- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-5
- توردا
- 2006 سائەت
- شۆھرەت
- 2234
- پۇل
- 2924
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 2619
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2234
- UID
- 1
  
- توردا
- 2006 سائەت
- شۆھرەت
- 2234
- پۇل
- 2924
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-5
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2234
- يازما
- 2619
|

Guitar rig دىتالى NI شېركىتى ياسىغان ،ھەقىقىي ئۈنۈملىگۈچ قۇرۇلمىسىغا تەقلىت قىلىپ ئىشلىگەن ئۈنۈملىگۈچ.ئۇ ئاۋاز ئېلىش ئۆيىدىكى ھەقىقىي زاپچاسلارغا تەقلىد قىلىنغان بولۇپ راسلىق دەرىجىسى يۇقۇرى.
Guitar rig ئىككى خىل خىزمەت شەكلى بار، ئۇنى بىۋاستە قوزغۇتۇپ گىتتار چالسىڭىز بولىدۇ، شۇنداقلا Audio Units、VST、RTAS、DXi قىستۇرما دىتال سۈپىتىدە ھەر خىل مۇزىكىلارغا ئۈنۈم بېرىپ ئىشلىتىسىز.
ھازىرقى يېڭى نەشىرى :4.0.7
ئادىرىسى: http://www.verycd.com/search/folders/guitar+rig+4
تۆۋەندە بىز NUENDO نى مىسال قىلىپ سۆزلەيمىز.
NUENDO نى ئىچىپ ،ئاۋاز يولىدىن بىرنى قۇرىمىز ،guitar rig بىر قىستۇرما ئۈنۈملىگۈچ شەكلىدە ئېكىرىمىز.
تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ كۆرۈنمە يۈزى بولۇپ جەمئى 4 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان:

1- قۇرۇلما كۆزنىگى : بۇ ئاۋاز ئېلىش ئۆيىدىكى ھەقىقىي زاپچاسلارنىڭ قۇرۇلما كۆرۈنىشىگە تەقلىت قىلىپ ياسالغان،.دىستورسىيە ،تەڭپۇڭلۇق،نورماللاشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى مۇش يەردە ئېكىرگىلى بولىدۇ.تەكىتلەشكە كېرەكلىگى : ئاۋاز ساندۇغى ۋە مېكرافونلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشىنى ئابىستىراكىتلاشتۇرۇپ بىر <ئۈنۈملىگۈچ> قىلىپ شەكىللەندۈرۈپ ،مۇشۇ كۆزۈنەككە ئورۇنلاشتۇرغان.
2-ئۈنۈمنى ئوقۇش ۋە ساقلاش كۆزنىگى:ئىسمىغا قارىساقلا بىلىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئاۋاز تۈسلىرىنى ۋە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاۋاز تۈسلىرىنى مۇشۇ يەردە ساقلىساق بولىدۇ.
3-رىتىم ئۇرغۇچ،ئاۋاز تۈزىگۈچ،ئاۋاز ئالغىچلارنىڭ مۇشىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.ئۇنىڭ ئۈستىدىكىسى input ۋە output نىڭ توك بىسىمىنى تەڭشىگۈچ،بۇ ئىنتايىن مۇھىم نەرسە.
رىتىم ئۇرغۇچ(节拍器): ھەر خىل سۆرەتتە مۇقىم رىتىم بىلەن ئۇدار ئۇرىدىغان مىخانىكىلىق شۇنداقلا ئېلىكتىرونلۇق ئەسۋاب،1696 - يىلى پارىژلىق كىشى تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان. تاكىت ئۇرۇش دائىرىسى ھەر مىنوتىغا : 40~210.
ئاۋاز تۈزىگۈچ(校音器): ئېنگىلىسچىسى :pitch-carrying instrument بولۇپ ئاۋاز يۇقۇرلىغىنى تەڭشەيدىغان شۇنداقلا ئاۋاز يۇقۇرلىغىنى ئۆلچەملەشتۈرىدىغان قۇرال.
4-تەڭشەش شەكلىگە ئىشلىتىدىغان 3 كونۇپكا ئايرىم-ئايرىم ھالدا:<ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۈنۈم>،<قۇرۇلمىلىق ئۈنۈملىگۈچنى ئېكىرىش>ۋە <سېستىما ئورۇنلاشتۇرلىشى>.
ئەمدى بىز بىر ئاۋاز تۈسىنى مىسال قىلىلى،ئالدى بىلەن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاۋاز ساندۇغى ۋە مېكرافوننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغان<ئۈنۈملىگۈچ>ىنى تاقىۋىتەيلى.

يۇقۇردىكى رەسىمدىكىدەك بۇ ئۈنۈملىگۈچنىڭ نى بىسىپ تاقىۋىتىلى.تاقىۋەتسەك تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك قۇپ قۇرۇق قۇرۇلمىغا ئىگە بولىمىز.

تۆۋەندە بىز بۇ قۇرۇق قۇرۇلمىغا يېڭىدىن بىر ئۈنۈملىگۈچ قويىلى،دەسلىۋىدە بىز ئۆلچەملىك دىستورسىيە ئاۋاز تۈسىدىن بىرنى ياسايلى.
دىستورسىيە(失真 ،ئېنگىلىسچە:distortion ):قەستەن ئەمەس ،بەلكى خالىمىغان ئاۋازنىڭ پەيدا بولۇپ قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ،مۇزىكىدا بۇنى بىز يۇمشاق دىتاللار ئارقىلىق قەستەن ياسايمىز،مەسىلەن مەن قاپاق گىتتارنى چىلىپ بولۇپ ئۈنۈملىگۈچ ئارقىلىق بۇنىڭ ئاۋازىنى ئۆزگەرتىۋىتىمەن،يەنى ھەر خىل گىتتار ئۈنۈملىرىگە ئېرىشىمەن.
دىستورسىيەنى شاۋقۇن ئۈنۈملىگۈچ دەپمۇ قويىدۇ،گىتتىرىڭىزنىڭ ئاۋازىنى شاۋقۇنلۇق چىقىرىدۇ،شۇنداقلا ئۈنى پۈتۈپ قالغاندەك غەيرى ئاۋازلارنى چىقىرىدۇ.توك گىتتارلار دىستورسىيە ئۈنۈملىگۈچى ئارقىلىق يۇمشاق غاژ-غۇژ ئاۋاز چىقىرىدۇ،شۇنداقلا ئاۋازنىڭ سوزىلىشى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ.

<قۇرۇلمىلىق ئۈنۈملىگۈچ ئېكىرىش> كونۇپكىسىنى باسساق تۆۋەندىكىدەك كونۇپكىلار كۆرۈنىدۇ:
Amps---ئاۋاز ساندۇغى
Distort---دىستورسىيە
Mod---فورمات
Filter---سۈزگۈچ
Volume---ئاۋاز مىقدارى
Other---باشقىلار(ئاۋاز قايتىش ۋە ئەسكىس سادا دىگەندەك)
بىز ئالدى بىلەن بىر دىستورسىيەنى ئاچىلى. Distort نى باسساق تۆۋەندىكىدەك 3 ئۈنۈملىگۈچ كۆرۈنىدۇ.
سېرىغى:دىستورسىيە ئۈنۈملىگۈچ
يىشىلى: نورماللاشتۇرغۇچ( SKREAMER ،过载器 دەپ يېزىلغىنى شۇ لىكىن بۇ SKREAMER دىگەن خەت لوغەتتىمۇ يوقكەن خەنچە 过载器 دىيىلىپتۇ ) .
نورماللاشتۇرغۇچ (过载器 ،ئېنگىلىسچە تەرجىمىسى:Over Drive) :مۇۋاپىق ھالدا ئاۋازنى بۇزۇش(دىستورسىيە) ئارقىلىق سازنىڭ ئاۋازىنى دىستورسىيە ھالىتىگە ئەكىلىدىغان ئۈنۈملىگۈچ بولۇپ ،بۇ ئارقىلىق يېقىملىق مىتال تۈسىدىكى جۇشقۇن ئاۋاز ئۈنۈمى ھاسىل قىلىدۇ،بۇنىڭ چاستوتىلارنى ئۆزگەرتىش ۋە چوڭايتىش رولى بار،ئۇنىڭ دىستورسىيە ئۈنۈملىگۈچتىن پەرىقى : دىستورسىيەلەنمىگەن(دىستورسىيە دەك كۈچلۈك شاۋقۇن ئاۋاز چىقارمايدۇ) ئاۋازنى بىزگە كۈچلەندۈرۈپ ، ئاۋازنى يىيىپ،ئەكىس سادانى كۈچۈيتىپ ئاۋاز تۈسى يارىتىپ بېرىدۇ، بۇ نورماللاشتۇرغۇچ بىلەن دىستورسىيەلىگۈچنى بىللە ئىشلەتسەك خىلى پىچەت ئاۋاز چىقىدۇ،ئاۋاز يىيىلىپ چىقىدۇ،بۇ پېقىر ماكاننىڭ كۆز قارىشى شۇنداقلا بۇرۇن سىناپ باققان،بۇنىڭ يېڭى نەشىرىنى چۈرۈشگەندىن كىيىن،يەنە ئورتاقلىشايلى.
قىزىلى :يۇقۇرى چاستوتا قوزغاتقۇچ.
چاستوتا قوزغاتقۇچ: چاستوتا قوزغاتقۇچ دىگىنىمىز گارمۇنسىمان دولقۇن ھاسىل قىلغۇچ .ئاۋازغا نىسبەتەن بىزەش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە ئەسۋاب.گارمۇنسىمان دولقۇن ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئاۋاز تۈسىنى ياڭراق ۋە بوشلۇق تۇيغىسى بېرىدۇ،ئىنتايىن ئىسىل ئەسۋاب.

بىز ھەر-بىر ئۈنۈملىگۈچنى تاللىغىنىمزدا ئاستىدا ئېنگىلىسچە چۈشەندۈرلىشى كۆرۈنىدۇ(ئېنگىلىسچە سەۋىيىڭىز بولسا كۆرۈپ باقسىڭىز تېخى ياخشى)،يەنە بىر مەخپىيەتلىكنى دەپ ئۆتەي:Guitar rig نىڭ ھەر بىر ئۈنۈملىگۈچلىرى ھەقىقىي زاپچاسلارغا تەقلىت قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ،شەكلى،ئاۋاز تۈسى ۋە چۈشەندۈرلىدىن تارتىپ ھەممىسى ئوخشاش،لىكىن نەشىر ھوقوقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۈنۈملىگۈچلىرىنىڭ ئىسمىنىلا ئۆزگەرتىپ قويغان،ئەمىلىيەتتە ھەقىقىي ئۈنۈملىگۈچلەر بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش.
بىز بىر ئۈنۈملىگۈچنى تاللىساق ،ئۇنى قۇرۇلمىنىڭ ئىچىگە ئېكىرىش ئۈچۈن شۇ ئۈنۈملىگۈچنى مائۇسنىڭ سول كونۇپكىسى بىلەن بىسىپ تۇرۇپ ئوڭ تەرەپتىكى قۇرۇلمىنىڭ ئىچىگە سۆرەپ كىرسەكلا بولىدۇ.

