ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 418 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 2767|ئىنكاس: 9

7 كۈندە Cubase/Nuendo نى تېز ئۈگۈنۈش قوللانمىسى(3) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2009 سائەت
شۆھرەت
2260
پۇل
2958
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2260
يازما
2621

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-7-18 15:40:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[3] ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ سۆرىتى(تىزلىگى)،ئەپچىللىك بىلەن سۈرئەت ئۆزگەرتىش ۋە ئۈنۈم تەقسىملەش (ئۈنۈم قوشۇش)
13-مەشغۇلات: ئىكىرگەن  ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ ئاۋاز مىقدارى ماس كەلمىگەن قىسىمنى ئۆلچەملەشتۈرۈش
1-ئاۋاز مىقدارىنى ئۆلچەملەشتۈرمەكچى بولغان ئاۋاز چاسوتىسى بۆلىگىنى تاللىۋالىمىز،تىزىملىكتىن Audio-Process-Normalize نى باسىمىز.




2-ئۆلچەملەشتۈرمەكچى بولغان ئىلىكتىر تەكشىلىگىنىڭ(电平) چوڭ كىچىكلىگىنى تاللايمىز،ئەسلىدىكىسى 0dBبولىدۇ،[Process] نى باسقاندىن كىيىن ئاۋاز چاستوتىسى بۆلىگىنىڭ ئاۋاز مىقدارى ئۆلچەملىشىدۇ.



14-مەشغۇلات:سۆرەت ئۆلچىگۈچ ئارقىلىق ناخشا -مۇزىكىلارنىڭ سۆرىتىنى سۆرىتىنى ئۆلچەش

1-تىزىملىكتىن Project-Beat Calculator نى ئىجىرا قىلىمىز،بۇ چاغدا سۆرەت ئۆلچەش كۆزنىكى چىقىدۇ.




2-ئالدى بىلەن ئاۋاز چاستوتىسىنى قويىمىز(چوقۇم قويۇش كونۇپكىسىنى بىسىپ قويۇڭ)،ئاندىن Beat Calculator نى بىسىپ [Tap Tempo] كونۇپكىسىنى تاللايمىز،بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ بىر تەرەپتىن كومپىيۇتىر كونۇپكا تاختىسىدىكى كاتەكچە كونۇپكىسىنى(كونۇپكا تاختىنىڭ ئاڭ ئاستىدىكى ئۇزۇن كونۇپكا )ئۇرۇپ ماڭىمىز(مائۇس بىلەن چىكىپ ماڭسىڭىزمۇ بولىدۇ).شۇنۇڭدىن ئوتتۇرىچە قىممىتىگە ئېرىشىمىز،چىكىش قىتىم سانىمىز قانچە كۆپ بولسا توغۇرلۇق دەرىجىسى شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ.



15-مەشغۇلات:ئاۋاز تەڭشەش سۇپىسىدا كۈچەيتكۈچنى  (推子،بۇ ئۇقۇمنى ئۆتكەنكى تېمىدا دەپ ئۆتكەن:http://www.makanmusic.com/bbs/viewthread.php?tid=156) گورىپىغا ئايرىش

1-مەسىلەن يېڭى بىر تۈرنىڭ ئىچىدە 4 ئاۋاز چاستوتىسى يولى بار دەپ پەرەز قىلساق ،مەلۇم بىر نوقتىنى تاللاپ،كومپىيۇتىر كونۇپكا تاىتىسىدىكى Ctrl نى بىسىپ تۇرۇپ باشقا نوقتىلارنى يەنى باشقا كۆزىنەكلەرنى تاللىساق ھەممىسى تاللىيالايسىز(بۇ كومپىيۇتىر نىڭ ئەڭ ئاددى ھۆنىرى ،دوسلار دائىم مۇشۇ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بىر نەچچە ناخشا ياكى ھۆججەتلەرنى تاللاپ كۆچۈرىدۇ)،شۇنىڭ بىلەن بۇ 4 ئاۋاز يولىنى تاللىيالايسىز.



2-ئاۋاز تەڭشەش سۇپىسىنى ئىچىڭ(调音台) ،ئاچسىڭىز 4 يولنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىدە ئاق سىزىق بارلىغىنى كۆرىسىز،كومپىيۇتىر كونۇپكا تاختىسىدىن Ctrl+G نى بىسىڭ،كۈچەيتكۈچلەر (推子)گورىپىغا ئايرىلىدۇ،بۇنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولسىڭىز يەنىلا كۆرىسىز،كومپىيۇتىر كونۇپكا تاختىسىدىن Ctrl+G نى بىسىڭ.



16-مەشغۇلات:قۇرغان يېڭى تۈرنىڭ ئىچىدە  ئۈنۈملىگۈچنى سىناش(تاللاپ ئىشلىتىش)

1-يېڭى تۈرنىڭ ئېكران يۈزىدە ،خۇددى يېڭى يول قۇرغاندەك مائۇسىنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى بېسىپ ئىچىدىن [Add FX Channel Track] نى تاللايمىز.



