ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 418 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 573|ئىنكاس: 5

قۇمۇل خەلق ناخشىسى «سارىخان» ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2014 سائەت
شۆھرەت
2266
پۇل
2970
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-8
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2266
يازما
2623

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 11:14:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاپتورى:سەمەت ئەسرا تۇرا


مەنبە:مىراس ژورنىلى 2010-يىل 5-سان



رىۋايەت قىلنىشىچە،سارىخان قۇمۇل شەھرى تاشۋالىق يېزىسىنىڭ يالغۇز تۇيۇن  دېگەن يېرىدە  تۇغلۇپ ئۆسكەن  چىرايلىق ،ئىشچان قىز بولۇپ ،ئۇنىڭ چىن كۆڭلىدىن سۆيگەن  شىر يۈرەك ،مەرگەن يىگىتى  بار ئىكەن. ئۇلار ئىككىسى  يالغۇز تويۇن ئەيراپىدىكى ئالتۇن بۇلاق تۈچىدە  دائىم ئۇچۇرشىپ تۇردىكەن. يىگىتنىڭ ئىسمى شادى بولۇپ ،كىشلەر ئۇنى  شادى پالۋان دەپ ئاتايدىكەن . بۇ يىگىت ئوۋغا ھېرىسمەن ئىكەن . كۈنلەرنىڭ بىرىدە  سارىخان بىلەن شادى پالۋاننىڭ  تويى بېكىتىلىپ ،بۇ بەخىتلىك كۈنلەرنى  قۇتلۇقلاشقا ئاز قالغاندا،سارىخان بۇ يۇرۇتتىن  تۇيۇقسىز غايىپ بوپتۇ. شادى پالۋان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ  بېشىدېن بىر چېلەك مۇزدەك سۇ قۇيغاندەك گاڭگىراپ قاپتۇ. ئۇ ئەس-ھوشىنى يىغىپ  ھەممە جاينى ئىزدەپمۇ  سارىخاننى ئىزدەپمۇ تاپالماپتۇ. ئۇلارنىڭ ۋەدىسى چىڭ بولغانلىقتىن  يىگىت ئۈمۇدىنى ئۈزمەي  ئۇدا بىر قانچە يىل ئىزدەپتۇ. لېكىن قىزنىڭ ھېچقانداق دېرىكى بولماپتۇ . شۇنداقتىمۇ شادى پالۋان  يەنىلا ئەقىدىسىنى  يوقاتماي يۈرۈپتۇ. ئۇ سارىخاننى بىر كۈنى  ئۆزىنىڭ ئالدىدا  ۋىلىققىدە كۈلۈپ  پەيدا بولدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن، ئۇ سارىخاننىڭ  ئىشقىدا كۆيۈپ -پىشىپ  ھىچ ئىشقا قولى بارمايدىكەن. ئۇ بۇ ئازاب- ئوقۇبەتلەرنى  ئۇنتۇپ  كېتىش ئۈچۈن تاغلار ئارىسىغا كىرىپ ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپتۇ. ئۇ شىمالغا قاراپ قاتمۇ-قات تاغلاردىن ئېشىپ بۇغا، جەرەن قاتارلىق  ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ  بىر جىلغىدىكى ئورمانلىققا كېلىپ قاپتۇ. ئۇ جىلغا ئىچىدە بىر تاغ ئۆچكىسىنى  ئۇچىرتىپ ئۇنىڭغا ئوق ئۈزۈپتۇ، تاغ ئۆچكىسى يارلىنىپتۇ، شادى پالۋان يارلانغان تاغ ئۆچكىسىنى  قوغلاپ  يوغان بىر تۈپ دەرەخنىڭ  يىنىغا كېلىپ قاپتۇ ، ئۇ ھېرىپ كەتكەچكە شۇ دەرەخنىڭ تۈۋىدە  ئارام ئالماقچى بوپتۇ، ئۇ دەرەخكە  يۆلىنىپ  ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈپ ئۇخلاپ قاپتۇ. چۈشىدە يىراقتىن بىر قىزنىڭ  ناخشا ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ، زەن قويۇپ تىڭشۇغىدەك بولسا ، بۇ سارىخاننىڭ ئاۋازى بولۇپ، ئۇلار ئۇچراشقاندا   دائىم مۇشۇ ناخشىنى ئېيتىدىكەن. شادى پالۋان ئويغىنىپ  ئەتراپىغا قارۇغىدەك بولسا ئەتراپىدا ئادەم يوق ، بىراق ناخشا ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرغۇدەك،ئۇ:«ئاللا، بۇ نىمە كارامەت،چۈشۈممۇ،ئوڭۇممۇ بۇ» دەپ،ناخشا ئاۋازى كېلۋاتقان  تەرەپكە مېڭىپتۇ.
