ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھىپىسى قانداق ياشاش ھەققىدە ئىز تىر ...
كۆرۈش: 236|ئىنكاس: 12
go

قانداق ياشاش ھەققىدە ئىز تىراپلىق خىياللار...(مۇكاپاتلىق ئەسەر )

mosajan0997 * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2284
دەرىجىسى: ئالى ھۇقۇقلۇق ئەزا
تىما سانى: 3462 (1)
جۇغلانما: 15541 نومۇر
277
11342
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-4-20
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 15:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار:
سالامدىن كىيىن ،ھەممىڭلارغا سالامەتلىك ، توغرا نىيەت ،ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن.ئاندىن سىلەر بىلەن مۇنبەر يۈزىدە مۇشۇ خىياللىرىم ھەققىدە ئورتاقلاشماقچىمەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹‹ مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھىپىسى›› يولغا قۇيۇلۇپ ،نەچچە كۈنلەرگىچە ھىچكىممۇ ئەسەر ئەۋەتىشكە جۈرئەت قىلمىدىمۇ ،ياكى يىزىپ پۈتتۈرۈپ بۇلالمايۋاتامدۇ ،ياكى قانداق بولار دەپ ئۆزىنى تىڭشاپ بېقىۋاتامدۇ بىلمىدىم ،دەسلەپتە مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان ،ئەمما ھازىر تۇرۇپلا ئۆزەمنىڭ مۇشۇ جۈرئەتسىزلىكى ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ ئۆزەمنىڭ ئويلىغان بۇ قاراشلىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى:
گەپنىڭ بېشىدا ئازراق نەقىل ئالاي،چۈنكى بۇلار مەن ئەڭ ياقتۇرغان ئەقىلىيە سۆزلەر ۋە كۈچۈرمىلىرىم.
ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان بۇھرانلارنىڭ سەۋەبى...
بۈگۈن دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان بۇھرانلارنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى ۋىجدانلاردا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قۇچاقلايدىغان رەھمەت ۋە شەپقەت تۇيغۇلىرىنىڭ يوقلىقى، كىشىلەرنىڭ ھەق- ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلماسلىق ۋە ئادالەت تۇيغۇلىرىنىڭ بولماسلىقىدۇر.
شەخسلەر ۋە جەمئىيەتلەر پەقەتلا ئۆز مەنپەئەتلىرىنىلا ئويلايدۇ ۋە ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان مەنپەئەتنىڭ ھالال بولۇپ بولمىغانلىقى بىلەن كارى بولمايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاجىزلار ناھەقچىلىككە ئۇچراپ ئىزىلىدۇ. بۇلارنى قوغدايدىغان كۈچ يوق. زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئەرشى ئالاغا ئۆرلەپ چىققان ئاھۇ ئەفغانلىرى جەمئىيەتلەرنىڭ ئۈستىگە تىنچسىزلىق ئاپىتى بولۇپ چۈشىدۇ. چۈنكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئاھى ـ
ئىنسانلارنى بىئارام قىلىۋاتقان بۇ ئىزتىرابلاردىن قۇتۇلۇشىنىڭ چارىسى بارلىق ئىنسانىيەتنى قۇچاقلايدىغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھەق، ئادالەت ۋە مەرھەمەت تۇيغۇلىرىنى ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىغا ھاكىم قىلىشتۇر.ئۇنداق بولمىغاندا بىزلەرنىڭ دۈچ كىلىدىغىنمىز-نەپسىنى يېڭەلەسلىك ۋە نەپسىگە قۇل بۇلۇپ ،ئاخىرى ئۆزىمىز قەدىرىگە يەتمىگەن نەرسىلەرگە زار بۇلۇشتۇر...
يۇقارقى مەزمۇندىن ئەقىللىق تورداشلىرىم بىزلەردە نىمە كەملىكىنى ،نىمىنىڭ ئەڭ مۇھىملىقىنى بىلىپ بولدىڭىز ،لىكىن ئەمدى يەنە بىلمىسىڭىز ،تۇنۇپ يەتمىسىڭىز بولمايدىغان ،تۇرمۇشىمىزغا ئايرىلماس ھەمراھ بولىۋاتقان بىر نەرسە بار ،ئۇ بولسىمۇ ئىقتىساد،ھازىر باشقىلار ئەڭ كۈڭۈل بۈلىۋاتقىنى ،بىزلەر ئەڭ بىپەرۋا قاراۋاتقىنىمىزمۇ مۇشۇ مەسىللەر بولسا كېرەك ، بۇ توغرىسىدا بەزىلەر ئاللىقاچان ماڭا دەرىس بەرگۈدەك بۇلۇپ كەتكەن ،بۇلىشىمۇ مۇمكىن ،لىكىن بەزىلەر پىلانسىز ،مەقسەتسىز ئۆتۈپ كىلىۋاتقان بۇلىشىمۇ مۇمكىن ، بۇ يەردە مەن سىزگە ئۇلۇغۋار نىشانلارنى بەلگىلەپ ،مۇشۇ بويىچە ماڭسىڭىز مۇنداق ئادەم بولۇپ كىتىسىز دىمەيمەن ،بەلكىم مۇشۇ بويىچە توغرا نىشاندا ماڭسڭىز بەلكىم شۇ تىلەكلىلىرىڭىزگە يىتىشىڭىزگە سەل ئاسانلىق بوپ قالار دىگەن ئۈمىدتە بۇ تىمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن...
بۇ گىپىم ئارقىلىق ماڭا ئاتا-ئانام ۋە ئاتا- بوۋلىرىمىزدىن مىراس قالغان ئالتۇنغا تىگىشكۈسىز ھەقىقەتلەردىن بىر قانچىنى ئاددىي ،ھەر قانداق ئادەم ئويلىنىپ قۇبۇل قىلالىغۇدەك دەرىجىدە ،ئەمەلىي مىساللارنى كەلتۈرۈپ ،سىزنى قايىل قىلالىسام دىمەككى ،قۇرۇق سۆز قىلمىغان بولىمەن...
1.‹‹نىمىنى خارلىساڭ ،شۇنىڭ خارلىقىنى كۆرىسەن››
تىمامدا ئىقتىساد نى مەر كەز قىلماقچى بولغاچقا بۇنى مەن مۇنداق چۈشەندۈرمەكچى ....بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئىسراپچىلىق بولىۋاتقىنى يەنىلا شۇ پۇل،شۇ ئىسراپچىلىقلار ئۈچۈن بىزنى جازالاپ ،بەزىدە بىزگە ئۆزىنى زار قىلدۇرۋاتقىنىمۇ شۇ پۇل....يوقلار ئىنتىلىدۇ ، بار بولغانلار قەدىرىگە يەتمەيدۇ...
ھەتتا بەزى ئەقلى چولتا قىز-ئاياللىرىمىز مودا قوغلىشىپ ،رايۇنىمىزنىلا ئالساق ئوچانىڭ دىھقان بازىرى،يىجىيانىڭ ئالدىدىكى خەنزۇ بازىرى....قاتارلىق ئەرزانراق بازارلاردىن 50~100 نەچچە يۈەنگە ئالغىلى بولغىدەك شۇنداق كىيىملەرنى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىن نەچچە يۈز يۈئەنلەرگە ئېلىپ كەيسە كىيىدۇكى،شۇنچىلىك كاللا ئىشلىتىپ ،كىيىمنى مۇۋاپىقراق ئالاي ،قالغىنىنى ئىقتىساد قىلاي، بىر كۈنلەردە مۇشۇ پۇلنىڭ خارلىقى يىتىپمۇ قالارمۇ ....دىگەنلەرنى ئويلاپ قويمايدۇ.
يېزىدىن شۇنداق جاپادا پۇل تاپقان دېھقانلىرىمىز شەھەرگە كەلسە ،ھازىر بىر قىسىملىرى چىرايلىق پاكىز خۇتۇننى ئۆيدە تاشلاپ قۇيۇپ ،ئوماق بالىسىنى ئويلىماي ،ئەڭ مەينەت ،پاسكىنا ئىشرەت كوچىلىرىدا شۇ پۇللىرىنى 5يۈئەنلىك نەرسىنى 5~10 ھەسسىگىچە قىممەت باھادا ئېلىپ ،شۇ جاپاسىنى تەڭ تارىتقانلىرىنى ئويلاپ قويمايدۇ...
بۇ يەرگە كەلگەندە ھەسسىلەپ ئىسىت....دىيىشتىن ،شۇ ئاياللىرىغا ،بالىلىرىغا ،ئاتا-ئانىلىرىغا ئىچ ئاغىرتىشتىن باشقىسى قولىمىزدىن كەلمەيدۇ...ئەگەر قۇلۇمدىن كەلسە ،رىۋايەتلەردىكى سۇلايماننىڭ قالپىقى بولسا ،شۇنداق يەرلەرگە كىرىپ ئۇلارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇللىرىنى ئۇدۇللۇق ئېلىپ ،ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ،ۋە ئۆيىدىكىلەرگە ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرگەن بۇلاتتىم....لىكىن شۇلارمۇ شۇ پۇلنىڭ ،غازاڭدەك خەجلىۋەتكەن پۇللىرىنىڭ دەردىنى بىر كۈنلەردە خوپ تارتىدۇ...چۈنكى بۇ جاھان ئارغامچىسى ئۇزۇن ،شۇنداق تەڭشەلگەن جاھان...
2.ئەرلەردىكى ھاراقكەشلىك ۋە ئاياللاردىكى مودىكەشلىك...
بىز قاچانلاردىن باشلاپكى دىنىي تەربىيەلەردىن يىراقلاشتۇق ،ياتلاشتۇق ،شۇنىڭدىن بۇيان ھاراق بىلەن دوسىتلاشتۇق،بىر گەپ بار‹‹ھاراق بىلەن دوسىتلاشقىنىڭ ئەقىل بىلەن خوشلاشقىنىڭ ›› دەپ بەرھەق ،بۇنىڭغا ئىشەنمەيمۇ ئامالىڭىز يوق ،قارشى چىقىپمۇ چىقىپ بولالمايسىز ،چۈنكى ئەڭ نۇپۇزلۇق ئالىم ۋە پىسخولوگلار ئاللىقاچان بۇنى ئېلان مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدى ،ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر ھاراق ئىچىپ ،نۇرغۇ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغاندىن كىيىن ھازىر ھۈكۈمىتىمىزمۇ كەسكىن چەكلەپ ،قاتناش قوراللىرىنى تارتىۋېلىشى بۇنىڭ كۈچلۈك دەلىلى ئەمەسمۇ...
