- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-6
- توردا
- 486 سائەت
- شۆھرەت
- 381
- پۇل
- 917
- تىزىملاتقان
- 2008-10-11
- ھوقۇقى
- 30
- يازما
- 1141
- نادىر
- 4
- جۇغلانما
- 381
- UID
- 270
 
- توردا
- 486 سائەت
- شۆھرەت
- 381
- پۇل
- 917
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-6
- تىزىملاتقان
- 2008-10-11
- نادىر
- 4
- جۇغلانما
- 381
- يازما
- 1141
|
قويچى راۋابىنى تونۇشتۇرۇش
قويچى راۋابىنى خوتەن، چەرچەن ،چارقىلىق ۋە تارىم ۋادىسىغا ئولتۇراقلاشقان، ئاساسەن چارۋۇچۇلۇق بىلەن شۇغۇلۇنۇپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىرى ئىچىگە تارقالغان بولۇپ بۇ جايلاردا ھېلىمۇ ئاز مىقداردا ساقلىنىپ كەلمەكتە .
بۇ راۋاپنىڭ ياسىلىشى ئاددى قوپالراق ئاۋازى بۇغوق يېقىملىق چىقىدۇ ،قويچى راۋابىنىڭ بېشى ( كاسىسى ) ھازىرقى راۋاپلاردىن نىپىزرەك ۋە كىچىگەرەك ئويۇلىدۇ ئادەتتە بۇ راۋاپقا پەدە باغلانمايدۇ 2 __ 3 كىچە تارىسى بولۇپ ئۈچۆيدىن ئىشىپ سېلىنىدۇ يۈزىگە ئۆشكىنىڭ ياكى ئىشەكنىڭ تېرىسى يۈزلۈك قىلىنىدۇ .
بۇ راۋاپ ياساشقا ،ئېلىپ يۈرۈشكە ۋە مېڭىپ يۈرۈپ چېلىشقا ئەپلىك . راۋاپنىڭ چاققان ئاددى بولۇشى چارۋۇچىلارنىڭ كۆچمە تۇرمۇشىغا ماسلاشقان شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ راۋاپ قويچى راۋاپ دەپ ئاتالغان .
دولان راۋابى
دولان راۋابى _____ ئاساسەن مەكىت ، مارالۋېشى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان بۇ خىل راۋاپ كۆپ تارىلىق ، ئاۋازى بوغۇق يېقىملىق ، دولان شىۋىسىدىكى ئاھاڭلارنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىش ئالاھىدىلىگىگە ئىگە بولغانلىقتىن ۋە شۇ جايلاردا قولۇنۇپ كىلىۋاتقانلىقتىن ___ دولان راۋابى دەپ ئاتالغان .
دولان راۋابىنىڭ كاسىسى يوغانراق مۈڭگۈزى كىچىك بولىدۇ .دەستىسى قىسقا ، كەڭرەك بولىدۇ سىملىرى كۆپ بولۇپ ئاھاڭ چالغاندا ئاۋازلار تىرىپ چېلىنىدۇ كەينىدىكى سىملىرىمۇ چېلىنىدۇ ئاۋازنى تىتىرتىش ياكى سىرىش توغرا كەلگەندە پەدە بېسىلىدۇ ۋە بۇ راۋاپقا پەدە باغلانمايدۇ بىر قىسىم قۇلاقلىرى ئەگمىگە جايلاشقان بولۇپ قالغان قۇلاقلىرى دەستىنىڭ يۇقىرى يان تەرپىگە بويلاپ جايلىشىدۇ .
بىزنىڭ ئۇيغۇر مىلىىتىمىزنىڭ ئاسالىق چالغۇلىرى بولغان راۋاپنىڭ تۈرلىرى ۋە ئاۋاز مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۇرۈپ ئۆتتۈم
ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىغانكەنمىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن قالغان مىللى سازلىرىمىزنى چۈشۈنەيلى ۋە ئۇنى تەرەقى قىلدۇرايلى
ۋى كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا ئۈگۈتەيلى ھازىر مەكتەپلەردە قوش تىل دەپ ئۆزىمىزنىڭ مىللى سازلىرىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ ۋاقىتنىڭ ئۈتىشى بىلەن بالىرىمىز ئۇنتۇپ كەتمىسۇن شۇنۇڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلايلى . |
|