-
2010-03-17
ﺋﻪﻱ ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ - [ئا. ۋارىس مەھزۇن ئەسەرلىرى]
ﺋﻪﻱ ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ
(جىبران خەلىل)
تەرجىمە قىلغۇچى: ئا. ۋارىس مەھزۇن
ئەي خەلقىم سىلەر مەندىن زادى نېمە كۈتۈۋۈتىسىلەر؟
قۇرۇق ۋەدىلەردىن يالغان سۆزلەر بىلەن بىزەلگەن سارايلارنى ۋە شىرىن چۈشلەر بىلەن قۇپۇرۇلغان ھەيكەللەرنى ياساپ بىرىشىمنى كۈتۈۋاتامسىلار؟
ياكى كاززاپ يالغانچىلار قۇرغان بىنالارنى يىقىشىمنى، رىياخور پەسكەشلەر قوپارغان تاملارنى ئۆرىۋىتىشىمنى كۈتۈۋاتامسىلەر ؟
ئەي خەلقىم! سىلەرگە زادى نېمە قىلىپ بىرەي؟
يۇرتۇڭلاردا كەپتەردەك ئۈنلەيمۇ ياكى ئۆز ۋەتىنىمدە شىردەك ھوۋلايمۇ؟
سىلەرگە ناخشا ئېيتىپ بەردىم، لېكىن سىلەر ناخشامغا جور بولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشمىدىڭلار!
ئالدىڭلاردا يىغلاپ بەردىم لېكىن سىلەر يىغلىمىدىڭلار!
بىرلا ۋاقىتتا ھەم كۆلۈپ ھەم يىغلاپ بىرىشىمنىمۇ كۈتۈۋاتامسىلەر؟
روھىڭلار ئېچىرقاپ كېتىۋاتىدۇ...
مەرىپەت ئۇزۇقلىرى ساينىڭ تېشىدىنمۇ كۆپ تۇرۇپتۇ لېكىن سىلەر ھېچنەرسە يېمەيۋاتىسىلەر.
قەلبىڭلار تەشنالىقتا....
ھاياتلىق بۇلىقى ساقىينىڭ قۇلىدىكى مەيدەك ئۆيۈڭلار ئەتراپىدا