بلوگىمىز سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ!.

  • 2010-03-24

    جەسەت لەيلەر دېڭىزدا - [ئا. ۋارىس مەھزۇن ئەسەرلىرى]

    جەسەت لەيلەر دېڭىزدا

    (ئەھمەد فەزل شەبلۇل)

    (مىسىر)

    2006-07-17 

    ھەي... بۇ ئاسمانمۇ؟

    قاچان ئېسىلدى بۇ يەرگە ئۇ؟

    شۇنداقتۇ بەلكىم....

    دېڭىز قەيەردە؟

    كۆرۈنگىنى ئۇياقتا

    دېڭىزدۇر بەلكىم

    دېڭىز ئۇ.

    دېڭىز...

    جەسەت لەيلەر ئۈستىدە

    ھەممە يەرنى قاپلىدى جەسەت

    باغداتنى، بىروت، گازانى.

    بۇيەرگىمۇ كەلدى ئۈلگۈرۈپ

    ئەنە...

    سەكرەشمەكتە قىرغاقلار ئارا

    ئېتىشماقتا سۇغا ئۆزىنى.

    قانداق كەلدى بۇيەرگە جەسەت

    كەلدى قاچان..

    جەسەتلەر

    تىلىمەيدۇ مەندىن ھېچنىمە.

    ئەي خۇدا! شۇ پېتى مەن

    سەن ياراتقان.

    كۆرمەكتىمەن

    يۇلغا چىققان جەسەتلەرنى

    قايسى بىرلىرى

    تۇستى ئاپتۇبۇس

    ئالدىمدىلا توختىدى

    ئۈلۈك شوپۇر

    ماشىنىغا چاقىرىپ.

    دېڭىزدىكى جەسەتلەر بىلەن

    نامەلۇم ئۈلۈك يۇلىچىلار بىلەن

    چىقتىم بىللە

    جەسەت تولغان ئاپتۇبۇسقا.

    ئايلىنىپ دېڭىز جەسەتلىرى

    كۆپكۆك سۇغا

    ئەتىر گۈللەرگە

    ئىلىۋالدى ئاق كۆينىكىمنى.

    شۇئان ئېلىپ بىر بېلەت