ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن دەرىزەمنىڭ سىرتىغا يەنە بىر ...
كۆرۈش: 1795|ئىنكاس: 10
go

دەرىزەمنىڭ سىرتىغا يەنە بىر پىيالە گۈرۈچ چېچىپ قويدۇم ...

mosajan0997 * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2284
دەرىجىسى: ئالى ھۇقۇقلۇق ئەزا
تىما سانى: 3462 (1)
جۇغلانما: 15541 نومۇر
277
11342
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-4-20
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-30 20:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دەرىزىنىڭ سىرتىغا بىر پىيالە گۈرۈچ چېچىپ قويۇڭ!

قىش كەلدى. ھاۋا بەكمۇ سوغاق، ئىسسىق ئۆيۈمدە، پارنىڭ ئىسسىقىدا، كالتە يەڭ ئولتۇرغان ۋاقتىمدا، سىرتتىكى نۇرغۇن يايمىچىلارنىڭ بىر كويلۇق ياكى ئىككى كويلۇق نەرسىلەرنى ھارۋىسىغا تىزىپ قويۇپ، كۈندىلىك تىرىكچىلىكى ئۈچۈن، ئۆتكەن كەچكەنلەرگە ئىلتىجالىق بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىنى كۆرگەندەك بولىمەن. مۇمكىن بولسا، ئېشىنالىسام، شۇ نەرسىلەردىن كۈندە دىگۈدەك سېتىۋالسام، ئۈزەم يىمىسەممۇ، ئېھتىياجلىقلارغا بەرسەم دەپ ئويلاپ كېتىمەن. بەزىدە ئاپتۇۋۇزدىن چۈشكەن ۋاقتىمدا، ئۈتۈپ كېتىپ بۇلۇپ، يەنە ھەي توختا دىگەن نىدا بىلەن كەينىمگە قايتىپ، بىر كويلۇق ماتاڭ، بىر ئىككى كويلۇق قوناق، نان ، سامسا ياكى باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋالىمەن، كوچىدىلا مەززە قىلىپ يەپ كېتىمەن.مەن بىرنى ئالسام، باشقىلارمۇ بىرنى ئالسا، شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئىتتىكرەك سېتىپ، ئۆيلىرىگە قايتىپ، باللىرى بىلەن جەم بولسا، تۇرمۇش بېسىمى بولمىسا، بۇ نۆلدىن تۆۋەن يىگىرمە ئوتتۇز گىرادۇسلۇق بۇ سوغاقتا، كىممۇ سىرتتا شۇ نەرسىلەرنى ساتىمەن دەپ ئولتۇرسۇن. قايسى بىر يىلى رامىزاندا ئىپتارغا يېقىن بىر جايغا بارىدىغان ئىش چىقتى، ئاپتۇۋۇزدا ئىپتار ۋاقتى بوپ كەتكۈدەك، يانچۇقۇمدا يەيدىغان نەرسە يوق ئىدى، شۇ چاغدا، قارىسام، يىراق بولمىغان بىر جايدا بىر ئاپاش ماتاڭ سېتىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئۈچنى ئالدىم، 10 كوي بەرسەم قايتۇرىدىغان پاچە پۇل تاپالمىدى، سورىسام، بۈگۈن بەش كويلۇقمۇ سودا قىلالمىغانتىم، ھەم كېچىكىپرەك چىقىپ قاپتىمەن بازاغا دىدى، بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولدى، ئويلىدىم، ئەگەر مەن شۇ ئاپاش بولغان بولسام، ئۆيدە ماڭا قاراشلىق باللىرىم بولسا، مەن قانداق قىلار بولغىتىم، ھەي تۇرمۇش. .... بىر يىلى يازدا يۇرتتا ئىسسىقنىڭ دەستىدىن ئۆيدىن چىقماي ئارام ئېلىپ ئولتۇرغان ئىدۇق، دادام بىر چاغدا بىر داس قېتىق كۈتۈرۈپ كىرىپتۇ، ھەممىمىز ھەيران قالدۇق،« دادا نىمانداق جىق ئالدىڭىز، بۈگۈنچە ئىككى -ئۈچ قاچا ئېلىپ، ئەتە يەنە ئالساق بولاتتى ئەمەسمۇ، يېڭىنى يىسەك،...» دىسەم، دادام، « شۇ قارىسام، بىر شۇ ئايال قاپتۇ قېتىق ساتىدىغان، قالغانلار كىتىپ بوپتۇ، ئىككى ئۈچ چىنە ئالسام، قالغانلىرىنى ساتىمەن دەپ يەنە ئىسسىقتا ئولتۇرغۇدەك، شۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ، بۇ ئىسسىقتا ئىتتىك ئۆيىگە كېتىۋالسۇن دەپ، ھەممىنى سېتىۋالدىم، بىر قاچا ئىچىدىغانلار ئىككى قاچىدىن ئىچىپ، جىقراق ئىچەرسىلەر قېتىقنى، ئىسسىق ئاپتاپتا پايدا قىلىدۇ ... » دىگەن ئىدى، كۆڭلۈم شۇنداق بىر ئىللىق سېزىمغا تولغان ئىدى.
بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، مۇشۇ تىلەمچىلەرگە پۇل بەرمىسە قانداق بولار دەپ ، لېكىن، پۇل بەرمەي ئامال يوقتە، چۈنكى،بىز دىگەن شۇنداق كۆڭلى يۇمشاق، ئاقكۆڭۈل خەق تۇرساق..لېكىن، ئويلاپ قالىمەن، مۇشۇ پۇل بىرىشنى مۇنداق باشقا بىر ھالەتكە ئۆزگەرتىپ باقساق دەپ، مەسىلەن : ئاۋال بىر نان ياكى بىر كويلۇق ماتاڭ ياكى بىر كويلۇق گېزىت ياكى ئىشقىلىپ، بىر كويغا كېلىدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ تاۋىرى، ئاۋال شۇنى سېتىۋېلىپ، ئاندىن تىلەمچىگە بەرسەك، بۇنداق بولغاندا، شۇ كوچىدا ھالال مېھنىتى بىلەن سودا قىلىۋاتقانلارغا سودا قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىكەنمىز، شۇنداقلا، تىلەمچىمۇ شۇنى يىسە قوسىغى تويىدىكەن، ھەم سودا قىلىدىكەنمىز، ھەم ساۋاب تاپىدىكەنمىز، ھەم پۇل ئوبۇرۇتقىمۇ ياخشى بولىدىكەن، تىلەمچىلەرنى مانچە خۇتۇنى بار، ئۇلار تاپقان پۇلىغا قىمار ئوينايدۇ دەپ ئۇلارغا تاپا تەنىمۇ قىلمايدىكەنمىز. ئىشقىلىپ، كۆپ جەھەتلەردىن پايدىسى بولىدىكەن.سىلەرچە قانداق ؟؟؟؟ بۇرۇن كىتاپلاردا ئاق قۇشقاچلەر ئۈرۈمچىدە قىش ۋاقتىسى قارا قۇشقاچقا ئايلىنىدۇ، ئىس تۈتەكنىڭ دەستىدىن دەيدىغان، دىمىسىمۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بىرى، بۇلۇپمۇ ئۈرۈمچىدە ئۆي-ئۇچاقلىق بۇلۇپ ياشاۋاتقاندىن بىرى شۇنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. كۈندە دىگۈدەك نەچچە قۇشقاچلار نە نەلەردىن ئۇچۇپ كېلىپ، بەزىدە كەپتەرلەرمۇ بار، دەرىزەمنىڭ رىشاتكىسىغا، تۈمۈر توسۇقلارنىڭ ئارىسىدىن كېلىپ قونىدۇ، چۈنكى، دەرىزەمدە بىر سۇلياۋ تاۋاق قۇيۇلغان، ئۇنىڭغا ئسىمدە بولسىلا، بىر پىيالە گۈرۈچ چېچىپ قويىمەن.
بۇرۇن باشلانغۇچتا تەبىئەت دەرسىدە« قۇشلار ئىنسانلارنىڭ دوستى» دىگەن ئىدى، سۈيۈملۈك ئوقۇتقۇچىمىز. دىمىسىمۇ قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى ئادەمگە ھۇزۇر بىرىدۇ، شۇنداقلا، بۇ قارا قىشتا، قاتتىق سوغاقتا، جاندىن ئۆتىدىغان بۇ قەھرىتان ھاۋادا، قېلىن قار ئاستىدا قۇشلارنىڭ ئۇزۇق تېپىپ يىيىشى بەكمۇ قىيىن، بەكمۇ تەس، مېنىڭچە بىر پىيالە گۈرۈچ بىر كوي ياكى بەش موچەن،ئۇنىڭدىن ئارتۇق كەلمەس، دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل. بىز ئىنسانلار، قۇشلار، ھايۋانلار، دەل دەرەخلەر...ئىشقىلىپ، جاھاندىكى بارلىق نەرسىلەر، كائىناتتىكى پۈتكۈل شەيئىلەر بىر بىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان، بىزدە ئاجىزلارنىڭ ھەققى بار، قۇشلارغا كۈيۈنۈش، ھايۋانلارغا كۈيۈنۈشمۇ ئوخشاشلا بىزنى جەننەتكە ئېرىشتۇرىدۇ، بىرەيلەن رىۋايەت قىلۇر: « بىر پاھىشە قۇدۇق بېشىدا ئۇسساپ كەتكەن بىر ئىتنى كۆردى، قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ ئىتنىڭ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇردى، ياراتقۇچى ئۇنىڭ مۇشۇ ياخشى ئىشى ئۈچۈن، ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزدى » ، بۇ رىۋايەتتە، بىر تەرەپتىن ياراتقۇچىنىڭ بەكمۇ مېھرىبان، شەپقەتلىك ئىكەنلىكى بايان قىلىنسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنسانلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا ئۈندەش، پەقەت ئىنسانلارغىلا ئەمەس، ھايۋانلارغىمۇ ياخشىلىق قىلىش،ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى قۇتقۇزۇشنى مەخسەت قىلىدۇ.
سىز بىنادا ياشاڭ ياكى داچىدا ياشاڭ، ياكى بىنا ئەمەس ئۆيدە ياشاڭ، قۇربىتىڭىز يەتسىلا دەرىزىڭىزنىڭ سىرتىغا بىر پىيالە گۈرۈچ چېچىپ قويۇڭ، قۇشلار شۇ گۈرۈچلەرنى يىگەندە، دەرىزىڭىزنىڭ سىرتىدا ۋىچىر-ۋىچىر سايرىغاندا، سىز شۇ سايراشلىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭىزدا، كۆڭلىڭىز ۋاللىدە ئېچىلىپ قالىدۇ، ئۆزىڭىزدىن مەمنۇن بوپ قالىسىز، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپمۇ ياخشى ئىش قىلغان ،ساۋابلىق ئىش قىلغان بولىسىز. بۇ ساۋاب سەۋەبلىك، سىز تېخىمۇ كۆپ ياخشىلىقلارغا، كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارغا، بايلىقلارغا ئېرىشىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس، ئىشلىرىڭىز قۇتلۇق بولسۇن.بەختىيار تۇرمۇش ھەممىمىزگە يار بولسۇن.

مەنبە: يەتتە قىزلىرىم تورىدىن peacelife212
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىكۇچاتەڭگىسى يىغىش سەۋەبى
kusanboyliri + 10 مەنمۇ ئوقۇدۇم.

ھەممە باھا نومۇرى : كۇچاتەڭگىسى + 10 باھا خاتىرىسى

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.
iptihar * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1623
دەرىجىسى: ئالى ھۇقۇقلۇق ئەزا
تىما سانى: 740 (0)
جۇغلانما: 8602 نومۇر
243
7160
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-12-29
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-30 20:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھە.........................................................................................

باھا سۆز

bowak ئوغۇل بالىدەك گەپ قىلدىڭىز جۇما~!~!~!~!~!~ يوللانغان ۋاقتى 2011-12-30 22:42
mosajan0997 سىلە تىرىپ ئەكىرۋالغانما بۇرادەر؟ھاھاھاھا...ھۇدۇقۇپ كەتتىڭلىمۇ نىمە؟ھە...دەپ قاپسىلەرغۇ؟ ھاھاھا... يوللانغان ۋاقتى 2011-12-30 21:11
[url=http://www.kuqa.cn/bbs/home.php?mod=space&uid=1623&do=thread&view=me]مەن كۈلسەم سەنمۇ كۈلدۈڭ ،يىغلىسام سەن يەنىلا كۈلدۈڭ  ،بۇ نىمە
kuraxjan * توردا بار
مۇنمۇ بار جىنىسسىز

