ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر تەرمىلەر ئەركەكلەرگە: سىز ئاتا بولدىڭ ...
كۆرۈش: 82|ئىنكاس: 3
go

ئەركەكلەرگە: سىز ئاتا بولدىڭىز...

mosajan0997 * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2284
دەرىجىسى: ئالى ھۇقۇقلۇق ئەزا
تىما سانى: 3462 (1)
جۇغلانما: 15541 نومۇر
277
11342
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-4-20
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-20 17:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تورداشلار ،بۇ يازما ماڭا قاتتىق ياراپ كىتىپ،مىسرانىمدىن 100 مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىۋاتقاچ سىزلەرنىمۇ كۈرۈپ باقسۇن دەپ ئالغاچ كەلدىم.

سىز ئاتا بولدىڭىز، نەزىرىڭىزدە ئەتراپ بىردىنلا يورۇپ كېتۋاتقاندەك بولدى، ماڭسىڭىز بويىڭىز ئېگىزلىشىپ قالغاندەك، پۇتلىرىڭىزمۇ يەرگە تەگمەيۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ، گويا شۇ بىرلا بالىڭىز بىلەن دۇنيا تولۇپ قالدى، ھەممە كەم-كوتىڭىز پۈتكەندەك بولدى. يۈرىكىڭىزنىڭ تېگىدىن پۈتۈن جىسمىڭىزغا بىر شېرىن يايراش تارىلىدۇ. قولىڭىزدىكى بىر پارچە ئەت سىزنىڭ تەكرارىڭىزدۇر. بىر ئىدىڭىز، ئىككى بولدىڭىز. ئۇ چوڭ بولۇپ كۆپەيسە ئۈچ بولىسىز، تۆت بولىسىز.....
قاراڭ، ئىنشائاللا، سىزنىڭ نامىڭىز بىلەن ئاتىلىدىغان ئەۋلادىڭىز كارۋىنى پەيدا بولدى. بۇ چەكسىز بەخىتنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن مۇبارەك بولسۇن، ئوغلانىم! ئۆيىڭىزدە پەرزەنت ئاتلىق شېرىن <<دۈشمەن>> پەيدا بولدى، يۈرىكىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر يىپ باغلاندى-يۇ، بۇ يىپ ئىككىنچى، ئۈچىنىچى بالىڭىزغا ئۇلاندى، كۆكسىڭىزنىڭ شۇ قىسىمى ئەمدى ھەرگىز ئۇخلىيالمايدۇ، مەيلى قەيەردە بولۇڭ، شۇ شېرىن ئاغرىق سىزنى ئۆي تەرەپكە تارتىپ تۇرىدۇ، ھامان تارتىۋېرىدۇ، بۇ يىپ ئەمدى ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخرىغىچە سىزنى قويۇپ بەرمەيدۇ، ئوغلانىم، ششۇ تاپتا بىر پەس ئۆزىڭىزگە كېلىڭ: سىز تۇغۇلغاندا ئاتا-ئانىڭىزمۇ قانداق كويغا چۈشكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ، ئۇلارنىڭ باغرىدىكى شۇ ئاغرىق سىز ئىكەنلكىڭىز ۋە شۇ كۈنگىچىمۇ ئۇلار بۇ دەرتكە مۇپتىلا ئىكەنلكىنى ھېس قىلىڭ ۋە ئاۋۋال روھەن ئۇلارغا تەزىم قىلىپ، ئاندىن بالىڭىزغا يۈزلىنىڭ.
بالىڭىزنىڭ شېرىن تىلى ۋە شېرىن ھەرىكەتلىرىدىن سىمابتەك ئېرىگەن پەيتىلىرىڭىزدە، ئۇ ساقسىز بولۇپ قالغان چاغلىرىدا ھېلى ئۇ، ھېلى بۇ داۋانى ئىزدەپ سەرسان بولغان كۈنلىرىڭىزدە ئاتا-ئانىڭىزنىمۇ سىز تۈپەيلى شۇ ھالغا چۈشكىنىنى يادلاپ تۇرۇڭ ۋە ئۇلارنىڭ بوسۇغىسىغا باش ئۇرۇپ، ئۆزرىلىرىڭىزنى ئېيتىشقا ئالدىراڭ.
