ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن «ئوسۇرۇش»مۇ بىر خىل بەخت
كۆرۈش: 783|ئىنكاس: 9
go

«ئوسۇرۇش»مۇ بىر خىل بەخت

Retsar * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1740
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 860 (3)
جۇغلانما: 11784 نومۇر
92
10647
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-10-18
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-24
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى مۇنبەر قىززىقچىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-6 23:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

«ئوسۇرۇش»مۇ بىر خىل بەخت



ھەممە نەرسە كۆپتۈرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوسۇرالماي قورساق كۆپتۈرۋىلىشمۇ ئادەتتىكى ئىشلار قاتارىدا ھىسابلىنىدىغان بوپ كەتتى ، قاچان ماڭا ئوسۇرۇش ئىشقى تەگدىكىن،؟شۇندىن بۇيان ھە دەپ تولا ئوسۇرۇپ، قورسىقىمنى باداڭ قىلالماي، ئىككى ئاغىنەمنىڭ ئالدىدا تومپايتىپ تۇرۇپ سىلىيالماي ھەسرەت چېكىپلا يۈرىدىغان بوپ قالدىم. كۆنگەن خۇي ئۆلگىچە دىگەندەك ، ئوساماي دەيمەنۇ ئەمما ئوساماي چىدىمايمەن . ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئادىتى ، ئىشقى ، خۇمارى بولغىنىدەك ، پېقىرمۇ ئۇخلىسىمۇ ، قوپسىمۇ ، ئىشلىسىمۇ شۇ ئوسۇرۇشنىڭلا خىيالى ، گاھىدا ئۆزۈمدىن گۇمانلىنىپمۇ قالىمەن ، پەقەت ھاجەتخانىغا كىرگەندىلا ۋە ياكى يەللىك يىمەكلىكلەرنى يىگەندە ئېسىگە كېلىدىغان بۇ فىزلوگىيىلىك ھادىسىنىڭ ماڭا خۇمار بوپ قالغىنىدىن ، پىسخىكام بىنورمالمۇ قانداق دەپ . كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا بىرەسى ئوسۇرۇپ قويسا « ئىككى تاغ ئارىسىدا كالا مۆرەيدۇ»دەپ زاڭلىق قىلىپ كېتىتۇق ، قاتتىق ئەدەبسىزلىك بىلىتۇق ، ئەمما نىمىسى نىمە بولدىكىن ، ئىلغار دەۋرگە ، خاراكتىرىنى ياپيالىڭاچلا نامايان قىلىدىغان خاسلىق يارىتىش دەۋرىگە سۇدىكى بېلىقتەك ماسلىشىپ كەتكىنىمنى ، ئەدەب ئەخلاقنى قايرىپ قويۇپ ھە دېسە ئوسۇرۇش ھەققىدە بىر نىمە يازغانلىقىمدا ئىپادىلىنىۋىتپتۇ دەپ قالدىم . گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك :


ھەركىمگە ئۆزى ياقتۇرغان ئىشنى قىلىش خوشاللىق ئېلىپ كېلىشى بەخت ھېس قىلدۇرىشى مۇمكىن ، شۇڭا بۈگۈنكىدەك خەق بىلەن نىمە كارىم ، خالىغاننى قىلىمەن ، يايرىغاننى بىلىمەن دىگەن پەدىدە «ئوسۇرۇش»نىمۇ بەخت دەپ قاراپ كېلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلىرىمنىڭ بىر كۈنى توردا مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم. بۈيۈك ۋەتىنىمىزنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى تەرتىپىدە 8-ئورۇنغا تىزىلغىنىدىن، پەخىرلەندىم ، كۆزلىرىمدىن ئىسسىق ياشلار ئاقتى، قانچە يىللىق ئەجىرنىڭ مەھسۇلى بۇ ؟ قانچە ئەۋلاد تىرىشتى مۇشۇ نەتىجىگە ئېرىشمەككە . قەلبىمدىكى ھاياجان ۋە خوشاللىقنى باسالماي قالدىم شۇنداقلا تۇغۇلماقچى بولغان يەتتە مىلياردىنچى ئادەمنى بۈيۈك ۋەتىنىمدە تۇغۇلسىكەن، بەختلىك بولسىكەن دەپ تىلەپ كەتتىم . (شەخسىيەتچلىك قەتئى يوق مەندە). ھەر قايسى تاراتقۇلار، ھەر قايسى ئستاتىسكا ئورگانلىرىنىڭ چىقارغان بەخت كۆرسەتكۈچى تەرتىپلىرىدە پەرق بولسىمۇ ، ئورتاق ئالاھىدىلىگى شۇ دۆلەت كىشىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ، خوشاللىق شادلىق ھېس قىلىشى ئاساسى ئورۇنغا قويۇلىدۇ ، ئۇندىن باشقا ئىكولوگىيىلىك مۇھىت ، ئوزۇقلۇق،داۋالىنىش ،مائارىپ ، پۇقرالىق ھوقۇق-مەجبۇرىيتى، ئىشەنچ تۇيغۇسى ، ئىناۋەت قاتارلىق تۈرلەر ئارقىلىق باھالايدۇ . مۇشۇ تۈرلەر ئارقىلىق باھالاش جەريانىدا دۆلىتىمىزنىڭ 8-ئورۇنغا تىزىلغىنى ھەقىقەتەن خوشاللىنارلىق ئىش ئىدى ، ئەمما توساتتىنلا پەيدا بولغان پەخىرلىنىش، بەختلىنىش تۇيغۇسى قورسىقىمنى ئازراق كۆپتۈردىمۇ قانداق مۇشۇ ھەقتە ئوسۇرۇپ سالدىم . قىتىغۇرلۇق قۇسۇرچىلىق ياخشى ئەمەس، ئوساغاقلىقمۇ شۇ ئەلۋەتتە. تۇرمۇشتا قاتتىق پىشقان تۇرمۇش ئۇستىلىرى ، دانالىرى ، شۇنداقلا پەيلاسوپلارنىڭ « تۇرمۇش ئەينەككە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭقا قاراپ كۈلسەڭ ساڭىمۇ كۈلۈپ باقىدۇ» دىگەندەك ئىلھامى گەپلىرى بىلەن مىنى ياشاشقا ، تۇرمۇش داۋانلىرىن ئېشىشقا ئۈندەپ ، چىشىمنىڭ كىرىنى شوراپ كۈن ئۆتكۈزۈپ تۇرساممۇ قەتئى ئۈمىدنى ۋە بەختلىنىشنى يوقىتىپ قويماسلىقىمنى ھەر ۋاقىت سەمىمگە سېلىپ تۇرىدۇ .
ئۆزۈمنىڭ بەختلەنگىنىمدىن ھەم خوشالمەن ھەم بىئاراممەن ، 8-بەختلىك دۆلەتتە ياشاپ بەختنى ھېس قىلمىغانلىق تۇزكورلۇق بولماي نىمە ! ئەمسە مەن قانداق بەختلەندم ؟ بەختنى قانداق ھېس قىلاي ؟
باشلىققا ئىككى ئېغىز پىكىر بېرىپ قويغىنىمغا ، ئىش ئورنۇمدىن قالدۇرۇلمىغىنىمنىڭ ئۆزى بىر بەخت،
ئىش ئورنۇمدىن قالدۇرۇلساممۇ ، سولىنىپ كەتمىگىنىمنىڭ ئۆزى بىر بەخت.
بىر نەچچە كۈن يىتىپ چىقساممۇ ، كېسىلىپ كەتمىگىنىم ، ئېتىلىپ كەتمىگىنىمنىڭ ئۆزى بىر بەخت .

بۇلغانغان ھاۋادا چېنىقمىساممۇ . دوختۇرخانىغا كىرىپ قالمىغىنىمنىڭ ئۆزى بىر بەخت .
دوختۇرخانىغا كىرىپ قالساممۇ ، قىزىل بولاق بەرمەي چىققىنىمنىڭ ئۆزى بىر بەخت .
قىزىل بولاق بەرسەممۇ ، ئوپىرايتسىيەدە بۆرىكىمنىڭ ئوغۇرلىنىپ كەتمىگىنىنىڭ ئۆزى بىر بەخىت!
جىق ئوسۇردۇڭ دەپ مەقىتىمنى تىكىۋەتمىگىنىنىڭ ئۆزى بىر بەخت !

ئاغىنەمگە ئىشىنىپ پۇل بېرىپ تۇرساممۇ ، پۇلنى سۈيلەپ قويغىنىمغا تاياق يىمىگىنىم ئۆزى بىر بەخت .
يولدا يىقىلغان بىراۋنى يۆلەپ قويۇپ تۆھمەتكە قالمىغىنىم ئۆزى بىر بەخت .
تۆھمەتكە قالساممۇ سوتقا چىقىپ تۆلەم تۆلىمىگىنىم ئۆزى بىر بەخت .
ھەممىلا ئادەمگە ئىشىنىم بۈگۈنگىچە ھايات ياشىغىنىمنىڭ ئۆزى تېخىمۇ چوڭ بىر بەخت .

قەرز ئالماي ئۆي ئالالىسام ئالەمچە بەخت ، قەرز ئېلىپ ئۆي ئالالىسام شۇمۇ بىر بەخت ، ئۆي ئالالمىغىنىم بىلەن ، ئىجارىگە بولسىمۇ ئولتۇرسام شۇمۇ بەخت ، ئىجارىگە ئولتۇرالمىسام كۆۋرۈك ئاستىدا ، كونا تاشلاندۇق بىنالاردا تۇرغىنىمنىڭ ئۆزىمۇ بەخت ، ئون يىگىرمە يىل ئىشلەپ يىغقان پۇلۇمنىڭ ئاخىرىدا بىر ئۆي ئېلىشقا يەتمىسىمۇ تالادا قالمىغىنىمنڭ ئۆزى بىر بەخت .

مال باھاسى ئۆسۈپ ، مۇئاش ئۆسمىسىمۇ چىدام بىلەن ، تىجەشلىك بىلەن كۈن كەچۈرگىنىمنىڭ ئۆزى بىر بەخت .
باساسى ئۆسسىمۇ ، سۈپىتى ياخشى ئىشەنچىلىك بولسىلا شۇمۇ بىر بەخەت . بالامغا قورقماي سۈت پاراشوكى ئىچگۈزەلىگىنىم ، ئىككىلەنمەي بازاردىن ياغ ئالالىغىنىمنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخت .

بالام قانچىدە ئۇخلىسا مەيلى ، تاپشۇرۇقىنى تۈگىتەلىسە شۇنىڭ ئۆزى بەخت .
قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى بولمسىمۇ ئىمتىھاندا يۈز نومۇر ئالسا شۇنىڭ ئۆزى مەندەك دادا بولغۇچىنىڭ بەختى.
ياخشى -يامان ئوقۇسۇن ، نۇقتىلىق مەكتەپدە ئوقالىغىنىنىڭ ئۆزى بىر بەخت.
ئىگىلىك تىكلەش روھىبولسۇن بولمىسۇن، مەمۇرلۇققا ئۆـسە شۇنىڭ ئۆزى بىر بەخت .

يەر تېرىماي پۇل تاپىمەن دەپ كانغا چۈشكىنمنىڭ ئۆزى بىر بەخت .
كان ئىچىدىن ئامان چىققىنىممۇ بەخت . قازا قەدىر يىتىپ قالسا ئائىلەمگە تۆلەم بەرگىنىمۇ بەخت !
تۆلەم بەرمىسىمۇ ، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ جان بېقىشىغا يول قويغىنىنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخت .

كىمنى سايلايدىغىنىمنى بىلمەي تۇرۇپ ، ياخشى رەھبەردىن بىرنى سايلىيالىغىنىمنىڭ ئۆزى بىر بەخت .
چىرىكلىك پارىخورلۇققا چېتىلىپ قالمىغىنىمنىڭ ئۆزى بىر بەخت .

ئالمادىس بىر ماشىنا سوقۇۋىتىپ قالسا ، ھايات قالغىنىم بىر بەخت .
باشلىقنىڭ بالىسى ھەيدىگەن ماشىنا سوقۇۋەتمىگىنىنىڭ ئۆزى بىر بەخت.
ئېغىر يارلىنىپ قېلىپ ئىككىنچى ماشىنا دەسسىۋەتمىسە تېخىمۇ بەخت . ئىككىلىسى دەسسىۋىتىپ بىرەرى قۇتقۇزۇپ قالسمۇ بەخت دىگەن شۇ .
ئانچە زەخمىلەنمەي قېلىپ ، داپشاقلىق ئۇششۇقلۇق قىلىپ پالان پۇل تۆلىگۈزۋالسام ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخت بارمۇ ؟

يۇقۇرقىدەك نۇرغۇنلىغان بەختلەرنىڭ قايسى بىرىدىن رازى ئەمەستۇرمەن ؟
بۇلاردىن شۇنى بىلدىمكى «ئوسۇرۇش» مۇ بىر خىل بەخت …

بەختنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كەتتىمۇ ؟
كۈلۈشكە دەسمايە كىرەكقۇ ، بىكاردىن بىكار ئەينەككە قاراپ كۈلىدىغانغا مەن ساراڭ بولمىسام ، مەن دىگەن ئوساغاقتە، ئوسۇرۇشقا باھانە كەتكەندەك ، كۈلۈشكىمۇ بەختكىمۇ ئاساس بولۇشى كېرەك . گەرچە چەتئەل ئستاستىكا ئورگىنىنىڭ بۇ باھالىشىنى دەستەك قىلىپ ئوسۇرىۋالغان بولساممۇ ، مىڭ شۈكرىلەركى ، پارتىيەمىزنىڭ تۈپكى نىگىزى بولغان ئادەمنى ئاساش قىلىش ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ،ئەخلاق بىلەن ئىدارە قىلىش قاتارلىق سىياسەتلىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىغا سىڭىپ ھەر بىر خەلققە ھەقىقى بەخت تۇيغۇسىنى ئاتا قىلىشتەك ئۇلۇغۋار ئەمىلىياتچانلىق روھى كەڭ تۇپرىقىمىزدا ئىزچىل شەرتسىز ئىجرا قىلىنماقتا ، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز يەنىلا تولۇپ تاشقان ھالەتتە .

ئېقىمغا ئەگىشىش كېسىلى ئوساغاققىمۇ يۇققانمۇ قانداق ، جەمئىيەتتىكى ئايرىم ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئەكىلىپ ئوسۇرغانلىقىمنى ھە دىسە «ئىش چىقماستا جىمجىت،ئىش چىققاندىن كىيىن بەس بەستە سايرايدىغان »تاراتقۇلارنىڭ بىر تەرەپلىمە خگۋەرلىرىگە ئوخشىتىپ قالدىم. سالماقلىق ۋە ئەقلىلىك ھەممىمىزگە لازىم ، ئەمما ئوسۇرۇش فىزلوگىيىلىك ھادىسە ئەلۋەتتە !،،،


ئوساغاق قەلىمى 2011-يىلى 27-ئۆكتەبىر
مايلامچى بىلوگېدىن. ئاپتۇرنىڭ ئۆزىنىڭ رۇخسېتىنى ئالمايتۇرۇپ
باشقىلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا قەئى يول قويۇلمايدۇ ،

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا layli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-7 10:39

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقوللاش كۇچاتەڭگىسى ئۇنۋان يىغىش سەۋەبى
kaplan + 5 + 5 + 5

ھەممە باھا نومۇرى : قوللاش + 5 كۇچاتەڭگىسى + 5 ئۇنۋان + 5 باھا خاتىرىسى

ھاراق ،زەھەرلىك چېكىملىك، پاھىشۋازلىققا بېرىلگەن ھەرقانداق ئەركەك مەڭگۈ نامراتلىق تونىنى كىيىپ يۈرىيدۇ
kaplan * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 39
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىقى
تىما سانى: 5302 (6)
جۇغلانما: 188061 نومۇر
52705
77088
2810


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-13
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 13:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇشۇ ماقالە ئارقىلىق جەميىتىمىزدىكى نۇرغۇن مەسىللەر ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپتۇ ،
مۇنبەر باشلىغى ۋە مۇنبەر قۇرغۇچىسى
تور بېتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر، تور بىتىمىزگە كىرگەنكەنسىز تېما ۋە ئىنكاس يوللاشنى ئۇنۇتماڭ، تور بېتىمىزدە ئىزىڭىز قالسۇن
kakriwa * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2485
دەرىجىسى: كۇچا خۇمار ئەزا
تىما سانى: 235 (0)
جۇغلانما: 677 نومۇر
8
421
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-8-2
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-2-28
يازما يوللاش ئۇستىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 14:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئوسۇغاق ھەجەپ بەختلىككەنسىز
  قار ئۇچقۇنى بولۇپ جىسمىڭگە سىڭىپ كەتسەم
iptihar * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1623
دەرىجىسى: ئالى ھۇقۇقلۇق ئەزا
تىما سانى: 740 (0)
جۇغلانما: 8602 نومۇر
243
7160
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-12-29
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 19:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قۇڭى يوغان ئۇساغاق.....
[url=http://www.kuqa.cn/bbs/home.php?mod=space&uid=1623&do=thread&view=me]مەن كۈلسەم سەنمۇ كۈلدۈڭ ،يىغلىسام سەن يەنىلا كۈلدۈڭ  ،بۇ نىمە
kapak * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2594
دەرىجىسى: 禁止发言
تىما سانى: 71 (0)
جۇغلانما: 307 نومۇر
11
200
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-10-8
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-12-9
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 20:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تاررررررررت ! ئۇھ ...
تارررررررررررتتتتتتتتتتتتتتتتتتت ! تات تات !

ئۇھھھھھھھھھھ
kaplan * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 39
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىقى
تىما سانى: 5302 (6)
جۇغلانما: 188061 نومۇر
52705
77088
2810


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-13
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-7 20:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۆپچىلىك تىما يازغۇچىنىڭ نىمىگە ئۇساغىننى تەھلىل قىلىپراق يازايلى ئىنكاسنى ، ئەستايىدىلراق بۇلايلى ، چاق-چاققا ئايلاندۇرماي گەۋدىلەنگەن مەركىزى ئىديەسى نىمىكەن تىمىنىڭ . بەك چۈشىنىپ ئۇقىساڭلار مەزمۇنى شۇنداق چۇڭقۇر ئىكەن .
مۇنبەر باشلىغى ۋە مۇنبەر قۇرغۇچىسى
تور بېتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر، تور بىتىمىزگە كىرگەنكەنسىز تېما ۋە ئىنكاس يوللاشنى ئۇنۇتماڭ، تور بېتىمىزدە ئىزىڭىز قالسۇن
manzil * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 93
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىقى
تىما سانى: 6282 (2)
جۇغلانما: 62070 نومۇر
2255
51124
90


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-19
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-10 11:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇشۇنداق كىشىنى ئويغا سالىدىغان، زېھىنى ئاچىدىغان تېمىغىمۇ ما تورداشلارنىڭ قىلغان چاقچقىنى...بۇ ئەسەردە قاتتىقى كىنايە بىلەن جەميىتىمىزدىكى نۇرغۇن ناچار خاھىشلار قاتتىق قامچىلىنىپتۇ...ئەسەر ئىگسىگە كوپ تەشەككۇر
تور بېتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر، تور بىتىمىزگە كىرگەنكەنسىز تېما ۋە ئىنكاس يوللاشنى ئۇنۇتماڭ، تور بېتىمىزدە ئىزىڭىز قالسۇن qq:675835234
zilala * توردا بار
خانىم توردا باركەنسىزدە

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2474
دەرىجىسى: كۇچا خۇمار ئەزا
تىما سانى: 166 (0)
جۇغلانما: 675 نومۇر
30
419
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-7-28
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-14 12:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن مەزمونى چوڭقۇر تېمىكەن، جەمئىيىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ھەممە ئىشلارنى قامچىلاپتۇ.
meyipdos * توردا بار
 ئەپەندىم توردا باركەنسىزدە
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2599
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 1056 (1)
جۇغلانما: 5903 نومۇر
181
4295
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-10-10
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-28
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-16 12:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن ئۈچۈن رېتساركامنىڭ شۇنداق مەزمۇنلۇق يازمىسىنى ئۇقۇغۇنۇممۇ بىر چوڭ بەخت
ئەسسالام ئەلەيكۇم . مۇنبەر دوسلىرىمىز چ چ توپىغا كىرىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن  ھازىر25 ئەزا بار 200822501
sagak * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2703
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 410 (0)
جۇغلانما: 1190 نومۇر
36
666
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-12-1
ئاخىرقى ۋاقتى: 2012-3-27
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-16 14:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دىمىسىمۇ چوڭقۇر ئوي پىكىر يۇشۇرۇنغان تېمىكەن
سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇش شەرىپىگە ئىرىشكىنىمىز بىزنىڭ بەختىمىز
كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!
.كۇچامۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! كونۇپكا تاختىسىدىكى S D F G H J K L كونۇپكىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان يېشىل رەڭلىك ھەرىپلەرنى Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ باسسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2012-3-28 13:25 , Processed in 0.144889 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.