- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-17
- توردا
- 12 سائەت
- شۆھرەت
- 0
- پۇل
- 80
- تىزىملاتقان
- 2011-3-8
- ھوقۇقى
- 10
- يازما
- 30
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 0
- UID
- 1473

- توردا
- 12 سائەت
- شۆھرەت
- 0
- پۇل
- 80
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-17
- تىزىملاتقان
- 2011-3-8
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 0
- يازما
- 30
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇنبىرىدىكى كۈي سۆيەر قېرىنداشلار!
ئالدىنقى قېتىمقى «ئايدىن ئايرىيالمايمەن» دېگەن تىمىنى يوللىغاندىن بۇيان، ھەر سەۋەبلەر تۈپەيلى يېڭى تىما يوللاپ باقماپتىمەن...بۈگۈن يېڭى مۇنبەرنى مۇبارەكلىگەچ بۇ ناخشامنى ئېلىپ كەلدىم. پىكىر تەكلىپ بەرگەيسىلەر...
ناخشا ئىسمى: گىتتارىمنىڭ ساداسى (ئەسلىدە دۇتتارىمنىڭ ساداسى ئىدىغۇ دەيمەن. لېكىن، بۇ ناخشىدا دۇتتار يوق. گىتتاردا چالغاچقا گىتتارىمنىڭ ساداسى دەپ ئېلىۋەردىم.)
مۇزىكىسى : نۇسرەت ۋاجىدىن
تېكىستى: ...
ئاكوردلاشتۇرغۇچى ۋە ناخشىدا: ئۆزۈم
ئىشلەتكەن يۇمشاق دېتاللار ۋە ئۈنۈملىگۈچلەر:
رەھبەر دېتال: nuendo 3.2
ئۈنۈملىگۈچ: Q , Revab a, C4
قاتتىق دېتاللار: MidiPlus M49 , Maya44, تورخانىلاردا ئىشلىتىدىغان 20 يۈەنلىك مىك
جەمئى: 6 يول
1 يول ئىستانبول تۈسىدىكى دۇمباق، 1 يول باس، بىر يول پىئانىنو، بىر يول گىتتار، بىر يول گىتتار سولو، بىر يول ناخشىنىڭ ئەگەشمە مۇزىكىسى،
بۇ مۇزىكىنى ئىشلەشتە ئاساسلىق يېڭى ئۆگەنگەن (سىلەرگە بەلكىم كونىراپ كەتكەن تېخنىكا) ئەڭ مۇھىم بىر تېخنىكىنى سىناق قىلىش مەقسەت قىلىنغان. يەنى: بۇرۇن مۇزىكا ئىشلىسەم Hypersonic نى ئەكىرەتتىمدە لازىملىق midi يول ئېچىپ ھەر بىر يولغا Hypersonic نىڭ بىردىن يولىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ چالىۋېرەتتىم.
ھەممە يولنى چېلىپ بولغاندىن كىيىن، ئۈنۈم بېرىدىغان چاغدا تاماشا دېگەن باشلىنىدۇ. چالغان مۇزىكام بىر يەردە قېلىپ، ياڭراتقۇدىن غىت غات تارت تۇرت...ئىشقىلىپ جاھاندىكى ھەممە ئاۋازلار چىقىدۇ. cpu دېگەنغۇ تاس قالىدۇ %101 چىقىپ كەتكىلى، كومپيۇتېر دېگەن بىچارە ماڭا ئالىيىپ، ئۇرىۋېتەي دېسە ئەسلى...ئىشقىلىپ يامان تەستە ئۈنۈملەپ چىقىدۇ. ئۈنۈملەپ بولغاندىن كىيىن ئاڭلاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. قانداق قىلىشىمنى بىلمەي، مەن كومپيۇتېردىن يامانلاپ، كومپيۇتېر مەندىن يامانلاپ دېگەندەك يۈرەتتىم.
ئەسلى ئۇقسام، قائىدىسى ئۇنداق ئەمەسكەن، پۈتۈن يولدىكى مۇزىكىنى چېلىپ بولغاندىن كىيىن، بىردىن بىردىن wav قىلىپ چىقىرۋېلىپ، قايتىدىن يېڭى بىر قۇرۇلۇشقا ئەكىرىپ ئاندىن ئۈنۈم بېرىدىكەنمىز...بۇنى ئۇقىۋالغاندىن كىيىن، بۇ مۇزىكىنى ئىشلەپ باقتىم. ئىشلەش جەريانىدا ياڭراتقۇدا يات ئاۋازلار يوق، CPU مۇ جايىدا، كومپيۇتېر بىلەن كۈلكە-چاقچاق، مەن ئۇنىڭغا يۇمۇر ئېيتىپ، ئۇ ماڭا يۇمۇر ئېيتىپ، كۈلمىسەم قىچىقلاپ دېگەندەك ...ئىشقىلىپ يامان خوشال-خورام پۈتكۈزدۇم بۇ مۇزىكىنى.
گەپنى ئۇزارتماي...قېنى دوستلار، بىر ئاڭلاپ تاتلىق باھايىڭلارنى بەرسەڭلار...تېخىمۇ ئالغا يۈكسەلسەم!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gladiator تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-8-17 19:30
|
|