burkut يوللانغان ۋاقتى 2008-12-29 11:49:25

مۇزىكا دېگەن نىمە ؟

<< مۇزىكا  >> گىرىكچە  سۆز بولۇپ، مۇزىكا ئىلمىغا قۇيۇلغان مەخسۇس ئىسىمدۇر .
بۇ ھەقتە مۇنداق بىر رىۋايەت بار : قەدىمقى يۇناندا تەڭرىنىڭ سنئەت ئىشلىرىنى باشقۇردىغان توققۇز ئايال وە پەرىشتەسى ئۆتكەن ئىكەن،
ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مەخسۇس بىر خىل سانئەت تۈرىگە مەسئۇل قىلىنىپ، توققۇز خىل ياسىنىپ يۈرىشىدىكەن . ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى
مۇزىكا ئىلمىغا مەسئۇل بولغان پەرىشتەنى ئىسمى << مۇزىك >> ( music ) ئىكەن ، شۇنۇڭدىن بۇيان بۇ پەرىشتەنىڭ نامى
مۇشۇ پەننىڭ نامى بولۇپ قالغانىكەن .
ھازىر ياۋرۇپادىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا بويۇچە مۇشۇ ئاتالغۇ ئورتاق قولۇنۇلماقتا .تارىختا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ( ئەرەپ، تۈرۈك. ۋە ئۇيغۇرلاردا )
بۇ ئاتالغۇ << مۇسىق >> دەپ قولانغان بۇنىڭدىن 150 يىل بۇرۇن خوتەندە ياشىغان ئاتاغلىق تارىخشۇناس موللا ئىسمەتۇللا نىمىتۇللا مۆجىزى
ئۆزىنىڭ داڭلىق ئەسىرى << مۇزىكىچىلار تارىخى >> نى << تەۋارىخى مۇسقىيۇن << دەپ ئاتىغان . روسلارمۇ بۇ ئاتالغۇنى music دەپ
قولۇنىدۇ << مۇزىكا  >> دىگەن بۇ ئاتالغۇ  ئۇيغۇر تىلىغا مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كىرىپ ئۆزلەشتۈرگەن .
مۇزىكا -دۇنياۋىي ئورتاق تىل بولۇپ،ئۇ ئاۋاز سەنئىتىدۇر ؛ ئۇندىن باشقا ۋاقىت خارەكتېرلىك سەنئەت بولۇپ ھەر خىل يېقىملىق
ۋە قانۇنىيەتلىك ئاۋازلارنىڭ ئالاھىدە ئۇسۇلوپ بىلەن شەكىلىنىشى ( ئاھاڭلارنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى ،ئۇزۇن قىسقىلىقى ۋە كۈچلۈك كۈچسىزلىگىدىن
ئىبارەت خىلمۇ خىل شەكىلەرنىڭ مۇئاپىق بىرىكتۈرلىشى ) ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ خىلمۇ خىل ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئەكى
ئەتتۈردىغان بىر خىل سەنئەت تۈرىدۇر .
بۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولۇپ ، يالغۇز تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان يېقىملىق -قورقۇنچلۇق ،مۇلايىملىق- غەزەپلىك،
جىمجىتلىق ۋە تەنتەنىلىك تۈس ئالغان خىلمۇ خىل ھېسسىياتلارنى بىۋاستە ئىپادىلەپ بېرىشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ،
مۇزىكنىڭ يېزىقى بولغان نوتىمۇ پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەر ئورتاق قوللۇنۇلدۇ .مۇزىكىنى دۇنياۋىي ئورتاق تىل دەپ
ئاتىشىمىزدىكى سەۋەپ مانا مۇشۇلاردىن ئىبارەت .

makan يوللانغان ۋاقتى 2008-12-29 11:54:15

ياخشى  ئاساسى بىلىمكەن،رەھمەت بۈركۈت ئەپەندى:handshake

moz يوللانغان ۋاقتى 2008-12-29 14:25:19

تىل پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن مۇزىكا پەيدا بولغان دەيدۇ ، راستمىدۇ . :lol

kuytikinn يوللانغان ۋاقتى 2008-12-29 23:45:55

ئەھمىيەتلىك تىمىكەن جۇمۇ ؟ رەھمەت سىزگە~!!

sndibat يوللانغان ۋاقتى 2008-12-30 14:09:53

رەھمەت سىزگە!ناھايتى ياخشى تىمىلارنى يوللايدىكەنسىز جۇمۇ!:handshake

سەركە يوللانغان ۋاقتى 2008-12-30 15:27:15

رەخمەت سىزگە
بەت: [1]
: مۇزىكا دېگەن نىمە ؟