ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ماقالە، ئوبزور، فىليەتۇن بالىلارنىڭ جەننىتى ۋە بىزنى ...
كۆرۈش: 277|ئىنكاس: 13
go

بالىلارنىڭ جەننىتى ۋە بىزنىڭ بۇرچىمىز

uqkun * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 41
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 48 (1)
جۇغلانما: 1194 نومۇر
76
944
30


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-13
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 11:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

بالىلارنىڭ جەننىتى ۋە بىزنىڭ بۇرچىمىز


نەسىردىن ھاپىز


(كۇچا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ)


بىز ئادەتتە بالىلار تەربىيەسىنى مەكتەپ، ئائىلە ۋە جەمىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپكە باغلايمىز. ھەقىقەتەنمۇ بالىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە بۇ ئۈچ تەرەپنىڭ بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ، بولۇپمۇ، بالىلارنىڭ ئەخلاق، قىممەت قاراش ۋە ئادىمىيلىك جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مەكتەپ تەربىيەسىدىن باشقا جەمئىيەت ۋە ئائىلە تەربىيەسىنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. گەرچە ھازىر يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ روھى بويىچە يېڭىدىن تۈزۈلگەن ھەرقايسى پەن دەرسلىكلىرىنىڭ گۇمانىتارلىق خاراكتېرى كۈچەيتىلگەن؛ مەكتەپلىرىمىزدە ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىگە زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن جەمئىيەتتىكى ھەرخىل بولمىغۇر خاھىش، چاكىنا ئىللەتلەرنىڭ بالىلارغا كۆرسىتىغان سەلبى تەسىرى تۈپەيلىدىن، يالغۇز مەكتەپ تەربىيەسىگە تاينىپلا، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش بەسى مۈشكۈلدۇر. شۇڭا بالىلار تەربىيەسىدە تۈرلۈك مېدىيە ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەمىيەتتىكى ھەرقايسى پونكىىسىيىلىك تارماقلارنىڭ زىچ ماسلىششىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بالىلانىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان ساغلام مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن پۈتكۈل ئاۋامدا، ھەممە ئادەمدە بالىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئاسرايدىغان، ئىلمىي تەربىيەلەيدىغان ھەم بۇنى ئۆزىنىڭ ئەقەللىي بۇرچى دەپ بىلىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش ئىنتايىن مۇھىم. بالىلارنى تەربىيەلەش جەريانىدا مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ۋە ھەر بىر ئادەم بالىلارنى تەربىيەلەشكە زۆرۈر بولغان مۇھىت ۋە شارائىتنى يارىتىش يولىدا ئورتاق ئىزدىنىپ، ساغلام روھ، ساغلام پىسخىكا ۋە ھاياتلىق بىلىملىرى بويىچە مۇۋاپىق تەسىر كۆرسىتىش، ئادەتلەندۈرۈش، قىزىقتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، غەيرەتلىك، ئىرادىلىك، پەزىلەتلىك، بەلگىلىك كۈزىتىش، تەپەككۇر قىلىش، ئىجاد قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ياراملىق ئىزباسارلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم.
ناھايىتى روشەنكى، بالىلار تەربىيەسى ھەرگىزمۇ ئاددى جەريان ياكى شۇئار-چاقىرىق بىلەن ئىشقا ئاشىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۇزاق مەزگىللىك سەۋرچانلىق، ئەستاھىدىللىق، مەسئۇلىيەتچانلىق، كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق ۋە ئىزچىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان مۇرەككەپ جەريان. يازغۇچى لۈشۈن ئەپەندى «غەزەپ بىلەن ھومىيىمەن زالىملارغا، كالا بولۇپ باش ئېگىمەن سەبىي بالىلارغا» دەپ يازغىنىدەك، بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئۇلارغا كۆيۈنۈش، يېتەرلىك غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۇلارنى ئاسراش، ھۆرمەتلەش ئىنتايىن زۆرۈر. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىكى تەربىيەنىڭ ئەمەلىي، كونكېرتنى ۋە قاراتمىلىققا ئىگە بولۇشىدۇر. چوڭلارنىڭ بالىلار بىلەن دوستلىشىش، ئۆز ئارا قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن مەقسەتلىك ئالاقە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولىشى يۇقۇرىقى سۆزىمىزنىڭ بىر مۇھىم تەرىپىدۇر. شۇنى ئېيتىش ھاجەتكى، «بالىلار كۈتۈلۈشكە، بېقىلىشقا، بولۇپمۇ ساپ-مېھرى-مۇھەببەتكە مۇھتاج. ئۇلار ياقتۇرىدىغان، ھەتتا كىچىككىنە مېھرىبانلىقتىن يېقىن بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سۆز-ھەركەت ۋە نەسىھەتلىرىنى چوڭ بىلىدۇ، ئىشىنىدۇ، ھۆرمەت قىلىدۇ». پاكىتلاردىن مەلۇمكى، ئادەتتە مەشھۇر شەخسلەر، جەمىيەتتىكى تونۇلغان كىشىلەر، جامائەت ئەربابلىرى، ئالىملار، ئىلىم-پەن خادىملىرى، يازغۇچىلار، شائىرلار، سەنئەتكارلارنىڭ بالىلار تەربىيەسىدىكى رولى چوڭ ۋە ئىجابىي بولىدۇ. چۈنكى، يۇقۇرىقى كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتكە، ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى كۆپ،كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەملەر بولغاچقا، بۇلارنىڭ بالىلارنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەبىي قەلدىبىكى تەسىرىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ. ناۋادا ئۇلار بالىلار بىلەن تۈرلۈك شەكىلدە ئالاقە ئورنىتىپ، بالىلارغا ئىلھام بەرسە، بۇنىڭ ئۈنۈمى ئەلۋەتتە كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە شۇكى،كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ، جەمئىيىتىمىزدىكى ئەشۇنداق مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدىغانلىقى،بالىلار تەربىيەسىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقى ۋە بۇ جەھەتتىكى كونكېرت، ئەمەلىي ھەركىتىدۇر.
سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى ئالىكسىي ماكسىمىۋىچ گوركىينىڭ بالىلارنى تەربىيەلەش يولىدا ئېلىپ بارغان بىر قاتار ئۇلۇغ ئىزدىنشلىرى بىزنى بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ ھەم تەسىرلەندۈرىدۇ. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىنتايىن مۈشكۈل شارائىت ۋە ئالدىرشلىق ئىچىدىن ۋاقت چىقىرىپ، نۇرغۇن بالىلار بىلەن دوستلۇق ئورناتقان ھەم دائىم خەت-ئالاقە قىلىپ، بالىلارنىڭ ئىدىيە، ئەخلاق جەھەتتە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋە پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىشىگە مەدەت بەرگەن. بىر قېتىم ئۇ ئوغلىغا يازغان خېتىدە مۇنداق دەيدۇ:« بالىلار بىلەن خەت-ئالاقە قىلىپ تۇرۇش مەن ئۈچۈن زور خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. بالىلار يەر شارىنىڭ ئەڭ سەرخىللىرى. بالىلار يەر شارىنىڭ ئەڭ ئېسل ئادەملىرى. سەن تېخى بىر بالا، شۇڭا ئۇلارنىڭ نەقەدەر ئېسىللىكىنى تېخى چۈشەنمەيسەن، ساڭا شۇنى چىن كۆڭلۈمدىن دەپ قويايكى، ھەر قانداق چاغدا بالىلارغا پەرۋاسىز قاراشقا بولمايدۇ!» (مەشھۇر شەخسلەرنىڭ پەندى-نەسىھەتلىرى» شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 170-بەت)
تونۇلغان جامائەت ئەربابى، ئەدىب ۋە تەتقىقاتچى ، بىزنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر پىشقەدەم رەھبىرىمىز مىجىت ناسىر ئەپەندىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىر قاتار ئەمەلىي، تەسىرلىك، ئۈلگىلىك ئىش-پائالىيەتلىرىمۇ بىزنى چوڭقۇر سۆيۈندۇرىدۇ. ئۇنىڭ «سەبىيلەرنى سۆيگەنلىك ــ كەلگۈسىنى سۆيگەنلىك» ناملىق ماقالىسىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، ئۇ بالىلارنىڭ قەلبىدە «مەڭگۈلۈك تاتلىق ئەسلىمە سۈپىتىدە (ئۇلارنىڭ) بالىلارچە ئۈمىد-ئارزۇ، ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىشى» نى كۆزدە تۇتۇپ ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 100دىن ئارتۇق بالىلار بىلەن تونۇشقان ۋە دوستلۇق ئورناتقان. ھەم ئۇلار بىلەن پات-پات بىۋاستە ياكى تېلېفۇن، خەت ئالاقىسى ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى يېقىندىن ئىگىلەپ، ئىلھام، مەدەت بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە بىر قسىم بالىلارنىڭ ئەسەرلىرى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان، بىر قىسىملىرى مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان. ئۇ يەنە بالىلارنىڭ قىممەتلىك، ئەھمىيەتلىك، ئىش، قىزىقىش،ئىنتىلىشىلىرى بويىچە تەربىيەلىنىش دائىرىسنى تېخىمۇ كېڭەيتىشىنى مەقسەت قىلىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە « ناۋادا خالىساڭلار، سەبىيلەر دەپ قالسا، پەرزەنت-نەۋرىلىرىڭلار ئۈچۈن مەن سىلەر بىلەن ئۇچرىشىشىنى ، تېلېفۇن ئارقىلىق سۆزلىششنى قارشى ئالىمەن ئادرېسىم، 18 يىللىق تېلفۇن نومۇرۇم ئۆزگەرمىدى، ھازىر پىنسىيىدە، ۋاقتىممۇ يېتەرلىك» دەپ مۇراجىئەت قىلىپ، مۇشۇنداق قىلالىسىلا ھاياتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغاندەك بولدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ، كىشىلەرنى بالىلار بىلەن ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە دوستلۇق ئورنىتىپ، نۇرغۇن بالىلار يېقىن كۆرۈپ ياقتۇرىدىغان، تونۇش، دوست، ئىشەنچ قىلىپ، مەنىۋىي جەھەتتىن تاينىدىغان يېقىن كىشىسى بولۇشقا چاقىرغان. شۇنىسى ئايانكى، بىر مىللەتنىڭ سەر خىل كىشىلىرى ئىچىدە بالىلارغا بۇ دەرىجىدە مەسئۇلىيەتچان مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلار بىلەن دوستلىشىپ، ئۇلارنى بىۋاستە تەربىيلەشكىچە ئەجىر سىڭدۈرگەن ئۇلۇغ ئادەملەر ئاز ئۇچرايدۇ. بۇنداق ئىش پەقەت مىللەتكە، ۋەتەنگە ھەقىقىي تۈردە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ، ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي توپنىڭ تەقدىرىگە شەخسىيەتسىز، مىننەتىسز ھالدا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلەلەيدىغان (زۆرۈر تېپىلسا قۇربان بېرەلەيدىغان) كىشلەرنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ.بۇ ئىش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇ شەخسنىڭ مەڭگۈلۈك ياخشى ئىشى سۈپىتىدە ئەۋالادلارنىڭ قەلبىدە يادلىنىدۇ.
15-ئەسىردىكى بۈيۈك تىل ئۇستىسى، مەشھۇر شائىر ئەلشىر نەۋائىي كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش، خەلق ئۈچۈن جانپىدالىق بىلەن ئىشلەپ ، « ۋاقتلىق ئۆمۈر»نى «مەڭگۈلۈك ئۆمۈر» گە ئىگە قىلىش خۇسۇسىدا يۇقۇرى قىممەتكە ئىگە دىداكتىك پىكىرلەرنى قالدۇرغان. ئۇ «مەھبۇبۇل قۇلۇپ» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازغان:
كىشىلەر خىزمىتىدىن تارتمىغىل باش،
پەلەكتىن ياغسىمۇ باشىڭغا گەر تاش.
ئەگەر شۇ تاش بىلەن باشىڭ يېرىلسا،
بەختنىڭ بەلگىسى بىل تاتۇغى قالسا.
ئەگەر ھەر بىر ئىنساندا ئەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى يالقۇنجاپ تۇرىدىغانلا بولسا، تېخىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بولۇپمۇ بىزنىڭ سەبىيلىرمىز دۇنيانىڭ تولىمۇ گۈزەل ۋە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلالىغان بولاتتى...شۇندىلا ئۇلار ھەقىقىي تەربىيەگە ئىگە بولۇپ، ياراملىق ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسىنى تىكلىيەلەيدۇ.