....دادام رەھمەتلىك مەرھۇم سىڭىلىم زۇمرەتخان ھەققىدىكى بىر ۋەقەنى تەكرار-تەكرار ئەسلەيتتى. سىڭلىم تۆت ياش، مەن يەتتە ياشتا ئىكەنمەن. << بىر كۈنى ساڭا پوسما ئېلىپ كەلدىم. ئۇنىڭغا يوق ئىدى(دادام ھەر قېتىم شۇ گەپنى ئېيتىۋاتقاندا لەۋلىرى تىتىرەيتتى. ئۇكاڭغا قوشۇپ ئالغىلى پۇلۇم يەتمىگەنتتى، دەپ ئالماي كەلگەچكە ئازابلىنىۋاتقىنى كۆرنۈپ تۇراتتى). <بۇنى ئاچاڭغا ئىلىپ كەلدىم> دېدىم ئۇنىڭ كۆزىگە قارىماي. ئۇ پوسمىنى كۆرۈپ چاۋاك چىلىپ، ئىنتايىن خوشھال بولۇپ كەتتى. <ۋاي دادا، نىمانچە چىرايلىق؟ ئاچامغا ئىلىپ كەلدىڭىزمۇ، ھازىرلا ئۇنى تاپىمەن، ئۇنىڭغا ئېيتىمەن، ئاچا، ئاچا!...> دېگەنچە يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى...>>
دادام ھەر قېتىم ھېكايە قىلىپ تۇرۇپ يىغلاپ كېتەر، <<ماڭا قېنى؟>> دېمىگەنىدى شۇ چاغدا، ئاھ، بالام، ئاھ بالام!>> دەپ تىزىغا شاپىلاقلاپ ئۇراتتى....
سىزمۇ ئاتا بولدىڭىز، گاھىدا بالىڭىزنى كۆڭلىڭىزدىكىدەك كىيىندۈرەلمەي، ئاشۇنداق ئېگىز-پەس ئويلىرىنى ۋە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزنى دەپ نەچچە ئېزىپ، نەچچە تەزگىنىنى خاتىرىلەپ قويۇڭ.
دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر غېرىبلىق بالاڭ بالىسى بىلەن ئاۋارە بولۇپ كېتىپ، سېنىڭ بىر چەتتە ئېتىبارسىز قېلىشىڭدۇر. بىزنىڭ ئادىتىمىزدە ئومۇمەن يېنىدا ئاتا-ئانىسى بار ۋاقىتتا بالىلىرىنى ئەركىلەتمىگەن. ئويلاپ قارىسام، بۇنىڭ كەينىدە ئاجايىپ چوڭ بىر پەلسەپە بار ئىكەن:قاراڭ ، جېنىمىزنىڭ بىر پارچىسى بالىمىزغا ئۆتتى. بۇ جاننىڭ ئاغرىقى-ئەلىمى پۈتمەي تۇرۇپ بالىمىز بىز بەرگەن جاندىن ئۈزۈپ ئۆز بالىسىغا ئۆتكۈزىدۇ. ئېيتىڭچۇ، بى ئازابى ئىككى بولدى، يەنە بۇ ئازابلاردىن پارچىلىنىپ تۇرغان ئاتا-ئانىغا كەينىڭىزنى قىلىپ ئولتۇرۇپ، ئۇلارنى ئۇنتۇپ، ھەدەپ كېچە تۇخۇمدىن چىققان بالىڭىزغا بېرىلىپ كەتىسڭىز، بۇ ئادىللىقمۇ، ئوغلانىم؟
