بلوگىمىز سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ!.

  • 2010-03-14

    بىرلا يول - [ئا. ۋارىس مەھزۇن ئەسەرلىرى]

     

    بىرلا يول
    (نىزار قەببانىي)

    ماڭا مىلتىق كېرەك...
    يۈزۈكىنى ساتتىم ئاپامنىڭ
    مىلتىقنى دەپ.
    گۆرەگە قويدۇم پورتمالىمنى
    مىلتىقنى دەپ...
    بىز ئۈگەنگەن تىل
    ئۇقۇغان كىتاپلار...
    يادلىغان شېئىرلار
    نولگە تەڭ ھەممىسى...
    بىر مىلتىق ئالدىدا...

    مىلتىقمۇ تاپتىم
    ئېلىپ كىتىڭلار مېنى
    پەلەستىنگە.
    مەريەمنىڭ چىھرىدەك
    غەمكىن دوڭلەرگە.
    يېشىل گۈمبەزگە.
    پەيغەمبەر تېشىغا.،،
    ئىزدەۋاتىمەن
    يىگىرمە يىلدىن بىرى
    بىر ۋەتەن، بىر كىملىك.
    تىكەنلىك سىمدە قورشالغان
    ئۇياقتىكى ئۆيۈمنى
    ئەشۇ ۋەتىنىمنى
    بالىلىقىمنى..
    مەھەللىدىكى دوستلارنى
    كىتاپلىرىمنى
    رەسىملىرىمنى
    ھەممە ئىسسىق بۇلۇڭنى
    بارلىق گۈزەل چاغلارنى...

    مىلتىقمۇ تاپتىم
    ئېلىپ كىتىڭلار مېنى
    پەلەستىنگە.
    ئەي ئەركەكلەر!!
    ياشايمەن ياكى ئۆلۈمەن
    ئەركەكچە!
    تىكەي دەيمەن
    پەلەستىن