2-چىققان [Add FX Channel Track] كۆزىنەكتىن Plugin نى تاللاپ Plugin نىڭ ئىچىدىن ئىشلەتمەكچى بولغان ئۈنۈملىگۈچنى تاللاپ OK نى باسىمىز،شۇنىڭ بىلەن بىر FX ئۈنۈملىگۈچ يولى چىقىدۇ.



3-بىز بىر تەرەپ قىلماقچى(تەھرىرلىمەكچى) بولغان ئاۋاز چاستوتىسى يولىنى باسىمىز،سول تەرەپتىكى [Sends] نى بىسىپ ئىچىپ ئاستىدىكى بوش ئورۇننى تاللايمىز(FX 1 نى ئىسمىنى تاللايمىز).



4-ئۈنۈملىگۈچنىڭ ئىچىش-ئىتىش كونۇپكىسىنى بىسىپ يورىتىمىز،مائۇسنىڭ سىن بەلگىسى ئارقىلىق رەسىمدىكى كۆك تەڭشەش سىزىقچىسىنى  سۈرۈپ(ئوڭ-سول) ئۈنۈملىگۈچنىڭ مىقدارىنى تەڭشەيمىز،ئەگەر كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا ئىچىش-ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنىڭ يىنىدىكى e نى بىسىپ ئۈنۈملىگۈچنىڭ سانلىق قىممىتىنى ئاشۇرىمىز،ئۈنۈملىگۈچنى ئىچىش -يىپىش كونۇپكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كونۇپكا كۈچەيتكۈچنىڭ(推子) ئالدى ۋە كەينىنى ئالماشتۇردىغان كونۇپكا.



17-مەشغۇلات:ئەپچىللىك بىلەن ئاۋاز چاستوتىسى يولىنىڭ سۆرىتىنى تەڭشەش

1-سۆرىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئاۋاز چاستوتىسى يولىنى تاللىۋالىمىز،[Sample Editor] نى ئاچىمىز ۋە [Musical Mode] نى بىسىپ يورىتىمىز(تاپالمىسىڭىز ئاستىغا قاراڭ)،ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ تېزلىگىنى بىكىتىمىز يەنى كىرگۈزىمىز.




2-كومپىيۇتىر كونۇپكا تاخـتىسىدىن Ctrl+T نى بىسىپ [Tempo Track] نى ئاچىمىز،كۆك رەڭلىك ئۇزۇن سىزىق سۆرەت سىزىغىدۇ(ئاساسى كونتىرول قىلىش تاياقچىسىنىڭ ئىچىدىكى Tempo ھالىتى  Track بولىشى كېرەك).



3-رەسىم سىزىش قۇرالىنى تاللاپ ،كۆك سىزىقنى چىكىپ تۈگۈن نوقتىلارنى كۆپەيتىپ سۆرەت كونتىرول قىلىش ئەگىرى سىغىنى تەھرىرلەيمىز،ئۈستىدىكى Ramp ھالىتىنى ئارقىلىق سۆرەت ئەىرى سىزقلىرىنى سىزغىلى بولىدۇ.



4-ئەگەر قويغان چاغدا ئۈنۈمى بولمىسا ،ئاۋاز چاستوتىسى يولىدىكى سائەت ئىستىرىلكىسىنى بىسىپ كىچىك تون بەلگىسىگە ئىكىلىپ قايتىدىن قويۇڭ،ئەسكەرتىش:ھەر قىتىم سۆرەت ئۆزگەرتكەندە ئوخشاشلا مۇشۇ خىل مەشغۇلات تەكرارلىنىدۇ.




كۆپچىلىك ئاۋاز چاستوتىسىنى قوش چىكىپ [Sample Editor] نى ئاچقاندىن كىيىن [Musical Mode] كونۇپكىسىنى تاپالماسلىغى مۇمكىن،ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
A: سىز [Sample Editor] كۆزىنىگىنىڭ ئوڭ -سول تەرىپىنى تارتىڭ،ئېكراننىڭ ئىككى تەرىپىگە توشقىچە تارتىڭ،تارتىلمىغىچە تارتىڭ؛



B:ئۇنىڭدىن كىيىن [Sample Editor] نى مائۇس بىلەن بىسىپ تۇرۇپ ئۇنى ئېكراننىڭ سول تەرىپىگە سۆرەڭ،خىلى سۈرگەن بولسىڭىزمۇ كۆرۈنمىسە؛



C:داۋاملىق [Sample Editor] نىڭ سول تەرەپتىكى گىرۋىگىنى ئو تەرەپكە تارتىڭ،ئەمدى ھېلىقى كىچىك تون بەلگىسى [Musical Mode]  كۆرۈندى.



رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ
ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
شۆھرەت
67
پۇل
66
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-4
تىزىملاتقان
2008-3-9
نادىر
0
جۇغلانما
67
يازما
331
يوللىغان ۋاقتى 2008-7-18 17:33:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا  چىكىۋاتىسىز ، رەخمەت  سىزگە  ماكان  ئەپەندى .