پەرزەنتىڭىز تۇغۇلدى، ئەمما ئۇنىڭ نېمىلەرگە يارىشى سىزگە باغلىقتۇر. قېنى بۇرادەر، بالىڭىزنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىنى خالايسىز؟ ئىلىملىك بولسۇن دەمسىز، چوڭ مەرتىۋىلىك بولسۇن دەيسىز ياكى پۇلدار بولسۇن دەيسىز، شۇنداقمۇ؟ خوپ، پەرىشتىلەرمۇ ئامىن، دېدى دەيلى، ھەددى-ھېسابسىز قۇربان بىرىشلەر بىلەن بالىڭىزنى شۇ مەرتىۋىگە يەتكۈزدىڭىز، لېكىن كۆڭلىڭىز ئەمدى تىنغاندا پاجىئە يۈز بېرىدۇ، بالىڭىزنىڭ تاپقان تائاملىرى تېتىمايدۇ، دۇنياسى نۇرسىزلىنىشقا باشلايدۇ؛ گۆدەك جىسمى ياخشى-يامان، گۈزەل ۋە خۇنۇك نەرسىنى دەسلەپ ئاتا-ئانىسىدىن تونۇيدۇ. ئەڭ موھىمى شۇكى، بالىلار دۇنياسىدا ئاتا-ئانىلار خاتا قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشى توغرا، دېگەن قاراش مىخلىنىپ قالغان بولىدۇ. سىز بولسىڭىز، پەرزەنتلىك بولغىنڭىزدىن كېيىنمۇ ئۆزىڭىزنى شۇنداق تۇتىۋېرىسىز. ئاتىلىققا نامۇناسىپ قۇسۇرلىرىم باردۇر، دەپ خاۋاتىرلەنمەيسىز! ئۆيىڭىزدىكى مال-دۇنيانىڭ، داستىخنىڭىزدىن تائام يەپ تۇرغان مەسۇم چۆرىلەرنىڭ ئارىسدا ئۆزىڭىزنى شىر كەبى سېزىسىز ۋە <<بالام ماڭا ئوخشىسا، يامان بوپتىمۇ؟>> دەپ كۆكرىكىڭىزگە ئۇرىسىز، شۇ دەقىقىدىن باشلاپ غەپلەت باستى. كۈلپەت باستى سىزنى ! ئارزۇ قىلىغىنڭىزدەك بالىڭىز ئوقۇمۇشلۇق بولدى، ئەمما چېكەرمەن زىيالي بولدى، بۇ چېكىش ۋە ئىچىشلەر ئۇنى ھالقىلىق يېشىدا خاراب قىلىدى، ئۇنى شۇ كەيىپكە ئۈگەتكەن ئۆزىڭىز. چۈنكى ئۇنى چېكىپ يۈرۈپ شۇ بالىنى باقتىڭىز، ئەندىزە ئۆزىڭىز بولدىڭىز ...
بالىڭىز مەرتىۋىلىك بولدى، دەيلى... ئەمما ئەلنىڭ نەزىرىدىن قالدى. تېپىۋەردى، ئەمما تاپقىنى تۆكۈلۈپ كېتىۋەردى. بۇنىڭغىمۇ سىز ئەيىبدار، چۈنكى سىز ئىش پۈتتۈرۈش ئالدىدا كىملەرگىدۇر خىيانەت قىلغانسىز. ئاقىۋەتتە بۇنىڭ زۇۋالى ئۆزىڭىزنى ئەمەس، بالىڭىزنى تۇتىدۇ. يىغىپ ئىيتقاندا، بالىڭىز سزدە قانداق تۇتۇم كۆرگەن بولسا، ئۆز مەنسەپ كۇرىسنى شۇنداق باشقۇرىدۇ، ئەمدى ئۆز نۆۋىتىدە بالىڭىزنىڭ زاۋالى نەۋرىڭىزنى تۇتىدۇ.