     شادى پالۋان سارىخاننىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى  جەزىملەشتۈرۈپ ،ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن  بۇ جايغا  كېلىپ قالغانلىقىنى  زادىلا ئويلاپ يېتەلمەپتۇ.ئۇ سارىخاننىڭ  زادى نەدە ئىكەنلىكىنى  بىلەلمەي ،ئىككىسى دائىم ئېيتىدىغان  ھېلىقى ناخشىنى ئېيتىپتۇ .ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلىغان  قارىشى تەرەپمۇ  بۇ ناخشىنى قايتا تەكرارلاپتۇ.شادى پالۋان«سارىخان!» دەپ ۋاقىرغىنىچە  تىك قىياغا يامىشىپ ،ناخشا ئاۋازى  چىقۋاتقان  جايغا بىر قەدەم،بىر قەدەم يېقىنلىشىپتۇ.شادى پالۋان ھېچنىمىدىن قورۇقمايدىغان  ئىرادە بىلەن  قىيادىن ئۆتۈپ ئەتراپقا قارىسا  ھېچنىمە كۆرۈنمەپتۇ.ئۇ ئۇ يەر بۇ يەرنى  ئىزدەپ سارىخاننىڭ  ئىسمىنى تالاي قېتىم توۋلاپتۇ ،قارۇغىدەك بولسا  سارىفننىڭ ئاۋازى  تاش كەپلەنگەن تاغ ئۆڭكۈرىدىن چىقۋاتقانلىقىنى   بايقاپتۇ.ئۇ كۆزلىرىگە ياش ئاپتۇ.ئۆڭكۈر ئىچىدىكى سارىخانمۇ شادى پالۋاننىڭ ئىسمىنى  ئاتاپ چاقىرىپتۇ. ئۇلار مىڭبىر جاپادا تېپىشقاندا   رەھىمسىز بىر يوغان تاش  ئۇلارنى كۆرۈشتۇرگىلى قويماپتۇ.بىراق ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمەپتۇ.بىردىنلا سارىخان يىغلاپ تۇرۇپ:«شادى،تېز كېتىڭ.ئۇ كېلىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى ،ئۇ بەك يامان سىزنى ئۆلتۈرۋېتىدۇ »دەپ ۋاقىراپتۇ.شادى پالۋان  ھېچنېمىنى ئاڭقىرالماي:«سىزنى بۇ يەرگە  ئېلىپ كېلىپ  سولاپ قويغان كىم» دەپ سورىغاندا، سارىخان:«ئۇ شۇنداق يوغان ئادەم ئېيىقى» دەپتۇ.«ئەسلىي سىزنى  شۇ ئەبلەخ ئېلىپ قاچقان ئىكەن-دە» دەپتۇ شادى پالۋان  .قىز:«شۇنداق،مەن تاغ باغرىدا  قويلارنى ھەيدەپ كېلۋاتسام ،ئۇ ماڭا تۇيۇقسىز ئېتىلىپ  كېلىپ،مېنى مۈرىسىگە ئارىتقىنىچە  ئىككى كېچە- كۈندۈز يول يۈرۈپ  مۇشۇ قاراڭغۇ كامىرغا   سولاپ قويدى .نەچچە قېتىم قاچقان بولساممۇ  تۇتۇلۇپ قالدىم.شۇنىڭدىن كېيىن  ئۇ مۇشۇ يوغان تاشنى  غار ئاغزىغا كەپلەپ قويۇپ  سىرىتقا چىقىدىغان بولدى. يېمىكى تۈگەپ يېمەك ئىزدەپ چىقىپ كەتكەن  ،كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى.تېز كېتىڭ بولمىسا تۈگىشىسىز» دەپتۇ.شادى پالۋاننىڭ سۆيگەن يارىنى تاشلاپ  كېتىشكە قانداقمۇ كۆڭلى  ئۇنىسۇن،ئۇ ھەرقانچە كۈچىگەن بولسىمۇ  تاشنى مىدىرلىتالماپتۇ.شادى پالۋان ئەمدى بىردىن -بىر چارە يۇرۇتقا قايتىپ بېرىپ  ئادەم باشلاپ كېلىپ قۇتقۇزاي دېگەن ئويغا كېلىپ ،سارىخانغا بىر مۇنچە تەسەللى گەپلەرنى قىلىپ ،كۆزى قىيمىغان ھالدا يالغۇز تويۇنغا يول ئاپتۇ،يۇرۇتقا كېلىپ يەتتە-سەككىز  دوستىنى  باشلاپ ،كەلگەن يېرى بىلەن  ھېلىقى جىلغا  ئەتراپىغا بېرىپ ،ئۆزى چىققان تىك قىيانى  ئىزدەپ تاپالماپتۇ.شۇنىڭ بىلەن شادى پالۋان  بىر ئىشنى ئېسىگە ئېلىپ  سارىخان  ئىككىسى  دائىم ئېيتىدىغان مونۇ ناخشىنى ئېيتىپتۇ:
قارىسام كۆزۈم يەتمەس،
تاغنىڭ ئارقىدا يۇرتۇم.
ئەجەپمۇ يامان كەلدى ،
سارىخان سېنىڭ ئوتۇڭ.
ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن ،سارىخان،
ئەقىدەمگە يىغلايمەن.
بىردىنلا  يىراق جايدىن  سارىخاننىڭ ناخشا  ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ:
قۇرغۇيۇم ئۇچتى قولۇمدىن،
قارا غولنىڭ بېغىغا.
ئىزدىسەم ئىندەككە كەلمەس ،
كەتتى جەننەت بېغىغا .
ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن،شادىخان ،
ئەقىدەمگە يىغلايمەن.

يارنىڭ ئۆيى بەك يىراق،
باراي دەيمەن پاتىراق.
قاراڭغۇدا يول يۈرسەم،
نەدە باردۇر نۇر چىراق.

ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن،سارىخان،
ئەقىدەمگە يىغلايمەن.
گەپ بارەي،نېمە گەپ بار،
شەنى  سورىدا ئامەن دەپ بار.
دەپ يىغلاپ تۇرۇپ ناخشا ئېيتىپتۇ.يىگىتلەر دەرھال قىيا تەرەپكە مېڭىپ  غارنىڭ ئاغزىغا يېتىپ چىقىپ  كەپلەكلىك تاشنى بىر ئامال قىلىپ ئىرغىتىپ  غارنىڭ ئاغىزىنى ئېچىپتۇ.غارنىڭ ئىچىدىن چاچلىرى پاقپايغان ،ئالدىغا خام تېرە  تارتىغان جىندەك  بىر مەخلۇق چىقىپ كەپتۇ.شادى پالۋان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى داڭ قېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ.شۇنداقتىمۇ شادى پالۋان  بىلەن سارىخاننىڭ كۆزلىرى ئۇچۇرشىپ بىر-بىرىنى تونۇپ  قۇچاقلىشىپ كېتىپتۇ.ئۇلار سارىخاننى  ئېلىپ مېڭىشىغا سارىخان:«ياق بولمايدۇ،ئۇ بەكلا يامان ،ئۇنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى.بۇ جايدىن   تېز كەتمىسەڭلار  سىلەرنى ئۆلتۈرۋېتىدۇ»دەپ ئۇنىماپتۇ.بىراق يىگىتلەر سارىخاننىڭ  قارىشلىق قىلغىنىغا  قارىماي  ئۇنى ئېلىپ مېڭىپتۇ.ئۇلار تاغدىن چۈشۈپ  ئىككى ئاش پىشىم بولغاندىن كېيىن ،غولدىن چىقاي دەپ تۇرۇشىغا  ئارقىدىن قوغلاپ كېلۋاتقان  ئادەم ئېيىقى نەررە تارتىپ  غالجىرلاشقىنىچە  يوغان تاشلارنى تاشلاپ ،دەرەخلەرنى يۇلۇپ  سۈر-ھەيۋەت بىلەن قوغلاپ كەپتۇ.يىگىتلەر بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ.ئەقىللىق شادى پالۋان  يىگىتلەرنىڭ نېمە قىلدىغانلىقىنى  ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ ،ئۆزى يانى كېرىپ  ئادەم ئېيقىغا قارىتىپ ئېتىپتۇ،يارلانغان ئادەم ئېيىقى  تېخىمۇ غالجىرلىشىپ  شادى  پالۋانغا ئېتىلىپتۇ،بىراق شادى پالۋان  قېچىپ يوغان ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ  ئارىسىدىن ئۆتۈپتۇ.ئارقىدىن قوغلاپ كېلۋاتقان   ئادەم ئېيىقىمۇ  دەل ئىككى  تۈپ دەرەخنىڭ ئوتتۇرىدىن ئۆتىمەن دەپ  قىسلىپ قاپتۇ.يىگىتلەر دەل مۇشۇ پۇرسەتنى  چىڭ تۇتۇپ ،ئۇنى ئارغامچا بىلەن باغلاپ ،پالتا،تاش بىلەن  ئۇرۇپ ،يانجىپ  ئاران دېگەندە  ئادەم ئېيىقىنى ئۆلتۈرۈپتۇ .ئۇلار ئامان-ئېسەن يۇرتى يالغۇز تويۇنغا كېلىپ تىرىكچىلىك  قىپتۇ.شادى پالۋان بىلەن سارىخانمۇ
مۇرات- مەقسىدىگە  يېتىپ تىنىچ تىرىكچىلىك قىلىششقا باشلاپتۇ.


ئاقىللار تورىدىن يۆتكەپ كىلىندى

Rank: 3Rank: 3

توردا
487 سائەت
شۆھرەت
389
پۇل
934
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-8
تىزىملاتقان
2008-10-11
نادىر
4
جۇغلانما
389
يازما
1144

Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 12:23:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت بۇ تېنىڭىزغا بۇ ناخشىنىڭ بۇنداق ۋەقەلىكى بارلىقىنى ئەمدى ئۇختۇم  
بۇ ناخشىنىڭ  ھىكايىسىدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر

Rank: 3Rank: 3

توردا
370 سائەت
شۆھرەت
366
پۇل
1434
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-8
تىزىملاتقان
2009-1-12
نادىر
0
جۇغلانما
366
يازما
529
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 13:14:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ ۋەقەلىكىتىن خەۋەردار بولغىنىمىدىن خۇش بولدۇم . رەھمەت سىزگە ماكان ئەپەندى .

Rank: 2

توردا
25 سائەت
شۆھرەت
66
پۇل
202
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-2
تىزىملاتقان
2010-12-20
نادىر
0
جۇغلانما
66
يازما
59
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 19:49:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا ماۋۇ تېمىدەكلا تېما بوپتۇ..خۇددى بۇۋام ھېكايە ئېيتىپ بېرىۋاتقادەك ھېسياتقا كەپ قالدىم . رەھمەت.

Rank: 3Rank: 3

توردا
263 سائەت
شۆھرەت
256
پۇل
534
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2008-5-9
نادىر
1
جۇغلانما
256
يازما
785
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 22:57:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سزگە ،

Rank: 3Rank: 3

توردا
140 سائەت
شۆھرەت
216
پۇل
796
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2009-1-21
نادىر
0
جۇغلانما
216
يازما
299
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-30 00:01:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ئىش! بىزنىڭ يۇرتلاردىمۇ ئەركەك ئادەم ئېيىقى ئايال كىشىنى، چىشى ئادەم ئېيىقى ئەر كىشىنى ئېلىپ قاچقانلىق توغۇرلۇق ھىكايىلەر ناھايتى كۆپ... چۆلدىن ئوتۇن تۇشۇپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىر زامانلاردا  بەزىلەرنىڭ بېشىدىن شۇنداق ئىشلارنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلىغانمەن...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-8 19:01 , Processed in 1.063630 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش