ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 418 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 355|ئىنكاس: 11

فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ناخشىچىمىز-ژانى ۋە ئۇنىڭ يېڭى دېسكىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2009 سائەت
شۆھرەت
2260
پۇل
2958
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2260
يازما
2621

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 14:16:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

jani01.jpg



سەنئەت ساھەسىدە ئۆز-ئۆزىنى يېتىشتۇرىۋاتقان فرانسىيەدىكى ياش ناخشىچىمىز ژانىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەلى ئىسمائىل بولۇپ، ژانى ئۇنىڭ سەنئەت تەخەللۇسى. 2004-يىلىنىڭ بېشىدا فرانسىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ژانى ھازىرغا قەدەر ئۆزى تۇرۇشلۇق لىئون شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھەر تىپتىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرچە ۋە فرانسۇزچە ناخشىلارنى يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ كەلدى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى فرانسۇز سەنئەتكارلار ۋە سەنئەت ئورۇنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولۇپ، ژانى بۇ سورۇنلاردا ئۇيغۇر ناخشىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى فرانسۇزلارغا تونۇتۇشنى ئۆزىگە مەقسەت قىلىپ كەلدى. بۇلاردىن سرت، ژانى يەنە بىر نەچچە قېتىم يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئورۇنلاشتۇرۇپ، لىئوندىكى فرانسۇزلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. فرانسىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى-ئوغۇز ئورۇنلاشتۇرغان فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋاللىرىدىمۇ، ژانى ئاساسلىق ناخشىچى سۈپىتىدە ئاساسلىق رول ئويناپ كەلدى.

فرانسىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن ئاقسۇ سەنئەت مەكتىۋىنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان ژانىنىڭ سۈزۈك ئاۋازى بىلەن ئېيتقان ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ئۇيغۇر ئاممىباپ ناخشىلىرى قۇلاققا يېقىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ يەتتە يىلدىن بېرىقى فرانسىيەدە ئىزدىنىش نەتىجىسىدە روياپقا چىقارغان ئىجادىيەت دېسكىسى ”سەۋدا“ 2010-يىلى فرانسىيەدە نەشردىن چىقىپ، فرانسىيە مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدا تارقىتىلىۋاتىدۇ. ژانى شۇ يىلى شىنجاڭغا قايتىپ، دېسكىسىنى ئۈرۈمچىدە چىقىرىشقا كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ نەتىجىسى بولمىغان. دېسكا فرانسىيەدە ئىشلەنگىنى ئۈچۈن، ئاۋاز سۈپىتى جەھەتتىن ئالاھىدە ئەلا ۋە تەننەرخى بىر ئاز يۇقىرى. شۇڭا شۇنچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىنى ئۈرۈمچىدىكى دېسكىخانىلارنىڭ ئەرزان باھادا كۆچۈرۈپ تارقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، فرانسىيەدە ئەسەر ھوقۇقى بويىچە ئەنگە ئالدۇرىۋەتكەن. يېڭى ناخشىلىرىنى ئۈرۈمچىدە دېسكا شەكلىدە تارقىتىشقا كۆپ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغىنى ئۈچۈن، ئىچىدىن تاللاپ، بىر قانچىلىرىنى ئۇيغۇر تورلىرىدا تارقاتماقچىمىز.

”سەۋدا“ دېسكىسىدا جەمئىي ئون ئىجادى ناخشا بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئاشىق مىسراسى

ئۇنۇتالمىدىم

سەۋدا

ئەسلەرسەنمۇ مېنى

يوق-يوق

مۇھەببەت سىرى

كۆزلەر-سۆزلەر

باھاردا توزىغان چېچەك

ئېھتىمال

سەن

ژانىنىڭ تور يۈزىدىكى مۇزىكا ئامبارلىرىدىكى ئورنىدىن ئۇنىڭ كۆپەيتمە ناخشىلىرىنى ئاڭلىيالايمىز:

http://www.myspace.cn/janymusic

http://www.myspace.com/janymusique

http://www.reverbnation.com/jany

فېيىسبۇكتىكى ژانى ناخشىلىرى بېتى:

https://www.facebook.com/janymusic

ژانى ناخشا كېچىلىكىدىن ئارىيە

[flash][/flash]



jani13.jpg


jani12.jpg


jani11.jpg


jani10.jpg


jani09.jpg


jani08.jpg


jani07.jpg


jani05.jpg


jani04.jpg


jani06.jpg



ئەسلى مەنبە : jeck بلوگى،كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىڭ.
http://jeckblog.com/firansiyedik ... ning-yighi-diskisi/

