ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن زىيالىيلار ۋە ئەل - ئاۋامنىڭ ...
كۆرۈش: 1379|ئىنكاس: 4
go

زىيالىيلار ۋە ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرى

kusanboyliri * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2719
دەرىجىسى: ئالى ھۇقۇقلۇق ئەزا
تىما سانى: 502 (1)
جۇغلانما: 10112 نومۇر
606
7819
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-12-8
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 21:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
زىيالىيلار ۋە ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرى
ئاپتور : ليۇ شىتۇڭ


يېقىندىلا << مەلۇم ئۇنۋېرسىتنىڭ پىروفېسسورىنى ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا بەك ئىچكىرلەپ ئارىلىشىپ كەتتى ، دەپ خىزمەتتىن ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇپتىدەك >> دېگەن گەپلەر تارالدى . بۇغۇ بىر مىش - مىش گەپ ، ئاق-قارىنى ئايرىماي تۇرۇپ << راست >> دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ . شۇنداقتىمۇ بۇ مىش - مىش گەپ جەمئىيەتگە << ئۇنۋېرسىتنىڭ پىروفېسسورلىرىى ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشسا ، بولۇپمۇ بەك ئىچكىرلەپ ئارىلىشا بولامدۇ-يوق ؟ >> دېگەن ئىنتايىن مۇھىم بىر سۇئالنى تاشلىغاندەك قىلىدۇ . مېنىڭچە ، بۇ ھەقتىكى پىكىر ۋە كۆز قاراشلارغا قۇلاق سېلىپ باقساق يامان كەتمەس .
مۇنداقچە ئېيىتساق ، ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرى ئەسلىدىنلا ھۆكۆمەتكە تەۋە تۇرسا ، پىروفېسسورلار بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى ؟ بولۇپمۇ بىزدەك پۇقرانىڭ نىمە چاتىقى ؟ . بىراق ، بىزنىڭ ھۆكۆمىتىمىز دېگەن << خەلق جۇمھۇرىيىتى >> نىڭ ھۆكۆمىتىدە ! ئۇنداقتا بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەر بىر پۇقراسى ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشىشقا ھوقۇقلۇق دېگەن گەپ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزلىرىنى پۇقرالارنىڭ زىيالىيىسى سانايدىغان پىروفېسسورلار ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشسشى ، ھەتتا << تېخىمۇ ئىچكىرلەپ >> ئارىلىشى كېرەك . ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرى ، ھەم ئۇمۇمنىڭ ، ھەم شەخسنىڭ مەنىپەئەتىگە چېتىلىدىغان تۇرسا ، جۇمھۇرىيەتنىڭ پۇقراسى ، دۆلەتنىڭ باج تاپشۇرغۇچىسى بولمىش ھەر قانداق ئادەم ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا قانداقسىگە ئارىلاشماي تۇرالىسۇن ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۆلەت ئاساسى قانۇنىدا ھەر بىر پۇقراغا بەخشەندە قىلغان ھوقۇق تۇرسا ! زىيالىيلار دېگەن جەمئىيەتنىڭ سەرخىللىرى ۋە ئۈيغاقلىرىدىن . شۇڭا ئۇلار ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرى ۋە ھۆكۆمەت ئىشلىرى خۇسۇسىدا ئىككى ئېغىز لىللا گەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق . ھەم بۇ ھەقتە چۇقۇم ئوتتۇرىغا چىقىپ گەپ قىلىشى كېرەك . بۇنىڭدىن 110 يىل بۇرۇن فىرانسىيەنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى ئېمىل زولا << درېفۇس دېلوسى >> غا ئارىلىشىپ ، پۈتكۈل دۇنيا زىيالىيلىرىغا شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەرگەنىدى .
ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك ، مەيلى پىروفېسسورلار ۋە ياكى مۇتەخەسىس - ئالىملار بولسۇن ، ھەممەيلەن ئەل-ئاۋام بىلەن ياشاۋاتقان ئەھلى ئىلىملەر بولغانىكەن ، دېمەك ئۇلار ئاق-قارىنى پەرق ئەتكەنلەر ، ئاۋامنىڭ دەردى- ھالى خۇسۇسىدا ئېغىز لىللا گەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق كىشىلەر دېگەن گەپ . شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا << ئارىلاشما >> ، << گەپ قىلما >> دېگۈدەكمىز ؟! بولۇپمۇ سىياسەتشۇناسلىق ، ئىقتىسادشۇناسلىق ، سوتسولوگىيە ، ئانتروپولوگىيە ، پىسخولوگىيە ، ئېكولوگىيە ، قانۇنشوناسلىق ۋە ئەدەبىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇتەخەسىس - ئالىملارغا كۆرە ئېيىتقاندا ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئۇلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى شۇنداقلا ئۇلارنى << نەزىرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاش >> ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت . بۇ جەھەتتە تەبىئىى پەنلەر ئالىملىرىنىڭ مەسئولىيىتىمۇ ئوخشاشلا ئېغىر . دۇنياغا مەشھۇر فېزىك ئېينىشتېيىنمۇ ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ئۆمۈر بويى ئارىلىشقانىدى . ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن ئېيىتساق ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ئىچكىرلەپ ئارىلىشىپ ، ئادالەت يولىدا كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ئىككى قوۋۇز ھەق گەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالىدىغان زىيالىيىلار كۈرمىڭ . شۇڭا ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا قول تىققان ئالىم- مۇتەخەسسىسلەرنى ھەدېىسىلا << قولۇڭنى تارت >> ، << تىلىڭنى يىغ >> دەپ ئەيىبلەۋەرمەي ، ئۇلارنىڭ روھىنى تەشەببۇس قىلغىنىمىز تۈزۈك .
يەنە ، ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا مۇنداقمۇ << ئارىلىشىدىغان >> مۇتەخەسىس - ئالىملارمۇ ئاز ئەمەس . مىسالەن ، چىرىكلىككە يان باسىدىغان ئىقتىسادشۇناسلار ، خىيانەتچى مەنسەپدارلارنى ئاقلايدىغان قانۇنشۇناسلار ، كۈچلۈكلەر ئۈچۈن ھەدەپ كاناي چالىدىغان << گۇپپاڭچى >> ، <<ھەمكارلار >> بۇنىڭ تىمسالىدىندۇر . ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغان دېيەلەيمىز ؟ كۆرىۋېلىش مۇمكىنكى ، << ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش >> قا بولمايدۇ ئەمەس ، بولىدۇ . مۇھىمى زادى كىم تەرەپتە تۇرۇپ ئارىلىشىشىڭىزدا . مىسالەن ، بەزىلەر << ئارىلىشىش >> ىڭز مەنسەپدارلار ۋە ئۇلار بىلەن مەنپەئەتدار گۇرۇھلارغا پايدىلىق بولغان بولسا ، ئۇ ھالدا << ئارىلىشىش >> ئەمەس ، قانچە ئىچكىرىلەپ ئارىلاشسىڭىز شۈنچە ياخشى . ھالبۇكى ، << ئارىلىشىش >> تا ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش مۇددىئاسى بىلەن بەزى مەنسەپدارلار ۋە ئۇلارغا باغلانغان گۇرۇھلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زەرەر يەتكۈزۇپ قويغان بولسىڭىز تۈگەشكىنىڭىز شۇ . يېققىنقى يىللاردىن بېرى ھەرخىل ۋاقە - ھادىسە ، تۈرلۈك تۇمەن چىرىكلىك قىلمىشى << تېزىنى باسسا ، مېزى چىقىپتۇ >> دېگەندەك ئۈزۈلمىگەچكە كۆزىمىزگە سىڭىپ قالغاندەكمۇ قىلىدۇ . قىزق يېرى ، ھەر قېتىم مۇشۇ خىلدىكى ئىش چىققان ھامان نۇرغۇن مۇتەخەسىس - ئالىم ئۇنىڭغا بەس-بەستە << ئارىلىشىدۇ >> . بىراق ئۇلارنىڭ << ئارىلىشىشى >> مۇنداق ئىككى خىل تۈستە بولىۋاتىدۇ : بىرى ، مۇتەخەسىس - ئالىملار ئىش تېرىغۇچىنى << قوغداپ قىلىش >> مۇددىئاسىدا ئارىلىشىپ ، ھادىسسىنىڭ ئۇ كىشىگە مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ، قۇرۇلۇش سۈپىتىدە قىلچە مەسىلە يوقلىقىنى جېنىنىڭ بارىچە ئىسپاتلاپ پەتىۋا تاپىدۇ ؛ يەنە بىرى ، مۇتەخەسىس - ئالىملار ئۇنداق ئىشلارغا گۇمانى نەزەر بىلەن ئارىلىشىپ ، مەسىلىنىڭ نېگىزى ۋە جاۋابكارنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشىۋاتىدۇ . ئالدىنقىلارنىڭ ( جاۋابكارلار ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەنمۇ تېخى ، بۇنىڭغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ ) ئارىلىشىشى تەبىئيكى ئىنتايىن قارشى ئېلىنىدۇ . ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئۇلار مۇكاپاتلىنىشى ھەتتا ئۆستۈرۈلۈشىمۇ مۇمكىن . كېيىنكىلەرگە بولسا ئۇنداق ئامەت نېسىپ بولمايدۇ ، ئۇنداقلارنى پەرۋايىغا ئېلىپ قويمايدۇ . ئۇلار << ئارىلىشىمەن >> دەپ داۋاملىق << تىركەشسە >> گەپ-سۆزى چەكلىنىپلا قالماي ، ھەتتا ئىككى پۇتى بىر ئۆتۈككە تىقىلىشى تۇرغانلا گەپ .
بايا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك << ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش >> ئەسلىدە ھەربىر پۇقرانىڭ ، ھەربىر باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ، بولۇپمۇ زىيالىيلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەسئولىيىتى ئىدى . دېمەك ئۆزىنى << زىيالىي >> ھېساپلايدىغان ھەرقانداق ئادەم ئاۋام- پۇقراغا قارىغاندا << كۆپنىڭ ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئارىلىشىشى >> كېرەك .ناۋادا بۇ خىل ئارىلىشىش << يامان غەرەز >> ياكى << ناتوغرا ئۇسۇل >> تۈپەيلى ئۇمۇمنىڭ ياكى شەخسنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۆزسە ، ئۇنداقتا بۇ ئىشنى قانۇنغا قويۇپ بىرىش كېرەك .دۆلەتنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قانۇنى ، مەكتەپنىڭ قائىدە - تەرتىپى بولىدۇ . مۇبادا ئوقۇتقۇچى مەكتەپنىڭ قائىدە - تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلىدىكەن ، مەكتەپ تەشكىلى ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا تامامەن ھوقۇقلۇق . ناۋادا لاياقەتسىز ، بىلىمسىز ، ئىقتىدارسىز بولسا دەرسنى ئوقۇغۇچىلارغا خۇشياققۇدەك ئۆتەلمىسە ياكى باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ پەزىلەتسىزلىك قىلسا ، ئۇنداق ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇنبەرگە چىقىش سالاھىيىتىنى ۋاقتىدا ئېلىپ تاشلىيالمىغان مەكتەپ تەشكىلىنى << لاياقەتسىز >> گە چىقارغۇلۇق . بىراق ھەر قانداق ئورۇن ۋە تارماق << ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ھامىلىق قىلىپ ئارىلاشقان >> كىشىلەرگە << ئۈزەڭگە مۇناسىۋەتسىز ئىشقا ئارىلاشتىڭ >> دېگەن باھانە بىلەن ئازار بەرسە زىنھار بولمايدۇ . ماقالىمىزنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان << مىش -مىش گەپ >> نىڭ دېگەندەك ئاساسى بولمىسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭدەك ئەھۋاللار جەمئىيەتتە يوقمۇ ئەمەس . بۇ گەپلەرنى ھازىرچە ئاساسسىز دەپ تۇرساقمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ئەل ئارىسىدا تارقالغىنى راست ، ھېچبولمىغاندا پۇقرالارنىڭ << زىيالىيلار ئاۋام- پۇقرالارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشسىكەن >> دېگەن ئارزۇسىنى ، شۇنداقلا ئاۋام - پۇقرالارنىڭ دەۋرىمىز ئالىي مەكتەپلىرى ھەققىدىكى پىكىر - قاراشلىرىنى ، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ كۈنسايىن << يامۇللىشىپ >> كېتىۋاتقانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ . ئەجەبا ، بۇلار چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزۇپ بېقىشىمىزغا ئەرزىمەسمۇ ؟

ئاپتور : ليۇ شىتۇڭ ( شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىن ئېلىندى) http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=3740&fpage=1&page=170


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kusanboyliri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-8 21:27

kaplan * توردا بار
 ئەپەندىم توردا باركەنسىزدە

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 39
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىقى
تىما سانى: 5303 (6)
جۇغلانما: 188065 نومۇر
52705
77091
2810


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-13
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 21:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
زىيالىلارنى ئەل-ئاۋامغا ئارلىشىشى نورمال ئىش ، بۇنى توسسا بىلىملىك كىشىلەر ئاۋام بىلەن ئارلىشىپ ، ئۇلارغا ياخشى بولغان تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرىش ،ئەلۋەتتە يوللۇق ئىشتە ،بۇنى چەكلەش جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتىنىڭ پۇقرالىق ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغانلىق بىلەن باراۋەر .
مۇنبەر باشلىغى ۋە مۇنبەر قۇرغۇچىسى
تور بېتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر، تور بىتىمىزگە كىرگەنكەنسىز تېما ۋە ئىنكاس يوللاشنى ئۇنۇتماڭ، تور بېتىمىزدە ئىزىڭىز قالسۇن
mosajan0997 * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2284
دەرىجىسى: ئالى ھۇقۇقلۇق ئەزا
تىما سانى: 3462 (1)
جۇغلانما: 15541 نومۇر
277
11342
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-4-20
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-8 22:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
زىيالىيلارنىڭ ئەل-ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشىپ قولىدىن كىلىشچە ئىپادىلەپ يىزىپ تۇرۇش بۇرچى ۋە مەسۇلىيتى بار دەپ قارايمەن...
دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.
manzil * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 93
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىقى
تىما سانى: 6282 (2)
جۇغلانما: 62070 نومۇر
2255
51124
90


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-19
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 13:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
زىيالىلار ئوتكۇ پىكىرلىك ،يىراقىنى كورەر كىشلىرىمىزدۇر....ئۇلارنىڭ مىللەتكە مەسئۇل بۇلۇش مەجبۇريىتى كۇچلۇك كىشلەردۇر...
تور بېتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر، تور بىتىمىزگە كىرگەنكەنسىز تېما ۋە ئىنكاس يوللاشنى ئۇنۇتماڭ، تور بېتىمىزدە ئىزىڭىز قالسۇن qq:675835234
sarng * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2367
دەرىجىسى: كونگەن ئەزا
تىما سانى: 127 (0)
جۇغلانما: 374 نومۇر
0
247
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-5-6
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-21
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 00:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
زىيالى قىلغان ئىشى خىيالى................
كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!
.كۇچامۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! كونۇپكا تاختىسىدىكى S D F G H J K L كونۇپكىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان يېشىل رەڭلىك ھەرىپلەرنى Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ باسسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2012-3-28 14:06 , Processed in 0.179226 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.