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2747
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 262 (0)
جۇغلانما: 3197 نومۇر
120
2575
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-12-24
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-30 21:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئادەمنىڭ كۇزىگە چېلىقمايدىغان كىچىك ئىشلار ، لىكىن ئەمەل قىلىپ كەلسە ناھايتى ئورۇنلۇق پىكىر . مەنمۇ بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىمەن بولۇپمۇ كىچىك تىجارەتچىلەردىن نەرسە سېتىۋېلىپ تىلەمچىلەرگە بىرىش ،
بىر چالمىدا ئىككى پاختەك دىگەنگەپ ،
qimanzar * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1018
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 485 (0)
جۇغلانما: 4333 نومۇر
0
3848
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-8-15
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-2-12
تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 02:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەزمۇنى ئاجايىپ چۇڭقۇر يازمىدىن بىر نى يوللاپسىز مۇساجان ......بىھۇدە يەرلەرگە كەتكەن بايلىقتىن تىلەمچىگ بىرىلگەن بىر پارچە نان ئەۋزەلدۇر .كىمىكى زەررىچىلىك ياخشىلىق قىلسا ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى كۆرىدۇ يانا كىمىكى زەررىچىلىك يامانلىق قىلىدىكەن چۇقۇم ئۇنىڭ زىيىنىنى تارتىدۇ .مانا بۇ ئوچۇق ھەقىقەت .قىلغان ھەر بىر ساۋاپلىق ئىشىمىز ئۈچۈن دىللىرىمىز سۆيۈنگۈسى .
sagak * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2703
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 410 (0)
جۇغلانما: 1190 نومۇر
36
666
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-12-1
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 04:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
باشقىلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش ياخشى ئادەت . لىكىن باشقىلارغا بۇنداق ياردەم قىلىپ بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقماقچى بولغانلارنىڭ يۇلۇققان قىسمەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ مەسلەن پەشمەت ساتىدىغان بالىنىڭ ئاكا مۇشۇ بەش تال قالغان بىر يۈەنگە ئىككىدىن بەرگەن سىزگە مۇشۇ بەش تالنى ئىككى يۈەنگە بېرەي دەپ ئۈتۈنگەن گىپىگە ئىشىنىپ ئىككى تال سېتىۋىلىش خىيالىڭىز بار ئادەم بەش تالنى سېتىۋېلىپ خالتىغا سېلىپ پۇللاڭشىتىپ كېتىۋاتقاندا يەنە بىر پەتنۇس پەشمەتنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان ھېلىقى پەشمەتچى بالا ئۇچۇراپ قالسا قانداق ھىسىياتتا بولىسىز؟؟ ئەمىليەتتە سىز سېتىۋالغان بۇ پەشمەت سىز يەپ بۇلالمىغىدەك دەرىجىدە كوپ بولمىسىمۇ ئالدانغانلىقىڭىزنى بىلگەندە بەك خوش بوپ كەتمەيسىزغۇ دەيمەن؟؟؟
يەنە مەسلەن سىز تىلەمچىگە بىر يۈەن بېرىشنىڭ ئورنىغا بىردانە نان دىگەندەك نەرسىلەرنى سەدىقە قىلغىنىڭىزدا شۇ تىلەمچىنىڭ چىرايىدا مەيۈسلىنىش ئىپادىسىنى كۆرگىنىڭىزدە قانداق ھىسىياتتا بولىسىز؟؟ بەلكىم شۇ بىر يۈەن پۇلنىڭ ئۈزىنىلار بەرگەن بولسىڭىز چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپ دۇئانىڭ ئاھاڭىغا سېلىنغان چۈشۈنۈكسىز گەپلەر بىلەن سىزگە دۇئا قىلىغان بۇلاتتى سىزمۇ سەدىقە قىلغان شۇ ئاپپاق ناننىڭ تەقدىرىدىن ئەسىرەپ قالمىغان بۇلاتتىڭىز.
يەنە مەسلەن قېتىقنىڭ گىپى بۇلۇندى دىيىلگىنىدەك سىز قېتىقچى ئايالغا ئىچ ئاغىرتىپ ئەمىليەتتە بىر قاچا قېتىققا ئىھتىياجىڭىز بولسىمۇ يەنە بىر قانچە قاچا ئۇشۇق سېتىۋېلىشنىڭ ئورنى يوق ناۋادا سېتىۋالغان بۇ قېتىقلارنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىشقا كۆزىڭىز يەتسە سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ بولمىسا بۇنى ئىشلىتىپ بولالماي بۇزۇلدۇرۇپ قويسىڭىز ئىسراپچىلىق بولىدۇ ئىسراپ قىلمايمەن دەپ كۆپ ئىستىمال قىلسىڭىز مەيدىڭىز ئاغىريدۇ . بۇ چاغدا يەنە ‹‹دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ بۇيۇمدا قالدى ›› دىگەندەك ئىش بولىدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ؟؟
مىنىڭ بۇنداق دىگىنىم تېمىدا دىيىلگەن پىكىرگە قارشى چىققىنىم ئەمەس دىمەكچى بوغىنىم سىز ماتاڭچى، پەشمەتچىلەرنىڭ ماتاڭ ، پەشمەتلىرىنى سېتىۋېلىپ تۈگۈتۈپ بولالمايسىز سىز پەقەت شۇلارنىڭ بۇ كۈندە كۆپرەك تىجارەت قىلىشىغا ياردەم قىلالىسىڭزلا شۇنىڭ ئۈزى كۇپايە.
‹‹ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت›› دەپتىكەن كونىلار بۇ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان سۆز. تىلەمچى يەر شارىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى مىللەت، ھەرقايسى ئېرىقلاردا بار. تىلەمچىلەرنىڭ بەزىلىرى مېيىپلىغى، ئەمگەك ئىقتىدارىنىڭ يوقلىغى ۋە ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادىمىنىڭ يوقلىغى تۈپەيللىدىن تىلەمچىلىك قىلىپ جان باقىدۇ. بۇنداقلارنىڭ كۆپىچىسى قوساق تويغۇزغىدەك شارائىتقا ئىگە بولسا كوچىدا تىلەمچىلىك قىلمايدۇ. يەنە بىر قىسىملىرى
باركى بەش ئەزايى ساق تۇرۇپمۇ تىلەمچىلىك نىقاۋىنى ياراشتۇرۇپ تاقاپ كۈندۈزى كوچىلاردا تىلەمچىلىك قىلسا ئاخشىمى قىممارخانا تاۋكادا قاۋاقخانا، دىبادا ياشايدۇ. بۇنداقلارغا بەرگەن نېنىڭىز بەلكىم شۇ خۇرجۇندا كۆكۈرۈپ كىتىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بۇنداقلارغا بەرگىڭىز كەلسە نەق پۇل بېرىڭ بۇلاردا قوساق توق پۇل يوق ھەم ئىشلەپ پۇل تاپىدىغانغا چىدايدىغان قوڭمۇ يوق ئۇلار شۇڭا تىلەمچى.
مىنىڭچە سىزنىڭ قېتىق، مىۋە-چىۋە، پۇشۇرۇلغان يىمەكلىك قاتارلىق ساقلىغىلى بولمايدىغان يىنەكلىكلەرنى ساتقۇچىلاردا ياردەم قىلىش نىيىتىدە ئىھتىياجىڭىزدىن ھالقىغان ھالدا سېتىۋېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ناۋادا سىز سېتىۋالغان نەرسىلەرنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلالمىسىڭىز ئىسراپچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىسىز . سىز ئىھتىياجىڭىزغا چۇشلۇق سېتىۋالسىڭىز مەنمۇ شۇنداق قىلسام ناۋادا سېتىلىپ بولغىچە بازار تاقىلىپ كەتسە بۇنى ئىشلەپچىقارغۇچى ساقلاش، قايتا پىشىقلاپ ئىشلەش دىگەنلەرنى ياخشى بىلىدۇ. ھىچ بولمىغاندا شۇ بازارغا قانچىلىك مال بولسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم چۈشۈنۋالىدۇ دە ئەتىسىدىن باشلاپ مۇۋاپىق ئىشلەپچىقىرىدىغان بولىدۇ ئۆزىمۇ جاپا تاتمايدۇ بىزنىمۇ خىجىل قىلمايدۇ.
بىراق دەرىزە تەكچىسى ، ئىشىك ئالدى پېشايۋان قاتارلىق جايلارغا بىرەر .ئوچۇم گۈرۈچ، بۇغداي...... بىرەر چۆچەك سۇ دىگەندەك قۇشلار يىمەكلىگىنى چېچىپ قۇيۇش، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزنىڭ تۇپراق بېشىغا بارغاندا يانچۇقىمىزغا ئازراق گۈرۈچ، بۇغداي ...... دىگەنلەرنى سېلۋېلىپ تۇپراق بېشىغا چېچىپ قۇيۇش بۇ بىر ياخشى خىسلەت .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقوللاش كۇچاتەڭگىسى ئۇنۋان يىغىش سەۋەبى
mosajan0997 + 3 + 4 + 3 گىپىڭىزنىڭ ئاساسى بار.

