ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 416 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 2190|ئىنكاس: 5

7 كۈندە Cubase/Nuendo نى تېز ئۈگۈنۈش قوللانمىسى(5) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2007 سائەت
شۆھرەت
2238
پۇل
2931
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2238
يازما
2620

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-8-26 18:14:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[5] MIDI نوتىسى \ كونتىروللىغۇچ ئۇچۇرى،ئاۋازغا ئېلىش ۋە بىر تۇتاش تەھرىرلەش

21-مەشغۇلات:  MIDI نوتىلىرىنى تۈركۈملەپ تەھرىرلەش

1-رىيال كۆزنىگىدىن ئىستىرىلكا بەلگىسىنى تاللاپ ،مائۇس ئارقىلىق مەلۇم بىر دائىردىكى نوتا بەلگىلىرىنى تاللىۋالىمىز، بۇ نوتىلارنىڭ ئورنىنى بىرلىكتە يۆتكىگىلىمۇ بولىدۇ ۋە قىسقارتقىلى شۇنداقلا ئۇزارتىقىلى بولىدۇ(مائۇس ئارقىلىق)،كومپىيۇتىر كونۇپكا تاختىسىدا Ctrl+A نى بىسىپمۇ ھەممە نوتا بەلگىلىرىنى تاللىيالايسىز.
تاللىۋالغان نوتا بەلگىلىرىنى كۆپەيتمەكچى بولساق ، كومپىيۇتىر كونۇپكا تاختىسىدىن Alt نى بىسىپ تاللىۋالغان نوتا بەلگىلىرىنى مائۇس بىلەن سۈرسەك  كۆپىيىدۇ.



2- بىر نەچچە MIDI يولىنىڭ ئاۋاز تونىنى ئۆزگەرتمەكچى بولساق ،ئۆزگەرتمەكچى بولغان يولنى مائۇس بىلەن تاللىۋالىمىز(كونۇپكا تاختىسىدا Ctrl+A بىسىپ ھەممىنى تاللىساق بولىدۇ ،لىكىن دۇمباق يولى تاللىنىپ قالسا دۇمباقنىڭ ئاۋازى ئۆزگىرەپ كىتىدۇ)،تىزىملىكتىن MIDI-Transpose نى ئىجىرا قىلىمىز،Semitones نىڭ ئىچىگە ئۆزگەرتمەكچى بولغان توننىڭ سانلىق قىممىتىنى يازىمىز(نەچچىنى چۈشۈرسىز ياكى كۆتىرىسىز ،شۇنى يازسىڭىز بولىدۇ،چۈشەرمەكچى بولسىڭىز ئالدىغا مىنوس(-) بەلگىسىنى قويسىڭىزلا بولىدۇ).




22-مەشغۇلات:رىيال كۆزنىگىدە قايرىلما(قايغان) نوتا يېزىپ ئۇنى باشقۇرۇش

1-سول تەرەپتىكى رىيال يۈزىنىڭ ئاستىدا بىر تاللاش كونۇپكىسى بار،ئىچىدىن [Pitchbend] نى تاللاپ ئاۋاز قايدۇرۇش كۆزنىگىنى ئېچىۋالىمىز.



2-قايدۇرماقچى بولغان ئاۋاز بۆلىگىنىڭ ئاستىغا قايدۇرۇش  ئۇچۇرى يازىمىز،ئوتتۇرا نوقتىسى 0 بولىدۇ(بۇ قىممەتنى سول تەپتىن كۆرۈڭ)بۇ ئاۋازنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ،ئەڭ ئۈستى تولۇق بىر ئاۋاز كۆتۈرۈلگەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ،ئەڭ ئاستى تولۇق بىر ئاۋاز چۈشۈرۈلگەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ.



3-ئەگەر سىز سىزغان قايدۇرما ئاۋاز ئۇچۇر قىممىتى ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك مىنىڭكىدەك پەلەنپەي شەكىللىك بولسا ، ئۆلچەملەشتۈرۈش كونۇپكىسىنى بىسىپ يورۇتۇڭ ،بۇ چاغدا سىلىق مۇشۇنداق ئۇچۇر چىقىرالايسىز.ئەگەر بۇ قەلەم ئۈسكىنسى بىلەن سىزالمىسىڭىز،تاياقچە كونۇپكىنىڭ ئىچىدىن سىزى سىزىش قۇرالىنى تاللاپ سىزسىڭىزمۇ بولىدۇ.



23-مەشغۇلات:رىيال كۆزنىگىدە باشقا ئۇچۇرلارنى يېزىش

1-سول تەرەپتىكى رىيال كۆزنىگىنىڭ ئاستىدا تاللاش كونۇپكىسى بار، ئۇنىڭدىن باشقا كونتىرول قىلىش كۆزىنىگىنى ئاچالايمىز،يەنى ئاستىدىكى“+” نى باساق باشقا ئۇچۇر يازىدىنى كۆزىنەك ئېچىلىدۇ، داۋاملىق ئىشلىتىلىدىغانلىرى:
Modulation--cc1  ----تىتىرەڭگۈ ئاۋاز
Main Volume--cc7 --- ئاۋاز مىقدارى
Expression--cc11---ئىپادە يەنى ھىسىيات (كۈچەيگەن ۋە ئاجىزلاشقان ئورالما سىزىقلار)
Pan--cc10---ئاۋاز تەسۋىرى
Sustain--cc64---تاۋۇش سوزۈش پىدالى(延音踏板)



2-بۇلاردىن بۇ ئىككىسى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىلى:
Pan--cc10---ئاۋاز تەسۋىرى:ئوتتۇردىكى قىممىتى 64 ئۈستىگە كۆتەرسەك ئاۋاز تەسۋىرى سولغا سۈرىلىدۇ(سول تەرەپتىكى قىممىتى 127)،ئاستىغا چۈشەرسە ئاۋاز تەسۋىرى ئوڭغا سۈرىلىدۇ(ئوڭدىكى قممىتى 0)،
Sustain--cc64---تاۋۇش سوزۈش پىدالى(延音踏板):پەقەت ئىككى سانلىق  قممىتى بار،تاكى ئىچىۋىتىڭ(127) ياكى ئىتىۋىتىڭ (0).



24-مەشغۇلات:MIDI ريالى بىلەن MIDI ئۇچۇرى يېزىش

1- ئەگەر سىز  MIDI رىيال بىلەن MIDI سىگىنالىنى ئاۋازغا ئالماقچى بولسىڭىز،ئالدى بىلەن ئاۋاز يولىدىكى ئاۋازغا ئىلىش كونۇپكىسىنى بىسىپ قىزىل ھالەتكە ئىكىلىڭ، ئىشلەتمەكچى  بولغان زاپچاسىنى تاللىۋىلىڭ،ئادەتتىكى ئەھۋالدا All MIDI Inputs ھالىتىدە بولىدۇ يەنى ھەممە MIDI ئەسۋابى ئىشلىنىدۇ دىگەنلىك.



2-ئاندىن ئاۋازغا ئىلىش كونۇپكىسىنى باسىمىز(ئاۋاز كىچىكىش ۋەASIO مەسىلىرىنى 7- قىسىمدا سۆزلەيمىز )



3-ئاۋازغا ئىلىپ بولغاندىن كىيىن، MIDI كونتىرول قىلىش ئۇچۇرلىرىنى  يەنە ئاۋازغا ئالىمىز، رىيال كۆزنىگىنى ئېچىپ MIDI  كونتىرول قىلغۇچ بىلەن( MIDIرىيال بولسىمۇ بولىدۇ )، يەنە ئايرىم-ئايرىم كونتىرول قىلىش ئۇچۇرىنى ئاۋازغا ئالىمىز،ئاۋازلارنى يىيىلىپ يەنى باشتىكى ئاۋازلارنىڭ يۇيۇلۇپ يوقاپ كىتىشىدىن ئەنسىرمىسەكمۇ بولىدۇ،ئوخشاش بولمىغان ئۇچۇر كۆزنىگىدە نەچچە رەت ئاۋازغا ئالغىلى بولىدۇ.



25-مەشغۇلات:MIDI نوتىسىنىڭ ئاۋاز كۈچىگە ئومۇمىيۈزلىك ئالاھىدە تەڭشەش ئىلىپ بېرىش
MIDI- 1 نوتىسىنىڭ ئاۋاز كۈچىنى بىر تۇتاش بوشايتماقچى بولساق،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسى نوتا بەلگىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئاۋازنىڭ چىڭ-بوشلۇق دەرىجىسىگە تەسىر قىلماسلىغىنى خالىساق، تىزىملىكتىن MIDI-Functions-Velocity نى ئىجىرا قىلىپ Type نىڭ ئىچىدىن [Add/Subtract] نى تاللايمىز،تۆۋەندىكى Amount قىممىتىنى تاللايمىز(رەسىمدىكىسى ئومومى ئاۋاز كۈچى 20- پەسەيتىلدى).



2-ئەگەر سىزنىڭ MIDI رىيالىڭىز بىلەن ئاۋازغا ئالغاندا ئاۋاز بەك قاتتىق (كۈچلۈك) چىقىپ كەتسە ،تۆۋىنى بەك بوش چىقىپ قالسا،تىزىملىكتىن MIDI-Functions-Velocity نى بىسىپ  Type نىڭ ئىچىدىن [Compress/Expand] نى تاللىۋالىمىز،Amount نىڭ ئىچىگە  سانلىق قىممەتنى تولدىرىمىز(رەسىمدە 50% ئەگەر كۈچلۈكرەك قىلىمەن دىسىڭىز 150% قىلسىڭىز ياكى ئۆزىڭىزگە ياققان قىممەتنى تاللىسىڭىز بولىدۇ).



رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ
ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

Rank: 1

توردا
60 سائەت
شۆھرەت
20
پۇل
19
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-8
تىزىملاتقان
2008-5-10
نادىر
0
جۇغلانما
20
يازما
94
يوللىغان ۋاقتى 2008-8-26 19:06:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن ياخشى تېمىلار بۇ كۆپ رەخمەت سىزگە

Rank: 8Rank: 8

توردا
728 سائەت
شۆھرەت
431
پۇل
574
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2008-5-12
نادىر
2
جۇغلانما
431
يازما
772

makan makan

يوللىغان ۋاقتى 2008-8-26 21:20:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،مەن ئاۋاز قايدۇرۇشنى ئۈگىنىۋالدىم .....
قىنى ھىلقى ئېلانلار ........  

Rank: 1

توردا
61 سائەت
شۆھرەت
18
پۇل
62
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-1
تىزىملاتقان
2010-12-1
نادىر
0
جۇغلانما
18
يازما
71
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-4 03:43:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7 كۈندە Cubase/Nuendo نى تېز ئۈگۈنۈش قوللانمىسى نىڭ 1.2.3.سىنىڭ سۈرىتى چىقتى بىراق 5.6.7نىڭ سۈرىتى چىقمىدى مىنىڭكىدىلا شۇنداقمۇ ياكى باشقا دوسلارنىڭمۇ شۇنداقمۇ؟؟؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2007 سائەت
شۆھرەت
2238
پۇل
2931
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2238
يازما
2620

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-4 11:46:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىملىرىنى مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدە تەھرىرلەپ قويىمىز

Rank: 1

توردا
61 سائەت
شۆھرەت
18
پۇل
62
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-1
تىزىملاتقان
2010-12-1
نادىر
0
جۇغلانما
18
يازما
71
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-4 21:35:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ماكانكا...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-7 03:52 , Processed in 0.349161 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش