-
2010-02-16
پەيغەمبەر ئەخلاقىدىن ئۆرنەكلەر(4) - [ئا. ۋارىس مەھزۇن ئەسەرلىرى]
مېھرىبانلىقى
پەيغەمبىرىمىز پۈتۈن ئەھلى جاھانغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەندۇر.[1] ئۆزىگە ئازار بەرگەن، سۈيقەست قىلغان، ھەتتا ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرگىمۇ ھېچبىر زامان بەددۇئا قىلمىغان.
ئەقەبە كۈنى كۆرگەن ئەزىيەتلىرىدىن كوڭلى يېرىم بولغان پەيغەمبىرىمىزگە جىبرائىل ئەلەيھىسسالام كىلىپ: «ئاللاھتائالا سېنىڭ قەۋمىڭگە دېگەنلىرىڭنى ۋە قەۋمىڭنىڭ ساڭا بەرگەن رەددىيەلىرىنى ئاڭلاپ ساڭا تاغ پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى، ئۇنىڭغا خالىغىنىڭنى بۇيرىغىن» دېگەن.... ۋە تاغ پەرىشتىسى: «خالىساڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مەككىدىكى ئىككى تاغنى دۈم كۆمتۈرەي» دەپ ئەمرىگە تەييار بولۇپ تۇرغان، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبىرىمىز قەۋمىگە بەددۇئا قىلماي ياكى بۇيرۇقى ئاستىدىكى تاغ پەرىشتىسى ئارقىلىق ئۇلارغا بىرەر جازا بۇيرۇماي ئاللاھتىن پەقەت مۇنداق تىلەكتە بولغان: «ئاللاھنىڭ، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان، ئاللاھقا شىرىك كەلتۇرمەيدىغان ئەۋلادلارنى چىقىرىپ بىرشىنىلا ئۈمۈد قىلىمەن»[2]
ئۇھۇد ئۇرۇشىدا بىر تال چىشى سۇنۇپ، يۈزلىرى يارىلانغاندا ساھابىلار مۇشرىكلار ئۈچۈن بەددۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما پەيغەمبىرىمىز ئۇلارغا مۇنداق دېگەن: «مەن قارغىش ئۈچۈن ئەمەس، دەۋەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ۋە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن»[3]
چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ۋە كىچىكلەرنى ئىززەتلەشنى دىنى پىرىنسىپ ھالىغا كەلتۈرگەن، پەيغەمبىرىمىز بۇ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ دىندىن يىراق قالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.[4]
«مېھرىبان بولمىغان ئادەمگە ئاللاھ مېھرىبان بولمايدۇ»[5] دېگەن پىرىنسىپنى ئوتتۇرغا قويغان پەيغەمبىرىمىز: «سىلەردىن قانداق بىر كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرگەندىلا ئاندىن مۇسۇلمانى كامىل ھېسابلىنىدۇ»[6] دېيىش ئارقىلىپ ئىمانى كامىللىقنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشكە باغلىغان.
سەۋرى-تاقىتى ۋە ئەپۇچانلىقى
پەيغەمبىرىمىز ئەتىراپىدىكى ئىنسانلارنىڭ قۇپال مۇئامىلىلىرىنى كۆرگەندە سەۋر قىلاتتى ۋە كەچۈرەتتى[7] ساھابىلىرىگە قىلىنغان قۇپال مۇئامىلىلەرگىمۇ سەۋر قىلىش بىلەن بىرگە ساھابىلارغا ئىلگىركى ئۈممەتلەردىن ئىبرەتلىك ھېكايىلەر سۆزلەش ئارقىلىپ ئۇلارنىمۇ سەۋرچانلىققا ۋە ئەپۇچانلىققا ئۈندەيتتى.
پەيغەمبىرىمىز بىر ئىنساننىڭ بېشىغا كىلىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرگە ئۇچىرغان ۋە ھەممىسىگە تاقەت قىلغان؛ تۇغۇلماي تۇرۇپ دادسى ۋاپات بولغان، ئالتە يېشىدا ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەن، سەككىز يېشىدا چوڭ دادىسى قازا قىلغان،تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىننى تەرك ئىتىپ ھەممە نەرسىسىنى ئۇ يەردە قالدۇرۇپ مەدىنىگە ھىجىرەت قىلغان، ئاياللىرىدىنمۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەنلەر بولغان.يەتتە بالىسىنىڭ ئالتىسىدىن ئايرىلىپ قالغان.شۇنچىۋالا جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتىپ تۇرۇپمۇ ئۇچرىغان يامانلىقلارغا سەۋر قىلغان. ھەتتا يەكتىكىنى تارتىشتۇرۇپ گەدەنلىرىنى قىزارتىۋەتكەنلەرنىمۇ، ھاياتىغا قەست قىلغانلارنىمۇ ئەپۇ قىلغان.[8]