- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-3
- توردا
- 60 سائەت
- شۆھرەت
- 185
- پۇل
- 791
- تىزىملاتقان
- 2011-9-10
- ھوقۇقى
- 20
- يازما
- 178
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 185
- UID
- 1702

- توردا
- 60 سائەت
- شۆھرەت
- 185
- پۇل
- 791
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-3
- تىزىملاتقان
- 2011-9-10
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 185
- يازما
- 178
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ماكان مۇزىكا تورىدىكى قەلبى ئاتەش مۇزىكا سۆيەر قېرىنداشلىرىم ! بۇگۇن سىلەرگە بايان قىلماقچى بولغىنىم-1990-يىللانىڭ ئالدى -كەينىدە خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ۋە شىنجاڭ ياشلار مۇزىكا تارىخىدا ئۆزىگە خاس تۆھپىلەرنى ياراتقان ھەم ھازىرقى نۇرغۇن ياش ۋە ئوتتۇر ياش سەنئەتكارلارنىڭ سەنئەت ھاياتىغا تۇرتكىلىك رول ئوينىغان بىرنەچچە ئوت يۇرەك سەنئەتكارلىرىمىزنى قىسقىچە تونوشتۇرماقچىمەن. 1987-يىلى( ئابلىكىم ياڭاق) ئەپەندىمنىڭ تۇنجى قاپاق گېتتار بىلەن چىقارغان لېنتىسى شىنجاڭنى قاپلىدى، ئۇ چاغلاردا ئۇن ئالغۇ ئەڭ ياخشى مۇزىكا ئاڭلاش قورالى ئىدى، ئاندىن ئەينى چاغدىكى ياشلىرىمىزدا گېتتارغا بولغان ئىشتىياق جۇش قوزغۇلۇشقا باشلىدى، ئارقىدىنلا كورلۇلۇق ( قۇربان ساقى)نىڭ (مىھرىم گويا بىر دئېڭىز) ناملىق قاپاق گېتتار بىلەن ئورۇندالغان ئۇنئالغۇ لېنتىسى چىقتى ، شۇنىڭ بىلەن پۇتۇن شىنجاڭدا گېتتار چېلىپ ناخشا ئېيتىش دولقۇنى قوزغالدى1989-يىلىغا كەلگەندە خوتەنلىك مەرھۇم (ئەخمەتجان مەمتىمىن) نىڭ YAMAHA32 بىلەن تەڭكەش قىلغان ھەم ئۆزى ئېلىكتىرونلۇق گېتتار بىلەن ئېيتقان لېنتىلىرى چىققىلى تۇردى،دەل شۇ چاغلاردا كىنوخانىلاردا ھىندىستان ھىكايە فىلىمى (دئېسكو چولپىنى) قويۇلىۋاتاتتى ، ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ سەھنىدىكى ئۇسلۇبى بەئەينى شۇ فىلىمدىكى باش قەھىرمان ( جېمى) ئوخشاپ كېتەتتى ، ئەخمەتجان يەنە كەينى كەينىدىن (كىرىپ قاپتۇ ئانام چۇشۇمگە) ( سېنىڭ سۇمبۇل چاشلارئىڭ) (قىزبالە كېلۇر ساي بولۇپ) (دەرئىزەڭدىن مارايتىم) قاتارلىق ناخشىلىرىنى خەلقىمىزگە سۇنۇشتىن سىرت ئېلىكتىرونلۇق گېتتار بىلەن چاتما دۇمباقنى تەڭكەش قىلىپ (ئۆزھال مۇقامىنى) مۇۋەپپىقىيەتلىك ئورۇنداپ چىقتى ھەم بەزى چوڭلارنىڭ ئىدىيىسىدىكى (چەتئەل سازلىرى بىلەن مىللىچە مۇزئىكىنى چالغىلى بولمايدۇ ) دئىگەن قاتمال كۆزقاراشقا خاتىمە بەردى. دىمىسىمۇ شۇغۇ.........چالالىساڭ بولىۋېرىدۇ. ئەپسۇس چولپىنىمىز بىزدىن بالدۇر بۇ ئالەمدىن خوشلاشتى. كېيىن ئومەرجان ئوسماننىڭ قازاقىستاندىن كەلگەن دوسلىرى شەرئىپىگە چىقارغان ( ئەي گۇزەل ) ناملىق ئۇنئالغۇ لېنتىسى چىقتى گەرچە CASIO45 بىلەن ئورۇندالغان بىلەن ئورۇنداش ماھارىتى ئالاھىدە بولغاچقا ، دەۋىئر ئالاھىدىلىگى چىقىپ تۇراتتى بەلكىم ھازىر ئاڭلىساقمۇ ھوزۇر بېغىشلايدۇ دەپ قارايمەن. 1990- يىلىغا كەلگەندە ئۆمەرجان ئوسمان ، ئاپتونوم رايون تەنتەربىيىسى پۇتبول كاماندىسى تېرنېرى( پاتىمە نۇر ) غا ئۆز ئىجادىيەتلىرىدىن ( مۇرادىڭغا يەتتىڭمۇ) ( ناخشامنىڭ ساداسى) قاتارلىق بىر قاتار ناخشىلارنى بېرىپ، چوڭ ئابلاجاننىڭ (ئەينى چاغدىكى چاتما دۇمباق ماھىرى، پاتىمەنىڭ يولدىشى) قوللىشى بىلەن ، خانتەڭرى لېنتا سېتىش دۇكىنىدئىكى (خەمىت ) قاتارلىقلار (غەنى ھېكىمنىڭ) ئۆيىدە SHARP900 ماركىلىق قوش قويغۇچلۇق ئۇنئالغۇغا DELAY ماركىلىق گېتتار ئۇنۇملىگۇچنى چېتىپ ئادەتتىكى مىكرافون بىلەن (پاتىمەنىڭ) (ناخشامنىڭ ساداسى) ناملىق ئۇنئالغۇ لېنتىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقاردى. ئىشلىتىلگەن رېيال ( YAMAHA36 بىلەن YAMAHA48 ) ئىدى، شۇ لېنتىدىن كۆرۇۋېلىشقا بولۇدۇكى (ئۆمەرجان ئوسمان) شۇ دەۋىرگە نىسپەتەن ھەقىقەتەن يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئورۇندىغان. شۇنداق قىلىپ لېنتا چىقىپ بىر ئايغا بارماي بۇ لېنتا پۇتۇن شىنجاڭنى زىل زئىلىغا كەلتۇرئىۋەتتى، لېكىن كېيىن (ئۆمەرجان ئوسمان) بىزدىن بۇرۇن ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى.لېكىن ئۇنىڭ مۇزئىكىللىرى قەلبىمىزدە مەڭڭۇ ھايات!!! شۇ چاغلاردا(ئەكپەر قەخىرماننىڭ) (ئانا مىھرى نەدئىدۇ) دئىگەن ناخشىلىرئىمۇ كۇشلۇك دەۋئىر سۇرگەن ئىدى CASIO670 بىلەن ئورۇندالغان.1991-يىللىرى ئارقا -ئارقىدىن نۇرغۇن لېنتىلىرى چىقىشقا باشلىدى ۋە كەڭ ياشلىرىمىزنىڭ سۆيۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولدى، ئاندئىن ئۇرۇمچىدە تۇنجى مىللىچە تانسىخانا (ئۇزۇمزار تانسىخانىسى) ئېچىلدى بۇ تانسىخانىدا رەھمەتلىك ئوتيۇرەك ناخشىچىمىز ( ئابدۇسالام غوجائەخمەت) رئېيال ماھىرى (ئادئىل روزى) قاتارلىقلار مۇزىكا چالاتتى. (ئابدۇسالام) نىڭ شۇ تانسىخانىدا سۆرەتكە ئېلىنغان ( سېنى ئۇنۇتالمايمەن) ناملىق لېنتىسى شىنجاڭنى زئىل-زئىلىگە سالدى، كېيىن بىرقانچە لېنتىسىمۇ خەلىقنىڭ سۆيۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئەپسۇس تەغدىر بۇ قېرىندئىشىمىزنىمۇ بىزدىن بۇرۇن ئېلىپ كەتتى. ناخشىلىرى قەلبىمىزدە مەڭگۇ ھايات!!! 1992-يىللىرى (شىرئەلى ئابدۇرىشىتنىڭ) (كەل يارىم) ناملىق ناخشىلىرى بىر مەزگىل دەۋئىر سۇردى كېيىن (يۇرتۇم) قاتارلىق ناخشىلىرى چىقىپ شىنجاڭدا ROCK ناخشىغا بولغان ئىشتىياق قوزغۇلۇغقا باشلىدى، ئاندئىن ئەل سۆيگەن ناخشا چولپانلىرىمىزدىن (ئابدۇللا ئابدۇرىھىم) نىڭ تۇنجى لېنتىلىرىدىن (سۇرمە) ( بىلەلمىدىم ھېچ) قاتارلىق لېنتىلىرى چىقىپ قىزغىن ئالقىشلارغا مۇيەسسەر بولدى . يۇقارقى چولپانلىرىمىزنىڭ ناخشا-مۇزىكىللىرى ھەقىقى ھۇنەر بىلەن چىققان. ئۇنىڭدا ھىچقانداق ساختىلىق يوق، ئۇلار ئاۋازغا ئالسا ئادەتتىكى SHARP900 ئۇنئالغۇنىڭ ئالدئىدىكى مىكرافون تۆشۇگىگە مىكرافوننى تىقىپ، كەينىدىكى بىرجۇپ كىرىش ئېغىزىغا ئېلىكتىرونلۇق رېيال چېتىپ ئاۋازغا ئالاتتى(شۇ چاغلارداSHARP900 ) ئۇنئالغۇ مودا بولغان. بەزئىلىرى بەزى تانسىخانىدىكى (ئاۋاز تەڭشەك تاختىسىنى)(تىياۋيىنتەي) نى ئىجارىگە ئېلىپ قىلاتتى، (ئۆمەرجان ئوسمان ) (سادئىرمەن)دئىگەن لېنتىسىنى شۇنداق قىلىپ چىقارغان. ئۇ لېنتىغا YAMAHA80 بىلەن YAMAHA48 نى ئىشلەتكەن. بىرسىنى ئۆزى چېلىپ ناخشا ئېيتقان (مۇختار ئابدۇللا) يەنە بىرسى بىلەن تەڭكەش قىلغان. ئىشقىلىپ ئۇلار راس چالاتتى راس ئېيتاتتى. ئاۋازغا ئېلىش ئۇسكۇنىسى مەن دەپ ئۆتكەندەك. مەن شۇ چاغلاردا ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆرگەن. ئەينى چاغدا ئاۋازغا ئېلىش ئۇستىسىدىن بىر ئادەم ئۆتكەن ئىدى ئىسىمى(ئابدۇرېھىم قادئىر) بۇ ئادەمنى پىشقەدەم سەنئەتكارلادىن بىلمەيدىغىنى يوق، بۇ ئادەم ئاۋازغا ئالغان لېنتىلاردىن---(ئارزىگۇل ئابدۇخېلىل) نىڭ دەسلەپكى قاپلىق ئۇنئالغۇ لېنتىسى ، (مۇختار نىياز) نىڭ (قاراڭغۇ تۇرمە) ، (شىرئەلى ئابدۇرىشىتنىڭ) (يۇرتۇم) ، ئەكپەر قەخىرماننىڭ (ئۇيقا يوقتۇر كېچىلەر) ، قاتارلىقلار بار، بۇ ئادەمنىڭ مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى ، ئۆزى بىر ئېلىكتىرونلۇق رئېيال ياساپ چىقتى ، كېيىن بۇنى مۇختار نىيازغا بېرىپتىكەن. ئەپسۇس بۇ كاللىسى ئىشلەيدىغان قېرىندىشىمىزمۇ ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتتى. لېنتا سودىگەرلىرىدىن: خەمىت، ئەمەت ھاجى، ئابدۇرېھىم قادئىر، مەخمۇت ھاجىم، مىجىت، قاتارلىقلار بار ئىدى، ئەپسۇس بۇلار ئاساسى جەھەتتىن مۇزىكا چۇشەنمەيتى ھې ھې ھې............بۇ راس گەپ چۇنكى ئۇلار ياخشى ناخشىنى شاللىۋئېتەتتى ، نەدە قاملاشمىغان (دۆڭگە چىقسام يىقىلسام دۆڭگە چىقسام يىقىلسام) دئىگەندەك ناخشىلانى چىقىرىمەن دەپ تۇرىۋالاتتى. ئاشۇنداق جاپالىق شارائىتتا يۇقارقى چولپانلىرىمىز يالغانچىلىق قىلماي راسنى راس چېلىپ، ئاۋازى كاكىراپ قالسىمۇ خەلىقنى ئالدئىماي ھەقىقى ئاۋازى بىلەن توۋلاپ، خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن ئۆچمەس ئورۇنغا نائىل بولغان. قىسقىسى مەنمۇ شۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ مۇشۇ كۇنگە كەلدىم دئىسەممۇ بولىدۇ. ھازئىر بىزدە ئۇسكۇنە دئىسە ھەممىمىزنىڭ ئۆيىدە بار. شۇنداق ئەۋزەل شارائىت تۇرۇپمۇ بۇرۇنقىلاردەك بولالمايۋاتىمىز، سەۋەپ، بىزدە چىنلىق يوق، سۇنئىلىك تولا، باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەلەش تولا، مەسىلەن تەڭكەش مۇزىكا، ئۇ دىگەن باشقىلارنىڭ شۇنداقمۇيا........نەگىلا بارسا شۇ مۇزىكا، مېنىڭ شەخسەن كۆزقارىشىم -تەڭكەش مۇزىكا مۇزىكانتلارنى ئارقىغا چېكىندۇرىدۇ، نىمىشقا بىزمۇ نەق مەيداندا ئورۇنلاپ باقمايمىز؟ چەتئەل سازچىلىرى بىزنى شۇڭا ياراتمايدۇ، بۇنداق دئىيىشىم .... مەن بىرنەچچە چەتئەللىكلەر بىلەن نەچچە يىل مۇزىكا چېلىش جەريانىدا ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر ياش سەنئەتكارلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقتىم. ئۇلار -ئۇيغۇر ياش سەنئەتكارلىرى دورامچى دەيدۇ، ئۆزەممۇ سەت خىجىل بولۇپ نومۇس ئىچىدە بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەمىسە سەۋىيىرىم چەكلىك تۇپەيلى گېپىم تاقا-تۇققۇ بولۇپ قالغان بولسا كەچۇرۇڭلار. ئىشقىلىپ مەقسىدىم ئېنىق............ تۆۋەندە يۇقارقى چولپانلىرىمىزنىڭ ۋەكىللىك خارەكتىردىكى بىرقانچە ناخشىلىرىنى سۇنىمەن. بۇ ناخشىلارنى ئۇنئالغۇ لېنتىسىدىن CUBASE غا ئەكىرىپ ئاندىن MP3 قىلىپ چىقتىم. ئەينى چاغدىكى ئۇسكۇنىلەر شۇنچىلىك ، يانا كېلىپ بۇ لېنتىلارغا20 يىلدىن ئاشتى، شۇڭا دوسلانىڭ توغرا چۇشۇنۇپ ئاڭلىشىنى ۋە قىممەتلىق قاراش ھەم پىكىرلىرىنى بېرىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۇمىت قىلىمەن!!!
چۈشۈرۈش ئادىرىسى: چۈشۈرۈش
|
-
ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 30
باھا خاتىرىسى
|