ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن سىزنى خېرىدارىڭىزدىن ئايرىپ ...
كۆرۈش: 1304|ئىنكاس: 6
go

سىزنى خېرىدارىڭىزدىن ئايرىپ قويىدىغان خاتالىقلار!

sukut * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2707
دەرىجىسى: كونگەن ئەزا
تىما سانى: 38 (0)
جۇغلانما: 354 نومۇر
23
242
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-12-2
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-2-20
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 03:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

سىزنى خېرىدارىڭىزدىن ئايرىپ قويىدىغان خاتالىقلار!



ۋاقتىڭىز، پۇلىڭىز ھەم ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان ئەركىنلىكىڭىزنى دوغا تىكىپ، ئۆز ئالدىڭىزغا ئىگىلىك تىكلىدىڭىز. ئەمدى خېرىدارلىرىڭىزنى قانداق ئۇسۇل بىلەن ساقلاپ قالىسىز؟

تۆۋەندىكى خاتالىقلار ھەرقانداق بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچىنى خېرىدارىدىن ئايرىپ قويىدۇ.

باھانە – سەۋەب ئىزدەش



ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت شىركىتىڭىز بار دەيلى، سىز خىزمەتنى ۋاقتىدا تۈگىتەلمىدىڭىز، ئۇنداقتا، خېرىدارىڭىزنىڭ ئاغرىنىشى ۋە نارازلىقىغا قانداق جاۋاب بېرىسىز؟ بۇنداقچاغدا ‹‹خىزمىتىم بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى، شۇڭا لايىھەرىڭىزگە ۋاقىت چىقىرالمىدىم›› دېمەڭ. بۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس، خېرىدارىڭىزنىڭ خىزمىتىڭىزنىڭ قانچىلىك ئالدىراش بولۇشى بىلەن نېمە كارى بولسۇن، ئۇلار پەقەت سىزنىڭ بېرىلگەن ۋەزىپىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن ئورۇنداپ بولىمەن، دەپ ۋەدە بېرىپ قويۇپ، ۋەدىڭىزگە ئەمەل قىلمىغىنىڭىزغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ.
باھانە – سەۋەب كۆرسىتىشتىن كۆرە سەمىمىي كەچۈرۈم سوراپ، ئاندىن ئامال قىلىپ ئىشنى ياخشى تەرەپكە بۇراڭ. ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان ئىش بولسىمۇ، خېرىدارلازىم قىلىدىغان كۈنى كەچتىلا ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرىڭ. بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئېلىپ، خاتالىقىڭىزنى تۈزەتكەن ۋاقتىڭىزدا، ئىشلار ياخشى تەرەپكە يۈزلىنىپ، خېرىدارىڭىزنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيسىز.


قايتۇرما ئۇچۇرلارغا سەل قاراش



كۆپ ساندىكى خېرىدار ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى سىزگە ئېيتمايدۇ، ئەكسىچە، باشقا يەردىن سودا ئىزدەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى تۇتۇپ قېلىش كېرەك. ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىڭىزگە تارتىڭ، كۆرۈشۈشكە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇڭ ياكى مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ، خېرىدارلىرىڭىز بىلەن بىۋاسىتە تېلېفوندا ئالاقىلىشىڭ ياكى ئۇلارنى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىڭ، مەسىلەن: ئۇلاردىن نېمىشقا بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىز بىلەن مۇلازىمىتىمىزنى تاللىدىڭىز؟ مەھسۇلاتىمىزنى سېتىۋېلىشىڭىزدىكى سەۋەب نېمە؟ سىزچە، مەھسۇلاتىمىز بىلەن مۇلازىمىتىمىزنىڭ يەنە قانداق يېتەرسىزلىكلىرى بار؟ دېگەندەك سوئاللارنى سوراڭ.
بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشەلىسىڭىز سودىڭىزغا كۆپ پايدىسى تېگىدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ قايسى تەرەپلەرنى ياخشى قىلغانلىقىڭىزنى، قايسى تەرەپلەردە يەنىلا يىتەرسىزلىكلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىيالايسىز. ئەگەر بىر خېرىدار رازى بولمىغان بولسا، ئۇ قارارىنى ئۆزگەرتكىچە تەدبىر قوللىنالايسىز، سىزنىڭ خېرىداردىن سوئال سوراپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىڭىز ئۇنىڭغا ئېتىبار بەرگىنىڭىز، شۇنىڭ بىلەن خېرىدارلارنى ئۆزىڭىزگە جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى دائىملىق خېرىدارىڭىزغا ئايلاندۇرالايسىز.


پاسسىپ ئىدىيە ۋە ھۇرۇنلۇق



ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئاسانمۇ؟ ئويلاپ بېقىڭ، سودىڭىز باشلانغان ھامان، ھەر ۋاقىت پۇلنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بىر مۇنچە ئۇششاق – چۈششەك ئىشلار بىلەن ئاۋارە بولىسىز.
مەيلى قانچىلىك مۈشكۈل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قەددىڭىزنى رۇسلاپ، خۇشال كەيپىياتنى ساقلىشىڭىز كېرەك. كىشىلەر ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەملەر بىلەن سوداقىلىشنى خالايدۇ.
پاسسىپ ئىدىيەدىن قۇتۇلۇپ، دىققىتىڭىزنى نىشانىڭىزغا مەركەزلەشتۈرۈڭ، مەيلى قانچىلىك ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ. ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز خېرىدارلىرىڭىزنىڭ سودىڭىزغا بولغان ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ.


رىقابەتچىسنىڭ ئابرۇيىغازىيان يەتكۈزۈش



خېرىدارلىرىڭىزغا رىقابەتچىڭىزنى قانداق تەسۋىرلەپ بەرسىڭىز، ئۇلارمۇ سىزنى باشقىلارغا شۇنداق تەسۋىرلەپ بېرەلەيدۇ. ئەگەر بىرسى سىزدىن شىركىتىڭىز مەلۇم شىركەت بىلەن بولغان كەسكىن رىقابەتتە قانداق تەجرىبە توپلىغان؟ دەپ سورىسا، تۆۋەندىكىچە جاۋاب بەرسىڭىز بولىدۇ:
ئۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى ھەقىقەتەن ياخشى (ياكى ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن ئىقتىدارى بار)، لېكىن خېرىدارلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىزنى تاللىغانلىقىنى سىزگە ئېيتىپ بېرەي، دەپ خېرىدارىڭىزغا ئىلگىرىكى خېرىدارلىرىڭىز يازغان رەھمەت خەتلىرىنى كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا سىز گەپنى ئاسانلا رىقابەتچىڭىزدىن سودىڭىزغا يۆتكىيەلەيسىز.


خېرىدارلارغا نىسبەتەن خام خىيالدا بولۇش



خېرىدارلار دۇكىنىڭىزدىن بىر قېتىم مال سېتىۋالسىلا، مەڭگۈلۈك خېرىدارىم بولدى، دەپ ئويلاپ قالماڭ.
ئۆزىڭىزنى ئۈزلۈكسىز تەربىيەلىشىڭىز، ھەر خىل مۇھاكىمەيىغىنلىرىغاقاتنىشىشىڭىز، كەسپىي كىتابلار ۋە ژۇرناللارنى ئوقۇپ، ساھەرىڭىزدە ئاۋانگارت بولۇشىڭىز كېرەك. كەسپىڭىزگە بولغان چۈشىنىشىڭىز ۋە بىلىم سەۋىيىڭىز قانچە چوڭقۇر بولسا، خېرىدارىڭىزنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسى شۇنچە ئاشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شىركىتىڭىز ئىستېمالچىلارنىڭ نەزەرىدىكى بىرىنچى شىركەتكە ئايلىنىدۇ.
ئۆزىڭىزگە يېتەكچىلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ، ئۆزىڭىز ۋە باشقىلار سادىر قىلغان خاتالىقلاردىن ساۋاق ئېلىپ، لازىملىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، قايتا خاتالىق سادىر قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ. شۇنداق بولغاندا كەسپىڭىز ياخشى تەرەققىي قىلالايدۇ ۋە پايدىغائېرىشەلەيسىز.



مەنبە؛ توردۇنياسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا layli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-7 10:43

kaplan * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 39
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىقى
تىما سانى: 5302 (6)
جۇغلانما: 188061 نومۇر
52705
77088
2810


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-13
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 13:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سودا ۋە تىجارەت قىلدىغالارغا كونىلارنىڭ مۇنداق بىر تەمسىلىسى بار ، بولمىساڭ ئىللىق چىراي ، ئاچمىغىن دۇكان ساراي دەپ ،شۇڭا ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىللىق چىراي ، خۇش مۇامىلە بۇلۇپ ۋەدىگە ۋاپا قىلغاندىلام تىجارىتى روناق تاپىدۇ .
مۇنبەر باشلىغى ۋە مۇنبەر قۇرغۇچىسى
تور بېتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر، تور بىتىمىزگە كىرگەنكەنسىز تېما ۋە ئىنكاس يوللاشنى ئۇنۇتماڭ، تور بېتىمىزدە ئىزىڭىز قالسۇن
manzil * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 93
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىقى
تىما سانى: 6282 (2)
جۇغلانما: 62070 نومۇر
2255
51124
90


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-19
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 11:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كوزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق دىگەندەك، شۇ بىزگە كىچككىنە بىلىنگەن ئاشۇ سەۋەنلىكلەر تۇپەيلىدىن نۇرغۇن پورسەتلەردىن مەھرۇم قېلىۋاتقىنىمىزنى ھىس قىلالمايۋاتقانلىغىمىز مۇمكىن.....
تور بېتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر، تور بىتىمىزگە كىرگەنكەنسىز تېما ۋە ئىنكاس يوللاشنى ئۇنۇتماڭ، تور بېتىمىزدە ئىزىڭىز قالسۇن qq:675835234
koktikan * توردا يوق
خانىم توردا باركەنسىزدە

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1692
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 1193 (0)
جۇغلانما: 4031 نومۇر
26
2763
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-1-1
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 18:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
لىكىن بەزى خېرىدارلارمۇ بار ، بىرەر مەھسۇلاتنىڭ باھاسى كۆڭلىگە ياقمىسا ،ياكى سېتىۋېلىش خىيالى بولمىسىمۇ قەستەن قۇسۇر چىقىرىدىغان ، ياكى قۇۋلۇق قىلىپ ھۈنەر ئىشلىتىپ دۇكاندارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدىغان . بۇنداقلارغا مىڭ سىلىق مۇئامىلە قىلسىڭىزمۇ بىكاركەن . ھە سىزنىڭ راس دەپ قويسا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كۆپۈك قاينىتىدىكەن . شۇڭا يەنىلا سۇنىڭ ئېقىشىغا ، خېرىدارنىڭ مىجەز - خۇلقىغا بېقىپ ئىش تۇتقان تۈزۈك .
kokdegiz * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2581
دەرىجىسى: كونگەن ئەزا
تىما سانى: 82 (0)
جۇغلانما: 250 نومۇر
0
168
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-10-4
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 22:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بولمىساڭ ئىللىق چىراي ، ئاچمىغىن دۇكان ساراي دەپ ،شۇڭا ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىللىق چىراي ، خۇش مۇامىلە بۇلۇپ ۋەدىگە ۋاپا قىلغاندىلام تىجارىتى روناق تاپىدۇ .
kokdegiz * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2581
دەرىجىسى: كونگەن ئەزا
تىما سانى: 82 (0)
جۇغلانما: 250 نومۇر
0
168
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-10-4
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 22:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت ئەجرىڭلارغا
0128kusan * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2803
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
تىما سانى: 1 (0)
جۇغلانما: 6 نومۇر
0
5
0


تىزىم ۋاقتى: 2012-1-21
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-1-25
يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 15:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بولمىساڭ ئىللىق چىراي ، ئاچمىغىن دۇكان ساراي دىگەن ماقال-تەمسىل بار،لكىن قىش كۇنللىرى ناھيىمز ئچىدە بەزى يەلقازان شورپىخانىرىدا .بازا .ئتتك بولسا ساتقۇچدا ئنساپ يوق دىگەن ئشلار يۇز بىرىۋتىدۇ.
كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!
.كۇچامۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! كونۇپكا تاختىسىدىكى S D F G H J K L كونۇپكىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان يېشىل رەڭلىك ھەرىپلەرنى Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ باسسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2012-3-28 12:53 , Processed in 0.155965 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.