بەزىدە ئون بەش ياشتىلا ئاينىپ كەتكەن بالىڭىزدىن كايىپ يۈرىسىز، ئۇرىسىز، سۆكىسىز، مۇئەللىملەرنى ئەيىبلەيسىز، يولدىن ئازدۇردى، دەپ دوستلىرىنى قارغايسىز ! ئۇ بولسا بۇ كوچىدىن قوغلسىڭىز، ئۇ كوچىغا ئۆتۈپ ساياقلقىنى قىلىۋېرىدۇ، نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ دەپ داد-پەرياد سالىسىز! ئۆزىڭىزنى بېسىڭ،دەردىڭىزنى يۇتۇشقا مەجبۇرسىز ئەمدى! قېنى ئىيتڭىچۇ، ئۆزىڭىز كىمىسز؟! قانچىلغان سىرلىق قازانلارنى ئېچىلمايدىغان قىلىپ يېپىپ يۈرگىنڭىز ئۆزىڭىزگىلا ئايان، ئوڭ كەلسە، گۇۋاھ يوق چاغدا گۇناھ قىلىشقا تەييارسىز. سىرتىڭىزدىن شۇنداق زىيالىي، شۇنداق ئەدەبلىك كۆرنىسىزكى ، <<شۇنداق ئادەمنىڭ بالىسنى قاراڭ...>> دەپ ئېچىندۇ بەزىدە، ياق، بۇرادەر، ھەممە ئىشىڭىزنى قايتىمىسىز قالدۇرمايدۇ. ئالىمىنىڭ تېگىگە ئالما، بېھىنىڭ تېگىگە بېھى چۈشىدۇ، ئاتا-ئانا قېنىدا يۇشۇرنۇپ قالغان بەزى ئەيىبلەر بالىدا ئاشكارا بولىدۇ.
ئاتا بولدىڭىزمۇ ، دەرھال ھەممە گۇناھلىرىڭىزغا توۋا قىلىڭ. شۇ پۈرسەتتىن باشلاپ ئىشىڭىزدىمۇ، گىپىڭىزدىمۇ ياخشلىق، توغرىلىق ۋە پاكلىق بولسۇن، ئىنشائاللا، بالىڭىزدىن باشلاپ نەسلىڭىز تۈزۈلۈپ كېتىدۇ! يەنە بىر گەپ، ئايالىڭىز جىسمۇ جېنىدىن بالا ياسايدۇ، چۈنكى ھالاك بولۇپ ياسىغان بالىسى <<پالانچىنىڭ بالىسى>> دەپ سىزنىڭ ئىسمڭىز بىلەن ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆستىگە يەنە بۇ يېرىم جان بىلەن بالىنى بېقىش، ئاياغقا تۇرغۇزۇشمۇ كېرەك. ئاتا بولغاچقا سىزگە ھەرقانداق ۋاقىتتا يېقىش-ياقماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئايالىڭىزنى پەرۋىش قىلىڭ(بولۇپمۇ بالا تۇغۇلۇپ بىر يىلىغىچە). بۇ پەيىتلەر ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ چارىسىز يىللاردۇر. ئانا بولغان ياكى بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئايالنىڭ تېۋىپى ئۇنىڭ جۈپتىدۇر. بۇ مۇقەددەس بۇرچىڭىزنى چۈشەنمسىڭىز، يەنە زاۋالغا ئۇچراۋېرىسىز.
سىز ئاتا بولدىڭىز ... قاغا جېنىدا بالىلىرى ئۈچۈن ياڭاق كۆمۈپ غەملەيدۇ، ئالىمخانچۇ! چۈمۈلىنىڭ چېكىۋاتقان رىيازىتىنى قاراڭ! قارلىغاچنىڭ بالىسى ئۈچۈن لاي توشۇشنى قاراڭ! سىز بولسىڭىز ھەزرىتى ئىنسانسىز ! چۈمۈلىنىڭ ئالدىدا سىزنى دىۋە دېسە بولىدۇ. خوش، ئاتا بولۇش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى قانداق تەييارلىدىڭىز؟! بالىچاقا بېقىشقا يارامىسز؟ ئايالىڭىز ۋە بالىڭىز سىزنى نىجاتچىسى دەپ بىلىدۇ-نىجاتچى بولماققا تەييارمۇسىز؟
سىز دېگەن بۈيۈك شەرق ئوغلانى! بالىنى ئاياغقا تۇرغۇزۇش، ھۆنەرلىك قىلىش ئاتىنىڭ بۇرچىدۇر. بۇ ئىشلارنى ئايالغا يۈكلەپ قويۇش سىز ئۈچۈن خائىنلىق بولسۇن!
