مۇزىكا ساھەسىدە«5تارانە، 7 ئاۋاز« قانينى بولغان. ھەر بىر تارانە بىر خىل ئاھاڭ شەكلى بولۇپ، ئۇ ئۆز ئىچىدىن 7 ئاۋاز باسقۇچىغا بۆلۈنۈش بىلەن، جەمى 35 ئاۋاز بۆلەكلىرىگە ئايرىلغان. بۇ 7 ئاۋاز 12تىمپېلىق كۈي قانۇنى قەدىمقى كۇچار مۇزىكىسىنىڭ كۈيشۇناسلىق نەزەرىيىسى بولۇپ، ئومۇمىلىق جەھەتتىن پۈتۈن ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى ئىدى. تارىخىي جەھەتتە سۇجاۋا ۋە ۋە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ 12 تىمپېلىق كۈي قانۇنى شۇ زاماندىكى مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ھىسابلىنىدىغان ھىندى ۋە ئەرەپلەرنىڭ ئاۋاز قانۇنى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىدىن كۆپ قەدىم ئىدى.
سۇجاۋا 577-يىلى شىمالى تۈرك قاغانلىقى بىلەن جۇ خانلىقىنىڭ قۇدىلىشىش  مۇناسىۋىتى بىلەن قارا قۇرۇمدىن چاڭئەنگە كىرىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغان ھەمدە خەنزۇلارنىڭ شۇ دەۋردىكى مۇزىكا سەنئىتىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن.  ئۇ بىر يېتۈك مۇزىكانت، پىپا مۇزىكىسىنىڭ ماھىرى، خۇشاۋاز ناخشىچى ئاتاقلىق مۇزىكا نەزەرىيىچىسى ئىدى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-1-27 16:45 , Processed in 0.288575 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش