ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 416 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 198|ئىنكاس: 8

ياقتۇرمىساڭ ياقتۇرما مىنى‹‹قارسۇ›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
0 سائەت
شۆھرەت
94
پۇل
239
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-29
تىزىملاتقان
2011-10-21
نادىر
0
جۇغلانما
94
يازما
42
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 20:04:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            ياقتۇرمىساڭ ياقتۇرما مىنى

                 رۇستەم قارسۇ

            ناخشا تىكسېتى

ياقتۇرمىساڭ   ياقتۇرما    مىنى،
ياقتۇرغىنىم   ياقتۇرغان   سىنى.
تاشلىساڭمۇ  ھىجران   چۆلىگە،
مەن يۈرمەيمەن ئاسى دەپ سىنى.

گۇناھ ئەمەس ياخشى كۈرمىسەڭ،
پەقەت رازى قەلبىمنى بىلسەڭ.
ماڭا شەرەپ سەن ئۈچۈن ئۆلمەك،
ئازابلانما دەردىڭدە  ئۆلسەم.

مەن كۈتەرىمەن سىنى كەلگىچە،
ئەنسىرەيمەن بەختىڭ كۈلگىچە.
كىلەلمىسەڭ تىلەيمەن بەخىت،
سىنڭ ئۈچۈن تاكى ئۆلگىچە.

                رۇستەم قارسۇ

            ناخشا تېكسى

تاپماستىن تېنىم يىغلايدۇ يۆرەك،
داۋاسى ئۈچۈن پەقەت سەن كېرەك.
كەتتىڭ يىراققا مەندىن يىراقلاپ،
ئىيىتقىن نېگارىم ساڭا نىم كېرەك.

باغلاردا يالغۇز يۈرىمەن تەنھا،
باغ ئەمەس لىكىن چۆل باياۋاندا.
يولۇڭغا قاراپ ئۆتتى ياشلىغىم،
ئىيىتقىن نېگارىم كەتتڭ نېمىشقا.

ساداقەت ۋاپا سالسىمۇ جاپا،
كۆتەرىمەن سنى چىداپ ئازاپقا.
كۆلمەس يۇرىكىم سەنسىز بىر كۈنۈم،
كەلگىن نېگارىم  كەلگىن يىنىمغا.

       بەخىت تىلەش
        ناخشا تېكسى

ئايرىلىپ كەتتىڭغۇ مەندىن،
ھەم يىراق كەتتىڭ بۇ يەردىن.
سەن ئۈچۈن تىلەيمەن بەخىت،
كۈتكۈنىڭ كەلسۇن تەڭرىدىن..

مەيلى سەن نەلەرگە كەتكىن،
مەيلى سەن كىملەرنى سۆيگىن.
شۇ كۈنلەر   كەتتى   ئەسلىمە،
چىن سۆزۈم بەختلىك  بولغىن.

غەم يىمە مەن ئۈچۈن پەقەت،
مىنڭدىن قالدى دەپ  ھەسرەت.
تەغدىر بۇ تەلىيم  شۇنداق،
كۈڭلۈمدە ساڭا يوق نەپرەت.

مەيلى مەن ئازاپقا قالسام،
مەيلى ھەم دەردىڭدە ئۆلسەم،
شۇ ئازاپ دەرتنىڭ ھەممسى،
بىلىنمەس بەختىڭنى كۆرسەم.

    بەخىت تىلەپ قويغىن ماڭا
         
      ناخسا تىكسى

ۋاپاسىزلىق قىلساڭ سەن ماڭا،
ۋاپاسىز دەپ يۈرمىدىم سىنى.
بەخىت تىلەپ كۆلدۈم سەن ئۈچۈن،
ئازاپلارغا  قويساڭمۇ  مىنى.

كۈلۈپ يۈردۈم ئەل يۇرىت ئالدىد،
چاندۇرماستىن ھىجران دەردىنى.
دەتلىرىمنى بىلگۈچى ئاللاھ،
بىرەر دەيمەن بەخىت بىر كۈنى.

مەندىن ياخشى ھەمرايىڭ بولسۇن،
ئۆتۈلمىسۇن قەدرىممۇ  ساڭا.
بۇ سۆزلىرىم گەر ساڭا  يەتسۇن،
بەخىت تىلەپ قويغىن بىر ماڭا.

       ئاشىق نالسى

        ناخشا تېكسى

غىرىپ قويۇپ كەتتىڭ كۈڭلۈمى،
ئۇنۇتتۇڭمۇ بەرگەن ۋەدەڭنى.
يۆرەك يەنە ئىزلەيدۇ سىنى،
ئۇنۇتتۇڭمۇ مەندەك مەجنۇننى.

كەلمەس بولدى يازغان خەتلىرىڭ،
بەرمەس ئۇچۇر بىر رەت يانفۇنۇڭ.
جاۋاپ بەرگىن چىن بولسۇن سۆزۈڭ،
ئۇنۇتتۇڭمۇ سۆيگۈمنى  مىنڭ،
ئۇنتۇلدىممۇ قەلبىڭدە سىنڭ.

سۇلغۇن چىراي شاتلىقتىن نىرى،
دوسلار ھەيران كۈلكەڭ دەپ قېنى.
ئازاپ ھەسرەت ئاشۇ مەندىكى،
خوش قىلامدۇ بىلمىدىم  سىنى.



رۇستەم قارسۇ ئاتۇش
2011.10..بۆرتالا ئالاتاۋ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2007 سائەت
شۆھرەت
2238
پۇل
2931
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2238
يازما
2620

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 18:19:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت
قەلىمىڭىز ھارمىغان،تېنىڭىز سالامەت بولغاي

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
شۆھرەت
67
پۇل
66
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-4
تىزىملاتقان
2008-3-9
نادىر
0
جۇغلانما
67
يازما
331
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 19:38:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز رەخمەت

Rank: 4

توردا
251 سائەت
شۆھرەت
623
پۇل
1854
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2011-3-30
نادىر
0
جۇغلانما
623
يازما
552
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 20:10:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ياخشى يىزىپسىز.
مۇنبەردىكى بارلىق كەسىپداشلارنىڭ ئىشلىرىن ...

Rank: 4

توردا
251 سائەت
شۆھرەت
623
پۇل
1854
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2011-3-30
نادىر
0
جۇغلانما
623
يازما
552
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 20:10:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ياخشى يىزىپسىز.
مۇنبەردىكى بارلىق كەسىپداشلارنىڭ ئىشلىرىن ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
263 سائەت
شۆھرەت
250
پۇل
522
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2008-5-9
نادىر
1
جۇغلانما
250
يازما
783
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 23:41:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ رەخمەت
ئىنسان ئىكەنسەن ! ئىنساندەك ياشا !

Rank: 3Rank: 3

توردا
486 سائەت
شۆھرەت
381
پۇل
917
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2008-10-11
نادىر
4
جۇغلانما
381
يازما
1141

Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 11:38:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز ھارمىغاي، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ  
تەتىلدە دەم ئېپ كۈنۈپ قېپ دەرىس ئۈتۈش خوش ياقمايۋاتىدىغۇ بىرادەرلەر  

Rank: 2

توردا
0 سائەت
شۆھرەت
94
پۇل
239
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-29
تىزىملاتقان
2011-10-21
نادىر
0
جۇغلانما
94
يازما
42
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 21:27:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت دوسلارنىڭ بەرگەن تەكلىپ پىكىر بەرگىنڭلارغا

Rank: 2

توردا
0 سائەت
شۆھرەت
94
پۇل
239
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-29
تىزىملاتقان
2011-10-21
نادىر
0
جۇغلانما
94
يازما
42
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 22:21:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا بىرەسىڭلار بىرنى ناخشا قىلىپ ئوقۋىتىڭلارچۇ؟ھە دوسلار
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-6 17:20 , Processed in 1.161582 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش