ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ھىكايە ۋە چۆچەك ئۈگرە(ھىكايە)يۇلتۇز
كۆرۈش: 276|ئىنكاس: 27
go

ئۈگرە(ھىكايە)يۇلتۇز

yultuz * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 34
دەرىجىسى: ئالى باشقۇرغۇچى
تىما سانى: 2936 (6)
جۇغلانما: 25912 نومۇر
38
22835
0


تىزىم ۋاقتى: 2008-8-18
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-17
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 12:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئۈگرە
(ھىكايە)




بۈگۈن مەن يەنە ھېلىقى ئىككىمىز دائىم بارىدىغان ئاشخانغا ئۈگرە ئىچكىلى كەلدىم ، سىمىز ، شاپ بۇرۇت ئاشخانا خوجايىنى ئىشىكتىن كىرشىمگىلا مىنىڭ ئېغىز ئېچىشىمنى كۈتمەستىن «تۇخۇم چاققان ئۈگرىدىن ئىككى قاچا»دەپ ئىچىگە قاراپ توۋلىدى .
شۇئان كۈزۈمگە لۆممىدە ياش كىلىپ بۇغۇزۇم ئېچىشىپ كەتتى، يەنە شۇ بىز دائىم ئولتۇرىدىغان ھېلىقى جوزىغا كىلىپ ئولتۇردۇم دە- ،ھېلىقى خوجايىنغا :«ئۈگرىدىن پەقەت بىر قاچىلا بولسۇن.»دىدىم .
ئۇ ھەيران قالغاندەك -«ۋۇي سىڭلىم يالغۇز كەپسىزغۇ بۈگۈن ؟ ئەزەلدىن يالغۇز كەلمەيتتىڭىز ، قېنى بىزنىڭ غېرىپجان ؟»دەپ سورىدى .
كەلكۈندەك كىلۋاتقان ياشلىرىمنى ئاران بېسىپ تۇرۇپ «ئەمدى ئۇ كەلمەيدۇ»دىيەلدىم ئارانلا .
بەلكىم خوجايىنمۇ چىرايىمغا قاراپ بىر نەرسىنى چۈشەندى بولغان ئارتۇق گەپ قىلمىدى .
ئىككىمىز ئىلگىرى تالاي قېتىم كەلگەن ئاشخانا ئىدى بۇ ،شۇنچە مىھرى ئىسسق ،تامىقىمۇ تېتىملىق ، ئادەملىرىمۇ ئىللىق چىراي ئىدى .
مەن ئەزەلدىن ئۈگرە ئىچىشنى ياقتۇرمايتتىم ، ئۆيدە ئۈگرە ئىتىلگەن كۈنى مەن چۇقۇم يا تەييار چۆپ ئىچەتتىم ، يا تاماق يىمەيتتىم ، شۇڭمىكىن ئاشقازىنىم تولا ئاغرىيتتى ، سومكامدىن خىلمۇ خىل ئاشقازان دۇرىللىرى ئۈزۈلمەيتتى ،ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ بىر ھەپتە بولغاندا ئۇ مىنى تاماققا تەكلىپ قىلدى ، تاماق ئارلىقىدا يەنە ئاشقازىنىم ئاغرىپ كىتىپ دورا يىيىشكە مەجبۇر بولدۇم ، ئۇ بۇنى كۈرۈپ :«نىمە دىگەن جىق دورا بۇ ؟ ھازىردىين باشلاپ مۇشۇنداق كىچىككىنە كېسەلگىمۇ دورا يىگلى تۇرسىڭىز كىيىن قانداق قىلسىز ؟»دەپلا دورىنى تارتىۋالدى «قانياق سۇنى كۆپ ئىچىڭ ،تاماققا دىققەت قىلىڭ ، لازا-ئاچچىقسۇ دىگەندەك غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكنى ئاز يەڭ، بۇندىن كىيىن ئاشقازىنىڭىز ئاغىرغاندا ماڭا تېلفۇن قىلىڭ»دىدى ئۇ .
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن بىر خىل مەسئۇلىيەتنى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھىس قىلغاندەك بولدۇم .
شۇنىڭدىن كىيىن ھەر قېتىم ئۇ تېلفۇن قىلغاندا نىمە يىيىشىمنى ، نىمە يىمەسلىكىمنى ، نىمگە دىققەت قىلىشىمنى توختىماي ئەسكەرتىپ تۇراتتى ، ئۇزاق ئۆتمەي بىر كۈنى ئۇ مىنى مۇشۇ ئاشخانغا باشلاپ كىرىپ ،«بۇ ئاشىاننىڭ ئۈگرىسى بەك ئوخشايدۇ ، ئاشقازنىڭىزنىڭ ئاغرىقىغا ئۈگرە ئىچسىڭىز پايدىلىق»دىدى ئۇ ئىككى قاچا ئۈگرىنى بۇيرۇتۋېتىپ ،مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم ، «ياق مەن ئۈگرە ئىچمەيمەن »دەي دىسەم ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك بولدىغاندەك تۇيۇلدى ، ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالغىنىمنى كۈرۈپ،«ئاۋال ئىچىپ بېقىڭ ، چۇقۇم ياقتۇرۇپ قالسىز »دىدى ئۇ .
تاماق چىقتى ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى دەپلا زورلاپ ئىچتىم ، شۇنىڭدىن كىيىن پات پاتلا مۇشۇ ئاشخانغا كىلىپ تاماق يەيدىغان بۇلۇپمۇ باشقا تاماق ئەمەس ئۈگرىلا ئىچدىغان بۇلۇپ قالدۇق ، توۋا ...دىمسىمۇ بۇ ئاشقازىنىممۇ شۇنىڭغا كۈنۈپ قالدىمۇ قانداق ، دائىم ئاشقازىنىم ئاغرسىلا ئۈگرە ئىچسەم خۇددى ، دورا يىگەندەك شاپپىدە ئاغرىقى توختايدىغان بولدى ،بارا بارا ئاغىرمايدىغان بولدى .ئەمما مەن ئۈگرىگە ئامراق بۇلۇپ قالدىم . بۇ ئاشخاندىكلەرمۇ بىزنى تۇنۇپ كەتتى ،ئىشىكتىن كىرشىمىزگە «مۇنۇ غېرىپ-سەنەملەرگە تۇخۇم چاققان ئۈگرىدىن ئىككىنى»دەپ بۇيرۇتۇپ بۇلاتتى .
ھەر قېتىم كەگىنىمىزدە مۇشۇ ئۇرۇنغا كىلىپ ئولتۇراتتۇق ، بۇ ئۇرۇنمۇ خۇددى بىزنىڭ كىلشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغاندەك باشقا ئۇرۇندا ئادەم بولسىمۇ مۇشۇ ئۇرۇن بوش قالاتتى .
ئۇ ھەر قېتىم تاماق چىقىشى بىلەن بىرىنچى قاچىنى مىنىڭ ئالدىمغا قۇيۇپ چۇكىنى ئاجىرىتىپ قۇلۇمغا تۇتقۇزاتتى ، بارا بارا چۇكا مىنىڭ ئالدىمدا مەن تەرەپتە بولسىمۇ ئۇنىڭ ئاجرىتىپ بىرىشنى ساقلاپ ئولتۇردىغان بولدۇم ، ئۇ بەزىدە قاراپ كۈلۈپ كىتىپ«يامان كۆندۈرۈپ قويدۇم ھە سىزنى ، كىيىن مەن يوق چاغدىمۇ مۇشۇنداق قاراپ ئولتۇرماڭ يەنە »دەپ قۇياتتى .
ئىككىمىز قۇيۇق ئاش كۈكى پۇراپ ھورى كۆترىلىپ تۇرغان ئۈگرىنى ئىشتىھا بىلەن ئىچەتتۇق .
بىر نوقتىغا تىكىلىپ خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپ كىتىپتىمەن ،كۈتكۈچى قىزنىڭ «تامقىڭىز چىقتى»دىگەن گىپىدىن ئىسىمگە كەلدىم ، بۇرنۇمغا گۈپپىدە ئاش كۈكى پۇرىدى .
ئوخشاش ئۇرۇن ، ئوخشاش ئاشپەز ، ئوخشاش تاماق ....ئەمما بۇ ئۈگرە ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن ئىچكەندەك تەملىك تۇيۇلمىدى .تۇلۇق ئىچىپ بۇلالمىدىم .
سىرىتقا چىقتىم ، يامغۇر يېغۋېتىپتۇ ، يامغۇرنى بەك ياخشى كۈرەتتىم ، بۇلۇپمۇ يامغۇردا ئايلىنىشنى ،كىيىملىرىم چىلىق-چىلىق ھۆل بۇلۇپ كەتتى ،ئايلىنىۋاتمەن ،ئۆزەم يالغۇز ...يېنىمدىن باشقىلار ناھايىتى ئالدىراش يۈگرىشىپ دىگۈدەك ئۈتۈپ كىتىۋاتىدۇ ،ئۆيگە ماڭغان بولسا كېرەك ، يامغۇردىن پاناھىلىنىش ئۈچۈن ......پەقەت مەنلا ھىچنىمىگە ئالدىرىمايمەن ، كۈزۈمدە لىق ياش ، يۈرۈكۈمدە لىق ئازاپ ...كىتۋاتىمەن خىيال سۈرۈپ .
ئۆزۈمنى شۇنچە غېرىپ شۇنچە بىچارە ھىس قىلدىم ، ئىلگىرى ئۇ بار چاغدا يامغۇردا ئايلانغىنىمىزدا، سوغۇق ئۈتۈپ قالمىسۇن دەپ چاپىنىنى يېپىنچاقلاپ قويغىنىدا ئۆزەمنى شۇنچە بىخەتەر ، بەخىتلىك ھىس قىلغان .
مۇشۇنداق نام نىشانسىز مېڭىپ بىر پىلاستىنكا دۇكىننىڭ ئالدىغا كىلىپ قاپتىمەن ، ياڭراتقۇدىن ئۆزبىك ناخشىچىنىڭ «ھەي يار»دىگەن ناخشىسى چىقۋېتىپتۇ :
قامەتىگە قۇل بولغان ،
مەن يۈزلەرى قارا قىز .
....................
....................
..................
ئۆلەن ئېيتما يەڭگىلەر ،
يۈرەك قاقشار يارى يار.

مەن بۇ ناخشىنى بەك ياخشى كۈرەتتىم ، نەچچە قېتىملاپ ، نەچچە يۈز قېتىملاپ ئاڭلىغىنىمنى بىلمەيمەن ، يەنە ئاڭلىسام ئاڭلىغۇم كىلىدۇ .يامغۇر سۈيىگە قۇشۇلۇپ كۈزۈمدىن چۈشكەن ياشلار مەڭزىمدىن سىيرىلىپ ئاقماقتا .
شۇ تاپ ئاپام ئىسىمگە كەلدى ، مۇشۇنداق يامغۇر ياققان ،سۇغۇق بولغان كۈندە ئاپام ئۈگرە ئىچىشكە ئامراق ئىدى ، ئىلگىرى ئۇنى دەپ ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكىلى چىقمەن دەپ ئاپامغا ھەمراھ بۇلۇپ بازار ئايلىنىشىپ بەرمىگەن ئىدىم ، ئۇنىڭ بىلەن تاماق يەيمەن دەپ ئاپام ئىتىپ قويغان تاماقنىمۇ يىمەي سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدىم .
شۇلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم غەش بولدى ،مەنغۇ ئاشۇ ئالدىراش ئادەملەر تۇپى ئىچىگە قۇشۇلۇپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم.
ئىسسىق ھورى كۆترىلىپ تۇرغان ئۈگرىنى ئاپامنىڭ ئالدىغا قوش قوللاپ قويغىنىمدا ئاپام ھېلى ئۈگرىگە ، ھېلى ماڭا قاراپ ھەيران قالدى ، بەلكىم ئىلگرى ئۈزى جاپا تارتىپ ئەتكەن ئۈگرىنى ئىچمەي مانا ئەمدى ئۆزۈم ئىتىپ بەرگىنىمگە ھەيران قالغاندۇر ، نىملا بولمىسۇن ئاپامنىڭ چىھرىدە ئىللىق تەبەسسۇمنى كۆردۈم ، ئاپام ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي تامقىمنىڭ ئوخشاپ كەتكەنلىكىنى ماختىماقتا، ئۈگرە ھەقىقەتەن ئوخشىغان ئىدى .
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yultuz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-8-18 10:59



قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىڭ
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقوللاش كۇچاتەڭگىسى ئۇنۋان يىغىش سەۋەبى
ئۆگەنگۈچى + 5 + 5 + 5
manzil + 5 + 5

ھەممە باھا نومۇرى : قوللاش + 5 كۇچاتەڭگىسى + 10 ئۇنۋان + 10 باھا خاتىرىسى

takdirim * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2479
دەرىجىسى: كۇچا خۇمار ئەزا
تىما سانى: 248 (0)
جۇغلانما: 734 نومۇر
13
447
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-7-30
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-17
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 13:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مېنىڭمۇ ئۈگرە ئىچكۈم كېلىۋاتىدۇ.

koktikan * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1692
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 573 (0)
جۇغلانما: 1411 نومۇر
10
808
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-1-1
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-16
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 13:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەمىلى تۇرمۇشىمىزدىن ئېلىنغان مۇشۇنداق تەسىرلىك ھېكايە ،ئادەمنى خۇددى ئوخشىغان بىر قاچا ئۈگرە ئىچكەندەك ھاردۇقىنى چىقىرىپ ، يۈرەك،يۈرەكلىرىگىچە تىگىدىكەن .

باھا سۆز

yultuz رەخمەت جانىم ، ياقتۇرغانلىقلىرىغا! يوللانغان ۋاقتى 2011-8-18 11:00
zarhux * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 883
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىغى
تىما سانى: 1701 (3)
جۇغلانما: 18408 نومۇر
20
16635
0


تىزىم ۋاقتى: 2009-6-16
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-17
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 14:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نەچچە ۋاقىتتىن ئالدىراشلىقىڭىز تۇپەيلى مۇنبەرگە ئانچە كىرىپ بولالماي، مۇنبىرمىز خۇددى يۇلتۇزسىز كېچە قاراڭغۇسىدا قالغاندەك تۇيۇلغان ئىدى، بۇگۇن سىزنىڭ قىسقىغىچە بۇ ھىكايىڭىزنى كۆرۇپ شۇنداق خۇش بولدۇم.
سىز ياقتۇرغان ئۇ ناخشىنى مەنمۇ بەك ياقتۇراتتىم، ئەمما ھازىر ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم.

باھا سۆز

layli راسلا يۇلتۇزسىز كېچە بوپ قالغاندەك ھېس قىلغان مەنمۇ ... ئۇ ناخشىغا مەنمۇ بەك ئامراق ... يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 19:15
mosajan0997 * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2284
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 1043 (0)
جۇغلانما: 5783 نومۇر
79
4562
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-4-20
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-17
ئىجاتچان ئەزا مۇنبەر قىززىقچىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 14:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىپسىز...
مەن تېخى تاماق ئىتىشنى ئۆگىتىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن....
بىر ۋاق تاماققا قوشۇپ بىر تەسىرلىك ھىكايىدىن بىرنى ئوقۇپ چىقتىم ،ھاھاھا...

DILNARAY * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2409
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 1136 (1)
جۇغلانما: 2949 نومۇر
90
1562
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-5-16
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-17
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 16:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەزى كىچىك ئىشلارمۇ ئادەمگە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە بولۇپ قالىدۇ...مۇھاببەت ئىشلىرى بىر يوللا ئوڭۇشلۇق بولۇدىغان ئادەملەردىن قانچىسى باردۇ؟؟

ئەمەل ئەۋزەل قەسەمدىن!...
hiyalchan * توردا بار
مۇنمۇ بار جىنىسسىز

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2232
دەرىجىسى: كۇچا خۇمار ئەزا
تىما سانى: 134 (0)
جۇغلانما: 770 نومۇر
65
446
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-4-5
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-18
ئىجاتچان ئەزا
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 16:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي، راستىمنى دېسەم مۇشۇ ئۈگرەلا ئەمەس سۇيقاش دېگەننىڭ ھەرقاندىغىنى ياخشى كۆرمەيدىكەنمەن.

يۈزلەن * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1608
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 175 (1)
جۇغلانما: 3421 نومۇر
30
3164
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-10-18
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-11
ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 18:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
باللا كەچتە ئىپتارلىق ئۈگرە ئىچىپ كەلمەمدۇق مەن مىھمان قىلاي... يۇلتۇزمۇ كەلسۇن... ھېلىقى ئاشخانىغا بارايلى شاپبۇرۇتلۇق ھېلىقى ئاشخانا خوجاينىنىڭ ئاشخانىسىغا....

باھا سۆز

layli ئەمىسە سىز ئەپ بېرىدىغان ئۈگرىگە ئىشتىھا ساقلاۋاتىمەن جۇمۇ ئىپتارلىق... يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 19:16
koktikan راسمۇ يا ؟ راسمۇ ؟؟؟ بىر ئىككىسى كەلسىغۇ مېھمان قىلارسىز ، تۆت بەش بۇلۇپ كەتسەك تاپقىلى بولماس سىزنى ............ يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 18:50
layli * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 990
دەرىجىسى: ئالى باشقۇرغۇچى
تىما سانى: 1723 (2)
جۇغلانما: 6177 نومۇر
15
4404
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-8-4
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-17
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 19:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بىلەن زەھەر ئىچسىمۇ تەملىك تېتامدىكىن دەيمەن ، شۇنداقمۇ يۇلتۇزۇم ؟
ئىۋۇ ناخشىغا مەنمۇ بەك ئامراق جۇمۇ ...

باھا سۆز

yultuz رەخمەت سىلگە ، سىلنىمۇ ئاۋارە قىلدىم . يوللانغان ۋاقتى 2011-8-18 11:01
گۈل كۆچىتىدىن گۈل ئۈزگەن ئەلۋەتتە تىكەننىڭ ئاچچىقىغا چىدايدۇ.

layli * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 990
دەرىجىسى: ئالى باشقۇرغۇچى
تىما سانى: 1723 (2)
جۇغلانما: 6177 نومۇر
15
4404
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-8-4
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-17
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 19:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئەي يار




كۆرۈنۈشلىرى بەك تەسىرلىك ، كۆرۈپ بېقىڭلار ، ناخشىسىمۇ ھەم بەك ياخشى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا layli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-8-17 19:21


گۈل كۆچىتىدىن گۈل ئۈزگەن ئەلۋەتتە تىكەننىڭ ئاچچىقىغا چىدايدۇ.

1框架
كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!
.كۇچامۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! كونۇپكا تاختىسىدىكى S D F G H J K L كونۇپكىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان يېشىل رەڭلىك ھەرىپلەرنى Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ باسسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-9-18 23:19 , Processed in 0.608837 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.