- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-10
- توردا
- 167 سائەت
- شۆھرەت
- 69
- پۇل
- 464
- تىزىملاتقان
- 2011-2-13
- ھوقۇقى
- 100
- يازما
- 187
- نادىر
- 5
- جۇغلانما
- 69
- UID
- 1441
  
- توردا
- 167 سائەت
- شۆھرەت
- 69
- پۇل
- 464
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-10
- تىزىملاتقان
- 2011-2-13
- نادىر
- 5
- جۇغلانما
- 69
- يازما
- 187
|
ئۇزۇن كېچە ئۇيقا كەلمەس كۆزلىرىمگە،
مەن زادى كىم،سوئاللار كۆپ ئۆز-ئۆزۈمگە.
ئۇنچە دۆتمۇ ئەمەستىمغۇ،ۋاي بىلمىدىم،
ئەقىللىق دەپ سۆيگەن ئاتام يۈزلىرىمگە.
ياقتۇرمايتتىم ياتلارنى مەن كىچىگىمدىن،
قېرىندىشىم،بۇرادىرىم ئېسىل بولغاچ.
ئېتەكتىكى ۋاقتىمدىلا سىڭىپ كەتكەن،
يات خەق دائىم ئالۋاستىغا مىسال بولغاچ.
نىمە بولدۇم،قېرىنداشسىز ياقا يۇرتتا،
نە ئۇتۇق ۋە نە نەتىجە،يىراق مەندىن.
نە سەۋەب ھەم ھاسىل بولغاي ئارمانلىرىم،
تۈگەر ياشلىق،كۈچ-مادارمۇ كېتەر تەندىن.
ئامانلىقنى تىلەر ئىدۇق نامازلاردا،
ھالا بۈگۈن تىلەك قىلدىم ئاسانلىقنى.
ھېسسىياتىم مانا شۇنداق قالايمىقان،
ھېچكىمگە ھەم ئويلىماسمەن يامانلىقنى.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،دوستلار!
تۇنجى تىما يوللىشىم،قىممەتلىك پىكرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر! |
|