بلوگىمىز سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ!.

  • 2010-02-06

    شېئىر بىلەن ئۆتكەن 50 يىل(5) - [ئا. ۋارىس مەھزۇن ئەسەرلىرى]

     

    7

    ئەللىك يىل ئىلگىرى شىئىر سىخىغا كىرگىنىمدە ئەتراپىمدا خام ماتىرياللار:  كۆرپە، بوياق، لاي، تاشپاختا، ياغاچ، رەخت، ھاكتاش، ئىسكىنە، قېلىپ ۋە كىسەك پىشۇرىدىغان خۇمداننىڭ ھەممىسى تەق ئىكەن.

    سىخ باشلىقىدىن: نىمە ئىش قىلىمەن؟ قەيەردىن باشلايمەن؟ دەپ سورىدىم.

    ئۇ: قەيەردىن باشلىغۇڭ كەلسە شۇ يەردىن باشلاۋەر. قولۇڭنى چىۋەر قىل. ئوڭ-سۇلۇڭغا قارىما..

    باشقىلارنىڭ قېلىپىغا يېقىنلاشقۇچى بولما بولمىسا تۈرمىگە كىرىسەن...

    ئۆزەڭنىڭ قېلىپىنى ئىشلەت. لاي بۇ يەردە، سۇ مانا، خۇمدان ئەنە.

    ئەگەر ئىشلەۋاتقىنىڭدا قولۇڭ كۈيۈپ قالسا قۇلۇڭنى دەرھال  تۇرۇبا سۈيىگە تۇت. سىخىمىزدا داكا، ئىسپىرىت يوق..

    يەنە ئىسىڭدە بولسۇن: خىزمەت ئارلىقىدا ئىشداشلىرىڭ بىلەن پاراڭلاشما، چۈنكى مەن سىختا قۇرۇق پاراڭ بولۇشىنى ياقتۇرمايمەن. دېدى.

    مەن: لىكىن ئەپەندىم مەن ئانچە ئىش ئۇقمايمەن. تىخى ئەمدى ئون ئالتىگە كىردىم، قانداق مەشغۇلات قىلىدىغىنىمىنى دەپ بەرمەمسىز. دېسەم، ئۇ ۋارقىراپ شۇنداق دېدى:

    ھەي شۇمتەك.. مېنىڭ قېشىم بالىلار باغچىسى ئەمەس، بۇ يەردە ساڭا بىبەرون[1](ئېمىزگۈ)، سۈت،  كاكائو پاراشوكى دېگەن نەرسىلەريوق. تۇلا ۋالاقلىماي ئىش كىيىمىنى كېيىپ، چاپسان ئىشقا چۈش....

     

     

     

    8

    مەن كۆك رەڭلىك ئىش كىيىمىنى كەيدىمدە ئىشقا چۈشۈپ كەتتىم.

    باشلىقنىڭ سۆزلىرى قۇلاق تۆۋىمدە قوڭغۇراقتەك جىرىڭلاپ تۇراتتى:

    -       ئۇڭغا قارىما.

    -       سولغىمۇ قارىما.

    -       باشقىلارنىڭ قېلىپىنى ئىشلىتىۋالما.

    مانا بۇ سۆزلەرگىمۇ توپتوغرا ئەللىك يىل ئۆتۈپتۈ، ھىلىمۇ بۇ سۆزلەر قۇلاق تۈۋىمدىن نىرى كەتكىنى يوق.

    شۇ چاغدا كېيگەن كۆك رەڭلىك ئىش كىيىمى ئىشلىسەممۇ، ئۇخلىساممۇ ھەتتا يۇيۇنساممۇ كىچە-كۈندۈز ئۈستۈندە تۇرۇپتۇ...