ئايىغىڭىز يۈرۈپ، قولىڭىز تۇتۇپ تۇرۋاتقان پەيىتتە ئايالىڭىزنىڭ پۇلى بىلەن قازان قاينىتىش سىز ئۈچۈن ھاقارەت بولسۇن!
ئايالىڭىزنىڭ بازاردىن سەۋزە-پىياز توشۇشى سىز ئۈچۈن نۇمۇس بولسۇن!
بالىنىڭ رىزقىدىن شىلىپ قىمارغا تىكىش، ئىچىش، ناقابىل يوللارغا يۈرۈش سىز ئۈچۈن شەرمەندىلىك بولسۇن!
سىز ئاتا بولدىڭىز، پاك بولسىڭىز، پۈتۈن ئەۋلادىڭىز تازىدۇر. بولمىسا، ئاتا-بوۋىلىرڭىزنىڭ نۇرلىق روھلىرى ھەمشە چىرقىراپ ياتىدۇ، ھوشىيار بولۇڭ، ئەركەكلەر..........

مەنبە:مىسرانىم مۇنبىرى(تەرسايى يازمىسى) _________ياشاش تىلسىمىدىن
بۇ مىنىڭ شەخسىي قارىشىم-شۇتىمىدىكى:‹‹يائاللا تىما بولار ،بۇ توغرىسىدا مۇشۇنچىلىك بۇلار ....
شۇنداق ياخشى يىزىۋېتىپسىز ،خۇددىي چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر پىروگىراممىسىدا زىيارەت قىلىنغاندەك...دىگەنلىرىڭىز بەرھەق ،ئاساسلىرىڭىز كىشىنى قايىل قىلىدۇ...مانا مەنمۇ بۇ نوقتىنى چۈشىنىپ يەتكەن ،ھەم ئاجرىشىش ئالدىدا بالامدىن باشقا ھەممىدىن كەچكەن .........بىراق ئاتا-ئانامدىن ،بىر ئوماق بالامدىنلا كىچەلمىگەن ....بىراق ئاپىسى بىر مىنىڭدىن باشقا تالاشمىغان ھىـــــــــــــــــــــــــچ نەرسىسى قالمىدى،بىر ئۆمۈر تالاپ تويمايدىغان چىراي...،ئاشۇنداق تويماس بالا نەپسىلىرىڭدىن پاناھ بەرگەيسەن...
بالىلىرىنى ھەر قانداق سەۋەبلەر بىلەن تاشلىۋېتىپ ،كارى بولمايدىغانلارنىڭ دىلىغا ئىنساپ بەرگەيسەن...››
دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.
