- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-6
- توردا
- 28 سائەت
- شۆھرەت
- 8
- پۇل
- 52
- تىزىملاتقان
- 2011-1-31
- ھوقۇقى
- 10
- يازما
- 34
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 8
- UID
- 1407

- توردا
- 28 سائەت
- شۆھرەت
- 8
- پۇل
- 52
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-6
- تىزىملاتقان
- 2011-1-31
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 8
- يازما
- 34
|
ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان ۋە فىلامېنكو ، ، جاز،روك....قاتارلىق دۇنياۋىي مۇزىكا ئىلمىنتلىرى بىلەن گىرەلىشىپ ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن شىياڭگاڭدىكى كۆپلىگەن تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ . ئۇيغۇر ئاھاڭلىرىغا ئۇلارنى جۆر قىلىۋاتقان،غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ ۋە پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە يېڭى بىر مۇزىكا ئەترىتى ‹جەم ›مۇزىكا ئەترىتىنى بىلەمسىلەر ؟ئورتاق غايە بىلەن تېپىشقان 5 ئەزىمەت 5 بارماققا ئوخشاش جەم بولۇپ ، ئەترەت نامىنى ‹جەم› قويدى .... ئۇلارنىڭ گىتارىدىن ياڭرىغان مۇڭلۇق مۇزىكىلار گاھى قەلبنى لەرزىگە سالسا ،گاھى جۇشقۇن شوخ مۇزىكلار تاماشىبىنلارنى ھاياجاندا سەكرىتەتتى .... شىياڭگاڭلىق تاماشىبىنلار گەرچە ئۇيغۇرچە ناخشىنىڭ مەنىسىنى بىلمىسىمۇ ، .ئۇلارنىڭ مۇزىكىلىرىدىكى سېھرى كۈچكە ئەسىر بولاتتى ....
ئۇلار شىياڭگاڭ تېلىۋىزىيە ئىنگلىزچە مۇزىكا قانىلى ، شىياڭگاڭ مەدەنىيەت سەيناسى ژورنىلى ، شىياڭگاڭ رادىئو ئىستانىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە شىياڭگاڭ تەرەپنىڭ تەكلىپى بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان ‹قۇم ۋە ئاي › سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشتى ،ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئويۇن قويۇپ ، شىياڭگاڭلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىكى چاقنىغان چولپانغا ئايلاندى ....
ئاساسىي گىتتار ۋە ناخشىدا : ياسىن
يانداش گىتتار ۋە ناخشىدا : مۇخپۇللا
گىتتار ۋە ناخشىدا : ھەيدەر
باس گىتتاردا : مىرادىل
دۇمباق ۋە داپتا : ئىبراھىم
تۆۋەندىكى جەمنىڭ گىتتارچىسى ياسىن ئېيتقان ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى (شەخسەن مەن بۇ ناخشىغا ۋە ئۇنىڭ گىتتار سولوسىغا بەك ئامراق )
|
|