يۇقۇرىقىدەك جەمئىيەتتىكى تونۇلغان كىشىلەر، ئالىم-ئۆلىمالار، مەشھۇر شەخسلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر قىممەتلىك مائارىپ بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. مائارىپ بايلىقىنى كەڭ تۈردە ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدلىنىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مەكتەپلەرنىڭ ئىمكانىيەت يار بەرگەن ئەھۋالدا دىيارىمىزدىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنى مەكتەپلەرگە تەكلىپ قىلىپ، بالىلار بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتى ھازىرلاپ بېرىشى، لېكسىيە سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇرۇشى بالىلارنىڭ كىچىكىدىن ساغلام قىممەت قاراش تىكلەش، تەپەككۇر بۇلىقىنى ئېچىش، ئىلىم-پەن ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
خۇددى مىجىت ناسىر ئاكا ئېيتقاندەك: «بىزنىڭ كەلگۈسىمىز، تەرەققىياتىمىز، مەۋجۈتلۇقىمىز، تەقدىرىمىز ماھىيەتتە ئەۋلادلارغا ئوچۇقراقى ئۇلارنىڭ ساپاسىغا، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش ئۈنۋېرسال ئىقتىدارىغا باغلىق». شۇڭا، ھەممەيلەننىڭ سەبىيلەرنى سۆيۈش، ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىشگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈش مەسئۇلىيىتى بار. گەرچە ھەر بىر شەخسنىڭ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسىز بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ جەھەتتە تېگىشلىك ئەقەللىي بۇرچى بولسىمۇ، لېكىن بالىلارنى بۇ خىل ۋىجدانەن بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن تەربىيەلەش مەسىلىسىسى كىشىدىن بەلگىلىك كىشىلىك ساپانى، مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلىدۇ.چۈنكى، «<مۇكەممەل ئادەم> ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەلىم-تەربىيەسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. جەمئىيەتتە ياشلارنىڭ <مەدەنىيلىشىش> نامى بىلەن ئۆزگىلەرنىڭ ئېتىقادى، ئىقتىسادىي ۋە باشقا ساھەلەردىكى ياخشى-يامان <مەھسۇلاتلىرى>نى ئىلغىماستىن قوبۇل قىلىشلىرىغا قاراپ تۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن نابۇت قىلىنىشىغا رازى بولمايدۇ. كۆڭۈل خاھىشلىرىغا غەرق بوپكەتكەن ياشلارنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە قۇتقۇزۇشقا تىرىشىدۇ، ئۇلارنىڭ غاپىللىرىنى ئويغىتىدۇ. شەھۋەت ۋە غەپلەتلەردىن مەست بوپكەتكەن ياشلارنى ھالاكەت گىردابىدىن تارتىۋىېلىشقا ھەركەت قىلىدۇ. ئەتىنىڭ ئىگىلىرى بولمىش شۇ ياشلارغا قوپاللىق، لەنەت-نەپرەت، تىل-ئاھانەت بىلەن ئەمەس بەلكى سەمىمىي، ئىللىق چىراي، تەبىئىي ۋە تاتلىق تىل بىلەن، چۈشەنچ ۋە ئىشەنچ بىلەن، ئۇلارغا دوست بولۇپ تۇرۇپ، يېقىن ھەمراھ بولۇپ تۇرۇپ تەربىيە قىلىدۇ، چۈشەندۇرىدۇ. ئۆزىلا گەپ قىلىۋالماستىن، ئۇلارنىڭمۇ گەپ-سۆزىگە قۇلاق سالىدۇ، چۈشەندۈرۈشلىرىنى، ئىزاھاتلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن تىڭشايدۇ. بۇنداق ئادەمنى بۇ ساھەدە خۇددى ئادەملەر ئارىسىدا كېتىۋاتقان كىتابقا ئوخشىتىش مۇمكىن.» («شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2009-يىلى 2-سان 10-بەت) كىشىلەرنىڭ بالىلارنى تەربىيلەشكە بولغان چۈشەنچىسى، مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنىڭ قانچىلىكلىكى مەلۇم مەنىدىن ئۇلارنىڭ مەدەنىيىلىك دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم. ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق بالىلارغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى جۈملىدىن بالىلارنى تەربىيەلەشكە قاتنىشىشى بالىلارغا نىسبەتەن جەمئىيەت تەربىيسىنىڭ مۇھىم ۋە ئالاھىدە بىر تەركىبىي قىسمىدۇر،ئەلۋەتتە.
بىزگە مەلۇمكى، ئائىلىنىڭ بالىلارغا كۆرسىتىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولىدۇ، ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ بىرىنچى ۋە مەڭگۈلۈك ئۇستازىدۇر. شۇڭا بالىلار ئائىلىدە ياخشى تەربىيەلىنىشى، ئالدى بىلەن يېتەرلىك مېھرىبانلىققا، كۆيۈنۈشكە، ھۆرمەتلىنىشكە ئېرىشىشى كېرەك. بىلىشىمىز كېرەككى، « بالا ئۈنچە، ئاتا بولسا ئۈنچىنى قوينىدا ساقلىغۇچى سەدەپتۇر» (ئەلشىر نەۋائىي). ئامېركىنىڭ زابىق زۇڭتۇڭى رېگان بىر قېتىم مۇخبىرنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرگەندە « ئاتا-ئانىلار ئۆز بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىشى ئۈچۈن بالىلارغا كۆيۈنۈش، بالىلارنى يېتەكلەش ۋە بالىلار ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە، بالىلار بىلەن پەخىرلىنىشكە توغرا كېلىدۇ» دېگەن. («مەشھۇر شەخسلەرنىڭ پەندى-نەسىھەتلىرى» شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 111-بەت )دېمىسىمۇ تەلىم-تەربىيە ئەمەلىيىتى شۇنى يېتەرلىك ئىسپاتلاپ بەردىكى، ھۆرمەتلەنگەن بالا باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلىدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسى ئاشىدۇ. مۇنداق تەربىيەلەنگەن بالىلار جەمئىيەتكە چىققاندا ئالدىنقىلارنى بېسىپ چۈشەلەيدىغان جاسارەتكە ئىگە مۇستەقىل ئادەم بولالايدۇ. ئەلۋەتتە مۇنداق بالىلار كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىنىڭ مۇكەممەل ئاساسىي بولۇپ قالىدۇ. بالا تەربىيەلەشتە ھەقىقەتەنمۇ ئائىلە تەربىيەسىنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش ئەنئەنىسىدە ئاتا-ئانىنىڭ بولۇپمۇ ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيلەشتىكى رولى مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ تەسىرىدىنمۇ مۇھىم دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ : «پەرزەنتنىڭ خۇيى يامان بولسا، ئۇنى يامان قىلغان ئانا» دەيدۇ. ماقال-تەمسىللىرىمىزدىمۇ «ئات ئاتىدىن ، ئادەم ئانىدىن »، « ئالتۇن باشلىق داداڭ بىلەن قالغۇچە، پاخما باش ئاناڭ بىلەن قال» دېگەندەك ئانىنىڭ پەرزەنت تەربىيلەشتىكى غايەت زور تەسىرىگە دائىر ھېكمەت جەۋھەرلىرى ئاز ئەمەس. غەرپ ئەللىرىنىڭ بالا تەربىيەلەش ئەنئەنسى ۋە دەستۇرلىرىدىمۇ ئائىلە تەربىيەسىنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. ئىتالىيىنىڭ 20-ئەسىردىكى داڭلىق كىنو ئارتىسى سوفىيە روللان « ئانىلىق گۈزەللىك (پەرزەنتلىرىگە بولغان) مېھرىبالىقتا دەيدۇ. ئاتاقلىق بالا تەربىيەلەش ئۇستازى كارل «پەرزەنت تەربىيەلەش دەستۇرى» دېگەن كىتابىدا «ئوغلۇمنىڭ نەتىجىسى پۈتۈنلەي ئاقكۆڭۈل ئاپىسىنىڭ ساپ دىللىقىدىن بولدى» دەپ يازىدۇ. فىرانىسىينىڭ ئاتاقلىق پۇتبولچىسى پىلاتنىي (1915_ ) ئاتا-ئانىسنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىدىكى رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاتا-ئانىمىز بىزنىڭ كەسپىي ئىشلىرىمىزغا، تەرەققىيات ئىستىقبالىمىزغا جىق ئەجىر سىڭدۈرگەن، بىزنى بەختلىك قىلىشنى ھەممىدىن چوڭ بايلىق دەپ قارىغان. شۇڭا مەن روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىنمۇ ساغلام؛ كەسپكە مۇھەببىتىم ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىم بار. شۇڭا زەھەرلىك چېكىملىكلەردىن، سالامەتلىككە زىيانلىق ھەر قانداق نەرسىدىن يىرگىنىمەن. مېنى زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنچىلىك يوغان گەپ قىلدۇرالىغان، خۇرۇئىن-پىرۇيىن دېگەنلەرنى يېقىن دارىتىپ باقمىغان ئاشۇ ئوبدان ئائىلەم. بۇنىڭدىكى بارلىق تۆھپە پۈتۈنلەي ئاتا-ئانامغا مەنسۇپ. ئۇلار ئاللىقانداق بەزى پىرىنسىپلاردىن دەل ۋاقتىدا ۋاز كېچىپ، مېنى ئۆزۈمچە تۈز ھېسابلىغان يولدىن تارتىپ ئەكىلىپ، كەسپىي پۇتبۇلچىلىق بىلەن شۇغۇللىندىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى ».(«مەشھۇر شەخسلەرنىڭ پەندى-نەسىھەتلىرى» شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 15-بەت) يۇقارقىلار ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ( ئائىلە مائارىپىنىڭ) پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربيەلەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى ئىسپاتلايدىغان پولاتتەك پاكىت. ھەقىقەتەنمۇ «ئاتا ئۆزىنىڭ ئەرلىك ئورنى، خىزمەت خاراكتېرى، جەمئىيەت، ئائىلە يۈكى، ھەر خىل بېسىم، ئالاھىدىلىكلەرنىڭ تەسىرىدىن ۋە ياكى ئۇنى سەۋەپ قىلىپ، بالا بىلەن بىللە بولۇش، سىردىشش، ھېسسىيات، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە تەربىيەدىكى بىپەرۋالىق قاتارلىق بوشلۇقنى تولۇقلاشنى ھاياتتىكى مۇھىم بىر مەسئۇلىيەت دەپ بىلىشى، ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى لازىم. ئانا بالىغا تەسىر كۆرسىتىشتە، ئانىلىق مېھرىنى ئىپادىلەشتە، ۋۇجۇدىنى تەقدىم قىلىشتا، قۇربان بېرىشتە ۋە ئۇنىڭ مايىللىقىنى قوزغاشتا ئەرلەرگە نىسبەتەن تەبىئىي تۇغما تالانت، ماھارەتكە ئىگە» (مىجىت ناسىر). شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇپ، بالىلىرىنىڭ يېقىن دوستى ۋە سىردىشى بولۇشى ، ئۇلارنى ئەخلاق، ساغلاملىق ۋە ھاياتلىق بىلىملىرى بىلەم ئىزچىل تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. ھەقىقەتەنمۇ بۇ جەھەتتە ئاتا-ئانىنىڭ زىممىسىدە زور مەسئۇلىيەت بولىدۇ. بالا ھەرگىزمۇ ئاتا-ئانىنىڭ خۇسۇسىي مۈلكى ئەمەس، ئۇمۇ جەمئىيەتنى تەشكىل قىلىدىغان بىر ئامىل. شۇڭا ئۇنى تولۇپ تاشقان مېھرى-مۇھەببەت بىلەن تەربىيەلەش كېرەك.لېكىن بىزدە مۇشۇ تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتقانلار قانچىلىكتۇ؟ ئۆزىنىڭ خەلقئارا شاھماتچىلىق ساھەسىدە داڭق چىقارغان ئۈچ قىزىنى تەربيەلەش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرى ئاساسىدا «تالانت تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ» دېگەن ئىلمىي ھېكمەتنى يەكۈنلەپ چىققان ئۇلۇغ ئانا_ ۋېنگىرىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى كرالا پولگا بالىلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن غورىگۈل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە رازى بولۇپ، خىزمىتىدىن ۋاز كەچكەن. ھالبۇكى بىزدە بالىلار بىلەن بىرگە بولۇش ۋە ئۇلارنى تەربيلەش ئۈچۈن بىرەر قېتىملىق قاتار چاي ياكى ئايىغى چىقماس ئولتۇرش-مېھماندارچىلىقتىن ۋاز كەچكەنلەر قانچىلىك؟ نۆۋەتتە مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى ئەدەپ-ئەخلاق جەھەتتىن توغرا يولغا يېتەكلەش، باشقۇرۇش ئىنتايىن قىيىن بولىۋاتىدۇ. گەرچە كۆپ يىللاردىن بۇيان مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە خىزمەتلىرى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىپ، مۇئەييەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئايرىم ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋىي ئاخلاق ساپاسىدا ئاز بولمىغان يېتەرسىزلىكلەر، نۇقسانلار ساقلىنىۋاتىدۇ. جەمئىيەتتىكى ماددى مەئىيشەت قوغلىشش ۋە بۇ خىل قىممەت قارىشى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردىكى ياتلىشىش، شەخسىيەتچىلىك، ئۆز بېشىمچىلىق ۋە ھەر خىل چىرىك، ئەخلاقسىز قىلمىشلىرىنى نوقۇل مەكتەپ ئەخلاقىي تەربىيە ئۇسۇلىغا تاينىپلا ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى شۆبھىسىز ئىسپاتلاندى. ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنى ھۆرمەتلىمەسلىكى، جامائەت ۋە ئاممىۋىي سورۇنلارنىڭ ئەخلاق مىزانلىرىغا رېئايە قىلماسلىقى ، مەكتەپ ئىچىدە ئاشكارا ھالدا تاماكا چېكىشى، جېدەل چىقىرىىشى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن ھەر خىل «مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش» سورۇنلىرىغا ھېيىقماستىن كىرىشى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەخلاقسىز قىلمىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرماقتا. ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا ھېس قىلىپ يېتىشىمىزچە، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، بىزدە بالىلارنى تەربيەلەش مەسىلىسى بىر تەرەپلىمە ھالدا مەكتەپلەرگە ئىتتىرىپ قويۇلغان بولۇپ، بالىلارنى تەربيەلەشتىكى ئاساسىي ئامىللاردىن بولغان جەمئىيەت تەربىيەسىگە، ئائىلە تەربىيەسىگە، ئائىلىدىكى كۆڭۈل بۆلۈشكە سەل قارالغان. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، مۇرەككەپ مۇناسىۋەت ۋە رەڭگا –رەڭ تۇرمۇش مەزمۇنىغا تۇيۇنغان بۈگۈنكى ئىجتىمائىي مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلار ھەر تەرەپلىمە تەربىيە ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاج. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، بالا تەربىيەلەش مەسىلىسىدە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولىمىز. مەلۇم بىر بالىنى تەربىيەلەشكە چېتىشلىق ھەر قانداق بىر شەخس چوقۇم ئۆزىگە تەۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىسا، ئۆزىنىڭ ئەقەللىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا بولمايدۇ. خۇددى نەۋائىي كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك « ئوغۇلغا نىسبەتەن ئاتا ئورنىنى ئانا تۇتالمايدۇ، ئاتا بولغۇچى ئاتىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئوغلى ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئوغۇل ئاتىسىز ئوغۇلدۇر». « دېھقان ئەگەر ئورمان ۋە زىرائەتلىرىنى كېچە-كۈندۈز پەرۋىش قىلىپ باقمىسا، كېيىن ئۇنىڭ ئېرىشىدىغىنى بىر دۆۋە سامان ۋە بىر مۇنچە قۇرۇق شاختىن ئىبارەت بولىدۇ» خالاس. دېمەك، شۇ نۇقتىنى قايتا-قايتا كەڭ ئاۋامنىڭ سەمىگە سېلىش ھاجەتكى، «مىللەتنىڭ تەقدىرى ئانىلار قولىدا، كەلگۈسى تەقدىرىمىز ئەۋلاد قولىدا، ئەۋلاد ئانىلار قولىدا. ئانىلارنىڭ ساپاسى تەقدىرىمىزنى بەلگىلەيدۇ، قانداق ساپالىق ئانا بولسا، شۇنداق ساپالىق پەرزەنت يېتىلىدۇ. ئانىلار ساپاسىنى ئۆسۈرۈش ماھىيەتتە ئىستىقبال قۇرۇلىشى، ئۇل قۇرۇلىشى، مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ مۇھىم كاپالىتى»(مىجىت ناسىر) دۇر.
بىز ئۇيغۇرلاردا «مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا» دېگەن ماقال بار. بۇ دەل «سەبىيلەرنى سۆيگەنلىك _كەلگۈسىنى سۆيگەنلىك» دېگەن ئىبارىنىڭ خەلق تىلىدىكى ئىپادىسى. چۈنكى بالىلار بولمىسا، ھاياتلىق داۋاملاشمايدۇ. ئەگەر ھەر كىم چوڭلارنىلا سۆيۈپ، بالىلارنى سۆيمىسە، چوڭلارنىڭ دۇنيادىن كېتىشى بىلەن ھاياتلىق توختاپ قالىدۇ. دۇنيا دېمەكلىك ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئادەم دېمەكلىكتۇر.ئادەم بولمىسا دۇنيانىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا تەسەۋۋۇرنىڭ بولىشى مۈمكىن ئەمەس. بالىلار بولمىسا، يەر شارىدا ئادەملەرنىڭ داۋاملىق مەۋجۈت بولۇشى تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەس. بالىلارنى سۆيۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا گۈزەل ئەخلاق، ئېسىل پەزىلەت بىلەن تەربىيلەش لازىم. بىزدە «ئەگرى ياغاچ لىم بولماس» دېگەن تەمسىل بار. بۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەشنى كىچىكىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش لازىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بالا تەربىيلەشتە كۆيۈنۈش بىلەن باشقۇرۇشنىڭ؛ يول قويۇش بىلەن تىزگىنلەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. قايسى بىر مۇتەپپەككۇر :«ھەممە ئەخلاقسىزلىقلار ئىچىدە بالىلارغا قۇللارچە مۇناسىۋەتتە بولۇش ئەڭ زور ئەخلاقسىزلىقتۇر» دېگەن ئىدى. شۇڭا بالىلارغا نىسبەتەن بىر تەرەپلىمە قاتتق قوللۇق قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن پەرزەنت تەربىيىسى مەڭگۈلۈك تېما. ئاتا-ئانىلار پەرزەنت تەربىيلەشتە سەۋرىچان، ئېھتىياتچان بولۇشى، بالىلارنى ئۆز مەيلىگە قويىۋېتىدىغان خاھىشلاردىن ساقلىنىشى، ئۇلارنى كىچىكىدىن ساغلام رىقابەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە، توغرا بىلەن خاتا، ھەق بىلەن ناھەق، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى توغرا پەرق ئېتەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىش يولىدا پائال ئىزدىنشى؛ ئۇلارنىڭ «قورقۇنچاق بولۇپ قېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىغان سۆز-ھەركەتلەرنى قىلماسلىق؛ تەكەببۇر ، ئۆزۈمچىل، زوراۋان ، تەمەخور، شەخسىيەتچى، ھورۇن، ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاشتەك خاھىشلىرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالدىدا ئارتۇقچە ماختىماسلىق، چوقۇنماسلىق، ئورۇنسىز يان باسماسلىق، دېگىنىنىلا قىلىپ بەرمەسلىك، ئاھانەت قىلماسلىق، مۇۋاپىق ئىشقا سېلىش لازىم»(مىجىت ناسىر).
بىزنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا، بولۇپمۇ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلارغا بولغان زىيادە كۆيۈمچانلىقىنى ئىپادىلەپ، بالىلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىدىغان، بالىلارنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنى توسمايدىغان، ئەھۋاللارمۇ پەيدا بولدى، مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىن بۇيان ئوغۇل- قىزلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىغا ، كىيىنىش –ياسىنىشىغا نىسبەتەن مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك ئېتىبارى بويىچە مۇئامىلە قىلاتتى ۋە قاتتىق تەلەپ قوياتتى، ئەمما بۈگۈنكى رېئاللىقىمزغا قارايدىغان بولساق، قىزلار چاچلىرىنى قىرىق ئۆرۈم قىلىپ، چىرايلىق ئەتلەس كۆڭلەك كىيىپ يۈرىدىغان گۈزەل ئەنئەنىنى چۆرىۋېتىپ، چاچلىرىنى سالۋارىتىپ قويىۋېتىغان، بىر ئوبدان قارا چاچنى قىزىل، سېرىق، يېشىل رەڭلەر بىلەن بوياپ يۈرىدىغان ئەھۋاللار كۆپەيدى. ئوغۇللاردا