بىز تۆۋەندىكى دىستورسىيەنى كۆرۈپ باقىلى :

سول ئۈستى تەرەپتىكى كونۇپكا bypass (يانداش ئۇلاش دىگەن مەنىدە) كونۇپكىسى ،ئاستىغىراق قارىساق ،ئوڭ تەرپىدىكى سېرىلما شەكىللىك تاللاش كۆزىنىگى بار،ئىچىگە قارىساق ھەممە ئاۋاز تۈسلىرى بولۇپلا قالماستىن ئۆزىمىز ساقلىۋالغان ئاۋاز تۈسلىرىمۇ كۆرۈنىدۇ. بۇلارنى تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن save نى بىسىپ ساقلىۋالساق بولىدۇ.بۇنىنىڭ باشقا دىستورسىيە ئۈنۈملىگۈچلەرگە ئوخشاش 3 بۇرۇغۇچى بولىدۇ، <+> ۋە <_> نى باسساق يەنە بەزى بۇرۇغۇچلار چىقىدۇ.

بۇ 3 ئاساسى بۇرۇغۇچتىن سىرىت يەنە 3 باسقۇچلۇق EQ تەڭشىگۈچى بار.Guitar rig نىڭ ھەممە ئۈنۈملىگۈچلىرىنىڭ مۇشۇنداق <+> ۋە <_> كونۇپكىلىرى بار،شۇلارنى باسساق بەزى ئىقتىدارلىرى ئېچىلىدۇ.
دىستورسىيەنى تەڭشەپ بولۇپ بۇنىڭغا EQ قوشىلى ،ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن Filter نى تاللايلى،بۇ چاغدا 3 EQ بارلىغىنى بايقايمىز.بىز خالىغان بىرنى تاللايلى.

دىستورسىيەنى قاچىلاش ئۇسۇلى بويىچە بىز EQ نى سۆرەپ قۇرۇلمىنىڭ ئىچىگە ئېكىرىمىز.ئۇنىڭ ئورنىنى ئۈستىگە قويامدۇق،ئاستىغا قويامدۇق،مائۇس بىلەن سۆرەپ يۆتكىسەكلا بولىدۇ.EQ نى كۈزەتسەك ئۇنىڭمۇ كېڭەيتىش(+ نى باسساق كېڭىيىدۇ) كونۇپكىسى بارلىغىنى بايقايمىز.

بۇنى باسساق كېڭەيگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئالدىنقى ئۈنۈملىگۈچتەك بۇرۇغۇچ بولماستىن بىر ئېكران ھاسىل بولغانلىغىنى كۆرىمىز.
قالغان ئىككى EQ دىن سىرىت Filter نىڭ ئىچىدە ۋاۋ~ۋاۋ ئۈنمدىكى ئىككى ئۈنۈملىگۈچ بارلىغىنى بايقايمىز.

ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەقىقىي گىتتار ئۈنۈملىگۈچلىرى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش،بۇ يەردە تەپسىلى توختالمايمىز،بۇنى EQ بىلەن بىللە ئىشلەتكىنىمىزدە دولقۇن سۈزۈشنىڭ نىمىلىگىنى ھىس قىلىمىز.
تۆۋەندە بىز ئاۋاز ساندۇغى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆرۈلى،بەلكىم بەزى دوسلار بۇ باسقۇچىنى قىلمايلا گىتتارىنى ئۇلاپلا سىناپ بېقىشى مۇمكىن،بۇنى قىلمىسىڭىز ئاۋاز يېقىمسىز ئاڭلىنىدۇ.Guitar rig نىڭ ئاۋاز ساندۇغى قۇرۇلمىسا ئىنتايىن نوچى بولۇپ ئۇنىڭدا ئاۋاز ساندۇغىنى قوشۇپلا قالماستىن ئاۋاز ساندۇغىنىڭ ئەتراپىدىكى مېكرافونلارنىڭ ئورنىنىمۇ ئورۇنلاشتۇرالايسىز.
Amps نى باسساق 5 خىل ئاۋاز ساندۇغى شەكلىنى كۆرىمىز،بىز بىرسىنى ئېكىرىپ باقىلى:

بىز بىر ئاۋاز ساندۇغىنىڭ كونتىرول يۈزى ۋە بىلگىلى بولمايدىغان كۆرۈنمە يۈزنى كۆرىمىز.

بۇ ئاۋاز ساندۇغىنىڭ كونتىرول يۈزىدە 4 خىل ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلى بار.ئايرىم ھالدا ئوخشاش بولمىغان ئاۋاز ساندۇغىنىڭ كونتىرول يۈزىنىڭ دىستورسىيەسىگە ماس كىلىدۇ،تۆۋەندىكى بۇرۇغۇچ EQ ۋە ئاۋاز مىقدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش تەڭشىگى.بىز <+> نى بىسىپ بۇنى بۇنىڭ باشقا تەڭشەكلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشىنى كۆرۈپ باقىلى.

بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى power supply تاللاش تۈرى،ئۇ ئوخشاش بولمىغا توك مەنبەلىرىدىن كىرگەن توك بىسىملىرى چىقارغان شاۋقۇن ئاۋازلارنى يوقىتىۋىتەلەيدۇ.ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ توك بىسىمىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا قاراپ ئىككى خىل تاللا بېرىلگەن.
تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن بىز ئۇنىڭ ئاستىدىكى بۇ ئۈنۈملىگۈچنىڭ نىمە رولى بارلىغى بىلەن تونۇشۇپ كۆرىلى.

بۇ نىمە نەرسە؟ قارىماققا ئاۋاز ساندۇغى ۋە مېكرافون بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك قىلامدۇ نىمە؟ توغرا~~~!ئالدىنقى رەسىملەردىكىسى(قارا رەسىم ئىسىڭىزدىدۇ) ئاۋاز ساندۇغىنىڭ كونتىرول يۈزى،بۇ بولسا ئاۋاز ساندۇغىنىڭ ياڭراتقۇ يۈزى.
بۇ يەردە بىز 14 خىل ئاۋاز ساندۇغىنى تاللىيالايمىز،ئاۋاز ياڭراتقۇلىرىنىڭ يېنىدىكى ئاستى-ئۈستى ئىستىرىلكىلارنى بىسپ تاللىيالايمىز.ئاۋاز ياڭراتقۇلارنىڭ ئاستىدىكى سۈرۈلمە كونۇپكىنى ئوڭ-سولغا سۈرۈپ ئاۋاز ياڭراتقۇنىڭ چوڭ كىچىكلىگىنى تاڭشىيەلەيمىز،چوڭ-كىچىكلىگى ئوخشىمىسا ئاۋازنىڭ چىقىشىمۇ ئوخشىمايدۇ.
ئوتتۇرىدىكى مېكرافون ۋە ئاۋاز ساندۇغۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشىنىڭ تاللاش تۈرلىرىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئۈنگە ئېلىش ئۆيىدە ئۈنگە ئېلىش جەريانىدا ئاۋاز ساندۇغى بىلەن مېكرافونلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى گىرادۇسقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.ئوخشىمىغان ئورۇن ۋە ئوخشىمىغان ئارلىقتا ئۈنگە ئېلىنغان ئاۋازلار ئوخشاش بولمايدۇ.تۇراقلىق بىر نەچچە خىل ئۇسۇلى بولىدۇ: يىراق،يېقىن،يانتۇ،ناھىيىتى يانتۇ(قىيسىق)ۋەئارقا تەرەپ قىلىپ قويۇش.

ئوڭ تەرەپتىكى مېكرافونلارنىڭ يىپىغا قاراپ باقىلى،بىز 5 خىل مېكرافوننى تاللىيالايمىز.بۇ مېكرافونلار دۇنيادىكى ئەڭ ئىسىل مېكرافونلار.قانداق ئۈنۈمى بار ؟ بۇنى بىز ئەمىلىي ئىشلەتسەك بىلىمىز.

بىز ئەمدى ئەڭ ئوڭ تەرەپتىكى 5 دانە كونۇپكا ئۈستىدە توختىلىلى، ئۇلار: ئاۋاز مىقدارى،ئاۋاز پارامىتىرى، تۆۋەن چاستوتا،يۇقۇرى چاستوتا،بوشلۇق تۇيغۇسى.
ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى كونۇپكىسىنى كۆردۈڭىزمۇ؟ بۇ قوشۇش دىگەن سۆز بولۇپ ،بىز ساناقسىز ئاۋاز ساندۇغى ۋە ساناقسىز مېكرافون قوشالايمىز،ئاخىرىدا بۇ سېگىناللارنى بىرلەشتۇرىمىز:

ئىككىدىن ئارتۇق ئاۋاز ساندۇغىنى قوشقىنىمىزدا ،ھەر بىر ئاۋاز ساندۇغىنىڭ ئۈستىدە بىردىن <فازا> كونۇپكىسى قوشۇلىدۇ.بىز بۇ كونۇپكا ئارقىلىق بۇ ئاۋاز ساندۇنىڭ فازىسىنى باشقا ئاۋاز ساندۇقلىرىدىن پەرىقلىق تەڭشىيەلەيمىز. مېكرافوننىڭ ئاستىدىكى بولسا فازىنىڭ تەتۈرى يەنى ئاغدۇرۇلغىنى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.
فازا : (相位)
بىت تۆۋەندىكىدەك ئاۋاز تۈسىگە ئىگە بولدۇق دەيلى:

يەنە بەزى ئۈنۈملەرنى قوشماقچى بولساق، يانداش ئۈنۈم قوشۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىمىز.

بۇ يەردە تىتىرەڭگۈ ئاۋاز،فازا،خور ئاۋاز\جىيەك(قىر) ۋە خور قاتارلىق نۇرغۇن ئۈنۈملەر بار.
بۇ ئۈنۈملىگۈچلەرنىڭ نۇرغۇن تەڭشەكلىرى بار،بۇنى بۇ يەردە تەپسىلى دىمەيلى،دوسلار ئۆزى ئىشلىتىش جەريانىدا سىناپ باقسا بولىدۇ.
بۇ يەردە بىز <ۋاۋ~~ۋاۋ> تۈسىدىكى ئۈنۈمنى ياسىغان بولساق،بۇنى بىرىكتۈرمە چالغۇلاردا چىقىدىغاندەك قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟ بۇ چوڭ ئىش ئەمەس ،بىز Guitar rig نىڭ ئىچىدىكى تەپكە بىلەن بۇنى قىلالايمىز(خۇددى كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ تەپكىسىدەكلا تەپكە،بۇ يەردە كىيىم تىكىشكە بولمايدۇ ھە~~~ ).
سىز ئالدى بىلەن كونتىرول قىلماقچى بولسان كۇنۇپكىنى بىسىپ تۇرۇپ مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى باسىسىز، شۇنۇڭ ئىچىدىن تەپكۈنىڭ تۈرىنى تاللايسىز.

بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانسا ئاپتۇماتىك تەپكە بىسىپ بېرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ۋاۋ~ۋۇۋ دەك ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايمىز،شۇنداقلا چالغان گىتتىرىمىزنىڭ ئۈنۈمى شۇندا چىقىدۇ.
دەرىس مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن دوسلار ئۆزى Guitar rig نى تەتقىق قىلىپ باقسۇن،مەسىلىلەر بولسا بىرلىكتە مۇنازىرىلىشىلى،بۇ Guitar rig ھازىرقى زامان كومپىيوتۇر مۇزىكىسى ئىشلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان يۇمشاق دىتاللارنىڭ بىرى بوپ قالدى،نەچچە تۆمەن پۇلىڭىزنى مۇشۇ دىتال ئارقىلىق تىجەپ قالىسىز.قىنى سىزمۇ سىناپ بېقىڭ.
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ
ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى |
|