يەنە شۇ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ھاراق ئادەمنى ئاۋال دۆتلەشتۈرىدۇ ،ئاندىن مەرىتلەشتۈرىدۇ،ئىقتىساددىن ئايرىلىمىز ،كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سەت كۈرۈنۈشكە باشلايمىز،ياخشى ئىشلار ۋە ئىئانىگە ،ئۇرۇق-تۇۇققانلىرىمىزغا ياردەم قىلىشنى ئويلاشقان خىياللىرىمىز،ئۇلۇغۋار پىلانلىرىمىز سۇغا چىلىشىدۇ،ئاندىن ئاستا-ئاستا ھاراق بىزنى پەسلەشتۈرۈشكە باشلايدۇ....
ئەرلەر ھاراقكەش بۇلىۋېلىپ ،تاپقان پۇللارنى ئاشۇنداق سۇرىۋەرسە ئاياللار قانداق قىلىدۇ ،ئېنىقكى ئۇلارمۇ ناھايتى دورامچى كىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن سەن ئىچىپ يوقتىپ بولغىچە مەن ئۇچامغا ئارتىۋالاي دەپ ،باشقىلار ،مودىكەشلەر بىلەن بەسلىشىپ ،پۇل دىگەن بىچارىنى تازا سۇرۇيدۇ ،ھەتتا ئەرلەر قەرىزگە ھاراق ئېلىپ ئىچسە ،ئاياللارمۇ قەرىزگە كىيىم ئېلىپ كىيىدىكەن دەپ ئېنىق ئاڭلىدىم (ئىشەنمىسىڭىز سودىگەر بازىرىغا كىرىپ سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ)...شۇنىڭ بىلەن ئۆيلەردىن بوران ئۇچۇپ تۇرغان ،بۇنداق ئائىلىلەردىن ئىناقلىق ۋە ئورتاقلىق يوقالغان ،مۇھەببەت خىجىل بۇلۇپ كىتىپ قالغان ،بەركەت ئۇچقان بولىدۇ....
3.ئۆزىمىزنىڭ تاشقى سۈپتىگە ئەھمىيەت بىرىش ۋە ھالىمىزنى بەك چوڭ چاغلاش.
ھازىر ئىقتىسادىي سەۋيىىمىز ئۆستى ،تۇرمۇش ساپايمىز ۋە ئۆلچىمىمىز ئۆستى ،ئەمما بىز ‹‹يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش›› نى ئۇنتۇپ قېلىپ ،بەزىدە يوتقان يىتىشمەي ، باشقىلارنىڭكىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىۋاتىمىز، شۇنىڭ بىلەن مۇستەققىل قارشىمىزنىڭ ئورنىغا باشقىلارغا تاينىش قارشى ئالماشتى...
يەنى ئاددىي بىر مىسال ،مەن ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ، مۇشۇ يېقىنلاردىمۇ مۇئاشىم 2000 يۈئەندىن ئاشىدۇ ،لىكىن بىر قېتىم ئاياق ئالماقچى بۇلۇپ ،نەۋرە ئىنلىرىم بىلەن ،تۇققانلار بىلەن بىر نەچچە ئاياق دۇكىنىغا كىردۇق ،نەۋرە ئىنلىرىم تالىشىپ يۈرۈپ ،ئاخىرى تازا مودا ،تىماھتەك تۇمشۇقى ئۇچلۇق ئاياقلارنى 200نەچچە يۈئەندىن ئېلىپ كىيىشتى،ئەمما ئۇلارنىڭ ئىشلەتكىنى ئاپىلىرى بەرگەن پۇل ئىدى،مىنىڭ كارتامدا 3000 يۈئەندىن ئارتۇق پۇل بار ئىدى،ئاخىرى ئۆزەم بىلگەن بىر ھەربىي دۇكانغا كىرىپ ،شۇنداق چىداملىق بىر كالا خۇرۇمى ئاياقنى 80 يۈئەنگە ئېلىپ ،ئۆيگە بارسام تۇققانلاردىن نەچچىسى ئالماقچى بولدى،ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا مەن شۇنداقراق يەردىن ئالايلى دىسەم ئۇنىمىغان ،بىر نەۋرە .ئىنىم بولىدىغان 700 يۈئەن مائاش ئالىدىغان ،ھېيىت كەلدى دەپ 200 نەچچە يۈئەنگە ئاياق ،250 يۈئەنگە چاپان...ئېلىپ شۇ مائاشىغا ئۈستى بېشىنى تېخى تۇلۇق ياپالماپتۇ....دىمەك بۇنداق ئىشلار ئەتراپىمىزدا ساماندەك،تاللا بازىرىدىن ،.......لاردىن ھەسسىلەپ قىممەت باھادا كىيىم سېتىۋالدىغانلار دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ ،پارقىرغىنىنى خەقلەر كۆرىدۇ .........
4.نىشانسىز ياشاش ،مەقسەت -غايىلەر ئېنىق بولماسلىق ؛،بەزىلەر ھاياتتا نىمە ئىش قىلىش قىلىش كېرەكلىگىنى بىلىپ ياشايدۇ،ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيەتلىقىنى ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ۋە تۆھپىلىرى ئارقىلىق مەنىلىك ياشاش ئۈچۈن تىرىشىدۇ ۋەبۇنداق كىشىلەرنىڭ ياشاش مىزانى ،ۋاقىت قارىشى ۋە ئىقتىساد قارىشى ناھايتى ئېنىق بولىدۇ،لىكىن بۇ ساندىكى كىشىلىرىمىز كۆپ ئەمەس،كۆپ ساندىكى كىشىلەر تۇغۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ياشاش ۋەزىپىگە ئايلانغاندەك ،يەنە باشقىلارنى دوراپ ياشايدۇ،ئادەم ئۈچۈن مۇھىمى ،ھەق -ناھەق ۋە توغرا -خاتانى ئېنىق ئايرىپ ،غۇرۇر ۋە ۋىجدان بىلەن ئۆزىنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل بۇلۇپ ياشاش ،ياشاشلارنىڭ ئارسىدا مەنچە ئەڭ ياخشىسى،‹‹پولات قانداق تاۋلاندى››دىكى پاۋىل كورچاگىننىڭ بىر جۈملە مەشھۇر سۆزى بار...‹‹ئادەم شۇنداق ياشىشى كېرەككى ،ئۆز ھاياتىدا قىلغانلىرىدىن ئۈكۈنمىگىدەك....›› ياشاش كېرەك دەپ ،بىر گەپ بارغۇ ،بۇرۇنقى چوڭلار ،ھۇرۇن ،تىرىشماس ئادەملەرگە دەيدىغان ھېلىقى ‹‹...يارالمىشىڭ ئۆزەڭدىن ››،‹‹ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۈمۈرچىسى›› دەپ ،بىزنىڭ ھاياتىمىزدا چۇقۇم مەلۇم نىشان بۇلۇش كېرەك،نىشان كۆز يەتكۈدەك ،باسقۇچلارغا بۈلۈنگەن ،دەل ئاشۇنداق نىشانلارنى قىلىپ ،شۇ بويىچە تىرىشىش ئادەمنى چۇقۇم مەنىسىز ،بىر خىللا ياشاشتىن ،مەنىلىك ياشاشقا دەۋەت قىلىدۇ دەپ قارايمەن.
بۇ ھەقتە يازغۇچى ئابدىرېھىم دۆلەتنىڭ ‹‹مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز›› كىتابىدا كۆرگەن مۇنداق بىر مىسالنى قىستۇرۇپ ئۆتەي.
بىر كىشى ئۈتۈپ كىتىۋېتىپ تام قۇپۇرۋاتقان ئۈچ كىشىدىن نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى سوراپتۇ؛ بىرىنچىسى تام قۇپۇرۋاتىمەن دەپتۇ،ئىككىچنىسى ،پۇل تېپىۋاتىمەن دەپتۇ،ئۈچىنچىسى ئۆزگىچە بىر ئاددىي قۇرلۇش لاھىيەلەۋاتىمەن....دەپتۇ...ئەمدى سىز بۇ ئۈچ كىشىنىڭ كىيىنلىكىنى ھىس قىلىپ بولدىڭىز دەپ ،دىمەك سىزمۇ بىلىپ بولدىڭىز....
5. توردىن قانداق پايدىلىنىش ، مۇنبەرمەدەنىيىتنى قانداق قۇبۇل قىلىش.
تورغا يېڭى كىرگەندە ناخشا -مۇزىكا تىڭشايمىز ،چۈشۈرىمىز،رەسىم كۈرىمىز ساقلىۋالىمىز،ئاندىن چىچى نۇمۇر ئالىمىز ،دوسىت قۇشۇپ تۇنۇشىمىز ،پاراڭلىشىمىز، كىنو كۆرىمىز،بۇ جەرياندا بىز تورنى باشلىماي ،توردىكى ئۇلانىملارغا ئەگىشىپ نىمە يېڭلىق تۇيۇلسا شۇنى كۈرۈپ كىلىمىز، ...ئەمدى مۇنبەرگە كىلەيلى، كۆپىنچىمىز(مۇنبەرگە كىرىدىغانلار )توردا مۇنبەرنىڭ مۇنازىرە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ ئۆز كۆز قارشىمىزنى ئىپادىلىگەن شۇ ئارقىلىق توردىن ئىباردەت بۇ چەكلىمىسىز جەمىيەت داشۆسىدە نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بۇلىىمىز،پىكىرلىشىمىز ،بەزىدە مىجەزىمىز زىللىشىپ قالغاندا ئالدىراپ كىتىپ ئۆز-ئارا خاپا بۇلۇشۇپمۇ قالىمىز...ھاھاھاھا....لىكىن ئىنچىكە ئويلايدىغان بولساق ، پەقەت شەخسىيەتچىلىك ۋە نەزەر دائىرىمىزنىڭ تارراقلىقى ۋە ھىسىياتقا بىرىلىپ كىتىش تۈپەيلىدىن ئازارلىشىپمۇ باقىمىز ،لىكىن چوڭ جەھەتتىن بۆكىمىزنى ساقچىلاردەك ئالدىمىزغا قۇيۇپ ئويلاپ باقساق ،ئانچە تالاشقۇدەكمۇ ئىش يوق ،زىددىيەتمۇ يوق ،پەقەتلا ئازراق چۈشىنىشمەسلىكنىڭ بۇ پەرىقنى چوڭايتىۋەتكەنلىكنىلا بايقايمىز ،ئەمەلىيەتتە كۈلۈپ ،ياكى ياخشى تەرەپتىن ئويلاپ باقساقلا ئەمەلىيەتتە چوڭ ئىشلارنىڭ يوقلىقىنى بايقايمىز،ئۆز- ئارا يول قويغانغا نىمە يىتىدۇ ،ئازراق تىل بىلىشىدىغان خەنزۇ يولداشلار بىلەنمۇ كىلىشىپ ئۆتىۋاتقان ئادەم نىمە دەپ ئىنچىكە تىللىرىمىزنىمۇ چۈشىنىشكىدەك ئادەملىرىمىزنى چۈشىنىشمەيمىز...يەنىلا تىىچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىغا يەتمەيدۇ ،مۇنبەردە تېخىمۇ شۇنداق....
مەنچە توردىن مۇنداق پايدىلىنىش ياخشىمىكىن دەيمەن ،بىرىنچى ئۇلىنىشhttp://www.ulinix.cn/دىن كىرىپ ،كۈندىلىك ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى بىر كۈرىۋېتىپ ئاندىن ،مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدىن ئەڭ ياخشى دەپ قارىغانلىرىڭىزدىن بىر ئىككىگە كىرىپ ،يېڭىلىقلارنى كۈرۈپ ئورتاقلىشىۋېتىپ ،ئاندىن مەخسۇس كومپىوتېر ۋە سودا ئۇچۇرلىرى ،ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدا بىلىملەرنى كۈرۈپ ،ئۆز كەسپىڭىزگە دائىر ئۇچۇرلار بار تور بېكەتلەرنى ئىزدەپ كۈرۈپ شۇ ئاساستا توردىكى تۇرمۇشىڭىزنى سەل قېلىپقا چۈشۈرۈپ ،سىز تورغا ئەگىشىپ ،چارچاپ نەتىنجىسىز توردىن چۈشمەستىن ئەكىسچە تورنى ئۆزىڭىزگە بويسۇندۇرۇپ ئۆتكىنىڭىز سەل ياخشىراق.