بولسا ياپياش تۇرۇپلا ساقال بۇرۇتلىرنى ئوت-چۆپلەردەك ئۆستۈرىۋېتىغان ، چاڭگا ساقال ۋە ئۆسكىلەڭ بۇرۇتلىرى بىلەن ماختىنىدىغان ئەھۋاللار، كىيىنىش ۋە يۈرۈش –تۇرۇش جەھەتتە چەتئەللىكلەرنى دورايدىغان خاھىشلار باش كۆتۈردى. بەزى ئاتا-ئانىلار مۇشۇنداق قىلمىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، كارى بولماي، ئاخىر بالىلار يولدىن چىقىپ كەتكەندە ، باشقۇرلالماي، ئېچنىشلىك كۈنلەرگە قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ پەيدا بولماقتا. بىز بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ياش ئۆسمۈرلەر تەربىيىسنى بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا چىڭ تۇتۇش، لېكىن، چىڭ تۇتتۇق، دەپ، بالىلارنى ھەممىلا نەرسىدىن قورقىىدىغان، جۈرئەتسىز، قورقۇنچاق ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم. بالىلارنىڭ ساغلام ئويۇنلارنى ئوينىشىغا، جەمئيەتنى ، تەبىئەتنى كۈزىتىپ، تەپەككۇر قىلىشىغا، بالىلارچە خىياللاردا بولىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئوي-خىياللىرىغا ھۆرمەت قىلىش، قوللاش ۋە تەن ساپاسى، زېھنى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىش لازىم . بىزدە « تەن ساقلىق زور بايلىق، ساغلام تەندە ساغلام ئەقىل» دەيدىغان گەپ بار. ساغلاملىق بارچە مەشغۇلاتنىڭ ئاساسى. تەن ساغلام بولمىسا، ئەقىل-پاراسەت، ھۈنەر-ماھارەتنى ئىشلىتىشنىڭ ئاساسىدىن ئايرىلىپ قالىمىز. ھەمىمىز «سۇ بويىدا» دىكى باتۇر ۋۇسۇڭنىڭ جىنياڭ داۋىنىدا يولۋاس ئۆلتۈرگەنلىكىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ ، ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايمىز. ۋۇسۇڭنىڭ جىنياڭ داۋىنىدا يولۋاس ئۆلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالىىشدا ئۇنىڭدىكى جاسارەت ۋە پاراسەتتىن تاشقىرى بەدەن ساپاسىنىڭ ساغلام، قاۋۇل بولغانلىقى ھەل قىلغۇچ ئامىل. ئەگەر ۋۇسۇڭنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭ ئاجىز، پاكار ئاكىسى ۋۇدالاڭ بولغان بولسا، ئاللقاچان يولۋاسقا يەم بولۇپ كېتىشى مۈمكىن ئىدى. دېمەك، ھەر قانداق ئىشىنى قىلىشتا، بەدەننىڭ ساغلاملىقى، قاۋۇللىقى، ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلاردا بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئادەت قىلىدىغان؛ ئۇلارنى خىرۇيىن، نەشە، ھاراق، تاماكا قاتارلىق ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولغان قىلمىشلاردىن ھەزەر ئەيلەيدىغان؛ قىمار ئويناش، ئۇرۇش –جېدەل چىقىرىش، سۇخەنچىلىك.، ھەسەتخورلۇق، چېقىمچىلىق قاتارلىق ئىجتىمائى ئىللەتلەردىن ساقلىنىپ، راست گەپ قىلىدىغان، ئادالەتنى كۆزلەيدىغان، ئامالنىڭ بېرىچە جەمئىيەت ۋە خەلق ئۈچۈن پايدا يەتكۈزىدىغان ئېسىل پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش لازىم. بىز ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى يۇۋاشلىقنى ئېسىل پەزىلەت ھېسابلاپ كەلدۇق. مېنىڭچە يۇۋاشلىق ئىنسان تەبىئىتدىكى بىر خىل ئاجىزلىق ھېسابلىنىشى كېرەك. يۇۋاش ئادەملەرنىڭ قولىدىن چوڭراق ئىشنىڭ كېلىشى، مىللەت ۋە دۆلەت ئۈچۈن كۆپرەك پايدا يەتكۈزۈشنى ئۈمىت قىلىش ئەمەلگە ئاشمايدىغان خام خىيال بولۇشى مۇمكىن. ياش ئۆسمۈرلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ، غەيراتلىك، چىداملىق بولۇشقا، تەۋەككۇلچىلىك روھىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش لازىم. لېكىن، تەۋەككۇلچىلىك چوقۇم مۇئەييەن ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولىشى كېرەك.نوقۇل ھالدىكى پەزىلەت، شىجائەت بىلەنلا، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەتكىلى بولمايدۇ. يەنە چوقۇم بىلىم، ئەقىل ، ماھارەت بولىشى كېرەك. بىزدە «بىلىملىك كىشى بىلىمسىز مىڭ كىشنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ، بىلىملىك بىر كىشى بىلىمسىز مىڭ كىشىنى يېڭىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. بۇ خەلقىمىزنىڭ ئەزەلدىنلا ئەقىلنى تەربىيلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۇرىدۇ. بۈگۈنكى رىقابەت تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئەقىل-قابىلىيەت رىقابىتى، بىلىم-ئىقتىدار رىقابىتى بولماقتا. بىز كەلگۈسىدە دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مائارىپنى قوللاپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بىلىم-ئېلىش شارائىتنى ياخشىلاپ، كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئىلىم-پەن روھىنى سىڭدۈرۈپ،ئىلىم –پەن مىللىتى بولۇش ئۈچۈن ئاساس سېلىشىمىز لازىم.باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ئىقتىدارلىق خادىملارنى يېتىشتۈرىدىغان ئۇل قۇرۇلىشى. پەقەت مۇشۇ باسقۇچتا مۇستەھكەم ئاساس ياراتقاندىلا، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئالىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ ئاساس سالغىلى ۋە پۈتكۈل مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن ساپاسىدا زور ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
ئامېرىكىلىق مۇتەپپەككۇر ئىمېرسون: «ئائىلە ئاتىلارنىڭ مەملىكىتى، ئانىلارنىڭ ھەممە نېمىسى، بالىلارنىڭ جەننىتى» دېگەنىدى. بۇ سۆز ئائىلىنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە تەربىيەلىنىشىدىكى مۆلچەرلىگۈسىز رولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە. مېنىڭچە، بۈگۈنكى كۈندە ئائىلىلا بالىلارنىڭ جەننىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جەمئىيەت ۋە مەكتەپلەرمۇ بالىلارنىڭ جەننىتى بولۇشى كېرەك. شۇ چاغدىلا ئاندىن بالىلار ھەقىقى تۈردە ئەتراپلىق، بىمالال كۆڭۈلدىكىدەك تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشلەيدۇ.