Rank: 1

توردا
0 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2008-7-21
تىزىملاتقان
2008-7-18
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى 2008-7-18 20:17:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئامال

13579050416:
نۇرجان

Rank: 1

توردا
18 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-17
تىزىملاتقان
2008-6-20
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى 2008-7-20 12:26:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت مەن بۇنى ساقلىۋالدىم.ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگەنسەم بولغىدەك ياخشى بىلىملەركەن بۇ.
UpFile/UpFace/2710.jpg

Rank: 8Rank: 8

توردا
51 سائەت
شۆھرەت
10
پۇل
4
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-12
تىزىملاتقان
2008-4-30
نادىر
0
جۇغلانما
10
يازما
152
يوللىغان ۋاقتى 2008-7-20 21:45:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماكان ئەپەندى راستىنلا جاپا چىكىۋاتىدۇ.....

  يەتتە كۇندە ئۇگىنەمسىز  ياكى 1كۇندىمۇ تىرىشچانلىققا باغلىق  ...................
   بۇلارنىڭ ھەممىسى توردا بار خەنزۇچە ...  ئەگەر خەنزۇچە بىلىدىغانلار بولسا http://ch.midifan.com/static/tech/cubasesx.htm
ئادىرىسقا كىرىپ ئالدىن ئۇگۇنۋالساڭلار بولىدۇ...

  بىلمەيدىغانلار ماكان ئەپەندىنىڭ تەرجىمە قىلىشىنى ساقلاڭلار..................يەنە ئاۋارە بولىدۇ. بۇ ئەپەندىم .......................

ۋاقتى بارلار  بولسا تەرجىمە قىلىشىپ بەرسەڭلار بولىدۇ.....سىلەرمۇ مۇنداق بىر تەرلەپ بىقىڭلار...
داۋاملىق بىكار نەرسىنى چۇشۇرۇپ ، پايدىلىنىپ يۇرىۋەرمەي مۇنداق....
بىر قانچە كۇندىن بۇيان ئاغىرىپ قىلىپ تورغا چىقمىسام تىما  يەنە شۇ كونا تىمە. .. بىر قانچە ياردەم سۇئالى....
ق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2009 سائەت
شۆھرەت
2260
پۇل
2958
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2260
يازما
2621

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-7-21 01:09:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بىلىدىغىنىنى يوللىسا(تاما-تاما كۆل بولۇر)،خىلى تېخنىكىلىق بىلىملەر كۆپلەپ قالىتى،بۇ تور بەتنى قۇرۇشتىكى مەخسەتمۇ دوسلارغا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سورۇن ھازىرلاش،شۇنداقلا يۇلۇققان مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىش،شۇڭا ئۆزەمنىڭ ئەجىرىدىن مىھنەت قىلمايمەن،دوسلارغا پايدىسى تەگسىلار مەن رازى.
تېخنىكىلىق بىلىملەرنى تەرجىمە قىلىشقا كەلسەك ،خەنزۇچە سەۋىيىسى يىتىدىغان دوسلارنىڭ يېڭى تېخنىكىلىق بىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ كۆرىشىنى قوللايمىز ۋە ئۈمۈت قىلىمىز.

Rank: 2

توردا
80 سائەت
شۆھرەت
56
پۇل
47
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-26
تىزىملاتقان
2008-5-20
نادىر
1
جۇغلانما
56
يازما
189
يوللىغان ۋاقتى 2008-7-21 23:14:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماكان ئەپەندىگە چىن دىلىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن. ماكان ئەپەندى بىز ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلدى ھەم داۋاملىق قىلىۋاتىدۇ. ماكان ئەپەندىنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن..
ھەممەيلەن قول تۇتۇشۇپ ئۆز-ئارا ياردەمدە بۇلايلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2009 سائەت
شۆھرەت
2260
پۇل
2958
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2260
يازما
2621

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-7 10:37:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىملەر 15150 ئىدى،ئۇ تور بەت ئىتىلىپ قىلىپ رەسىملەر يوقاپ كەتكەن ئىدى ساماجان رەسىملەرنى ساقلىۋاپتىكەن،شۇنى قايتىدىن تەھرىرلەپ تۈزۈتۈپ قويۇپتۇ،رەسىملەر ھازىر نورمال

Rank: 1

توردا
53 سائەت
شۆھرەت
22
پۇل
153
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-4
تىزىملاتقان
2009-5-6
نادىر
0
جۇغلانما
22
يازما
128
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-14 21:22:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە، مەنمۇ بىر كۈنى مۇشۇ تور بېكەتتە ئۆگەنگەن بىلىملىرىم ئارقىلىق ياخشى مۇزىكا ئىشلەش ئۈچۈن تىرىشىمەن

Rank: 2

توردا
164 سائەت
شۆھرەت
115
پۇل
415
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2008-10-28
نادىر
0
جۇغلانما
115
يازما
164
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-2 17:22:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇرۇن بۇ تېمىلاغا ئانچە قىزىقماپتىكەنمەن،ھازىر قارىسام خېلى پايدىلىق تېما ئىكەنلىگىنى بىلۋالدىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-8 03:51 , Processed in 0.577752 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش