بلوگىمىز سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ!.

  • 2010-02-06

    شېئىر بىلەن ئۆتكەن 50 يىل(7) - [ئا. ۋارىس مەھزۇن ئەسەرلىرى]

     16

    ئەرەپ شائىرى شەك-شۈبھىسىز دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك شائىردۇر. چۈنكى ئۇ شىئىر قەرزىنى نەچچە ھەسسە پايدىسى بىلەن قايتۇرىدۇ.

    شىۋىتسارىيەلىك  بىر شائىر جەنۋە كۆلى بويىدا ئۆردەككە دان تاشلاپ ئولتۇرغان..

    فىرانسىيلىك شائىر سان گىرمان قەھۋەخانىسىدا ئالدىغا بىر قەدەھ كونياكنى قويۇپ، گولۋاز تاماكىسىنى چىكىپ ئولتۇرغان...

    ئەنگىلىيلىك بىر شائىر بىر كوزا قارا پىۋىگە قول سوزۇزۇۋاتقان...

    ئامېرىكىلىق بىر شائىر  نىيو-يورك شەھىرىنىڭ مانخاتتون رايونىغا جايلاشقان (چىز مانخاتتۇن بەنك) بىناسى ئۆگزىسىدە ئولتۇرغان شۇ چاغدا، ئەرەب شائىرى  دەل  شىئىر بومبىسى ئۈستىدە ئولتۇرغان بولىدۇ.

    ئۇ بۇ بومبىنىڭ قاچان پارتلاپ كىتىشىنى بىلمەيدۇ...

     

    17

    ئاھ ئايال

    يازماي بولماس

    ساڭا ئاتاپ قەسىدە ھامان.

    لىكىن قاچاندۇر

    چەكتىن ئېشىپ بىرىلسەم ساڭا

    ئۆلۈپ قالار قەسىدە شۇئان.

     

    18

    شۆھرەت مىنىڭ بېشىمغا چىقتى

    ماڭا ئەمدى نىسىپ بولۇرمۇ؟

    بىرگە ئۇخلىماق

    200مىلىيۇن خەلقىم بىلەن

    بىر ئۆيدە، بىر كارىۋات ئۈستىدە.

     

    19

    بىر قىسىم بىلەرمەنلەر بىزنى: «شائىرنىڭ خەلقچىل بولۇپ كېتىشى ئۇنىڭ تۈگەشكىنى» دېگەنگە ئىشەندۈرمەكچى بولىشىدۇ.

    ھالبۇكى مەن ئۇلارنى ئۆزەمنىڭ بىر خەلىقچىل شائىر ئىكەنلىكىمگە ئىشەندۈرۈشنى ياخشى كۆرىمەن. مەن مانا شۇ خەلىقچىللىقىم بىلەن ئەللىك يىلدىن بىرى نېنىمدىن ئايرىلىپ قالماي  ياشاپ كىلىۋاتىمەن.

      

    20

    ئەللىك يىلدىن بىرى

    مەشۇقۇمدۇر ئاياللار مىنىڭ

    شۇنداق بولۇپ كەلدى ھېلىھەم..

    بىراق بۈگۈن

    قوشتۇم ئۇلارغا

    ۋەتەن ئاتلىق يېڭى كۈندەشنى.

    21

    ئۇلار مەيدەمگە چاپلاشقان چاپلاقلارغا تۇلۇپ كەتكەنىدى:

    ئايالپەرەس شائىر

    كۆكسخۇمار شائىر

    قىزخۇمار شائىر

    سۆلەتۋاز شائىر

    شاللاق شائىر

    ئىشقىۋاز شائىر.

    ئىشرەتۋاز شائىر..

    بۇزۇق شائىر

    جانباقار شائىر..

    رەزىل شائىر..

    خۇدا ئۇرغان شائىر..

    مەغلۇبىيەتچى، چۈشكۈن شائىر..

    سىياسىي ھەجۋىچى شائىر

    دېگەندەك سۆزلەر.

    بۇ چاپلاقلارنىڭ ھەممىسى  خۇددى قۇرۇغان دەرخت يوپۇرماقلىرىدەك يەرگە تۆكۈلۈپ كەتتى.

    دەرەخت بولسا يەنىلا قەددىنى تىك تۇتقان پىتى قالدى.

     

    22

    كىيىنكى يىللاردا..

    يېزىقىچىلىق قىلىۋىتىپ تىرناقلىرىمدا قەغەزنى تاتىلايدىغان بولۇپ قالدىم..

    مەن بىر ئەسەبىيگە،  ئوت قويغۇچىغا، يارىلاندۇرغۇچىغا ئايلانغان ئىدىم...

    يولۇم ياۋا تۇشقان يولىغا ئايلاندى...

    يىگىرمە يىل ئىشلىگەن دىپلۇماتىيە خىزمىتىمنى ئۇنتۇپ قالدىم..

    ئەرلەرگە ياخشىچاق بولۇش، ئاياللارنىڭ قۇلىغا سۈيۈشلەردنىمۇ چىقىپ قالدىم.

    ئۈستۈمدىكى پاتلانغان كۆينەكنى، (ئاغزىمدىكى) ياسالما سۆزلەرنى پۈتۈنلەي تاشلىدىم...

    مەن ئەمدى خۇددى تاپانچىغا ئوخشاش ئاتاي دېگەندە  دەررۇ ئېتىلىدىغان بىر نەرسە بولماقچى.

     

    23

    ھەر قېتىم مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە «نىزارچە ئۇسلۇب» دېگەن سۆزنى كۆرگىنىمدە..

    كۆڭلۈم بىر خىل كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ.