ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن مەشھۇرلارنى سېسىتايلى
كۆرۈش: 1316|ئىنكاس: 6
go

مەشھۇرلارنى سېسىتايلى

kusanboyliri * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2719
دەرىجىسى: ئالى ھۇقۇقلۇق ئەزا
تىما سانى: 502 (1)
جۇغلانما: 10112 نومۇر
606
7819
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-12-8
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 02:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

مەشھۇرلارنى سېسىتايلى

noshirwan

(ھەجۋىي)

-يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «ئۇ كەلمەسكە كەتتى» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى خاتىرە




بىزدە مەشھۇرلار نېمانچە كۆپ؟

ئۇلارنى كۆرمىسەكمۇ، بىلمىسەكمۇ، تىللاپ تۇرايلى، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىمىزنى خۇش ئېتەيلى، ئۆزىمىزگە تەسەللى بېرىپ، ‹‹دانىشمەن››بولايلى.

يايلاقتا بۆرە ھۇۋلاپ تۇرمىسىمۇ، قوي پاڭقۇش بولمايدۇ، قوتۇر بېسىپ كەتمەيدۇ. بۆرىدەك ھۇۋلاپ تۇرغانلارنى شىددەت بىلەن قارغايلى، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن پىتنە-پاسات تېرىيلى، بولسا قاغاپ ئۆلتۈرىۋېتەيلى.

بىر مۇنچە نەرسىنى ئىچىگە سولاپ ئۇلۇغ بولىۋىلىپ، ھۆپۈپكە ئوخشاش ئىچىدە سېسىتىۋىتىدىغان ئېتى ئۇلۇغ، سۇپۇرىسى قۇرۇقلارنى، قارىماققا ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدىغان، ئەمەلىيەتتە جىگدىچىلىك مېۋىسى يوق قاپاق تېرەكتەك كارغا يارىماسلارنى ماختايلى، بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرەيلى. كىمكى سورۇنلارنى بېشىغا كىيىپ،خەقنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇپ قۇرۇق لاپ ئۇرسا، بىر تۇخۇم تۇغۇپ قويۇپ ئالەمنى بېشىغا كىيسە، ئۆزىنى ماختاپ، ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ، ئۆزىدىن باشقىنى ئاساسسىز ئىنكار قىلىپ سېسىتسا، خەلققە قۇرۇق پىتنىدىن باشقا تۈزۈك نەپ بەرمىسە، شۇنداقلارنى ئۇلۇغلايلى.

مەشھۇرلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشنى، مەشھۇرلارنى تىللاپ سېسىتىشنى،قۇرۇق گەپ قىلىپ ھاراق ئىچىپ،سۇرۇن قوغلىشىپ قاتار چاي ئويناپ، كۈننى ھارام ئۆتكۈزۈپ ئۆلۈپ تۈگەشنى ئۆگىنەيلى، مەشھۇرلارنى تىللاپ-قارغاپ، يوقىرى-تۆۋەن قاتراپ مەشھۇرلارنى چېقىشنى، پىتنە قىلىشنى تازا ئۆزلەشتۈرۈپ، ‹‹كەسپىي پىتنىچى››لەردىن بۇلۇپ يېتىشىپ چىقايلى. ئۆز ئارا گەپلەشسەكمۇ، سالاملاشساقمۇ ھالال نىيەت بىلەن ئەمەس، بەلكى مەشھۇرلار ھەققىدە بىرەر غەيۋەت ئۇچۇرىغا ئىگە بۇلۇش مەقسىتىدە گەپلىشەيلى، سالاملىشايلى. مەشھۇرلارنى تىللاش،سېتىش، قەدىر-قىممىتىنى يەرگە ئۇرۇش، خورلاش، ھاقارەتلەش ئارقىلىق تۇغۇلغانغا، ئۇيغۇر بۇلۇپ يارىلىپ قالغانغا داد دېگۈزۈپ ئۆلتۈرەيلى.

مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىكى ھەر ساھە ئەربابلىرى،چوڭ-كىچىكلەر شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بارساڭلار ئېلىپ باردىغان دۇئايى سالام، سوۋغاتلار ئىچىدە مەشھۇرلار ھەققىدە غەيۋەت بىلەن پىتنە چوقۇم كەم قالمىغاي. بۇ پىتنە-پاساتلار ئاندىن ھەر قايسى ۋىلايەت،شەھەر،ناھىيىلەردە ياڭيۇ كۆپەيگەندەك بىر-بىرىنى تۇغۇپ، كەڭ تارقالغاي. ھازىرغۇ تور بىزگە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى كەلتۈردى. مۇنبەر، كيۇ كيۇ توپى دېگەنلەردىنمۇ تولۇق پايدىلىنايلى. پىتنە-پاساتلارنى دەرھال تۈركۈملەپ كۆپەيتىپ تارقىتايلى.
مەشھۇرلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ غاجاپ، قۇرۇق ئىسكىلىت قىلىپ، ئاندىن دەپنە قىلايلى. ئۇلارنىڭ ئادەمگە خاس نۇقسانلىرىنىمۇ كەچۈرىۋەتمەيلى. بىكار تەلەپ ھارەمزادىلەر، گەپنىڭ چىرايلىقىنى، ئىشنىڭ ئەسكىسىنى قىلىدىغان خۇمسىلار، كېچىسى ئورا كولاپ،كۈندۈزى ئەلخۇمار بولۇۋالىدىغان مۇناپىقلار، بىر ئىشنى ياخشى قىلىپ، يۈز ئىشنى يامان قىلىدىغان نائەھلىلەر قىلغۇلۇقنى قىلىۋەرسۇن، كەمچىلىكىنى تۆھپىسى نەچچە ھەسسە بېسىپ چۈشىدىغان مەشھۇرلارنى يەتتە ياشتىن يەتمىش تاشقۇچە ھەممىمىز قارغايلى.

تىرىك چېغىدا سېسىتىپ،ئۆلگەندىن كېيىن قەبرىسىگە ئېسىلىپ سېغىنىپ، ئۇلارنى يادلاپ يىغلايلى. لەنەت تاشلىرىمىزنى شەيتانلارغا ئەمەس، مەشھۇرلارغا ياغدۇرايلى.


مەنبە:http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=500
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىكۇچاتەڭگىسى يىغىش سەۋەبى
kaplan + 20 مەنىسى چۇڭقۇر ئىكەن

ھەممە باھا نومۇرى : كۇچاتەڭگىسى + 20 باھا خاتىرىسى

kaplan * توردا بار
 ئەپەندىم توردا باركەنسىزدە

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 39
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىقى
تىما سانى: 5303 (6)
جۇغلانما: 188065 نومۇر
52705
77091
2810


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-13
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 12:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھازىرقى رىيال جەميىمىزدە ساقلىنىۋاتقان، ئىللەتلەرنى ئۇستىلىق بىلەن قامچىلاپتۇ ، كىنايە ۋە مەسخىرلەر شۇنداق جايىدا چىقىپتۇ .
مۇنبەر باشلىغى ۋە مۇنبەر قۇرغۇچىسى
تور بېتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر، تور بىتىمىزگە كىرگەنكەنسىز تېما ۋە ئىنكاس يوللاشنى ئۇنۇتماڭ، تور بېتىمىزدە ئىزىڭىز قالسۇن
sagak * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2703
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 410 (0)
جۇغلانما: 1192 نومۇر
36
668
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-12-1
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 20:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق قىلمىساق قانداق ئويغۇر دىگەن نامىمىزغا ماس كىلىمىز
manzil * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 93
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىقى
تىما سانى: 6282 (2)
جۇغلانما: 62070 نومۇر
2255
51124
90


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-19
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-15 02:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئويغۇرنىڭ مەنىسى-ئۇيۇشماق ئىكەنتۇق..ئەمما ھازىر ئەكسىچە كوپ كىتىۋاتىمىز..ئوزىمىز قىلالمايمىز، قىلغانلارنى كۇرەلمەيمىز ھەم كوزگە ئىلمايمىز ئوزىمىزنى قالتىس چاغلاپ...
تور بېتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر، تور بىتىمىزگە كىرگەنكەنسىز تېما ۋە ئىنكاس يوللاشنى ئۇنۇتماڭ، تور بېتىمىزدە ئىزىڭىز قالسۇن qq:675835234
nuzugum624 * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2506
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 1207 (2)
جۇغلانما: 14479 نومۇر
554
11654
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-8-16
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
تەشۋىقات ئەلچىسى يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-15 15:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىزدىكى بۇ كۆرەلمەسلىك ئادىتى تۈزۈلمىدى ،ئىللەت تۈزۈلمىدى ،مىللەتمۇ تزەلمىدى ،ھېلىغۇ داڭلىق شەخسلەركە كېچىككىنە بىر مەھەلىدىمۇ غەيۋەت شىكايەت بەك كۆپ ،بىرەر كىشى باي بولسا كۆرەلمەي ،بۇرۇن ئۇنداق ئادەم ئىدى مۇنداق ئادەم ئىدى ،ئەمدى باي بۇلۇپ ،ھاجى بۇلۋاپتۇ دىگەن گەپلەرنى بەك تولا ئاڭلايمىز ،بۇ بىزدىكى ئاڭ سەۋيمىزنىڭ تۆۋەنلىكىمۇ ياكى بىزگە مىراس كونا كېسەللىكمۇ بىلمەيمىز ؟
بىزپەقەت بىر ئاللانىڭ قۇلى ،سەۋىر قىل ئاللا سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە.
akil-siz * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2785
دەرىجىسى: تىرىشچان ئەزا
تىما سانى: 45 (0)
جۇغلانما: 113 نومۇر
0
68
0


تىزىم ۋاقتى: 2012-1-15
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-1-24
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 22:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەمدى نىمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلۋالدىم..............ھۇ «ئەقىلسىز»..... لەر
zilala * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2474
دەرىجىسى: كۇچا خۇمار ئەزا
تىما سانى: 167 (0)
جۇغلانما: 677 نومۇر
30
420
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-7-28
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
يوللانغان ۋاقتى 2012-2-16 17:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىشقىلىپ بەش ۋاق نامازدىن باشقىنىڭ ھەممىسى بىكاركەن، ئۇ دۇنياغا پەقەت نامازنىلا ئەپكېتەلەيدىكەنمىز، باشقىلىرى بىكار
كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!
.كۇچامۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! كونۇپكا تاختىسىدىكى S D F G H J K L كونۇپكىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان يېشىل رەڭلىك ھەرىپلەرنى Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ باسسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2012-3-28 17:17 , Processed in 0.153168 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.