ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر دۇنيادىكى ئىشلار ئىلىم-پەن تارىخىدىكى 10 مەشھۇ ...
كۆرۈش: 1109|ئىنكاس: 2
go

ئىلىم-پەن تارىخىدىكى 10 مەشھۇر خاتا پەرەز

kosani * توردا بار
 ئەپەندىم توردا باركەنسىزدە

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 566
دەرىجىسى: ئالى باشقۇرغۇچى
تىما سانى: 369 (1)
جۇغلانما: 12719 نومۇر
448
11284
40


تىزىم ۋاقتى: 2009-3-13
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-8
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-16 16:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
1. «ئەمەلىيەتتە KB 640 بوشلۇق ھەر بىر كومپيوتېر ئىشلەتكۈچىگە كەڭرى يېتىدۇ». - بىل گېيتىس | 1981-يىلى

2. «ئىنسانلار ئۆزلىرى ئىجاد قىلالايدىغان ھەممە نەرسىنى ئىجاد قىلىپ بولدى». - چارلېس ديۇل (ئامېرىكا پاتېنت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى) | 1899-يىلى

3. «ئات قاتنىشى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ، سېنىڭ ئاپتوموبىلىڭ بولسا بىر دەملىك مودا، خالاس.» - خورېس راكھام (ئامېرىكا مىچىگان شىتاتلىق بانكا باشلىقى. ئاپتوموبىل ئىجادچىسى ھېنرىي فورد بۇ بانكىغا ئاپتوموبىل زاۋۇتى ئۈچۈن مەبلەغ سوراپ بارغاندا خورېس يۇقىرىقى پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فوردنىڭ ئاپتوموبىل زاۋۇتىغا مەبلەغ سالمىغان.) | 1903-يىل.

4. «راكېتا دېگەن نەرسە مەڭگۈ يەر شارىنىڭ ئاتموسفېراسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ.» - نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى | 1963-يىلى.

5. «كىنوخانا، كىنو دېگەنلەر مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، بۇ پەقەت بىر ساراڭلىق. دېگىنە، قايسى تاماشىبىن كۆز ئالدىدىكى سەھنىدە قان، پۇت-قول پارچىلىرىنى كۆرۈشنى خالايدۇ؟» - چارلېس چاپلېن | 1916-يىلى.

6. «ئامېرىكىلىقلار تېلىفون ياساپتۇ، چۈنكى ئۇلارغا تېلىفون بولمىسا بولمايدۇ. بىز ئوخشىمايمىز، بىزگە تېلىفوننىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى بىزدە نۇرغۇنلىغان يۈگۈرۈك پوچتىكەشلەر ‹messenger boys› بار» - سېر ۋىليام پرېس (ئەنگلىيە پوچتا ئىدارىسىنىڭ باش ئىنژىنېرى) | 1878-يىلى.

7. «مېنىڭچە بولسا دۇنيا بازىرىغا بەش دانە كومپيوتېر بولسا يېتىدۇ.» - توماس ۋاتسون (IBM شىركىتىنىڭ باشلىقى) | 1943-يىلى.

8. «ھازىر دۇنيادا 50 نەچچە ئاپتوموبىل گورۇھى ئۆزلىرىنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى بازارغا سېلىپ بولدى. بۇ ئەھۋالدا ياپونىيىنىڭ يېڭى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ قىلچىلىكمۇ بازار ئىستىقبالى يوق. بولۇپمۇ ئۇلار ئامېرىكا بازىرىغا كىرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.» - Business Week ژۇرنىلى | 1968-يىلى.

9. «ياق، مېنىڭ بۇ ئىجادىيىتىم دۇنيادىن ئۇرۇش دېگەن نەرسىنى يوقىتىدۇ.» - ھىرام ماكسىم (ئاپتوماتنىڭ ئىجادچىسى. ئۇ بۇ سۆزنى ئەنگلىيە ئالىمى ھەۋلوك ئېللىسنىڭ ‹سىزچە بۇ ئىجادىيىتىڭىز كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشنى تېخىمۇ قانلىق قىلارمۇ؟› دېگەن سوئالىغا بەرگەن جاۋابى.) | 1893-يىلى.

10. «ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇش چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندا 50 يىل ساقلايمىز.» ۋىلبۇر رايت (ئايروپىلاننىڭ ئىجادچىسى ئاكا-ئۇكا رايتلارنىڭ چوڭى. ئۇ بۇ سۆزنى 1901-يىلى بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتلىك ئۇچۇش سىنىقىدىن كېيىن قىلغان. ئۇلار ئىككى يىلدىن كېيىنلا غەلىبە قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.) | 1901-يىلى.

مەنبە:ئىنتىل





hiyalchan * توردا بار
مۇنمۇ بار جىنىسسىز

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2232
دەرىجىسى: كۇچا خۇمار ئەزا
تىما سانى: 123 (0)
جۇغلانما: 633 نومۇر
45
380
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-4-5
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-8
ئىجاتچان ئەزا
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-16 19:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك ئىشلار ئىكەن. شۇلار شۇ دەۋرىدە شۇنداق دەپتىكەن- دە؟. بۈگۈنكى كۈندە بىزگە كۈلكۈلۈك تۇيىلىدۇ.
بولۇپمۇ ماڭا 2- سى بەك تەسىر قىلدى.

zarhux * توردا بار
خانىم توردا باركەنسىزدە

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 883
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىغى
تىما سانى: 1632 (3)
جۇغلانما: 18250 نومۇر
20
16546
0


تىزىم ۋاقتى: 2009-6-16
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-8
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 12:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
9. «ياق، مېنىڭ بۇ ئىجادىيىتىم دۇنيادىن ئۇرۇش دېگەن نەرسىنى يوقىتىدۇ.» - ھىرام ماكسىم (ئاپتوماتنىڭ ئىجادچىسى. ئۇ بۇ سۆزنى ئەنگلىيە ئالىمى ھەۋلوك ئېللىسنىڭ ‹سىزچە بۇ ئىجادىيىتىڭىز كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشنى تېخىمۇ قانلىق قىلارمۇ؟› دېگەن سوئالىغا بەرگەن جاۋابى.) | 1893-يىلى.

ئىجادىيەت ئوخشىمىغان شارائىتتا، ئوخشىمىغان جايدا، ئوخشىمىغان كىشلەر تەرپىدىن يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

1框架
كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!
.كۇچامۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! كونۇپكا تاختىسىدىكى S D F G H J K L كونۇپكىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان يېشىل رەڭلىك ھەرىپلەرنى Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ باسسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-9-8 19:52 , Processed in 0.253657 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.