nuzugum624 * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2506
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 1207 (2)
جۇغلانما: 14479 نومۇر
554
11654
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-8-16
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
تەشۋىقات ئەلچىسى يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-20 18:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
،ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپتۇ،(ئاتا بولدىڭىزمۇ ، دەرھال ھەممە گۇناھلىرىڭىزغا توۋا قىلىڭ. شۇ پۈرسەتتىن باشلاپ ئىشىڭىزدىمۇ، گىپىڭىزدىمۇ ياخشلىق، توغرىلىق ۋە پاكلىق بولسۇن، ئىنشائاللا، بالىڭىزدىن باشلاپ نەسلىڭىز تۈزۈلۈپ كېتىدۇ!)بۇلۇپمۇ مۇشۇ يېرى ماڭا بەك ياردى ،دوسلۇرۇم ھامىلدار بولسا شۇنداق دەپ كىتىمەن ،يولدۇشۇڭ تاماكا چەكمىسۇن،ھاراقمۇئىچمىسۇن،بالاڭ شۇنىڭغا خۇمار بۇلۇپ قالدۇ دەپ.(بۇنى ئاپامدىن ئاڭلىغان).ماقالىدا دىگەندەك ئاتا بالا ئۈچۈن بىر ئۆرنەك ،بالا ئاتا-ئانىسنىڭ قىلغان ئىشلىرنى دوراپ چوڭ بۇلىدۇ ،ئاتا -ئانا بالىلار ئۈچۈن تۇنجى ئۇستاز .شۇڭا ئاتا-ئانا بالىلارنى كەلگۈسدە ياراملىق بالا قىلىمەن دەيدىكەن چۇقۇم ئاۋال ئۆزى بالىلارغا ئۈلگە بۇلۇشى كېرەك .ئاتا تاماكا چىكىپ ئولتۇرۇپ (بالام تاماكا چەكمەڭ )دىسە بالا ھە دىگەن بىلەن كۆڭلىدە سەن چىكىدىكەنسەنغۇ ؟مەن چەكسەم نېمە بۇلدۇ دەپ ئويلايدۇ .ئانا بولسا ئۆزىنى ھەرخىل بوياپ ،بولمىغۇركىيىملەرنى كىيىپ بالام بۇنداق كەيسڭىز بولمايدۇ دىسە بالا ئۇنىڭغىمۇ قايىل بولمايدۇ .خۇلاسە:يىگىتلەر ئۆزىڭىزنى يىگىت دەپ ئويلىسىڭىز ھەم كەلگۈسىدە ياخشى بىر نامىڭىز قالسۇن ،ياخشى بىر ئەۋلاتلىرىم قالسۇن دىسىڭىز بىشڭىزنى سىلكىۋېتىپ ،يامان ،ناچار ئادەتلىرىڭىزنى تاشلاڭ .بالىرىڭىزغا ئۈلگە بۇلۇڭ .تېمىدىن چەتنەپ كەتمىگەنىمەن ھە؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nuzugum624 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-20 18:30

باھا سۆز

mosajan0997 ئەلۋەتتە! يوللانغان ۋاقتى 2012-1-20 18:25
بىزپەقەت بىر ئاللانىڭ قۇلى ،سەۋىر قىل ئاللا سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە.
timtas * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2757
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 251 (0)
جۇغلانما: 2960 نومۇر
71
2489
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-12-29
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-26
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 01:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن ، ئاتا دىگەن پاك ، ھالال قەدەملىرى بىلەن بىزنى ئىزگۈلۈككە باشلاپ بارىدىغان قەھرىمان ، بىراق بىزدە شۇنداق قەھرىمانلار ئازلاپ كىتىۋاتقاچقا بالىلار ئىز بېسىپ ياخشى ئاتا بۇلالمايۋاتىدۇ . بۇنىڭ ئورنىنى بىز ھەربىرىمىز مەسئۇلىيەتچان ، غۇرۇرلۇق ئاتا ، مەسئۇلىيەتچان ، پاك ئانا بۇلۇش بىلەنلا تولدۇرالايمىز . بۇ تىمىنى يوللاپ بىز بىلەن بىللە بەھىرلەنگىنىڭىزگە رەھمەت
sagak * توردا بار
مۇنمۇ بار جىنىسسىز

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2703
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 410 (0)
جۇغلانما: 1192 نومۇر
36
668
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-12-1
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 03:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان تېمىكەن.
بالا تەربىيلەش بىر مەسلە بولدى ، قانداق قىلغاندا بالىنى ياخشى تەربىيلىگىلى بولىدۇ دەپ گاڭگىراپ تۈرگەن بىزلەر ئۈچۈن ناھايتى ياخشى بىر دەرىسلىك بوپتۇ.
مەنمۇ بۇ تېمىدىن چوڭقۇر تەربىيە ئالدىم
1框架
كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!
.كۇچامۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! كونۇپكا تاختىسىدىكى S D F G H J K L كونۇپكىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان يېشىل رەڭلىك ھەرىپلەرنى Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ باسسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2012-3-28 16:49 , Processed in 0.162327 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.