Rank: 2

توردا
97 سائەت
شۆھرەت
60
پۇل
478
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-4
تىزىملاتقان
2011-5-6
نادىر
0
جۇغلانما
60
يازما
174
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 14:20:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشا ئۇيغۇرۇم.............ھەممىمىز تىرشايلى

Rank: 2

توردا
23 سائەت
شۆھرەت
56
پۇل
235
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-20
تىزىملاتقان
2011-6-11
نادىر
0
جۇغلانما
56
يازما
52
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 16:46:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشا ئۇيغۇرۇم ياشا ياشااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااا

Rank: 3Rank: 3

توردا
486 سائەت
شۆھرەت
381
پۇل
917
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2008-10-11
نادىر
4
جۇغلانما
381
يازما
1141

Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 17:24:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن بولمىسا بىلمەي  يۇرەكەنمىز  رەخمەت تېمىڭىزغا  
تەتىلدە دەم ئېپ كۈنۈپ قېپ دەرىس ئۈتۈش خوش ياقمايۋاتىدىغۇ بىرادەرلەر  

Rank: 3Rank: 3

توردا
369 سائەت
شۆھرەت
369
پۇل
1434
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-8
تىزىملاتقان
2009-1-12
نادىر
0
جۇغلانما
369
يازما
528
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 18:41:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن .  رەخمەت تېمىڭىزغا   
ۋاقىت تۇلىمۇ قىممەتلىك ، ۋاقتىڭ كەتتى بەختىڭ كەتتى

Rank: 3Rank: 3

توردا
150 سائەت
شۆھرەت
285
پۇل
765
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2011-2-6
نادىر
1
جۇغلانما
285
يازما
472
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 22:24:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ بەك ياخشى.ئىش بوپتۇ. داۋاملىق ياخشى نەتىجىلەر تىلەيمىز.

Rank: 3Rank: 3

توردا
150 سائەت
شۆھرەت
285
پۇل
765
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2011-2-6
نادىر
1
جۇغلانما
285
يازما
472
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 22:24:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ بەك ياخشى.ئىش بوپتۇ. داۋاملىق ياخشى نەتىجىلەر تىلەيمىز.

Rank: 3Rank: 3

توردا
140 سائەت
شۆھرەت
216
پۇل
796
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2009-1-21
نادىر
0
جۇغلانما
216
يازما
299
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 22:25:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ماكان ئەپەندى، مۇشۇنداق خەۋەرلەر بولسا يوللاپ تۇرۇڭ، ئادەمنىڭ غورۇرى كۆتۈرلۇپ قالىدىكەن.

Rank: 2

توردا
37 سائەت
شۆھرەت
126
پۇل
598
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2011-9-10
نادىر
1
جۇغلانما
126
يازما
134
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 17:56:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا ئۇيغۇر ئوغلانى    گۇللەن.....................................................................

Rank: 1

توردا
21 سائەت
شۆھرەت
2
پۇل
35
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2009-1-20
نادىر
0
جۇغلانما
2
يازما
52
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-3 09:59:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  ئىشكەن... ئەمما  Mv  غا  بەك  كۈچەپ كەتمىدىمۇ  نېمە...؟  فىلىم ئوتتۇردا Mv دىن كەسكەن كۆرنۈشلەر باركەن...

Rank: 1

توردا
15 سائەت
شۆھرەت
18
پۇل
171
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-8
تىزىملاتقان
2011-11-16
نادىر
0
جۇغلانما
18
يازما
27
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 17:48:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا ئۇيغۇر ئوغلانى  ياشا ئۇيغۇرۇم ياشا ياشااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااا
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،ئالدى،بىلەن،ماكان تور ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
185 سائەت
شۆھرەت
339
پۇل
1185
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2011-9-23
نادىر
1
جۇغلانما
339
يازما
295
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 19:07:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋا زىنىڭ ھەقىقەتەن ئۆز گىچىلىكى باكەن  ..  . ..     پىلاستىنكىىسنى يۇر تىىمىزدا چىقىرالمىغىنى ناھايتىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئشبوپتۇ........ياخشى ئۇتۇقلار تىلەيمەن  -   ئەلى ئىسمائىل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-8 05:08 , Processed in 0.399570 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش