ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر نىكاھ ۋە ئائىلە تېڭىرقاش 1-قىسىم (كۆكتىكە ...
كۆرۈش: 208|ئىنكاس: 20
go

تېڭىرقاش 1-قىسىم (كۆكتىكەن)

koktikan * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1692
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 564 (0)
جۇغلانما: 1389 نومۇر
10
795
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-1-1
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-14
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 15:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

تېڭىرقاش




تامدىكى سائەتكە مۇشۇھالىتىمدە قاراپ ئۇنى ساقلاپ ئولتۇرغىنىمغا نەق ئۈچ سائەت بولدى . كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كىلىدىغاندەك ئەمەس . دېرىزىدىن كىرىۋاتقان غۇر-غۇر شامال بېشىمدىكى نىپىز ياغلىقىمنى ئاستا سىرىپ يەرگە چۈشۈرۋەتكەن چاغدىلا ئىسىمگە كىلىپ ئازراق تىترەۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم .
يىنىك تىنىپ ئۆزىنى تاشلىغان پېتى ئۇيقۇغا كەتكەن ئوغلۇمنىڭ پىشانىسىگە ئاۋايلاپ سۆيۈپ ئۈسىتىگە يېپىچا يېپىپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم ،ئىشىككە تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ قايتىپ كىلىشىنى ساقلىغاچ بۇندىن تۆت يىل بۇرۇنقى تۇنجى ئۇچراشقان چېغىمىزنى ئەسلەپ قالدىم .
ئۇ كۈنى مەن ناھىيدىكى ھەدەمنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بۇلۇپ ئاپتۇبۇس ساقلاپ تۇراتتىم . ساقلاۋاتقانلار خېلى كۆپ بۇلۇپ ئارىسىدا ياش بىر يىگىتمۇ تۇراتتى .
ھەجەپمۇ ساقلاتتى ئادەمنى، بۇ ئىسسىقتا ، نىمىشقا كەلمەيدىغاندۇ ؟دەپ غۇدراپ تۇرسام ھېلىقى يىگىت ، كىلىپمۇ قالار ،ساقلاپ باقايلى بىردەم دەپ بېشىنى قاشلاپ خۇشخۇي كۈلۈپ قويدى . ئاپتۇبۇسمۇ كەلدى ، ئىككىمىز ئىشىككە ئوخشاشلا ئېتىلدۇق . بۇ ھالەتنى كۈرۈپ مەن ئۇنىڭغا يول بوشاتتىم ، ئۇمۇ دىيىشىۋالغاندەكلا ماڭا يول بوشاتتى . بۇ قىلىقىمىزغا قاراپ ئختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدىم ، ئۇمۇ كۈلۈپ كەتتى ، شۇنداق قىلىپ ئاپتۇبۇسقا چىقتۇق ، ئادەم كۆپ بولغاچقا بىز ياش بولغاندىكىن ئۆرە تۇرۇشقا توغرا كەلدى . ئىككىمىز يەنە بىر يەرگە كىلىپ قالدۇق ، ئۇنىڭ ماڭا سەپسېلىپ قاراۋاتقانلىقىنى سىزىپ قالدىم ، مەن قەستەن ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇرۋالدىم . تۇيۇقسىز ئاپتۇبۇس قاتتىق بىر تورمۇزلاندى ، ۋايجان ! دەپ ۋارقىرىغىنىمچە دەلدەڭشىپ ئۇنىڭغا سوقۇلدۇم .
ئۇمۇ چاققانلىق بىلەن بىلىكىمدىن تۇتىۋالدى ،ناۋادا ئۇ بولمىغان بولسا يىقىلىپ كىتىپ نۇمۇسقا قالغان بۇلاتتىم . شۇنداق قىلىپ مىنىڭ بىلىكىم ئۇنىڭ كۈچلۈك قوللىرى ئارىسىدا خۇددى ھازىرلا ئۇشتۇلۇپ كىتىدىغاندەك غىرىسلاپ كەتتى . يۈزۈم چىمىلداپ ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ قالدىم . ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى بىلدۇرۇپ بىر خىللا بۇلۇپ قالدىم . ئاپتۇبۇستىن چۈشكەندە ئۇ مەندىن تىلفۇن نۇمۇرۇمنى سورىدى ، مەنمۇ نازلىنىپراق دەپ بەردىم .
شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ماڭا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋال سوراپ تۇردىغان ، مەنمۇ ئۇنىڭ تېلفۇنىغا ساقلايدىغان ، بىرەر كۈن تىلفۇن كەلمەي قالسا ئۆزۈمچە تىت-تىت بۇلۇپ ئۇنى خىيال قىلىدىغان بۇلۇپ قالغانىدىم .
تېلفۇن ئارقىلىق مۇڭدىشىپ يۈرۈپ ئۇنىڭ ماڭا كۆڭلى بارلىقىنى ،لىكىن ئېيتمايۋاتقانلىقىنى سىزىپ ئۈلگۈردۈم . شۇنداق قىلىپ ئۇ مىنى بىر كۈنى كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى . مەنمۇ ماقۇل بولۇپ دىيىشكەن جايغا كەلدىم . شۇ چاغدىلا ئۇنىڭغا سىنچىلاپ دىققەت قىلدىم .ئۇ ، ئوتتۇرا بوي ، قاپقارا كۆزلىرىدىن بىر خىل ئاقكۆڭۈللۈك ھەم شوخلۇق تۈكۈلۈپ تۇراتتى . نىپىز كەلگەن لەۋلىرىدىن بىر خىل تارتىنچاقلىقى ئىپادىلىنىپ ئۇنىڭ خېلى ئەدەپلىك يىگىت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى .
پاراڭلىشىش جەريانىدا ئىككىمىزدە نۇرغۇن ئورتاقلقىمىزنىڭ بارلىقىنى ،مىجەزىمىزنىڭمۇ ئوخشىشىپ كىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم . ئۇ گۈرۈچ تاماقلىرى يىيىشكە ئامراقكەن ،مەنمۇ پولۇ يىيىشكە ئامراق . كىشىلىك ئالاقە ئىشلىرىدا ئۆزىنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە بەك دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، ئەلۋەتتە مەنمۇ ياسىنىپ يۈرۈشكە ئامراق . توۋا دەيمەن ، ئۇ يەنە ھېكايە -رومان ئوقۇشقىمۇ بەكلا ھېرىس ئىكەنلىكىنى ئېيتتى . مىنى ئەڭ جەلىپ قىلغىنىمۇ مۇشۇ ئالاھىدىلىكى بولدى . مۇشۇنداق پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ كەچ بۇلۇپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماپتىمىز . قايتىپ كىتىشنى ئېيتىسام ، سىزنى ئۆزۈم ئاپىرىپ قويىمەن ،دەپ چىڭ تۇرىۋالدى . بىللە كىتىۋاتىمىز ، ھەر ئىككىلىمىزنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى ، ئۆيگە ئاز قالغاندا ئۇنىڭ قەدىمى بارغانچە ئاستىلاپ كەتتى ،
رەھمەت سىزگە ئاسىيە ، بۈگۈن مەن ئۈچۈن ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ كەلگىنىڭىزگە، بۇندىن كىيىن داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرساق بۇلامدۇ ؟ دىدى ئۇ قىيالماسلىق بىلەن .
مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي[ ماقۇل] دىگەن مەندە باش لىڭشىتىپ قۇيۇپ كىرىپ كەتتىم .
شۇنىڭدىن باشلاپ بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز قۇيۇقلىشىپ ئىككى -ئۈچ كۈندە بىر كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان ، بىللە تاماق يەيدىغان ، قايتىدىغان چاغدا بىر بىرىمىزگە چىداشماي ، يەنە قاچان ۋاقتىمىز چىقار دىيىشىدىغان ھالەتكە يەتتۇق .
بىر كۈنى ئەمدى ئۇخلاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئۇنىڭدىن تېلىفۇن كەلدى .
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئەكبەرجان ، كەچتە تىلفۇن قىلىپ قاپسىزغۇ ؟ دىدىم ئەركىلەپ تۇرۇپ .
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئاسىيە ، سىزگە دەيدىغان مۇھىم گىپىم بار ئىدى ،
قېنى مەرھەمەت ، دەۋېرىڭ ، مۇنۇ موگودەك ئىككى قۇلىقىم سىزدە ، دىدىم چاقچاق قىلىپ .
مەن................... ئۇ جىمىپلا كەتتى .
ئۇخلاپ قاپتۇدە ، تىلفۇننى قۇيۇۋېتىشنى ئۇنتۇپ ، مەن قوياي ئەمسە ،دىدىم شەيتانلىق بىلەن . ئۇ خېلى ئۇزۇنغىچە گەپ قىلماي تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن ،
مەن ئۇخلىمىدىم ئاسىيە ، سىزگە بۇ گىپىمنى قانداق دىيىشنى بىلمەيۋاتىمەن ، ماڭا تىگىڭ بۇلامدۇ ؟ مىنىڭ سىز بىلەن بىللە ئۆتكۈم بار ، قەتتى رەت قىلماڭ .
ئۇ خۇددى كەينىدىن بىرى قوغلاۋاتقاندەك ،گەپلىرىنى تىز-تىز دەۋېلىپلا مىنىڭ جاۋابىمنىمۇ كۈتمەستىن تېلفۇننى قويۋەتتى .
تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك دىيىلگەن بۇ گەپكە بىر تۇرۇپ كۈلگۈم كەلسە ،بىر تۇرۇپ گاڭگىراپ قېلىۋاتاتتىم . بىز تېخى توي قىلىش باسقۇچىغا بېرىپ كەتمىگەندىمىز دەيتىم ئۆزۈمگە . لىكىن ئۇنى ياخشى كۆرىدىغىنىم ئايان بولغاندىكىن ئارتۇقچە كەينىگە سۈرۈشنىڭمۇ زۆرۆرىيتى يوق دەپ ئويلاپ ،ئۈچ كۈندىن كىيىن ماقۇل جاۋابىنى بىرىۋەتتىم. چوڭلارمۇ ئىككىمىزنىڭ رايىغا بېقىپ بىر چىرايلىق تويىمىزنى قىلىپ قويدى .
توي قىلىپ بىر ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن ئۇ ماڭا باشقىدىن ئامراق بۇلۇپ تېخىمۇ بەك ياخشى كۆرىدىغان بۇلۇپ كەتتى ، ھەتتا ئاتا -ئانىسىنىڭ ئالدىدىمۇ؛
خۇتۇن، تاماق پىشتىمۇ ؟؟ خۇتۇن ، ئارام ئېلىۋېلىپ سەل تۇرۇپ قىلىڭ بۇ ئىشنى ، كىرىپ ئۇخلاڭ مېڭ ، دەپ كىتەتتى . ھەتتا چىنىسىدىكى گۆشنى مىنىڭ چىنەمگە سېلىپ قۇياتتى . بۇنداق چاغدا قېيناتا-قېينانامنىڭ ئالدىدا ئۆلگىدەك نۇمۇس قىلىپ يەرگە قاراپ قىزىرىپ كىتەتتىم . ئۇلارمۇ بىزنىڭ ياخشى ئۆتكىنىمىزدىن خوش بۇلامدۇ قانداق ئەكبەرنىڭ بۇنداق قىلىشلىرىغا كۈلۈپ قۇيۇپ ئولتۇراتتى . ھۇجرىمىزغا كىرگەندە ئۇنىڭغا دومسىىيىپ ،
ئەكبەر ، ئۇنداق قېلىن بولماڭ دادام -ئاپاملارنىڭ ئالدىدا ، مەن بەك نۇمۇس قىلىپ كىتىدىكەنمەن ، خۇتۇن دىمەي ئىسمىمنى چاقىرىڭ ، دەيتىم . ئۇمۇ ،ھە ماقۇل خۇتۇن، دەپ قۇيۇپ بىلگىنىنى قىلاتتى .
شۇنداق ياخشى ئۆتىۋاتقان كۈنلەردە خوشاللىقىمىزغا خوشاللىق قۇشۇلۇپ، بۇيۇمدا قالغىنى مەلۇم بولدى . بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئەكبەرھاياجاندا ،
ئۇلۇغ ئاللاھقا مىڭ رەھمەت ، خۇتۇنۇمغىمۇ رەھمەت دەپ يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدى ، ھەم مىنى كۆتىرىۋېلىپ ، بۇندىن كىيىن سىزگە تېخىمۇ ياخشى قارايمەن ، سىز مىنىڭ پەرىشتەم ، ئوماق سۆيگىنىم ، بەلەن خۇتۇنۇم دەپ پىقىراتقىلى تۇردى .
ۋاي بولدى ، چۈشۈرۈپ قۇيۇڭ مىنى ،دەپ ئەركىلىدىم . شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ، ۋەدىسىدە تۇرۇپ مىنى تېخىمۇ بەك ئاسرىدى . ئۆي ئىچىدىكى يىنىك ئىشلارنىمۇ قىلغۇزماي ئاپىسىغا ، ئاپا ، ئاسىيە بەك چارچاپ كەتمىسۇن جۇمۇ ، ئۇنى ئىشقا سالما ، دەپ تاپىلاپ قوياتتى .
قورسۇقۇمغا دەل بەش ئاي بولغان كۈنى ئۇ سىرىتتىن خۇشال كىرىپ كەلدى . ھەم ، ئاسىيە ، مەن ئۆيدە بىكار تۇرسام بولمىغۇدەك ، بىر دوستۇم بىلەن ئالاقىلىشىپ قويدۇم ، بىر كومپىيۇتىرخانا ئاچماقچى بولدۇق ، قانداق قارايسز ؟ دەپ ماڭا مەسلىھەت سالدى . مەنمۇ ئۇنىڭغا ، دۇكان ئېچىشقا ئىشەنچىڭىز بولسا باشقىچە پىكىرىم يوق دەپ قۇشۇلغانلىقىمنى بىلدۈردۈم .
مانا شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ مەن بىلەن بىللە تۇردىغان ۋاقتى ئازلاپ كەتتى . تاماقنىمۇ سىرتتىن يەيتى . ئۆيگىمۇ بەك كەچ قايتىپ كىلەتتى ، نىمىشقا بالدۇرراق كەلمەيسىز ؟ دىسەم ، شۇ دۇكاننىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ، توغرا چۈشىنىڭ دەپ قۇيۇپلا ئۇخلاپ قالاتتى .
ئىككىمىزنىڭ ئارلىقى بارغانچە يىراقلاپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىغان بولدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈنسىرى يوغىناۋاتقان قورسۇقۇمغا قاراپ ، كۆڭلۈم بىر خىل قورقۇنىچ ئىچىدە قالاتتىم . مېڭىشىممۇ تەسكە چۈشتى . كېچىلىرى ئىككى يېنىمغا ئۆرىلەلمەي يىغلايتىم . ئەكبەر بارغانسىرى ئۆيگە كەلمەيدىغانلا بولىۋالدى . ھەپتىدە بىرەر قېتىم كىلىپ قوياتتى ، كەلسىمۇ بىرەر سائەتمۇ تۇرماي ، دۇكاننىڭ ئىشى ئالدىراش ، مەن بولمىسام بولمايدۇ دەپ ئالدىراپلا كىتىپ قالاتتى .
بىر كۈنى ئۆيدە زىرىكىپ ئولتۇرغىچە ئەكبەرنىڭ يېنىغا بېرىپ كىلەيچۇ ، تۇغۇت ۋاقتىمغىمۇ ئاز قالدى ، ئۇنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويغاچ بېرىپ كىلەي دەپ ئۇنىڭ دەپ بەرگىنى بويىچە دۇكىنىغا كىردىم . ئۇ مىنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپ ، كەلدىڭىزمۇ ؟دەپ قۇيۇپ كومپىيۇتىرغا قاراپ ئۆز ئىشىنى قىلىۋەردى .
ھە ، كەلدىم . سىزنى يوقلاپ ، ئۆيگە بارمىغىنىڭىزغا خېلى كۈنلەر بۇلۇپ قالدى ، دىيىشىمگە ئۇ ؛
بارسام نىمە ئىش قىلىپ بىرەتتىم سىزگە ؟ تولا كۆزۈمگە كىرىۋالمىسىڭىز قانداق ؟ كىم سىزنى بۇ يەرگە كىلىڭ دىدى ؟؟ دەپ ۋاقىراپلا كەتتى .
ئۇنىڭ ۋاقىراشلىرىدىن قاتتىق خورلۇق ھېس قىلدىم ، ئېغىرلاشقان قورسۇقۇمغا قاراپ ئاۋازىمنى چىقارماي ئۈنسىز يىغلىدىم . ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قايتۇرمىدىم . ئەگەر گەپ قىلساملا ئۇنىڭ يەنە ۋاقىرايدىغىننى بىلەتتىم .
نىمىنى خاتا قىلىپ قويدۇم ؟؟؟ يا ئىككىمىز گەپ تالىشىپ قالمىساق ؟؟؟ ئۇ نىمىشقا مىنى بىكارلا تىللايدۇ ؟؟؟ مىنۇت ئىچىدە ئۆزۈمگە سۇئال قويدۇم .
كىتىڭ . مىنى ئىزدەپ كەلمىسىڭىزمۇ بارالايمەن ئۆزۈم . سەت كۆرۈنمەي كۆزۈمگە . دىدى ئۇ ماڭا ياراتمىغاندەك مۇنداقلا قاراپ قۇيۇپ .
بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچراشنى ئويلىمىغانىدىم . ھېقىغداپ يىغلاپ تۇرۇپ ، ئىنتايىن تەستە : ماقۇل ، مەن كىتەي ، دەپ كەينىمگە ئۆرۈلدۈم . كومپىيۇتىردىن ،تىت ، ،تىت ،تىت قىلغان ئاۋاز چىقىپ شۇنداق چىرايلىق بىر قىزنىڭ رەسمى كۆرۈندى . رەسىمگە قاراپ بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك يۈرىكىم، قارت ، قىلىپ قالدى . ئەكبەرگە يىغلاپ قىزارغان كۆزلىرىم بىلەن سەت بىرنى ئالىيىۋېتىپ، يۈرىكىمگە مىڭ پاتمان دەرتنى يۈكلەپ يېشىمنى توختىتىۋالالماي ئالدىرماي مېڭىپ چىقىپ كەتتىم .

داۋامى بار ............


ئەسكەرتىش: بۇ تېما كۆكتىكەن تەرپىدىن مەخسۇس كۇچا مۇنبىرىگىلا يېزىلدى، ھەر قانداق بىر شەخىسنىڭ رۇخسىتىمسىز ھەر قانداق بىر مۇنبەرگە كۇچۇرۇپ يوللىشىغا بولمايدۇ.

ئاپتۇرى: كۇچا مۇنبىرىدىن كوكتىكەن

2-قىسمىنى بۇ يەردىن كۇرۇڭ


3-قىسمىنى بۇ يەردىن كۇرۇڭ
تەھرىرلىگۇچى: مەنزىل بۇ يازمىنى ئاخىرىدا layli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-8-16 20:15



قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىڭ
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقوللاش كۇچاتەڭگىسى ئۇنۋان يىغىش سەۋەبى
layli + 10 + 10 + 10 ئىلھامىڭىزغا بارىكال.

ھەممە باھا نومۇرى : قوللاش + 10 كۇچاتەڭگىسى + 10 ئۇنۋان + 10 باھا خاتىرىسى

zarhux * توردا بار
خانىم توردا باركەنسىزدە

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 883
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىغى
تىما سانى: 1690 (3)
جۇغلانما: 18378 نومۇر
20
16616
0


تىزىم ۋاقتى: 2009-6-16
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-14
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 16:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۆكتىكەن، بۇ يازمىنى ناھايتتى ياخشى باشلاپسىز، ھىسياتنى شۇنداق تەبئى، چىن ئىپادىلەپسىز، داۋامىنى غەلىبىلىك تاماملىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

kosani * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 566
دەرىجىسى: ئالى باشقۇرغۇچى
تىما سانى: 389 (1)
جۇغلانما: 12787 نومۇر
448
11332
40


تىزىم ۋاقتى: 2009-3-13
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-14
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 16:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تۇلۇق يىزىلىپ بولغاندا، تۇلۇق ئۇقۇپ ئىنكاس يازاي، ھازىر ئۆچرەت تۇتۇپ قۇياي.

layli * توردا بار
خانىم توردا باركەنسىزدە

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 990
دەرىجىسى: ئالى باشقۇرغۇچى
تىما سانى: 1699 (2)
جۇغلانما: 6124 نومۇر
15
4375
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-8-4
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-14
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 16:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەرنىڭ شۇنچە تېز ئۆزگەرگىننى دەيمەن ، ئۇنى چ چ بۇزغان ئوخشايدۇ

مانا بىر ئوبدان يىزىپسىزغۇ ، يىزىڭ دىسەم يازالمايمەن دەپ تېخى ...قېنى داۋامىنى يىزىپ بۇلۇڭ ، ئاندىن پىكىرلىشەرمىز

گۈل كۆچىتىدىن گۈل ئۈزگەن ئەلۋەتتە تىكەننىڭ ئاچچىقىغا چىدايدۇ.

koktikan * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1692
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 564 (0)
جۇغلانما: 1389 نومۇر
10
795
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-1-1
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-14
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 16:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئوقۇرمەنلەرگە ؛ مەزكۇر ئەسەر مۇنبەرگە بىۋاستە يوللاندى . بۇ پەقەت بىر ھېكايە ، تېما يوللىغۇچى بىلەن باغلاپ چۈشىنىۋالماسلىقىڭلارنى ، كىشى ئىسىملىرى تاسادىبىي توغرا كىلىپ قالسا خاتا چۈشەنمەسلىكىڭلارنى ، ئەسەر توغرىسىدا ھەر قانداق تەكلىپ - پىكىر بولسا ئايىماي ئوتتۇرغا قۇيۇشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .

DILNARAY * توردا بار
خانىم توردا باركەنسىزدە

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2409
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 1113 (1)
جۇغلانما: 2897 نومۇر
90
1533
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-5-16
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-14
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 17:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھە مانا كۆك تىكەننىڭ ھېكايىسى ناھايىتى ياخشى باشلىنىپتۇ!....ئاخىرىنى ساقلاۋاتىمەن...قەلەم قابىلىيىتىڭ بولۇپ قويىدىكەن جۇمۇ!...

ئەمەل ئەۋزەل قەسەمدىن!...
orhun * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 996
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 264 (1)
جۇغلانما: 4187 نومۇر
52
3760
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-8-4
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-8-20
تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 17:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى باشلىنىش ...تىرىشىڭ !!!غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ

iptihar * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1623
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 492 (0)
جۇغلانما: 4568 نومۇر
107
3777
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-12-29
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-14
ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 17:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
باشلىنىشتىلا ياخشى باشلىنىپتۇ....داۋامىغا تەشنامىز.

باھا سۆز

zarhux شاگىرت دىگەن سىزدەك بولمامدۇ مانا... يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 17:34
DILNARAY باش سۆرەت ھەپىرەڭ-زەپىرەڭ بولاپتۇ..ھى ھى ھى يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 17:25
manzil * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 93
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىغى
تىما سانى: 4552 (2)
جۇغلانما: 33517 نومۇر
2203
24461
90


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-19
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-11
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە موللا تاپقاق ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 22:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
koktikan خانىم، ھىكايىنىڭ ۋەقەلىگى تولىمۇ تىز ئىپادىلىنىپتۇ، تەسەددىبى بىر ئوچرۇشۇش بىلەنلا كۇڭۇللۇك نىكاھ بوپتۇ، ئەمما بۇ كۇڭۇللۇك نىكاھمۇ تىزلا ئاخىرلىشىدىغاندەك قىلىدۇ ۋەقەلىكتىن قارىغاندا..بالدۇر ئېچلىغان گۇل بالدۇر تۇزۇيدۇ دىگەن راس ئوخشايدۇ قارىغاندا،

تور بېتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر، تور بىتىمىزگە كىرگەنكەنسىز تېما ۋە ئىنكاس يوللاشنى ئۇنۇتماڭ، تور بېتىمىزدە ئىزىڭىز قالسۇن qq:675835234
nilufar * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2495
دەرىجىسى: تىرىشچان ئەزا
تىما سانى: 45 (0)
جۇغلانما: 161 نومۇر
3
107
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-8-9
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-8
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-15 22:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەي!نىمانداق ۋىجدانسىز نىمەئۇ ؟ ئىككى قات ئايالغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلامدۇ ، جەمىيەتتىكى ئۇ ئىشلارنى ئويلىسا ئادەمنىڭ توي دىگەنگە يېقىن يولىغىسىمۇ كەلمەيدۇ ...

ھەركىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۈمۈرچىسى
1框架
كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!
.كۇچامۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! كونۇپكا تاختىسىدىكى S D F G H J K L كونۇپكىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان يېشىل رەڭلىك ھەرىپلەرنى Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ باسسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-9-14 16:27 , Processed in 0.701826 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.