ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 418 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 692|ئىنكاس: 6

ناخشىنى ئۈنگە ئېلىشتىن مەسلىھەت سورايمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
19 سائەت
شۆھرەت
10
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2010-11-22
تىزىملاتقان
2010-11-2
نادىر
1
جۇغلانما
10
يازما
13
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-7 05:35:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:
مەن بۇ مۇنبەرگە يېڭىدىن ئەزا بولۇپ كىردىم.  مەن كومپىيوتېردا مۇزىكا ئىشلەشنى ئۆگۈنۈۋاتقىلى بىر يىلدەك بولدى. ئۇزەم ئەسلىدىنلا كەسپى مۇزىكانت. بۇ بىر يىل جەريانىدا ۋاقىت تاپساملا خېلى ھەپىلىشىپ
باقتىم. مەن بۇنى ئۆگۈنۈشتە پۈتۈنلەي  ئېنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ تەنھا ھالەتتە ئۈگەنگەن بولغاچقا نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارغىىمۇ يۇلۇقتۇم. يېقىندا بۇ تور بېتىنى بايقاپ قالدىم ۋە ئالتۇن تېپۋالغاندەك خوش بولۇپ كەتتىم .مەن يۇلۇققان  قىيىنچىلىقلارنىڭ بەزى جاۋاپلىرى  موشۇ يەردە نەقلا بار ئىكەن. نەچچە كۈندىن بېرى بۇ تور بېتىدكى كونا يېڭى مەزمۇنلارنى بىر بىرلەپ ئوقۇپ چىقتىم. بۇ جەرياندا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. مەن ئالدى بىلەن بۇ تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسىغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
نەچچە كۈندىن بېرى يېڭىدىن بىر ناخشا ئىشلىگەن ئىدىم. بۇ ناخشىنى ئۈنگە ئالغاندىن كېيىن ئاڭلاپ باقسام، ھەممە يېرى  ناھايىتى سۈزۈك چىقىپتىكەن، لېكىن ئەۋجىسىگە كەلگەندە ئاۋاز سەك جىغىلداپ كېتىپتۇ. ئاۋاز دولقۇنى ئاۋاز يولنىڭ ئەڭ ئۈستىگە تىگىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قايتا ئېيتتىم. لېكىن يەنىلا ئوخشاش. ناخشىنىڭ ئەۋجىسىنى مىكروفوندىن يىراقلىشىپ ئېيتىپ باقتىم، لېكىن ئاۋاز ئىككى خىل بولۇپ قالدى. سىلەردىن سورايدىغىنىم: بۇنىڭغا قارىتا قانداق ئامال بار، ئاۋازنى ئېلىشتىن بۇرۇن بىرەر تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بېرىشىم زۆرۈرمۇ؟ (ئىشلەتكەن ماتېرىياللار: cubase، ئاۋاز كارتىسىtascam، مەخسۇس ئاۋاز ئېلىش ئۆيلىرىدە ئىشلىتىغان مىكروفۇن)

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
شۆھرەت
168
پۇل
93
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-2
تىزىملاتقان
2008-7-8
نادىر
6
جۇغلانما
168
يازما
362
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-8 11:32:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئاتىكاچىلىق ماڭا قالغان ئوخشايدۇ!
ئالدى بىلەن مۇنبەرگە ئەزا بولغىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز.ئەمدى مەخسەتكە كەلسەك مەنمۇ ئۆزلىگىمدىن ئۈگىنىۋاتقان بىر ھەۋەسكار،مىنىڭچە سىزنىڭ بۇ قىيىنچىلىقىڭىزنى Wawes ئۈنۈم بىرىش دىتالىنىڭ ئىچىدىكى c4 قىستۇرمىسى ھەل قىلالايدۇ.سىز ناخشىنى مىكىرفۇندىن يېقىن-يىراق كەتمەي تۇرۇپ ئۇقۇپ بۇلۇپ،مۇنبەردىكى ئاۋاز تەھرىرلەش توغرىسىدىكى تىملاردىن پايدىلىنىپ(كۇباسنى 7كۈندە...دەپ بىر تىما بار)ئەۋجى قىسىمنىڭ ئاۋاز چاستوتىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەڭ،ئۇنىڭدىن كىيىن مەن يۇقۇردا تەۋسىيە قىلغان ئۈنۈملىگۈچنى ئىشلىتىپ بېقىڭ!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2017 سائەت
شۆھرەت
2276
پۇل
2989
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-9
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2276
يازما
2626

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2010-11-9 11:37:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ توغۇرلۇق بىر دەرىس كۆرگەنلىگىم ئىسىمدە،بۇ ئاۋاز دولقۇنى ئاۋاز يولنىڭ ئەڭ ئۈستىگە تىگىپ ئاۋاز دولقۇن توك بىسىمى ئىشىپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ،شۇنداق ئەھۋالدا ناخشا شاۋقۇنلۇق چىقىدۇ، قۇلاقنى ئاغرىتىدۇ....ئاۋازغا ئىلىش چىرىغىغا قارىساق (ئاۋاز ئالغاندا ئاۋازنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىگىگە قاراپ ئىگىزلەپ ۋە پەسلەپ بارىدىغان چىراق) بۇ خىل ئەھۋالدا  قىزىل بولۇپ يورىيدۇ يەنى ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرلىۋالىدۇ.
بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن  Waves C1 نى ئىشلەتسەك بولىدۇ ،بۇ ئۈنۈملىگۈچ ئاۋازنىڭ يۇقۇرى چەككە چىقىپ نورمال ئاۋاز توك بىسىمىدىن ئىشىپ كىتىشىدىن ساقلايدۇ،شۇنداقلا سىز بەلگىلەپ قويغان ئاۋاز كۈچى دائىرىسىدە بولىدۇ.
بۇ خىل ئاۋاز ئاساسلىق ئاۋازنىڭ يۇقۇرى بوپ كىتىشىنى چەكلەپ تۇرىدۇ ،خەنچە : <门限压缩器> دىيىلىدۇ
Waves  نىڭ ئۈنۈملىگۈچلىرىنىڭ ئىشلىتىش ئورنى ۋە ئىقتىدارى توغۇرلۇق بىر دەرىس تەييارلاي دەپ ئويلاشقىلى خىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ لىكىن ۋاقىت چىقمىدى،يېقىندا قولۇم بوشىغاندا چوقۇم بۇ ئىشنى قىلىمەن.
سېندىبات ئەپەندى ئېيتقاندەك  ئۇسۇلنىمۇ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ
مەسىلەنگە :








بۇ مىنىڭ كۆز قارىشىم دوسلارمۇ ئۆز پىكىرىنى دەپ ئۆتسە..

كىيىنچە بۇ توغۇرلۇق تەپسىلى تېما يوللايمان،يەنە مەسىلە بولسا ئېنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ

Rank: 3Rank: 3

توردا
264 سائەت
شۆھرەت
260
پۇل
541
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-9
تىزىملاتقان
2008-5-9
نادىر
1
جۇغلانما
260
يازما
786
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-9 19:18:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاۋازنىڭ تۆۋن ئېلىنىپ قالغان ياكى يۇقىرى بوپ كەتكەن جايىلىرىنى  ئاساسلىقى waves  c1ياكى limiter دىگەندەك ئۈنۈملۈگۈچلەر ئارقىلىق تەڭشەيمەن

Rank: 1

توردا
72 سائەت
شۆھرەت
13
پۇل
133
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2010-10-10
نادىر
0
جۇغلانما
13
يازما
154
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 16:01:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەلۋەتتە

ماكان ئەپەندىنىڭ دىگىنى بەرھەق،،،،،

Rank: 2

توردا
165 سائەت
شۆھرەت
119
پۇل
422
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-9
تىزىملاتقان
2008-10-28
نادىر
0
جۇغلانما
119
يازما
165
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-1 16:42:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچانراق مۇشۇ توغۇرلۇق ياخشى دەرىسلىك چىقار<ئۇيغۇرچىدىن>

Rank: 1

توردا
8 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
11
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-15
تىزىملاتقان
2010-9-21
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
16
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 13:26:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەپسىلى چۇشەندۇرلۇپتۇ  جاپا تارتىپسىز ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-10 03:57 , Processed in 0.452879 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش