ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ھىكايە ۋە چۆچەك ئازاپ(دىلنارئاي)
كۆرۈش: 184|ئىنكاس: 6
go

ئازاپ(دىلنارئاي)

soygum * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2507
دەرىجىسى: كونگەن ئەزا
تىما سانى: 66 (0)
جۇغلانما: 237 نومۇر
15
136
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-8-18
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-16
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-18 12:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئازاپ



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!سىلەر بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خوش بولدۇم.
(بۇ ھىكايە بىر دوستۇمنىڭ دەپ بەرگەنلىرى بويىچە‹ئانچە-مۇنچە كۆپتۈرگۈچ ئىشلىتىلىپ›يېزىپ چىقىلدى، ئۇنىڭ رۇخسىتى بىلەن تورغا يوللاندى.)

گەرچە ئۆتۈپ كەتكەن ئىش بولسىمۇ، ئەسلىسەم ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ، شۇ ئىپلاسقا باغلىغان پاك مۇھاببىتىم،ئالدىنىش، ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئەخمەق قىلىشى، ھەتتا بىر مەيدان جەڭ،ئازاپ ...
خۇشخۇي، چىقىشقان مىجەزىم ھەممە ئادەمگە ياققىنىدەك، غەمسىز، خوشال يۈرۈشلىرىم يەنە بەزىلەرنىڭ ئىچىنى قىزدۇرسا كېرەك، چىرايىم چىرايلىق ، بوي-تۇرقۇم قاملاشقان، گەپ-سۆزۈم جايىدا قىسقىسى خارەكتىرىمنىڭ بىر ئاز ئۈستۈنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئېغىزغا ئالغۇدەك يىتەرسىزلىكىممۇ يوق بولغاچقا مېنى قوغلىشىدىغانلارمۇ كۆپ ئىدى، ئەمما ئەركىن يۈرۈشنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن بىرەرى بىلەن ۋەدىلىشىپ، مۇھاببەتلەشكۈم كەلمەيتى، گەرچە يالغۇز بولساممۇ كۈنلىرىم ئاجايىپ مەنالىق، خىزمىتىمدە ھېچقانداق بېسىم يوق، خوشال-خوراملىقتا ئۆتەتتى، شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ماڭا كۆز تەگدىمۇ قانداق،كۈندىن-كۈنگە ماغدۇرسىزلىنىپ، پۇت-قولۇمدا جان يوق بولۇپ قېلىۋاتاتتىم، دائىملا كۆڭلۈم ئاينىپ، ئاشقازىنىمنىڭ چىمىلداپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم، ئەمما ئەزەلدىن ئاغرىپ قالمايدىغان، جېنىم چىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئانچىكى ئاغرىققا پىسەنت قىلمىدىم.بىراق ئاغرىق كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ ، ئاشقازىنىمنىڭ ئاغرىقىدىن تۈگۈلۈپ ماڭالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالغان ئىدىم.بىر كۈنى چۈشلىگى ئىشتىن چۈشۈشكە يېقىن تېلغۇنۇم سايرىدى، قارشى تەرەپتىن بىر ئەرنىڭ ئاۋازى كېلىۋاتاتتى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مەن پوچتىخانىدىن،سىزنىڭ بىر پوسۇلكىڭىز بار ئىدى،ئىدارىڭىزنىڭ ئالدىغا كەلدىم، چۈشۈپ ئېلىۋالامسىز؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،كەچۈرۈڭ، مەن بەشىنچى قەۋەتتە، خاپا بولماي ئەپچىقىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.
-ئەپچىقىپ بەرسەمغۇ بولاتتى، ئەمما ھازىر ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولۇپ قاپتۇ، بەرىبىر پەسكە چۈشىسىزغۇ؟شۇڭا...
سائەتكە قارىدىم، ھەقىقەتەن ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولغان ئىدى،‹ھە بولىدۇ، ساقلاپ تۇرۇڭ..›تېلغۇننى قويۇپ، پەسكە ماڭدىم، ئاغرىق دەستىدىن پۇتۇمدا قىلچىلىك ماغدۇر يوق ئىدى، كۆڭلۈم ئاينىپ، بېشىم قېيىپ، بەش قەۋەتتىن شۇنداق تەستە چۈشتۈم، ئىدارە ئالدىدىلا پوچتىخانىنىڭ يېشىل رەڭلىك ماشىنىسى تۇراتتى،ماشىنا تەرەپكە باردىم، شوپۇر ماڭا بىر پوسۇلكىنى تەڭلىدى ۋە‹بۇ يەرگە ئىمزا قويۇڭ›دەپ بىر قەغەزنى سۇندى، قەغەزنى قولۇمدا تۇتۇپلا مايماق-سايماق قىلىپ‹گۈزەل›دەپ يازدىم، شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ ماڭا قاراۋاتقانلىقىنى سەزگەندەك بولدۇم ۋە بېشىمنى كۆتىرىپ ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئۇنىڭ ماڭا تىكىلىپ قاراۋاتقان تۇرقىغا سەپسالدىم،ئۇ قارا قاشلىق، قاڭشارلىق،چوڭ كۆزلۈك، كۆزلىرى كۈلۈپ تۇرىدىغان بىر يىگىت ئىدى، ئەمما ئۇنىڭغا خۇددى باشقىلارغا ئوخشاشلا پەرۋاسىزلىق بىلەن ھازىرلا ئىمزا قويغان قەغەزنى تەڭلىدىم.
-‹مىجەزىڭىز يوقمۇ؟ چىرايىڭىز ساغىرىپ كېتىپتۇ، ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي بولمىسا›، ئۇ ماڭ قاراپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرمەكچى بولغاندەك قىلاتتى.
-ھە، شۇنداقمۇ؟ ئاشقازىنىم ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ، بولدى سىزنى ئاۋارە قىلماي.
-ھېچقىسى يوق، مەنمۇ ئىشتىن چۈشتۈم ئەمدى.
-‹بولدى، ئۆيۈم يىراق ئاۋۇ يەردىن ئاپتۇزغا چىقسام بولىدۇ›دېدىم ئۇنىڭغا 200مېتىر نېرىدىكى بېكەتنى ئىما قىلىپ.
-ھە ئۇنداق بولسا مەيلى، بولمىسا سىزنى بېكەتكىچە بولسىمۇ ئالغاچ كېتەي.
ئاغرىقنىڭ كۈچىيىشىدىن 200 مېتىر ئارلىق مەن ئۈچۈن ناھايىتى، ناھايىتى، ناھايىتىمۇ يىراق تۇيۇلغان بولسا كېرەك،ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈللىكىدىن سۆيۈندنم ۋە ماقۇللۇقۇمنى بىلدۇرۈپ ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقتىم.
بېكەتكە يىتىپ بارغۇچە بولغان ئارلىقتا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ شەھەرگە مۇساپىر ئىكەنلىكى، خىزمەت ئۈچۈن يۇرت ئاتلاپ كەلگەنلىكى دەپ ئۈلگۈردى.
-ھە، مۇنداق دەڭ، مەنمۇ بۇ شەھەرگە مۇساپىر، ‹خىزمەت ئۈچۈن›دەپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى تاشلاپ كېلىدىكەنمىز.
قىسقىغىنا پاراڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ ماشىنىدىن چۈشۈپ قالدىم، ئاپتۇۋۇزمۇ كەلدى، ئۆيگە بارغاندىن كېيىن، ئاغرىقتىن يىغلاپ، تۈگۈلۈپ كەتتىم، بىر تەرەپتىن توختىماي ياندۇراتتىم. دوختۇرخانىغا بارغان بولساممۇ، بىر تالاي تەكشۈرتۈشلەردىن كېيىن دوختۇر مېنى ‹تاماقنى جىق يەۋېلىپ، شۇنداق بولغان ئوخشايسىز..›دەپ . ھېچقانداق كېسەل تاپالماي يولغا سالدى.ئاغرىققا چىدىيالماي دادامغا تىلغۇن قىلدىم، دادام ‹بالام يۇرتقا قايتىپ كېلىڭ، ھازىرلا مېڭىڭ، كىچىك ماشىنىدىن بىرنى كىرا قىلىپ كېلىڭ›دېدى، تەستە يولغا چىقىپ ماشىنىدىن بىرنى دېيىشتىم دە، يۈرۈپ كەتتىم،كىشىنىڭ يۇرتىدا يالغۇزچىلىقنى تۇنجى قېتىم تارتىۋاتاتتىم. يۇرتقا كېلىشىمگە دادام دەرھاللا دوختۇرغا ئاپاردى، بىر قانچە دوختۇرخانىغا كىرگەن بولساقمۇ،دوختۇر كېسىلىمنى تاپالايدىغاندەك قىلمايتى، ئاخىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا بېرىپ قان تەكشۈرتتۇق.
-قىزىڭىزنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن، زادىلا ماڭمىسۇن، ھۇشسىزلىنىش خارەكتىرلىك، يۇقۇملۇق...
دوختۇرنىڭ دىيىشىچە ئەگەر قاندىكى بەزى ماددىلار مۇشۇ پېتى يۇقۇرلىسا،بىر ئۆمۈر دورا ئىستىمال قىلىشىم، بەلكى ھوشۇمدىن كېتىشىم ، ‹ئۆسۈملۈك ئادەم›بولۇپ قېلىشىم ھەتتا ئۇنىڭدىن ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچار بۇلۇش ئېھتىماللىقىم بار ئىكەن.
مۇشۇنداق بىر كېسەل بىلەن كېسەل كارۋىتىدا يېتىش ماڭا تولىمۇ ئېغىر كەلدى، مېنىڭ ياشىغۇم، ھاياتتىن ھۇزۇرلانغۇم، بۇرۇنقىدەك خوشال يۈرگۈم كېلەتتى، ھازىرچۇ؟؟ ماڭساممۇ بولمايدۇ، ھەتتا تاماق يېسەممۇ بولمايدۇ، كۈن بويى ئوكۇل بىلەن داۋالىنىمەن، دورا بىلەن غىزالىنىمەن. پەقەت ئانچە-مۇنچە موما بىلەن قايناقسۇ ئىچەلەيمەن.بېشىمنىڭ تۇرۇپ-تۇرۇپ قاتتىق ئاغرىشىغا چىدىيالماي، بېشىمنى سىلكىپ يىغلايمەن، مېنىڭ يىغامغا قوشۇلۇپ ئاپام-دادام كۆز يېشى قىلىشىدۇ.
ياندىكى كېسەل كارۋىتىدا ماڭا ئوخشاش كېسەل بىلەن داۋالىش ئۈچۈن كىرگەن65 ياشلاردىكى چوڭ ئاپاش،( قىزىم چوقۇم ساقىيىپ كېتىسىز)‹ چوڭ ئاپاش كىرگەندە ئەھۋالى مېنىڭكىدەك ئېغىر ئەمەس ئىدى› دەپ ماڭا تەسەللى ئېيتاتتى، گاھى چاقچاق قىلىپ كۈلۈپ كېتەتتى.ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى، چوڭ ئاپاشنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ، قاتتىق جان تالىشىشتىن كېيىن،قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي،ئاستا-ئاستا تىنىقتىن توختىدى، بۇ ئىش ماڭا ئېغىر بېسىم بولغان ئىدى، كېسىلىمنى ‹ساقايماس كېسەل› دەپ ئويلايتىم.
يىغلاپ ياتاتتىم، تېلغۇنۇم سايرىدى:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، گۈزەل ياخشىمۇ سىز؟مەن تاھىر، ھېلىقى سىزنىڭ پوسۇلكىڭىزنى ئاپىرىپ بەرگەن بالا، ئېسىڭىزگە كەلدىممۇ؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئېسىمگە كەلدى. ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇرغانسىز؟تېلغۇن نومۇرۇمنى قانداق بىلگەنسىز؟
-ھى ھى ..سىزنىڭ پوسۇلكىڭىزنىڭ ئۈستىدە ئالاقىلىشىش ئادرىسى ۋە تېلغۇن نومۇرىڭىز بار تۇرسا! ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇچاغدىلا يادا بولۇپ قاپتۇ،باشقىچە ئويلاپ قالماڭ، ھازىر ئىشتىن چۈشۈپ ياتاققا كەلگەن ،ياقا يۇرتلۇق بولغاندىكىن بۇ يەردىمۇ تونۇشلىرىم ئاز، شۇ سىزمۇ مەندەك مۇساپىر بولغاندىكىن چۈشىنىسز ھەقىچان، ھېلىقى كۈنى قارىسام چىرايىڭىز ساغىرىپ كېتىپتىكەن، ئېسىمگە كېلىپ قالدىڭىز، شۇڭا ئەھۋال سوراپ تېلغۇن قىلىشىم.
-ھە مۇنداق دەڭ، مەن ھازىر يۇرتتا، دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقىلى ساق ئون كۈن بولدى، كېسىلىم ياخشىلىناي دېمەيدۇ، يەنە ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلدى دەيدۇ، تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىۋاتقاندەك قىلىمەن...
ئۇنىڭغا كېسەللىك ئەھۋالىمنى تەپسىلى دەپ بەردىم،بۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ، بوغۇزۇمغا ئاچچىق كەپلىشىپ، كۆزلىرىمگە ياش ئولاشتى.
-كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، ياخشى بولۇپ قالىسىز، ئىلگىرى مەنمۇ شۇنداق ئېغىر كېسەل بىلەن دوختۇرخانىدا ياتقان ئىدىم، ھەتتا كارۋاتتىن ئۆرىلەلمەيتىم، قاراڭ ھازىر بىر ئوبدانلا ياشاۋاتمايمەنمۇ؟
شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ماڭا ھەر كۈنى تېلغۇن قىلىدىغان، بەزىدە بىر كۈندە بىر قانچە قېتىم تېلغۇن قىلىدىغان، ماڭا تەسەللى ئېيتىدىغان، قىززىق گەپلەرنى قىلىپ مېنى كۈلدۈرۈپ، كەيپىياتىمنى كۆتىرىدىغان بولدى، كەيپىياتىمنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن كېسەللىك ئەھۋالىممۇ بارغانچە ياخشىلىنىۋاتاتتى، دوختۇرلارمۇ مېنىڭ تېز سۈرئەتتە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىمغا قاراپ خوش بولۇشاتتى.شۇ ياتقانچە 3 ئاي داۋالاندىم، تېلغۇنمۇ ئۈزلۈپ قالمىدى، ئەسلىدىكى بىر ناتۇنۇش ئادەم بىلەن ئەمدى ئاكا-سىڭىل بولۇشۇپ قالغان ئىدۇق، ئۇمۇ مېنى‹ سەن›دەيدىغان بولىۋالغان ئىدى.
-تۇلۇق ساقايدىڭىز، قان تەكشۈرتۈش نەتىنجىسىدە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىدى،دوختۇرخانىدىن چىقسىڭىز بولىدۇ، ئەمما بىرمەزگىل قورۇما تاماق يېمەڭ.
دوىتۇرنىڭ ‹تۇلۇق ساقايدىڭىز›دېگىنىنى ئاڭلاپ بەكمۇ خوشال بولغان ئىدىم،دوختۇرخانىدىن چىقىپلا ئۇنىڭغا تېلغۇن قىلىپ خوش خەۋەرنى يەتكۈزدۈم.
-راستما؟ دوختۇردىن چىقساڭ بولامدىكەن؟گۈزەل تېزراق كەلگىن، يولىڭغا قارايمەن.
تېلغۇندىكى ئاۋازىدىن ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن خوشال بولىۋاتقانلىقىنى چىقىپ تۇراتتى
...............داۋامى بار
‹تورداشلار، ئەسەرنى بىۋاستە يوللىغانلىقىم ئۈچۈن مەزمۇندا ئاز-تولاقېيىپ كېتىشتىن ساقلىنالمايۋاتىمەن، ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، توغرا چۈشىنەرسىلەر›
ئاپتۇرى: كۇچا مۇنبىرىدىن دىلنار ئاي

2-قىسمىنى بۇ يەردىن كۇرۇڭ
3-قىسمىنى بۇ يەردىن كۇرۇڭ
4-قىسمىنى بۇ يەردىن كۇرۇڭ
تەھرىرلىگۇچى: مەنزىل بۇ يازمىنى ئاخىرىدا layli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-8-20 18:06



قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىڭ
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقوللاش كۇچاتەڭگىسى يىغىش سەۋەبى
manzil + 5 + 5

ھەممە باھا نومۇرى : قوللاش + 5 كۇچاتەڭگىسى + 5 باھا خاتىرىسى

zarhux * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 883
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىغى
تىما سانى: 1701 (3)
جۇغلانما: 18408 نومۇر
20
16635
0


تىزىم ۋاقتى: 2009-6-16
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-17
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-18 15:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خۇش كەپسىز soygum ، مۇنبىرمىزگە ئەزا بولغانلىقىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن، ۋە مۇنبىرمىزنى يېقىندىن قوللاپ، ئىجادى تېمىلىرىڭىزنى ئايىمىغانلىقىڭىزدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن، ھىكايىڭىز ياخشى باشلىنىپتۇ، داۋامىنى ساقلايمىز.

باھا سۆز

soygum رەھمەت ، مەنمۇ سىز بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن خوشال بولدۇم.. يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 12:15
DILNARAY * توردا بار
خانىم توردا باركەنسىزدە

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2409
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 1142 (1)
جۇغلانما: 2963 نومۇر
90
1570
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-5-16
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-19
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-18 21:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولغاي، داۋامىنى ساقلايمەن...

باھا سۆز

soygum ھى ھى ھى ..ئۆزەمگە ئۆزەم ئىنكاس يېزىپ قويۇشلۇرۇم..ھى ھى ھى يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 23:36
ئەمەل ئەۋزەل قەسەمدىن!...
manzil * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 93
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىغى
تىما سانى: 4553 (2)
جۇغلانما: 33521 نومۇر
2203
24464
90


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-19
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-18
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە موللا تاپقاق ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 00:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
soygum، مۇنبەرگە كەلگەن قەدىمىزگە مەرھابا...قىزغىن قارشى ئالمىز ....
تۇنجى قەدىمىزدىلا بىزگە ياخشى سوۋغا بىلەن كەپسىز ..رەھمەت سىزگە...داۋامىنى كۇرۇپ يازايچۇ ئىنكاسنى...


تور بېتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر، تور بىتىمىزگە كىرگەنكەنسىز تېما ۋە ئىنكاس يوللاشنى ئۇنۇتماڭ، تور بېتىمىزدە ئىزىڭىز قالسۇن qq:675835234
orhun * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 996
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 264 (1)
جۇغلانما: 4187 نومۇر
52
3760
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-8-4
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-8-20
تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 08:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يەنە پوچتىخانىدىكى بىر يىگىتما ؟ مۇشۇنداق تېمىنى كۆرسەم بىر يەرلىرىم بىر قانداق بۇلۇپ كىتىدۇ دىسە ؟
ئاھ ... خۇدا يەنە نىمە كۈنلەرنى كۆرسىتەي دەيدىغانسەن ؟؟؟...

takdirim * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2479
دەرىجىسى: كۇچا خۇمار ئەزا
تىما سانى: 248 (0)
جۇغلانما: 734 نومۇر
13
447
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-7-30
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-17
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 10:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇنبەردىن يەنە بىر يازغۇچى چىقىپتۇ ،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن

manzil * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 93
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىغى
تىما سانى: 4553 (2)
جۇغلانما: 33521 نومۇر
2203
24464
90


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-19
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-18
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە موللا تاپقاق ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 22:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
orhun يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 08:05
يەنە پوچتىخانىدىكى بىر يىگىتما ؟ مۇشۇنداق تېمىنى كۆرس ...

ئورخۇنجون، سىلىگە يەنە ئاشۇ ئىشلارنى ئەسلىتىپ قويدىمۇ نىمە بۇ ھىكايە....

تور بېتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر، تور بىتىمىزگە كىرگەنكەنسىز تېما ۋە ئىنكاس يوللاشنى ئۇنۇتماڭ، تور بېتىمىزدە ئىزىڭىز قالسۇن qq:675835234
1框架
كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!
.كۇچامۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! كونۇپكا تاختىسىدىكى S D F G H J K L كونۇپكىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان يېشىل رەڭلىك ھەرىپلەرنى Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ باسسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-9-19 14:06 , Processed in 0.196947 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.