شۇنداق قىلىپ بىر قىسىم ئىچىمدىكى ئويلىرىمنى دەۋالدىم ،تورداشلار 30 ياشقا كىرىپتىمەن ،توردىمۇ كام دىگەندە 5~6 يىللار يۈرۈپتىمەن ،جەمىيەت ۋە توردا نۇرغۇن ئىشلارنى كۈرۈپ بىلىپتىمەن ،ئويلاپتىمەن ،ئەمدى سىلەر بىلەن بىر ئورتاقلىشاي دەپ ،تاققا- تۇققۇراق بولسىمۇ مۇشۇ نەرسىلەرنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ،شۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر قىسىملىرىنى ئويلاپ ،ئاز بولسىمۇ بىر قىسىملاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ كىتەلىسىڭىز مەن شۇنىڭدىن خوش ،بىرگەپنى ئاڭلىغان ئىلىمنىڭمۇ زاكىتى بار دەپ شۇڭا كۆرگەن -بىلگەنلىرىمدىن بىر قىسىمنى تورداشلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىغا سۇنۇپ كۆردۈم....

مەنبە:ئۆزەم ،دائىملىق خىياللىرىم.

مۇكاپاتلىق ئەسەر ئۇچۇن 1000 كۇچا تەڭگىسى بىرىلدى قۇبۇل قىلغايسىز
كۇچا تورى باشقۇرۇش گوروپپىسىدىن:- مەنزىل



دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.
tumari * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2746
دەرىجىسى: ئالى ھۇقۇقلۇق ئەزا
تىما سانى: 442 (0)
جۇغلانما: 5040 نومۇر
219
4007
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-12-23
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 15:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاھ،نىمىدىگەن پاساھەتلىك تىللار بىلەن يىزىغان ئەسەر بۇ.تىلىڭىز ناھايىتى ئۆتكۈركەن.مۇلاھىزىڭىز بەك ئەتراپلىق بوپتۇ.ھەربىر ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك(شەخسەن مىنىمۇ ئويغا سېلىپ قويدى).داۋاملىق تىرشىڭ ئاخىرىنى ئوقۇشقا تەشنامەن.

باھا سۆز

mosajan0997 قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت! يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 20:30
ئالدىراش ئادەملەر ئەڭ بەختلىكتۇر.
sagak * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2703
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 410 (0)
جۇغلانما: 1192 نومۇر
36
668
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-12-1
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 00:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
موساجان سىز بۇ تېمىدا ئوتتۇرغا قويغان پىكىرلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئۇلۇغ كىتاۋىمىزدا سۆزلەنگەن . ھازىرقى ياشلار ئارىسىدا بۇ ھىكىمەتلەرنى ئوقۇپ چۈشۈندىغانلارنىڭ سانىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ ھەشەمەتچىلىك قىلىدىغان، ئىسراپچىلىق قىلىدىغان، ئەيىش- ئىشرەتكە بېرىلدىغان ، نىشانسىز ياشايدىغان كىشلەرنىڭ سانى كۆپەيمەكتە .
ئاتا بوۋىلىرىمىز شۇ قائىدىلەرگە ياخشى ئەمەل قىلىپ كەلگەچكە 2 مو يەر، بىرە يېرىم چارۋا ، شەھەردە بولسا 20-30 يۇەن مائاش دىگەندەك ئازغىنە ئىقتىساد بىلەنمۇ 5-6 بالىنى گۈلدەك بېقىپ قاتارغا قوشقان . لىكىن ھازىر 40-50 مو ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ يەر، 20-30 چارۋا ، شەھەردە بولسا ئىككى ئادەم بىر بۇلۇپ 4 مىڭ يۈەندىن كوپ مائاش ، مۇكاپات دىگەندەك ئىقتىسادقا ئىگە بوپ تۇرۇپمۇ ھەشەمەتچىلىك ، ئىسراپچىلىق، بولمىغۇر ئۇيۇن -تاماشىلارغا بېرىلىش تۈپەيلى دىھقانلار يىل بويى بانكا ئالدىدىن كىتەلمەسلىك ، شەھەرلىكلەر ئايدىن ئايغا ئاران ئۇلىشىشتەك بىچارە ھالەت شەكىللەنمەكتە.
مىنىڭ بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم باشقا نەرسە ئەمەس . دىمەكچى بولغىنىم چوڭلار كىچىكلەرگە مەسئۇل بولىشىمىز كېرەك . بىر قېتىم ئاڭلىمىسا يەنە دىيىشىمىز تەربىيەنى بوشاشتۇرماسلىقىمىز كېرەك. ھەم ئۆزىمىزمۇ چۇقۇم ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقوللاش كۇچاتەڭگىسى ئۇنۋان يىغىش سەۋەبى
mosajan0997 + 2 + 10 + 3 يارايسىز،قالغىنى تۇل.

ھەممە باھا نومۇرى : قوللاش + 2 كۇچاتەڭگىسى + 10 ئۇنۋان + 3 باھا خاتىرىسى

manzil * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 93
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىقى
تىما سانى: 6282 (2)
جۇغلانما: 62070 نومۇر
2255
51124
90


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-19
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 02:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قالتىس تەپەككۇر قىلىپسىز....كىشىنى ئويغا سالىدىغان ، ئوز-ئوزىگە سۇئال قۇيغۇدەك تەسىرلىك يىزىپسىز...تەپەككۇرلىرىڭىز تېخىمۇ ئوتكۇرلىشىپ تۇرغاي...ئەمما بەزى سوزلەرنى لىپاپىلاپ دەپسىز..بولسا تېخمۇ ئەركىن قۇيىۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ جانلىق چىقاركەن....

باھا سۆز

mosajan0997 قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت! يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 20:33
تور بېتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر، تور بىتىمىزگە كىرگەنكەنسىز تېما ۋە ئىنكاس يوللاشنى ئۇنۇتماڭ، تور بېتىمىزدە ئىزىڭىز قالسۇن qq:675835234
mosajan0997 * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2284
دەرىجىسى: ئالى ھۇقۇقلۇق ئەزا
تىما سانى: 3462 (1)
جۇغلانما: 15541 نومۇر
277
11342
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-4-20
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 20:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
manzil يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 02:48
قالتىس تەپەككۇر قىلىپسىز....كىشىنى ئويغا سالىدىغان ، ئو ...

ھاھاھا....مۇنبەردىكى بەزى تورداشلىرىمىزنى بەك ھاياجانلىنىپ كىتىپ تىللاپ تاشلىمىسۇن دەپ ئازراق لىپاپىلاپ قويغان...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.
kaharjan * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2607
دەرىجىسى: كونگەن ئەزا
تىما سانى: 25 (0)
جۇغلانما: 295 نومۇر
9
242
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-10-16
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-8
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 20:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

باھا سۆز

yalpuz خاپا بولماي بىر تۇزۇك ئىنكاس يازسىڭىز بۇپتىكەن .نىمە دىمەكچى سىز ؟مەن بىلمىدىمغۇ.ئەخلەت ئىنكاس..... يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 20:17
nuzugum624 * توردا يوق
خانىم توردا باركەنسىزدە
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2506
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 1207 (2)
جۇغلانما: 14479 نومۇر
554
11654
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-8-16
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
تەشۋىقات ئەلچىسى يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-15 16:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يىزىپسىز ،جۈرئىتىڭىزگە ئاپىرىن .

بىزپەقەت بىر ئاللانىڭ قۇلى ،سەۋىر قىل ئاللا سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە.
parixta525 * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2487
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 288 (0)
جۇغلانما: 2229 نومۇر
80
1704
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-8-4
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-23
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 14:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
موساجان سىز تەپەككۈرگە بەك باي جۇمۇ

kaplan * توردا بار
 ئەپەندىم توردا باركەنسىزدە

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 39
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىقى
تىما سانى: 5303 (6)
جۇغلانما: 188065 نومۇر
52705
77091
2810


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-13
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 22:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
موساجاننىڭ ئوتتۇرغا قويغىنى ھازىرقى رىيال جەميەتتىكى ئىشلاركەن ،بۇنداق مەسىللەرنى ھەممىمىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك .

مۇنبەر باشلىغى ۋە مۇنبەر قۇرغۇچىسى
تور بېتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر، تور بىتىمىزگە كىرگەنكەنسىز تېما ۋە ئىنكاس يوللاشنى ئۇنۇتماڭ، تور بېتىمىزدە ئىزىڭىز قالسۇن
tatlihim * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2788
دەرىجىسى: كونگەن ئەزا
تىما سانى: 16 (0)
جۇغلانما: 255 نومۇر
27
157
0


تىزىم ۋاقتى: 2012-1-15
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-1-25
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-19 20:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ ! بىزمۇ ھازىر تور دۇنياسىغا قاراپ باقىدىغان بولساق ،كۆيدۈم-پىشتىم ئەسەرلىرىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز ! مەن بۇ يەردە مۇھەببەت ئەسەرلىرىنى يازماڭ دىگىنىم يوق ،يازسىڭىز بۇلىدۇ ! ئەمما سىز ياشاۋاتقان دەۋىر ئارقا كۈرۈنۈشىدە تۇرۇپ ،خەق نىمە دەپ قالاكى دەپ يازىدىغان يەنى لىپاپىلىماي ئۇچۇق يېزىشقا جۈرئەت قىلالىسىڭىز ،مانا بۇ ھەقىقىي چىنلىق دەرىجسىگە بارغان ئەسەر بۇلىدۇ ! ھەممىمىز بىلىمىز ئەسەر چىنلىق دەرىجىسىگە قانچە يېقىنلاشقانسرى ،شۇنچە ئۇقۇرمەنلىرى كۆپ بۇلىدۇ ! چۈنكى ئەدىبىياتنىڭ جېنى __چىنلىق ! تور دۇنياسىدا ھەقىقىي بىر ئىزدىنىپ يازغان ماقالىلەر ئاز ،بولغاندىمۇ ئۇنى تەپسىلىي ئۇقۇپ ،پىكىر يۈرگۈزۈپ باقىدىغانلار بەك ئاز ساندا !!!!!! خۇددىي مۇشۇنداق ئېسىل ماقالىلىلەرگە چۈشكەن ئىنكاسلارغا قاراپ باقساق،،بۇ ھەممىمىزگە ئايان بوپ تۇرۇپتۇ ! ،،،مۇھەببەت ئەسىرى يېزىڭ ،لېكىن ئۇ ھازىرقى تور دۇنياسىدىكىگە ئوخشاش ،مەزمۇنى ئۇغۇللار قىزلارنى ئالدىغان ۋەقەلىك ،قىزلارنىڭ ئوغۇللارنى ئالدىغانلىق ۋەقەلىك،بىر ئوغۇلنىڭ نەچچە قىز بالىنى ياتاققا ئەكىرگەنلىك ۋەقەلىكىنى تۇتقا قىلىپ يېزىۋەرمەي ،،،مانداق يېڭى مۇھەببەت قارىشى تىكلەشكە ياردەم بېرىدىغان مۇھەببەت ئەسەرلىرىنى يېزىغقا ئۇرۇنۇپ بېقىڭ ! چۈنكى ھازىرقى مۇھەببەت قارىشى ،پۈتۈنلەي بۇرۇنقى مۇھەببەت قارىشى جەھەتتىن يېڭىلىنىش زور ،،چۈنكى ئىقتىساد ئىگىلىكىنى دەۋىر ئارقا كۈرۈنۈش قىلغان مۇھەببەت دۇنياسىدىكى مۇھەببەت قارىشىمۇ ئەلۋەتتە باشقىچە بۇلىدۇ ! ،،،،،،،،،مۇھەببەت ئۇ مەڭگۈلۈك تېما ،،گەپ ئۇنىڭ ئىپادىلىنىشى شۇ دەۋىر ئارقا كۈرۈنىشىگە ئاساسەن بۇلىدۇ !!!!! ئەسەرنى ياخشى يېزىپسىز ! تېخىمۇ نادىر بولغان ئەسەرلەرنى يېزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن ! مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالغۇسى !!!!!

_____تاتلىغىم_____

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقوللاش كۇچاتەڭگىسى ئۇنۋان يىغىش سەۋەبى
manzil + 10 ياخىشى ئىنكاس
mosajan0997 + 2 + 5 + 3 ئەستايىدىل ئويلىنىپ ب.

ھەممە باھا نومۇرى : قوللاش + 2 كۇچاتەڭگىسى + 15 ئۇنۋان + 3 باھا خاتىرىسى

1框架
كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!
.كۇچامۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! كونۇپكا تاختىسىدىكى S D F G H J K L كونۇپكىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان يېشىل رەڭلىك ھەرىپلەرنى Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ باسسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2012-3-28 17:33 , Processed in 0.180610 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.