- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-5
- توردا
- 166 سائەت
- شۆھرەت
- 63
- پۇل
- 458
- تىزىملاتقان
- 2011-2-13
- ھوقۇقى
- 100
- يازما
- 187
- نادىر
- 5
- جۇغلانما
- 63
- UID
- 1441
  
- توردا
- 166 سائەت
- شۆھرەت
- 63
- پۇل
- 458
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-5
- تىزىملاتقان
- 2011-2-13
- نادىر
- 5
- جۇغلانما
- 63
- يازما
- 187
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ماكانداشلار !
ئالدى بىلەن مۇنبەر نەشرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يېڭىلانغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن ، مۇنبەرنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى !
نەق گەپكە كەلسەك ، چاقماقتا بىر ھەپتە چۈشۈرۈش ئارقىلىق Logic Pro نىڭ 9.0.0 نەشرىدىكى تولۇق نۇسخىسىغا ئېرىشتىم ھەم بىر كۈن ھەپىلىشىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلاپ نەشرىنىمۇ ئەڭ يېڭىسىغا كۆتۈرىۋالدىم . ئەمدى بۇ ھەقتە دوستلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن !
Logic Pro نىڭ توررېنت ھۆججىتى ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن ھۆججەتدان ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە :
Audio Content 1
Audio Content 2
Audio Content 3
Jam Pack Content 1
Jam Pack Content 2
Jam Pack Content 3
Logic Studio Additional Content
Logic Studio Installer
قاتارلىق 8 پارچە نۇر دېسكا ھۆججىتى ۋە
SN.txt
Logic Studio 9 ReadMe.rtf
قاچىلاش ۋە يېشىش ئۇسۇللىرى ئەمىلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي بولۇپ ، تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە قاچىلايمىز :
*** Logic Studio Installer.cdr نى قوش چېكىپ ئېچىپ ، ئىچىدىن Install Logic Studio نى قوش چېكىمىز.
ئاندىن كېيىن بىر قانچە جەزملەشلەر :
ئاندىن كېيىن تەرتىپ نومۇرىنى كىرگۈزىمىز ( SN.txt دا تەمىنلەنگەن ) :
ئەمدى قاچىلىماقچى بولغان مەزمۇنلارنى تاللايمىز ، مەن تاللىغىلى بولىدىغىنىنىڭ ھەممىنى تاللىدىم.
قالغان دېسكىلارنىمۇ تەييارلىۋېلىشىڭىزنى ئەسكەرتىدۇ ، داۋاملاشتۇرىمىز .
ئەمدى مەخپىي نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ ، داۋاملىق ...
شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان ئۇزۇنغا سوزۇلغان قاچىلاشنى باشلىۋەتتۇق .
بۇ جەرياندا قاچىلاش پىروگراممىسى تەرتىپ بويىچە قالغان يەتتە پارچە نۇر دېسكىسىنى دېسكا ئوقۇغۇچقا سېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ ، ھەربىر قېتىمدا تەلەپ قىلغان نۇر دېسكا ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قويساقلا ئىش پۈتىدۇ.
مۇشۇنداق قاچىلاپ بولۇپ ، Logic نى قوزغاتسام نىمە چىقتى دېمەيسىلەر ...
« مەزكۇر دېتال نەشرى بىلەن ھازىرقى مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ نەشرى ماس كەلمىدى ، ئىشلەتكىلى بولمايدۇ ! »
Lion تېخى يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسى بولغاچقا بۇنداق ئۇچۇرلارمۇ كۆپ ئۇچرايتتى ... شۇنىڭ بىلەن ئالما تىزىملىكىدىن «يۇمتال يېڭىلاش» تىن Logic نىڭ نەسرىنى 9.1.5 غا يېڭىلاشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدىم ۋە شۇنداق قىلدىم . 2GB دىن ئارتۇقراق كېلىدىغان يېڭىلاش بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم .
ئەمدىغۇ ئېچىلارسەن، دەپ باسسام يەنە نىمە چىقتى دېمەيسىلەر ...
«دېتال تەرتىپ نومۇرىنى كىرگۈزۈڭ»
بايا ئىشلەتكەن تەرتىپ نومۇرى بۇ يەردە ئىشلىمەيدىكەن ، توردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىرىنى تېپىپ سىنىدىم،يەنىلا بولمىدى ... كېيىن بىر توربەتتىن 9.1.1 نەشرىنىڭ يېشىش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ قېلىپ شۇ بويىچە قىلدىم ، شۈكرى بۇ قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى .
يېشىش ئۇسۇلى : ( سودا خاراكتېرىدە ئىشلەتمەڭ
Pro Apps 2010.dmg نى چۈشۈرۈپ ، ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى Mac دېسكىسىدىكى تۆۋەندىكى مۇندەرىجىدىكى ماس ئىسىملىك ھۆججەتلەر بىلەن ئالماشتۇرساقلا ئىش پۈتىدۇ . ( دىققەت : ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئەسلىدىكى ھۆججەتلەرنى زاپاسلاپ قويۇڭ )
Library / Application Support / ProApps
شۇنداق قىلىپ كومپىيوتېرىمدا Logic Studio نىڭ جامالىنى ئاخىرى كۆرەلىدىم !
يۇقارقىسى مەزكۇر دېتال بىلەن بىللە تەمىنلەنگەن قۇرۇلما ھۆججەتنى ئاچقاندىكى كۆرۈنمە يۈزى .
Logic Studio نى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ :
مەنزىل
بۇ يېڭى ئۇرۇقكەن ، دوستلار مۇشۇنى ئىشلىتىپ چۈشۈرۈڭلار :
Logic_Studio_9_full_9DVD.rar
(492.42 KB, چۈشۈرۈش سانى: 38)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Alim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-11-20 22:46
|
|