ئاپتۇر : كۇچا ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن:_نەسىرىدىن ھاپىز
(تېلفۇن: ،13779781310 ، 7201196 _ 0997)
地址:新疆库车县第一中学_乃斯尔丁•阿皮孜
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uqkun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-13 12:02



ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىقوللاش كۇچاتەڭگىسى ئۇنۋان يىغىش سەۋەبى
kaplan + 10 + 100 + 10 پايدىلنىش قىممىتى بار.
manzil + 100 نادىر ئەسەر
nadamat + 10 ئىسل ئىكەن
MARJAN.BULAK + 5 + 10 + 5 ھارمىغايلا...
mosajan0997 + 5 + 10 + 5 ياخشى تىما...

ھەممە باھا نومۇرى : قوللاش + 20 كۇچاتەڭگىسى + 230 ئۇنۋان + 20 باھا خاتىرىسى

tumari * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2746
دەرىجىسى: ئالى ھۇقۇقلۇق ئەزا
تىما سانى: 442 (0)
جۇغلانما: 5040 نومۇر
219
4007
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-12-23
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 13:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مانا مۇشۇنداق ئىسىل يازمىلارغا تەشنابىز.بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئىگىسى،بالىلارغا كۈڭۈل بۈلۈش ھەربىر ئادەم باش قاتۇرۇشقا تىگىشلىك تەخىرسىز مەسلە.بۇ تېمىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم.ئاپتۇرغا ۋە تېما يوللىغۇچىغا تەشەككۈرلەر بولسۇن.

ئالدىراش ئادەملەر ئەڭ بەختلىكتۇر.
tayir * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2767
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 321 (1)
جۇغلانما: 1362 نومۇر
18
983
0


تىزىم ۋاقتى: 2012-1-4
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 13:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت دوستۇم،،،،،،،،،،، ياخــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــشى تېمىكەن

مۇنبەر چچ توپىنى چچرىڭىزگە قاچىلىۋېلىڭ چچ توپ نۇمۇرى :170815504
mosajan0997 * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2284
دەرىجىسى: ئالى ھۇقۇقلۇق ئەزا
تىما سانى: 3462 (1)
جۇغلانما: 15541 نومۇر
277
11342
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-4-20
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 14:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يىزىلغان تىمىكەن،ئەمما مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە ،بىزنىڭ رىئال تۇرمۇشىمىزدىن سەل يىراقلاپ كەتكەندەك ،بۇ نىشانغا ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئويلاپ يەتمىكى سەل قىيىندەك تۇرىدۇ...
مەن بۇ جەھەتتە ئالىمىمىز ئەركىن سىدىقنىڭ ماقالىلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن ،چۈنكى بەكمۇ ئەمەلىيەتچىل سېلىشتۇرۇپ ،ئىلغارلىقنى قانداق قۇبۇل قىلىشنى بەكمۇ ئاددىي ئۇسۇللار بىلەن يەتكۈزىلىدۇ...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.
MARJAN.BULAK * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1164
دەرىجىسى: ئالى ھۇقۇقلۇق ئەزا
تىما سانى: 736 (1)
جۇغلانما: 4283 نومۇر
254
2805
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-10-16
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 20:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش uqkun نىڭ يازمىسى

نەسىردىن مۇئەللىم سىزنىڭ مۇنبىرىمىزگە يەنە قەدەم تەشىرىپ قىلغانلىقىڭىزدىن خۇشالمەن...ئىجادى پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز...

ئالى مۇخبىر
sagak * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2703
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 410 (0)
جۇغلانما: 1192 نومۇر
36
668
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-12-1
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 23:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش mosajan0997 نىڭ يازمىسى

color=Blue]مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە ،بىزنىڭ رىئال تۇرمۇشىمىزدىن سەل يىراقلاپ كەتكەندەك ،بۇ نىشانغا ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئويلاپ يەتمىكى سەل قىيىندەك تۇرىدۇ...
مەن سىزنىڭ بۇ پىكىرىڭىز گە قۇشۇلمايمەن مىنىڭچە ئاتا-ئانىلاردا بۇ جەھەتتىكى ئويغىنىش خېلىلا يۇقىرى ....

sagak * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2703
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 410 (0)
جۇغلانما: 1192 نومۇر
36
668
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-12-1
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 23:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تېمىنى ناھايتى ياخشى يوللاپسىز. تېمىدا دىيىلگىنىدەك بالىلارنى ياخشى تەربىيلەشكە ئاتلىنىش ئىنتايىن تەخىرسىز بىر مەسلە . بالا تەربىيلەش ئىنتايىن يۇقىرى ماھارەتنى ، سەۋىرچانلىقنى ۋە ئۈلگە بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ئۇسۇلىمىز توغرا ھەم ئۈنۈملۈك بولسا كۆپ كۈچ تەلەپ قىلمايدىغان ، ئۇسۇلىمىز توغرا بولمىسا چاپاقنى ئالىمەن دەپ كۆزنى قارىغۇ قىلغاندەكلا ئىش بولىدىغان مەسئۇليەتچانلىغى يۇقىرى بىر ئىش . شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچى بالا تەربىيلەشتە چۇقۇم بالدۇر باشلاش ، مۇلايىم بۇلۇش ، كەسكىن بۇلۇش ، كۈزۈتۈشكە ماھىر بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرشىمىز قارىغۇلارچە ئىش كۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
سەل ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇممۇ نىمە ھە

باھا سۆز

manzil ياخشى ئىنكاس يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 03:33
mosajan0997 * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2284
دەرىجىسى: ئالى ھۇقۇقلۇق ئەزا
تىما سانى: 3462 (1)
جۇغلانما: 15541 نومۇر
277
11342
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-4-20
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 00:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
sagak يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 23:14
ئىنكاس قايتۇرۇش mosajan0997 نىڭ يازمىسى

color=Blue]مىنىڭ ھىس قىل ...

ھاھاھاھا....قارىغاندا مەن يىراق سەھرالاردا ئىشلەۋېرىپ ،تەپەككۇر ئۇسۇلۇم ئاددىيلىشىپ كەتكەن بولسا كېرەك....

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.
nadamat * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2775
دەرىجىسى: كونگەن ئەزا
تىما سانى: 58 (0)
جۇغلانما: 268 نومۇر
17
163
0


تىزىم ۋاقتى: 2012-1-8
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-7
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 02:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك كۆپ گەپ قىلغۇم بارئىدى بىراق.....ناەدىرلاشقاتىگىشلىك تېما ئىكەن بۇ.
رەھمەت سىلەرگە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nadamat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-14 03:40


manzil * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 93
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىقى
تىما سانى: 6282 (2)
جۇغلانما: 62070 نومۇر
2255
51124
90


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-19
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 03:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇشۇنداق ئەسەرگە كوپرەك مۇنازىرە چۇشكەن بولسا ئاپتۇرنىڭمۇ ھاردۇقى چىققان بولاتتى....ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىدىنلا چىقىپ تۇرۇپتۇ نادىر ئەسەر ئىكەنلىگى...بۇ ئۇرۇننى ئېلىپ قۇيۇپ ئالدىرىماي ئويلىنىپ ئىنكاس يازاي

تور بېتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر، تور بىتىمىزگە كىرگەنكەنسىز تېما ۋە ئىنكاس يوللاشنى ئۇنۇتماڭ، تور بېتىمىزدە ئىزىڭىز قالسۇن qq:675835234
1框架
كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!
.كۇچامۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! كونۇپكا تاختىسىدىكى S D F G H J K L كونۇپكىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان يېشىل رەڭلىك ھەرىپلەرنى Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ باسسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2012-3-28 17:32 , Processed in 0.168464 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.