كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!.كۇچامۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ.
!!!!!!!!!!!!!
كونۇپكا تاختىسىدىكى S D F G H J K L كونۇپكىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان يېشىل رەڭلىك ھەرىپلەرنى Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ باسسىڭىز بولىدۇ.



قوللاش
كۇچاتەڭگىسى





يوللانغان ۋاقتى 2011-12-26 11:07


ھازىرقى ئارزۇلۇق ئۇكا -سىڭىلىرمىز بەكمۇ ئەتىۋالىق ،ئارانلا بىر ياكى ئىككى بالا شۇڭا خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ گەپ قلغىلى بولمايدۇ ،شۇنىڭ بىلەن مەيلىگە قۇيۇپ بېرىمىز ھەي بۇ ئىشلارنى قانداق قىلغۇلۇق .
مۇئەللىم سىلەر دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئنسان ،ئەجىرڭلار ھەرگىز يەردە قالمايدۇ 

ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى ئوقۇتقۇچىلارنى،ئوقۇتۇشنى قوغدايدىغان ئەمەستە يامان يىرى...بەزى ئاز ساندىكىلىرى تەربىيە ئۇسۇلىنى ئاشۇرۋەتكەننى ھىساپقا ئالمىغاندا كۆپ سانلىقىمىز ئوقۇغۇچىنى ياخشى بولسۇنلا دەيمىز بولمىسا ..بىزنى يوقاتماقچى بولغانلارغا ئۈمىد بىلەن شۇنى جاكارلايمىزكى :...سەۋر قىلىڭلار..ئۇزاق ئۆتمەي بىزدەك مۇستەبىت ،ناچار ئوقۇتقۇچىلار تۈگەپ ،بوزەك قىلغىلى بولمايدىغان تىللاشقا ‹‹تىلىڭىز›› كەلمەيدىغان مۇلايىم ،ياخشى ،ئىقتىساسلىق ئوقۇتقۇچىلار پەرزەنتىڭىزگە دەرس بېرىدۇ ...شۇ ۋاقىتتا يوقالغىنى كىمكەن بىلىپ قالىسىز...

يوللانغان ۋاقتى 2011-12-26 17:05


ئىشخانامدا ماڭا گەپ ياندۇرغاندا ئۇنىڭ يۈزى مېنىڭ قولۇمغا قاتتىق تىگىپ چاڭ ! يەنە سەل ئۆتۈپ چاڭ چاڭ ..! قىلغاندا ئۈنۈمى كۆرۈلدى ..ئۇنىڭ چىرايىدىكى مەنمەنلىكنىڭ ئورنىدا ئالدى بىلەن ھەيرانلىق ئۇندىن كېيىن قىزىرىش ئالماشتى...ئاندىن كېيىن تەپسىلى ئولتۇرۇپ چىرايلىق گەپ قىلدىم ،خەلقئارادىكى دىپلوماتىيە ئۇسۇلىنىڭ ئوقۇتۇشتىكى جانلىق تەرىپىنى ھىس قىلماپتىكەنمەن.كېيىن خېلى ئڭشالدى..لېكىن بىرسىگە زادى ئامال بولمىدى ئاڭلىسام ئۆيدە تاياقنى تاماقتىن كېيىن مەنتەڭ ئىچكەندەكلا يەپ تۇرىدىكەن.... ...ئوقۇغۇچى 24 سائەت مەكتەپتە تۇرمايدۇ ...پەقەت 8 سائەت تۇرىدۇ ،مەكتەپ يېشىغا توشقۇچە ئائىلە تەربىيىسىنى قۇبۇل قىلىدۇ، دىمەك ئوقۇغۇچى كۆپرەك ئائىلە تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ، ئائىلىدە ئانچە مۇنچە تاياق ،چىۋىق بىلەن باشقۇرۇلىدىغان ئائىلىلەردە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ نەزەرىدە تاياقتىن باشقىسى قورقۇنچلۇق ئەمەس...ئۆيدە بەزلىشىپ كەتكەن بۇ كەپسىزلەرنى مەكتەپتە چەكتىن ئاشقاندا داۋلى بىلەن تۈزىتەلمىسەك باشتا ئازراق ھەيۋە بىلەن ئىستىخيلىك ھالدا (تاياق) باشقۇرۇپ تۇرۇپ بۇ كەمچىلىكلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۋەتمەي چەكلەپ تۇرساق ، ئۇلار تاكى سەل چوڭ بولۇپ ئۆز قىلمىشىنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ يېتىدۇ ، بۇ جەرياندا باشقا ھارام شاخلارمۇ تەبىئىيلا پۇتىلىپ كېتىدۇ...چوڭلار مەكتەپ ھاياتىنى تىلغا ئەسلىگەندە ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىدىغىنى مەكتەپتە قايسى ئوقۇتقۇچىدىن نىمە دەپ گەپ ئاڭلىغىنى ئەمەس بەلكىقانداق كەپسىزلىك قىلىپ يىگەن تاياقنىڭ پۈتۈن جەريانى،سەۋەبى.....ئائىلە سۆھبەتكە بارسام باشقىلارنىڭ (ئاتا ئانىسدىن باشقىلار)ئەڭ كۆپ دەيدىغىنى ‹‹ بىزنى كىچىك ۋاقتىمىزدا ئۇرۇپ تۇرىتى، بۇ گۇيلارنى ئۇرمىغاندىكىن مەكتەپتىن قاچىدۇ. ئەسلى مەكتەپكە مۇۋاپىق ئۇرۇشنى قانۇنلۇق قىلىپ بەرسە بولىتى›› مانا بۇ توغرا گەپ ..قايسىڭلار بۇرۇنقى تەربىيە ئۇسۇلىدا چوڭ بولغان بالىلارنى ھازىرقى بالىلاردىن ئىرادىلىك ، ئەخلاقلىق دەپ ئېيتالايسىلەر ....؟ ھازىر قويۇپ بەردۇق كېيىن تۇرمۇشتا تۈرلۈك ئازدۇرۇشلار ،قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە بۇ بالىلار قانداق قىلىدۇ...ئالدى بىلەن ئائىلە تەربىيىسى ئەڭ مۇھىم ، ئائىلىدە تاياق يېمىگەن ئوقۇغۇچى مەكتەپتە تاياق يىمەيدۇ ، ئائىلىدە تاياق يىگىنى چوقۇم يەيدۇ...مېنىڭ بىر نەچچە يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ئەمەلىيىتمدە 90 پىرسەنت ئىسپاتلانغان يەكۈن....بالامنى نىمىشقا ئۇرىسەن دەپ مۇئەللىمنىڭ ياقىسىدىن ئېسىلغان ئائىلە باشلىقى ئەمەلىيەتتە ئۆيدە بالىنى پات پات ئۇرۇپ تۇرىدۇ...شۇڭا بالام مەكتەپتە قاتتىق تەربىيەگە ئۇچرىمىسۇن دەيدىكەنسىز بالىڭىزنى ئۆيدە گەپ بىلەن باشقۇرۇڭ....ئىككى تەرەپنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىردەك بولغاندا ئوقۇغۇچى مەكتەپ بىلەن ئائىلىنى ئۆز ماكانىم دەپ بىلىدۇ ....
ئايال ئوقۇتقۇچىلارمۇ خىزمەت كىيمىنى كەيمەي نەدە بىر كىيىملەرنى كىيىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئەدەپ -ئەخلاق تەربىيىسى بەرسە كىمگە خوشياققىدۇ ئۇ گىپى 