ھەممە باھا نومۇرى : قوللاش + 3 كۇچاتەڭگىسى + 4 ئۇنۋان + 3 باھا خاتىرىسى

mosajan0997 * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2284
دەرىجىسى: ئالى ھۇقۇقلۇق ئەزا
تىما سانى: 3462 (1)
جۇغلانما: 15541 نومۇر
277
11342
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-4-20
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 12:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
sagak يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 04:52
باشقىلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش ياخشى ئادەت . لىكىن باش ...

گىپىڭىزنىڭغۇ ئاساسى باركەن ،لىكىن تازا قۇشۇلمىدىم جۇمۇ...يامان تەرەپكە بۇراپمۇ كەتمەڭ...‹‹ئەنۋەر ھاكىمنىڭ بىر ناخشىسى بارغۇ‹تىلەمچىلەرنى تىللاپ يۈرمەڭلەر ›دەپ،ئەگەر شۇندىقى بولسا تازا سېلىپ ،ھۇشىنى تاپقۇزۇپ ،شەرمەندە قىلىۋەتكۈلۈك...
دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.
meyipdos * توردا بار
 ئەپەندىم توردا باركەنسىزدە
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2599
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 1056 (1)
جۇغلانما: 5903 نومۇر
181
4295
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-10-10
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 13:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سەگەك ئەپەندىنىڭ گىپىنىڭ بەكلا ئاساسى بار . ھازىر تىلەمچىلەر ناننى بەك ئالمايدۇ بىر يۈەن بەرسىڭىز يارات مايدۇ . ھۆكۈمەت ئەقسىز بىقىش ئورنىغا ئاپرىپ باقاي دېسە . ئۇنىڭغىمۇ كۆنمەيدۇ
ئەسسالام ئەلەيكۇم . مۇنبەر دوسلىرىمىز چ چ توپىغا كىرىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن  ھازىر25 ئەزا بار 200822501
layli * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 990
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىقى
تىما سانى: 3117 (3)
جۇغلانما: 20206 نومۇر
288
16210
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-8-4
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-24
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 14:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋوي ئەسلى مۇنداق ئىشمىتى ، مەن تېخى موساجان دېرىزىسىنىڭ سىرتىغا دان چېچىپ قىز كەلتۈرۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن يېڭى يىللىق

باھا سۆز

koktikan كۈلۈپ يىتىشىپ بۇلالماي قالدىم ما ئىنكاسىڭىزغا ، بەك قىزىقارلىق يىزىپسىز دەيمە ئۇيەي .........ھا ھا ھا ھا يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 22:15
mosajan0997 ھاھاھا،دېرەزەمنىڭ ئەتراپىدا قىزلار يوق ،قىزلارنى تېپىپلا چاچاي بولمىسا ،ياخشى تەكلىپكەن،ھاھاھا... يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 14:41

addi * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 21
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 1573 (1)
جۇغلانما: 13938 نومۇر
1030
10243
680


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-12
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-1 17:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىگۇدەك تېما ئىكەن ،رەخمەت سىزگە .
قىلىچنىڭ كۇچىدىن قەلەمنىڭ كۇچى ئارتۇق  . بۇنىڭغا  ئىشىنەمسىز!!!!!!!
zilala * توردا بار
خانىم توردا باركەنسىزدە

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2474
دەرىجىسى: كۇچا خۇمار ئەزا
تىما سانى: 166 (0)
جۇغلانما: 675 نومۇر
30
419
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-7-28
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
يوللانغان ۋاقتى 2012-2-16 18:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى ئويلاپسىز بىراق .................................
كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!
.كۇچامۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! كونۇپكا تاختىسىدىكى S D F G H J K L كونۇپكىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان يېشىل رەڭلىك ھەرىپلەرنى Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ باسسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2012-3-28 13:18 , Processed in 0.248455 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.