- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-8
- توردا
- 2014 سائەت
- شۆھرەت
- 2264
- پۇل
- 2965
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 2622
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2264
- UID
- 1
  
- توردا
- 2014 سائەت
- شۆھرەت
- 2264
- پۇل
- 2965
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-8
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2264
- يازما
- 2622
|
قوزغۇتۇش پىراگىراممىسىنى تەڭشەش
Cubase/Nuendo خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ASIO قوزغۇتۇش پىراگىراممىسى بولىشى كېرەك،Cubase/Nuendo ئۆزىنىڭ ASIO
قوزغاتقۇچىسىنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن ناچار.
ئەگەر سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز كەسپىي ئاۋاز كارتىسى بولمىسا،ئىشلىتىۋاتقان كومپىيۇتىرئاساسى تاختىڭىز AC97 بولسا ،بىز 3- تەرەپ يەنى باشقىلارتەرىپىدىن ياسالغان [ASIO4All v2] نى قاچىلىساق Cubase/Nuendo نىڭ ئاۋاز كىچىكىشىنى ئەڭ كىچىك ھالەتكە كەلتۈرىدۇ.
بۇنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى: چۈشۈرۈش
1-تىزىملىكتىن D evices-D evice S etup... نى باسساق قوزغۇتۇش پىراگىراممىسىنىڭ تەڭشەش تىزىملىگى كۆرىنىدۇ.

2-قوزغۇتۇش تىزىملىك تاختىسىدىن [VST Audiobay] نى باسىمىز ،ئوڭ تەرەپتىكى [M aster ASIO Dr iver] نىڭ ئىچىدىن ASIO4ALL v2 نى تاللايمىز.
بۇنىڭ ئاستىغا قارىساق [R elease ASIO Dr iver in B ackground] تاللاش تۈرى بار،بۇنى تاللىماڭ ،بولمىسا Cubase/Nuendo نورمال ئىشلىمەيدۇ.

3-[ASIO4ALL v2] قوزغاتقۇچنى تاللىۋالغاندىن كىيىن سول تەرەپتىكى [VST A udiobay] نىڭ ئىچىدە [ASIO4ALL v2] كۆرىنىدۇ،ئۇنى تاللاڭ ،بۇ چاغدا ئاۋازنىڭ كىچىكىش ۋاختى كۆرۈنىدۇ.ئاندىن [C ontrol P anel] نى بىسىپ ASIO نىڭ كىچىكىش ۋاختىنى تەڭشىيەلەيمىز.

ئەگەر سىزنىڭ ئاۋاز كارتىڭىز كەسپىي كارتا بولسا ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئاۋاز كارتىڭىزنىڭ ASIO قوزغۇتۇش پىراگىراممىسىنى تاللاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ،ئەممە كەسپىي ئاۋاز كارتىسىنىڭ ASIO قوزغۇتۇش پىراگىراممىسىنى تەڭشەش ئىنتايىن مۇھىم،ئەگەر نورمال ئىشلىتىۋىتىپ شاۋقون ئاۋازى كۆرۈلسە كىچىكىش ۋاختىنى 20ms كىچىكىش ئىچىدە تەڭشىسەك بولىدۇ،بۇنداق كىچىكىشنى ئادەم قولىغى سىزەلمەيدۇ.
يۇمشاق دىتالنى تەڭشەش
Cubase/Nuendo تا ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگىنى بويىچە تەڭشەش ئىلىپ بارسا بولىدۇ،تەڭشەيدىغان تۈرلەر بەك كۆپ بولغاچقا بىرمۇ -بىر سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن،مۇھىم بولغان ئىككى تۈرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
1-دائىم مۇزىكىلارنى قويغان - توختاتقاندا،قويۇش ئىستىرىلكىسىنىڭ يەنىلا باشلىنىش نوقتىسىغا بېرىۋالماي ،بىز بايا ئۆزىمىز قويغان يەردىن قويۇلىشىنى ئۈمۈت قىلساق تىزىملىكتىن F ile-P r eferences-Transport نى بىسىپ ئوڭ تەرەپتىكى [R eturn to S tart P osition on Stop] نى تاللاپ قويساق بولىدۇ(سىناپ بېقىڭ).

2-ھەر قىتىم MIDI يولى قۇرغاندا ،MIDI يولىدىكى نوتا بەلگىلىرىنىڭ تاكىتقا قاراپ ئۆزگىرىدىغان كونۇپكىسىنى ئاپتۇماتىك ئاچىدىغان ئىقتىدا:تىزىملىكتىن File-Preferences-Editing نى بىسىپ ئوڭ تەرەپتىن [D efault T rack T ime T ype] نى تاللىسىڭىز بولىدۇ(بۇ ئىقتىدار پەقەت Nuendo دىلا ئىشلەيدۇ)

تۈرنى تەڭشەش(工程设置)
Cubase/Nuendo دا ئاۋاز چاستوتىلىق ھۆججەت تۈرىنىڭ كود نىسبىتىگەتۈرنىڭ ئىچىدە تەڭشەش ئىلىپ بارىدۇ.
1-يېڭى بىر تۈر قۇرۇۋالغاندىن كىيىن تىزىملىكتىن P roject-P roject S etup... نى باسساق تەڭشەش كۆزىنىگى چىقىدۇ.

2-ئاۋاز سۈپىتىگە بىۋاستە چوڭ تەسىر قىلىدىغان ئۈلگە ئىلىش نىسبىتى [S ample R ate] ۋە بىت نىسبىتى [R ecord F omat]。

سىرىتتىن ئاۋاز چاستوتىسى ھۆججىتى ئىكىرگىنىمىزدە ،ئاۋز چاستوتا ھۆججىتىنىڭ ئۈلگە ئىلىش نىسبىتى ۋە تۈرنىڭ ئۈلگە ئىلىش نىسبىتى ئوخشاش بولمىسا،قويغان ۋاختىمىزدا ئاھاڭ ۋە سۆرەت ئۆزگىرەپ كىتىدۇ.
قىستۇرما دىتاللارنى تەڭشەش
Cubase/Nuendo دا قىستۇرما دىتاللارغا قارىتا باشقۇرۇش ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ.تىزىملىكتىن D evices-P lug-in I nformation نى باسساق تەڭشەش كۆزىنىگى ئىچىلىدۇ.
1-بۇ يەردە يېڭى VST ھۆججىتىنىڭ ئورۇنىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز،Add نى بىسىپ يېڭى VST ھۆججىتىدىن بىرنى قۇرىمىز،شۇنداقلا سول تەرەپتىكى تىزىملىكتىن تاللىۋالىمىز،[U pdate L ist] نى باسىمىز ۋە يىڭىلايمىز(刷新) قىلىمىز.

2- تۆۋەندىكى جەدىۋەلدىكىسى تاپقان قىستۇرما دىتاللار،ئالدىدىكى توغرا بەلگىسى ئۇنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىكنى بەلگىلەيدۇ،ئۇنى ئىلىۋەتسىڭىز Cubase/Nuendo قوزغالغاندا تېز قوزغۇلىدۇ.

يولارنى تەڭشەش通道设置
Cubase/Nuendo كۆپ يوللۇق ئاۋاز چاستوتىسى ھالىتىدە كۆپ يوللۇق ئاۋاز كارتىسى بىر ۋاقىتتا ئىشلەيدۇ،تىزىملىكتىن D evices-VST C onnections نى باسسىڭىز بولىدۇ(ياكى كومپىيۇتىر تېختىسىدىن F4 نى باسسىڭىز بولىدۇ).
1-Inputنىڭ ئىچىدىن ئۆزىڭىز تاللىغان قوزغۇتۇش پىرگىراممىسنىڭ ئىچىدىن شۇ قوزغۇتۇش پىراگىراممىسىنىڭ كىرىش يولىنى تاللايمىز،سىز [Add Bus] نى بىسىپ يولنى كۆپەيتسىڭىز بولىدۇ(ئەگەر كۆپ يوللۇق ئاۋاز كارتىسى بولمىسا بۇنى قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق)،شۇ ئارقىلىق ئاۋازغا ئالىدىغان يولنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

2-Output نىڭ ئىچىدىن ئۆزىڭىز تاللىغان قوزغۇتۇش پىرگىراممىسنىڭ ئىچىدىن شۇ قوزغۇتۇش پىراگىراممىسىنىڭ چىقىش يولىنى تاللايمىز،سىز [Add Bus] نى بىسىپ يولنى كۆپەيتسىڭىز بولىدۇ،(ئەگەر كۆپ يوللۇق ئاۋاز كارتىسى بولمىسا بۇنى قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق)،ئۇنىڭ ئىچىدىكى C lick كونۇپكىسى رىتىم ئۇرغۇچنىڭ باش كونۇپكىسى(ئىچىش -ئىتىش باش كونۇپكىسى).

3-كۆپ يوللۇق ئاۋاز كارتىسى بار دوسلار مۇشۇ ئارقىلىق تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن ،يېڭى قۇرغان تۈرنىڭ ئىچىدىن(رەسىمدىكىدەك)چىقىش ۋە كىرىش يولىنى تاللىسا بولىدۇ.

كونتىروللىغۇچنى تەڭشەش
Cubase/Nuendo بولسا MIDI كونتىروللىغۇچ ئارقىلىق يۇمشاق دىتاللارنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
1-تىزىملىكتىن D evices-D evice S etup...نى باسىمىز،سول تەرەپتىكى “+” نىڭ ئىچىدىن بىر [G eneric R emote] نى چىقىرۋالىمىز.

2-[G eneric Remo te] تا ،ئۈستىدىكى جەدىۋەل كونتىرول قىلماقچى بولغان تۈرنى تەڭشەيدۇ،ئاستىدىكى جەدىۋەل ئارقىلىق كونتىرول قىلىنماقچى بولغان تۈرنى تەڭشەيمىز.

رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ
ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى |
|