- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-1
- توردا
- 6 سائەت
- شۆھرەت
- 0
- پۇل
- 2
- تىزىملاتقان
- 2008-9-8
- ھوقۇقى
- 100
- يازما
- 43
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 0
- UID
- 214
  
- توردا
- 6 سائەت
- شۆھرەت
- 0
- پۇل
- 2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-1
- تىزىملاتقان
- 2008-9-8
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 0
- يازما
- 43
|
بۇ ئىدارىمىز ( سەنئەت ئۆمىگى ئىشلەپ ئوينىغان نومۇر) ئەمەلىيەتتە كۆرسە بەك قىزىقارلىق)
ئەر: ۋىجىك بەكلا كىچىك ئۇرۇق ياساندۇرۇلغان. ئايال: بەك ئىگىز،يوغان ،سېمىز، باداڭ قوورساقياساندۇرۇلغان بولۇپ، ئىككىسى بىر-بىرىگە ھەجۋى ئاھاڭ بىلەن سۆز تاشلىشىپ ئوينايدۇ)
پاتەمخان– ھاتەمجان
پاتەمخان-ھاتەمجان( ھەجۋى ئېيتىشىش تېكىستى)
چارۇن
ھاتەمجان:
كېچىلەردە خاقىراپ ،
شۈك ياتمىغان پاتەمخان.
ھارۋا پاتقان كۆۋرۈككە،
ھىچ پاتمىغان پاتەمخان.
ھا ھا ھا ، ھا ھا
پاتەمخان:
ئەگىىپ يۈرۈپ يېنىمدىن،
كېتەلمىگەن ھاتەمجان.
بىر جىڭ تۆت سەر پاختىنى،
يۈدەلمىگەن ھاتەمجان.
ھا ھا ھا ،ھا ھا
ھاتەمجان:
سۆزلگەننىڭ ئاغزىغا،
تۇۋاق سالغان پاتەمخان.
ئوڭدا يېتىپ نەخنى يەپ،
قوساق سالغان پاتەمخان.
پاتەمخان:
قانداق قىلىپ مەن ساڭا،
تەككەندىمەن ھاتەمجان،
سۆيەي دىسەڭ بويۇمنى
ئەگكەندىمەن ھاتەمجان.
ھاتەمجان:
سەندىن باشقا خوتۇنغا،
كۆيەلمىدىم پاتەمخان.
سەكرەپ چىقىپ قانغىچە،
سۆيەلمىدىم پاتەمخان.
ئپاتەمخان:
مېنى قىزلار ئىچىدىن
تاللىۋالغان ھاتەمجان.
بويۇڭ يەتمەي بوينۇمنى،
يالىۋالغان ھاتەمجان.
ھاتەمجان:
ئەمدى سەندىن ئايرىلاي.
كەتكىلى قوي پاتەمخان.
چىۋەر– چاققان قىز بىلەن ،
ئۆتكىلى قوي پاتەمخان.
پاتەمخان:
ھە !!!! نىم دىدىڭ ؟ ئاغزىڭنى–
يۇلىۋېتىمەن ھاتەمجان.
بۇ شەلەردە تۇرالماس–
قىلىۋېتىمەن ھاتەمجان.
ھاتەمجان:
ئۇرۇقۇڭنى شورلۇققا،
تېرىۋالسام پاتەمخان.
ئاشۇ كوت– كوت ئاغزىڭنى،
يۇلۇۋالسام پاتەمخان.
پاتەمخان:
ھەي توختىغىن توختىغىن،!
ھاتەم ۋىجىك توختىغىن!
بىرنى تەپسەم گېلىڭغا.
تەس بولىدۇ قوپمىغىڭ.
ھاتەمجان:
ياق ياق بولدى ۋاتىلداپ–
تويلار ئارا قاترايسەن.
ياتاي دىسە راھەتتە،
بىر يوتقانغا پاتمايسەن.
پاتەمخان:
خەپ توختاپتۇر ھەي ھاتەم،
قانداق دىدىڭ بۇگەپنى.
رەسۋايىڭنى چىقىرىپ،
ئۆگىتىمەن ئەدەپنى.
ھاتەمجان:
دەللىلىكتىن قالمايسەن،
سەن شۇم ئېغىز ۋاتىلداق.
كېتىۋاتقان پويىزدىن،
سەن خوتۇن خوپ ئېغىرراق. (قېچىپ چىقىپ كېتىدۇ)
پاتەمخان:
ھۈ ھۈ ھۈ ............
خەپ شۇ ئاغزىم بالاغا،
قويىدىغۇ ھەر زامان.
ئەمدى قانداق قىلارمەن،
مەن شور ئېغىز پاتەمخان.
[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى چارۇن ، ۋاقتى: 2011-6-12 01:36 ] |
|