[1] ئاۋاز چاستوتلىرىنى ئاددىي تەھرىرلەش ۋە چىقىرىش
1-Nuendo نى قوزغاتساق ئىچى قۇپ قۇرۇق بولىدۇ.(File-New Project(Ctrl+N نى بسىپ يېڭى بىر تۈر قۇرىمىز،Empty نى بىسىپ ،ۋاقىتلىق ھۆججەتنى بىكىتىمىز,ok.

2-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ،مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى بىسىپ ئاۋاز چاستوتىلىق يولدىن بىرنى قۇرىمىز،Mono دىگىنىمىز تاق يوللۇق ئاۋاز يولى،Stereo دىگىنىمىز سىتىرولۇق ئاۋاز يولى.

3-تىزىملىكتىن File-Import-Audio File نى بىسىپ ئاۋاز چاستوتىسى ھۆججىتىنى كۆرىمىز ۋە لازىملىق شۇنداقلا ئىشلەتمەكچى بولغان ئاۋاز چوستوتىسى ھۆججىتىنى تاللىۋالىمىز.تاللاپ OPEN نى بىسىپ چىقىرۋالىمىز(打开نى باسىمىز).ئاۋاز چاستوتىلىق ھۆججەت ئىكران يۈىدە كۆرىنىدۇ،خۇددى رەسىمدىكىدەك ،سىز رەسىمدە كۆرسىتىلگەن (سېرىق ۋە بىنەپشىرڭ بىلەن ۆكرسىتىلگەن تاياقچىلار) تاياقچىلارنى تەڭشەپ چوڭ - كىچىك قىلىپ تەڭشەيسىز.

4-ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ ئاۋازىنىڭ چوڭ كىچىكلىگىنى ۋە ئاۋاز تەسۋىرىنى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن تاياقچا ئارقىلىق تەڭشىيەلەيمىز،ۋە سانلىق قىممەت بېرىپ ئۆزگەرتەلەيمىز.

1-مەشغۇلات:ئاۋاز چاستوتىسىنى تېز سۆرەتتە كۈچەيىتىش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇش
1-ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ ئىچىدىكى،قىزىل گىرۋەكلىك ،سول تەرىپىدىكى كۆك ئۈچ بۇرجەكنى بىسىڭ.

2-ئۇ كۆك ئۈچ بۇرجەكنى تاللاپ ئۇنى ئوڭغا سۈرۈڭ،مانا ئەمدى ئاۋاز ئاجىزلاشتى،يەنى باشلانغاندا ئاۋاز بوشلۇقتىن كۈچىيىپ بارىدۇ،(ئىلىكتىرونلۇق رىيالنىڭ FADE كونۇپكىسىنىڭ ئىقتىدارىغا ئوخشاش)

3-ئاۋاز بوشايغان تەرەپكە مائۇسنى ئىكىلىپ قوش چىكىڭ،چىققان كۆزىنەكتىن بۇ ئاۋاز چاستوتا قىسىمىغا تەپسىلى ،شۇنداقلا ئىنچىكە تەھرىرلەش ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ.

2- مەشغۇلات:ئاۋاز چاستوتىسىنى تېز سۆرەتتە ئورالما سىزىق بىلەن كۆنتىرول قىلىش(包络线)(ئورالما سىزىقنى قىسقىچە :ئاۋاز سىگىنالىنىڭ ھەر قايسى يۇقۇرى نوقتىلىرىنى بىرلەشتۇرۇش ئارقىلىق ھاسىل بولغان سىزىقلار دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ)1-ئاۋاز چاستوتىسى يولىدىكى + بەلگىنى بىسىپ ئورالما سىقىلىق كونتىرول قىلىش كۆزىنىگىنى ئىچىۋالىمىز(رەسىمگە قاراڭ،ئورالما سىزىق دىگەن گەپ ئەمدى چۈشۈنۈشلۈك بولغاندۇ).

2-ئاۋاز چاستوتىسى يولىدىكى [R] نى بىسىپ يىشىل رەڭگە ئۆزگەرتىڭ،ئوڭ تەرەپتىكى ئورالما سىزىقلىق يولدىن ئۇلاق نوقتىلارنى تاللاڭ،ۋە ئاۋاز مىقدارىنى خالىغانچە تەھرىرلەڭ.

3-ئەمدى ئاۋازنى قويۇپ باقساق ،ئاۋز مىقدارىنىڭ ئورالما سىزىقنىڭ باشلىنىش نوقتىدىن باشلاپ ئۆزگىرەيدۇ،ئەگەر F3 كونۇپكىسىنى باسساق،ئاۋاز تەڭشەش سۇپىسى كۆرىنىدۇ،قارىساق تەڭشىگۈچلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مىدىرايدۇ،بۇ ئاپتۇماتىك ئاۋاز تەھرىرلەش،يەنى ئاپتۇماتىك ئاۋاز ئارلاشتۇرۇش بولىدۇ(混音).

4-سىز كونتىرول تاختىدىكى [W] نى بىسىپ ئۇنى قىزىل ھالەتكە كەلتۈرۈپ ،ئاندىن ئاۋازنى قويۇڭ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاۋاز تەڭشەش سۇپىسىنى تەڭشەڭ،بۇچاغدا بىز بىز تەڭشەپ ئۆتكەن ئاۋزلارنىڭ ئورالما سىزىقلىرىنىڭ ئۆزلىگىدىن ئاپتۇماتىك بۇ ئىزلارنى خاتىرلەپماڭغانلىغىنى كۆرىمىز.

3-مەشغۇلات ئاۋاز چاستوتىلىرىنىڭ سۆرىتىنى مۇقىم ئۆزگەرتىش
1-كۆرۈنمە يۈزنىڭ ئۈستىدىكى ئىستىرىلكا كونۇپكىسىنى بىسىپ ،ئۇنىڭ ئىچىدىن ئاستىنقى قىسمىدىكى 3-تاللاشنى تاللايمىز يەنى ۋاقىت ئۆزگەرتىش ئىقتىدار كونۇپكىسى.

2-ئاۋاز چاستوتىسى بۆلىگىنى تاللايمىز،ئاندىن مائۇسئارقىلىق بىۋاستە بۇ بۆلەكنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى قىزىل سىزىقنى ئوڭغا ياكى سولغا سۈرۈپ بۇ ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ سۆرىتىنى تېز-ئاستا قىلىپ تەڭشەيمىز.

4-مەشغۇلات تېز سۆرەتتە ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ ئاۋاز تونىنى ئۆزگەرتىش
1-ئاۋاز چاستوتىسى بۆلىگىنى تاللايمىز،ئۈستىدىكى ئۇزۇن تاياقچىنىڭ ئىچىدىن Transpose نىڭ ئۈستىگە مائۇسىنى چىكىپ ئۆزىمىز ئكزگەرتمەكچى بولغان ئاۋاز تونىنىڭ ئىگىز 0پەسلىگىنى كىرگۈزسەك ياكى كومپىيۇتىر كونۇپكا تاختىسىنىڭ كىچىك كونۇپكىسىدىكى ئاستى -ئۈستى ئىستىرىلكىنى بىسىش ئارقىلىقمۇ ئاۋازنىڭ تونىنى ئۆزگەرتەلەيسىز.Finetune بولسا ئىنچىكە تەڭشەش بولۇپ ، ئۇدارنىڭ تونىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەڭشەيدۇ.

2-ئەگەر سىزدە ئۇنداق كۆزىنەك يوق بولسا تاكى تاپالمىسىڭىز تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆزىنەكنى باسسىڭىز چىقىدۇ.

5-مەشغۇلات:ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ تونىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەڭشەش(ئاۋاز تونى ئۆزگىرەيدۇ لىكىن ئاۋزنىڭ سۆرىتى ئۆزگەرمەيدۇ)
1-ئاۋاز چاستوتىسى بۆلىكىنى تاللىۋالىمىز،تىزىملىكتىن Audio-Process-Pitch Shift نى باسىمىز.

2-رىيالنىڭ ئۈستىدىكى(رەسىمدىكى) تىللارنى بىسىپ ئۆزىمىز ئىرىشمەكچى بولغان رىيال تىلىنى تاللىۋالىمىز،تىپ تۈرىدىن MPEX,Preview نى بىسىپ ئاڭلاپ باقىمىز(رەسىمدىكىدەك)

6-مەشغۇلات:توغرا ئۇسۇلدا پۈتكەن مەشغۇلاتلىرىمىزنى تاماملاش(يەنە چىقىرىش)
1-ئاۋاز چاستوتىسى بۆلىكىنى تاللىۋىمىز،كومپىيۇتىر كونۇپكا تاختىسى يۈزىدىكى P ھەرىپنى بېسىپ ,رەسىمدىكىدەك ئۈستىدىكى بۇ تاياقچىنىڭ رەڭگىنى سۇس كۆك رەڭ ھالىتىگە ئېكىرىمىز،يەنە بىر ئۇسۇل ،سىز بۇ ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ ئۈستىدىكى ئاق رەڭلىك ئۈچ بۇرجەكنى ئوڭغا سۈرۈش ئارقىلىقمۇ تاللىيالايسىز(رەسىمدىكى قىزىل كاتەكچىنىڭ ئىچىدىكىدەك)ھەرگىز قىزىل رەڭلىكنى سۈرۈپ سالماڭ ،ئۇ چاغدا چاتاق چىقىدۇ

2-تىزىملىكتىن File-Export-Audio Mixdown نى بىسىپ چىقارماقچى بولغان ئاۋاز چاستوتىسى ھۆججىتىمىزنىڭ ئورىنى،شەكىلى(格式)،كود نىسبىتىنى تاللىۋالىمىز.

Channels-----يول ،يەنى قانال
Stereo Interleaved------ئىستىرولۇق ئاۋاز
Resolution------بىت نىسبىتى (ئىنىقلىق دەرىجىسى)
16Bit دىگىنىمىز CD نىڭ ئۆلچىمى
Sample Rate-----ئەۋرىشكە ،يەنى ئۈلگە ئىلىش قىممىتى
44.1kHz بولسا CD نىڭ ئۆلچىمى
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ
ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى |