ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر شېئېريەت گۈلزارى موللا ئېشەك(ساتىرا)
كۆرۈش: 72|ئىنكاس: 5
go

موللا ئېشەك(ساتىرا)

mosajan0997 * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2284
دەرىجىسى: ئالى ھۇقۇقلۇق ئەزا
تىما سانى: 3462 (1)
جۇغلانما: 15541 نومۇر
277
11342
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-4-20
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-20 09:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
موللا ئېشەك
شۈكۈر يالقىن
پىشقەدەم شائىر ،دراماتۇرگ شۈكۈر يالقىن 1917-يىل11-ئاينىڭ 8-كۈنى تاشكەنىتتە مەرىپەتپەرۋەت ئۆزبىك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .تاشكەنىتتە ، قازاقىستاننىڭ ئاقمولا شەھىرىدە ۋە مۇسكۋادا بىلىم ئالغان، 1930-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا شىنجاڭدا ئولتۇراقلىشىپ ،قەشقەر،ئىلى، چۆچەك،ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ ئىلىم تارقىتىش بىلەن مەشغۇل بولغان .شۈكۈر يالقىننىڭ ئىجادىيتى 1930 ـ يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىدىن باشلانغان بۇلۇپ ھازىرغا قەدەر << شاڭخەي كېچىسى>>،<<ۋەتەن نۇمۇسى ئۈچۈن>> قاتارلىق 19 پارچە سەھنە ئەسىرىنى ، نۇرغۇنلىغان تەسىرلىك ھىكايىلەرنى، ئىلمى نەزەرىۋى تەتقىقات ماقالىلىرىنى ، نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى ۋە << نەسىردىن ئەپەندى >> ناملىق كۆپ قىسىملىق تىلىۋېزىيە تىياتىرىنى يېزىپ چىقتى .
شۈكۈر يالقىن << موللا ئىشەك >> ناملىق شېئىرىدا ناھايتى ئۆتكۈر تىل بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى پادىشاھ ، ئەمەلدارلار ، باي غوجاملارنىڭ ئاچكۆزلىكى ،بېخىللىقى ۋە گالۋاڭلىقىنى سۆكۈش بىلەن بىرگە خەلق ئاممىسىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى مەدھىيلىگەن . بۇ ئەسەر 1970- يىلى ئۈرۈمچىدە يېزىلغان .

موللا ئېشەك(ساتىرا)

پادىشاھ جاكارلاپتۇ ئەلگە بىر ئېلان ،
ئېلاندا مۇنۇلارنى قىپتۇمىش بايان :
<<ئوردىنىڭ ئېغىلىدىن ئېلىپ بىر ئېشەك،
ئوقۇتۇپ موللا قىلىپ ياندۇرۇش كىرەك.
كىم ئەگەر قىلالىسا ئىشەكنى موللا ،
مۇكاپات بىرىلىدۇ بىر تۈمەن تىللا >>
گەرچە تىللا قىزىقتۇرسىمۇ خەقنى بەك،
ھېچكىم بۇ ئىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇدەك.
ئون مىڭ تىللا ئاز گەپمۇ ئويلاپ بېقىلسا،
مۇمكىنمۇ شۇنچىلىك پۇل چەتكە قېقىلسا؟!
لېكىن بىر چاتاق يېرى: ئېشەكنى موللا ـ
قىلىش دۇنيادا مۇمكىن ئەمەس زادىلا !
<<ئون مىڭ تىللا >>،<<ئېشەك>>ۋە <<موللا >>دېگەن گەپ ،
ئەل ئاغزىدىن چۈشمەيلا، كېتىپتۇ ئەدەپ .
قانچە، قانچە ئادەملەر باش قاتۇرىشىپتۇ،
پۇلنى ئويلاپ كەچ يېتىپ ـ ئەتە تۇرۇپتۇ .
ئون مىڭ تىللانى ئاڭلاپ موللىلار ئۆزى ،
ئايەت ،ھەدىس،ئورنىغا تىللانىڭ سۆزى .
ھېچبىر ئامال تاپالماي بۇ مۈشكۈل ئىشقا ،
ئازلا قاپتۇ ئۆزلىرىنى ئېشەك قىلىشقا .
سودىگەرنىڭ ئاغزىدا تىللانىڭ گېپى،
بايراق بۇلۇشنى ئويلار ھەربىر نان قېپى.
پۇلغا زار كەمبەغەللەر بۇ ياندا قېلىپ ،
پۇلدارلار سۆزلىشىپتۇ چوڭ داۋراڭ سېلىپ.
قىرىق تەڭگىلىك كۆزەتچى ئاڭلىماي تۇرۇپ،
تۆت يۈز تەڭگىلك كادىر بەك باش قاتۇرۇپ.
ئاچلارنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈچە بۇ گەپ،
توققلار ساقالنى تۇتۇپ دېيىشىپتۇ : خەپ!
رەستىدە ھەم سارايدا ھېيتىگاھدا گەپ ،
مەسجىدتە،مەدرىستە،خانىقادا گەپ.
ھەر نېمە دىگەن بىلەن تىللا ئەمەسمۇ ،
تىللاسى بارغا ھۆرمەت <<لىللا >>ئەمەسمۇ .
قىسقىسى ئەلدە بوپتۇ كۆپ غولغولا ،
لىكىن كىممۇ قىلالىسۇن ئېشەكنى موللا!
X X X
ئەلۋەتتە چەتتە قالماي بۇ چوڭ خەۋەردىن ،
خەۋەردار بوپتۇ بىزنىڭ موللا نەسىردىن .
دەسلىپىدە تولىمۇ ھەيران قاپتۇدەك ،
ئوردىنىڭ بۇ ئىشىغا قىزىقىپتۇ بەك .
ئۇ ئويلاپتۇ، پادىشاھ ئېشەكنى موللا ـ
قىلىش ئۈچۈن تېنەيدۇ نىمۇنچىۋۇلا ؟
قېشىدىكى بىلىمدان ئۆلىمالىرى
ئىلمى نۇجۇم①،ھەندىسە②،پىر -ئۇستازلىرى ،
پەيلاسوپ ۋە دانىشمەن،قۇرئەندازلىرى③ .
مسنى ئالتۇن قىلالىغان كېمىياگەرلىرى④ ،
يالغاننى راس قىلالىغان پىرىبگەرلىرى ⑤.
ئەتراپتا چۆگىلىگەن يوغان سەللالار،
يەنى قازىيۇ ئەئلەم⑥، مۇپتى⑦،موللىلار.
قايسى بىرى ئېشەكتىن چوڭ پەرق قىلىدۇ؟
(پەرقى يوق ئىكەنلىكىنى ئالەم بىلىدۇ !)
شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە ئېشەكنى موللا -
قىلىش ئۈچۈن بەرگۈدەك شۇنچە تىللا .
تىللا سەرپ قىلىپ يەنە موللا كۆپەيتىش،
ئۇنى ئېشەكنىڭ ھېسابىغا كېڭەيتىش.
نېمىگە بۇنچە زۆرۈر بۇلۇپ قالدىكىن ،
بۇ ئويغا پادىشاھنى نېمە سالدىكىن؟

X X X

دەل شۇ يەرگە كەلگەندە ئۇنىڭ خىيالى،
يادىغا كەپتۇ بالا - چاقا، ئايالى.
ئۇ ئويلاپ ئولتۇرماستىن ئۇياق بۇياقنى،
بىر چەكمەن بىلەن يېپىپ يىرتىق - ياماقنى.
يالاڭغىداق پۇتىغا ئېلىپ كەشىنى،
بوز سەللە بىلەن بېزەپ يوغان بېشىنى.
تەپ تارتماستىن ئوردىغا كىرىپ بېرىپتۇ،
يۈكۈنۈپ پادىشاھقا سالام بىرىپتۇ.
<<قەدەم تەشرىپ قىپسىز موللا نەسىردىن-
دەپتۇ پادىشاھ،- نېمە تىلەيسىز بىزدىن؟>>
ئەپەندى گەپنى سوزماي دەپتۇ ئۇدۇللا:
<<پادىشاھىم، ئىلتىپات قىلغان تىللا-
بىلەن ئېشەكنى پىقىر ئالغىلى كەپتىم،
رۇخسەت بولسا شۇ ئىشقا كىرىشەي دەپتىم.>>
پادىشاھ خۇشال بۇلۇپ بىرىپتۇ پەرمان،
ئېشەك ۋە تىللا ھازىر بۇلۇپتۇ شۇئان.
ئەپەندى مۇلازىمدىن ئېشەكنى ئېلىپ،
ئون مىڭ تىللانى ساناپ قوينىغا سېلىپ:
<<ئون يىلدا موللا قىلىپ بېرىمەن >>دەپتۇ،
پادىشاھمۇ <<خوپ>> دېگەن قارارغا كەپتۇ.
لېكىن ئۇنىڭ چېڭراق بىر شەرتى باركەن،
(ئەلۋەتتە ھەر بىر گۈلدە بولىدۇ تىكەن)
ئەلۋەتتە ئون يىلدا ئېشەك موللا بولمىسا،
يەنى توختامدىكى شەرت ئادا بولمىسا.
ئەپەندىم جازالىنىپ بېشى كېسىلۇر،
ياكى ئالدامچى بۇلۇپ دارغا ئېسىلۇر.
ھەرھالدا ئون مىڭ تىللا بوشقا بېرىلمەس،
گەپ جايىدىن چىقمىسا، ئىش يېنىك ئەمەس!
ئەپەندى رازى بوپتۇ بۇ ئېغىر شەرتكە ،
دادىل تۇرۇپ دەپتۇكى قالمايمەن دەردكە.>>
توختام شۇنداق تۈزۈلۈپ تەھقىقلىنىپتۇ،
ئىككى تەرەپ مۆھۈر بېسىپ تەستىقلىنىپتۇ.
كېلىشىم مۇراسىمى تۈگىگەچ ئەمدى.
خۇشال - خۇرام يېنىپتۇ ئۆيگە ئەپەندى.

X X X

بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغان ئۇنىڭ خۇتۇنى،
ھاڭ- تاڭ بۇلۇپ بېشىدىن چىقىپتۇ تۈتۈنى.
ۋارقىراپ پەرياد سېلىپ، جارقىراپ-قاقشاپ،
ساق تۇرۇقلۇق سەۋدايى- ساراڭغا ئوخشاپ.
ئۆز چېچىنى يۇلۇپ ئۆز يۈزىگە ئۇرۇپ،
ئېرىنى ئەيىبلەپ غوۋغا كۆتۈرۈپ .
<< سىز زادى قانداق ئادەم، ساراڭمۇ -ساقمۇ؟
ئادەم تەلۋە بۇلارمۇ سىزدەك، شۇنداقمۇ؟!
دادىسى، سىزدە قىلچە ئەقىل قالماپتۇ،
مېڭىڭىزنى ئالۋاستى، دىۋە يالماپتۇ.
شۇنچىۋىلا خەتەرلىك ئىشنى قىپ قۇيۇپ،
قانداق قىلغىنىڭىز بۇ جاندىنمۇ تۇيۇپ.
ئېشەك دېگەنمۇ موللا بۇلامدۇ زادى
نەدە ئالىم بوپتىكەن ھايۋان ئەۋلادى؟
سىزدىن تۇل قېلىپ ئەمدى ئون بالام بىلەن،
يېتىم ئۇغۇل-تۇل خۇتۇن دېگەن نام بىلەن.
نەلەردە سەرگەردان بۇپ، تەمتىرەپ يۈرەي؟
مەن نېمانچە بىتەلەي، ئىسىت، ئىسىت،ھەي!...
شۇنداق دەپ يىغلاپ-قاقشاپ تۇرغاندا ئايال،
ئەپەندى پەرۋاسىزلا كۈلۈپ بىمالال :
<<سېلىپ كەتمىگىن خۇتۇن، بەك ئەييۇھەنناس (خىتاب)،
تولا چىچاڭشىماستىن سەل ئۆپكەڭنى باس.
مۇنۇ ئون مىڭ تىللانى ساندۇققا تىققىن،
ھەر ئايدا بەش تىللادىنلا ئېلىپ چىققىن.
كالا، قوي،توخۇ ئوخشاش مال-ۋاران قىلىپ،
ئۆيىمىزگە كىگىزمۇ، زىلچىمۇ سېلىپ.
بىزمۇ بىر ئاغزىمىزنى ئاققا تەگكۈزۈپ،
چىشىمىزنى كۈندە گۆش - ياققا تەگكۈزۈپ.
يۇمشاق يوتقاندا يېتىپ ئۇخلاپ باقايلى،
يارۇ دوستلىرىمىزنى يوقلاپ باقايلى.
ماتا سەللە،بۆز بەلباغ ماڭا خاسمىدى،
شاھى سەللە پىقىرغا ياراشماسمىدى.
بەقەسەمدىن تون كىيىپ يۈرۈپ باقايچۇ،
ئاخۇنۇمدىن كىيىنلا تۇرۇپ باقايچۇ.
تاشلىۋەت ئۈستۈڭدىكى جۇلدۇر تاغارنى،
سەنمۇ بىر كىيىپ باققىن دۇردۇن- تاۋارنى.
يىرتىق ياماقتىن بىزنىڭ بالىلار قۇتۇلسۇن،
ئادەمنىڭ پەرزەنتىدەك ئوبدان كۈتۈلسۇن.
ئانچە مۇنچە ئوت، ئۇتۇن،ئاشلىق دۆۋىلەپ.
ھويلا ئارامىمىزدا ئەركىن چۆرگىلەپ.
قىسقىسى بىزمۇ ئىنسان بۇلۇپ ياشايلى،
يىغاـ زار ئورنىغا كۈلۈپ ياشايلى.
شۇلارنىڭ ھەممىسىگە يىتىدۇ تىللا،
يىغلاۋەرمەي بۇ بەخىتلىك كۈنۈڭنى ئويلا!>>
خوتون ھامان نالىسىدىن توختىماي قىلچە،
دەپتۇ قاقشاپ يۈز -كۆزى ياشلىق پېتىچە:
<<ئانداق دىگىنى بىلەن ئون يىلدىن كېيىن،
كۆرىدىغان كۈنىمىز بولمامدۇ قىيىن؟
ئېشەك موللا بولمايدۇ ئون مىڭ يىلدىمۇ،
سىلى بۇنى ئازراقمۇ ئويلاپ كۆردىلىمۇ؟>>
ئەپەندى مۇنداق دەپتۇ ئۆز ئايالىغا :
<<قوي كەلمەس گەپنى ئادەمنىڭ خىيالىغا،
مەنمۇ ئالدى - كەينىنى ئويلاپ باقتىم،
ئاندىن ئوردىنىڭ دەرۋازىسىنى قاقتىم.
ئون يىل مۇددەت سۇرىدىم موللا قىلىشقا،
راسا باشنى قاتۇردۇم بۇ قالتىس ئىشقا.
ئون يىل دېگەن ئاز ۋاخمۇ ئويلاپ كۆر ئۈزۈڭ،
ئون يىللىق مۇساپىگە يەتمەمدۇ كۆزۈڭ؟
ئېشەكنى مىنىپ تۇرساق ئۇزاق يېقىنغا،
ئون مىڭ تىللا پاتامدۇ بىزنىڭ بېقىنغا .
ئون يىل توشقىچە كىم بار كىم يوق ئالەمدە،
جان دېگەن ئامانەتقۇ بەندە ئادەمگە .
ئون يىلغىچە مەن ئۆلۈپ كېتەرمەن بەلكىم،
مەن ئۆلسەم پادىشاھقا جاۋاپ قىلار كىم؟
بەلكى شۇ چاغ ئېشەكنى ئېلىپ كېتەر-شۇ
دەۋا -دەستۇر شۇنىڭ بىلەن پۈتەر -شۇ
ياكى قازاغا دۇچار بۇلار پادىشاھ،
ئۇ قازا قىلسا ئەل - يۇرت ياشار كەڭتاشا
ئۇ چاغدا ھېچكىم موللا ئېشەك ئىزدىمەس،
بىزگە دەۋاگەر بۇلۇپ ھېچكىم سۆزلىمەس.
باردىيۇ پادىشاھمۇ - مەنمۇ ئۆلمىسەك،
ئۇ مېنى يا مەن ئۇنى گۆرگە كۆممىسەك.
ئون يىلغىچە ئىككىمىز ھاياتلا تۇرساق،
ئاغرىق سىلاقتىن ئامان يۈرسەك ساپمۇ ساق...>>
خۇتۇنى گەپ قىستۇرۇپ دەپتۇ :<<دادىسى ،
شۇ چاغدا بېرىلەركىن كىمنىڭ جاجىسى ؟!>>
<<نادان ئىكەنسەن خۇتۇن بەك ئالدىراڭغۇ،
ئاينىڭ ئون بەشى يورۇق تېڭى قاراڭغۇ-
دىگەن سۆز بارلىقىنى بىلىسەن ئۆزۈڭ،
يەنە قىلچە يىراقنى كۆرمەيدۇ كۆزۈڭ.
ئېشەككىمۇ يورۇق كۈن بولىۋەرمەيدۇ،
دۇنيادا پەقەت ئادەم ئۆلىۋەرمەيدۇ.
مەن ئۆلمەي قالسام ئەگەر پادىشاھ ئۆلەر،
پادىشاھمۇ ئۆلمىسە ئېشەكقۇ ئۆلەر.
ھەرھالدا قازا تاپساق ئۈچتىن بىرىمىز،
ئېچىلماي قېلىۋەرگەي بىزنىڭ سىرىمىز.
يوق ئەندىشىنى قىلما، تەشۋىشنى تاشلا،
خاتىرجەم يەپ-ئىچىۋەر ، تىللانى خەجلە!>>

X X X

دەل شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ توققۇز بالىسى،
(ئىسىملىرىنى ئېنىق بىلمەس دادىسى )
ھويلىنىڭ ئۇ چېتىدە دۇمباق-دۇمباق بوپ،
ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئىچىدە كۈلۈپ،خۇشۋاق بوپ.
پادىشاھلىق ئېشەكنى مىنمەك بۇلۇپ،
ئوينىشاتتى شاد-خۇرام بەخىتكە تۇلۇشۇپ.
بەزىلىرى ئۇنىڭغا بەرسە ئوت -خەشەك ،
يەيتتى ئۇنى بولغۇسى چوڭ موللا ئېشەك .
_______
①ئىلمى نۇجۇم-ئاستىرونۇم
②ھەندىسە - گېئومىتىرىيە.
③قۇرئەنداز- پالچى،رەمبال.
④كىمىياگەر-خىمىك.
⑤پىرىبەگ- ساختىپەز.
⑥ئەئلەم-بىلىملىك كىشى .
⑦مۇپتى-شەرىئەت مەسىلىلىرىدە پەتىۋا بەرگۈچى،قانۇنشۇناس.
1970-يىل ئۈرۈمچى
مەنبەسى: ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن ئېلىنغان (95-يىل نەشىرى )


دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.
nuzugum624 * توردا يوق
خانىم توردا باركەنسىزدە
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2506
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 1207 (2)
جۇغلانما: 14479 نومۇر
554
11654
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-8-16
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
تەشۋىقات ئەلچىسى يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-20 11:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھا ،ھا بۇرۇنمۇ بىر ئۇقۇپتىكەنمەن ،ئەپاندىمنىڭ بەك كاللىسى ئىشلەيدۇ جۇمۇ ؟ ياخشى يىزىلغان ساتىرا ئىكەن

بىزپەقەت بىر ئاللانىڭ قۇلى ،سەۋىر قىل ئاللا سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە.
tumari * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2746
دەرىجىسى: ئالى ھۇقۇقلۇق ئەزا
تىما سانى: 442 (0)
جۇغلانما: 5040 نومۇر
219
4007
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-12-23
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-20 12:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي دات مۇنبەر باشلىقى....
ماۋۇ مۇساجان دىگەن قېرىندىشىمىز،قىزىقچىلىق قىلدىم دەپ شۇنداق بىر تېما يوللاپتۇكى...ساتىرالارنىڭ قاتىلىكەن.مۇنبەردىكى بارلىق ساتىرالارنى ئۆلتۈرىۋەتكىدەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tumari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-20 12:03


ئالدىراش ئادەملەر ئەڭ بەختلىكتۇر.
pinhan308 * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2772
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 368 (0)
جۇغلانما: 2129 نومۇر
54
1602
0


تىزىم ۋاقتى: 2012-1-5
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-26
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-20 14:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك قىزىقارلىق ساتىراكەن ، نىدىگەن ئەقىللىق بۇ ئەپەندىم

كىشلىك ھاياتتا ھېچكىمنى سەل چاغلىماڭ
ziba1007 * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1034
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 830 (0)
جۇغلانما: 2533 نومۇر
40
1572
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-8-23
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-20 14:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەتىكى ئۆپكىدىن بۈگۈنكى ھېسىپ ياخشى دىگەن شۇدە .
ھەي ! شۇ زامانلاردى ئەدەبىيات ئوقۇشلىقىدا ئاجايىپ ئەسەرلەر بار ئىدى دە . ‹‹ ۋالاقتەككۈرۈپنىڭ ئۆلۈمى ›› ، ‹‹ ئانا ›› دىەەندەك ئاجايىپ ئىسىل شىېرلار بار ئىدى . مەن چاچما شىئېرلارنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىسەممۇ مۇشۇ شىئېرلارنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيتتىم . ھەي بالىلىق ، ھەي سەبىيلىك ، ئەجەپ سېغىندىم .

كۈڭۈلگە سىغمىغان ،كۆزگە سىغماس.
manzil * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 93
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىقى
تىما سانى: 6282 (2)
جۇغلانما: 62070 نومۇر
2255
51124
90


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-19
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-20 23:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش tumari نىڭ يازمىسى

موسا قارىـــــــــــــــــــــــــــنى قانداق قىلۋەتسەك بولا ھە ئەمدى....
ھەقىقەتەن ساتىرانىڭ قاتىلى ئىكەن بۇ......

تور بېتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر، تور بىتىمىزگە كىرگەنكەنسىز تېما ۋە ئىنكاس يوللاشنى ئۇنۇتماڭ، تور بېتىمىزدە ئىزىڭىز قالسۇن qq:675835234
1框架
كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!
.كۇچامۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! كونۇپكا تاختىسىدىكى S D F G H J K L كونۇپكىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان يېشىل رەڭلىك ھەرىپلەرنى Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ باسسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2012-3-28 17:45 , Processed in 0.192067 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.