ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ھىكايە ۋە چۆچەك ئەڭ ئاخىرقى چۇش (ھاراقكەش)
كۆرۈش: 677|ئىنكاس: 59
go

ئەڭ ئاخىرقى چۇش (ھاراقكەش)

harakkax * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1293
دەرىجىسى: كۇچا خۇمار ئەزا
تىما سانى: 196 (0)
جۇغلانما: 699 نومۇر
5
488
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-11-4
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-9
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-22 18:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەڭ ئاخىرقى چۇش

ھاراقكەش

ھاياتلىقتا ئىنساننىڭ بېشىغا ھەرخىل قىسمەتلەر كىلىپ تۇردىكەن.سىز ھەم مىنىڭ بېشىمغا بۇگۇن بىر خوشاللىق كەلگەن بولسا،باشقا بىرسىنىڭ بېشغا كۇلپەت كىلىدىكەن.سىز غەمگە پاتسىڭىز باشقا بىرسى ئۆزىگە كەلگەن ئامەت ئۇچۇن خوشال بۇلىدىكەن.كەلگەن ئاشۇ چەكسىز غەملەرنىڭ ئۇستىدە ئازاپلىنىپ يۇرۇپ تەغدىر-پىشانىڭىزدىن نارازى بۇلۇپ تۇرغان ۋاقتىڭىزدا،باشقا يەردە يەنە بىر شەخىسمۇ سىزگە ئوخشاش دەرت-ھەسرەت ئىچىدە پۇچلىنىپ يۇرىيدىكەن.
يېقىندا،بىر سۇرۇندا تۇنۇشۇپ قالغان بىر ئاغىنەم بىلەن ئۇچۇرشىپ قالدىم.ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشقاندىن كىيىن بىر يەرگە كىرىپ بىردەم ھال-مۇڭ بۇلۇشماقچى بولدۇق.بىز بىر تورتخانىغا كىرگەندىن كىيىن ئىچىملىك بۇيرۇتتۇق.كەيپىياتىمىز ئازراق تەڭشەلگەندىن كىيىن مەسلەھەتلىشىپ ياتاقتىن بىرنى ئېچىپ مۇڭداشقاچ كېچىچە چىلاشقۇچە ئىچىشمەكچى بولدۇق.ئالىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن،بىر مىھمانخاندىن ياتاقتىن بىرنى ئاچقۇزدۇق.ئىچىشۋازلىقنى باشلىۋەتتۇق.گەرچە ئىككىمىز ئانچە جېق ئولتۇرۇپ كەتمىگەن بولساقمۇ،مىجەزىمىزنىڭ ئوخشاشلىقىدىنمۇ بىلمىدىم،ئىشقىلىپ خېلىلا ئازادە،كۇلكە-چاقچاقلار بىلەن ئولتۇردۇق.مەن ئۇنۇڭغا ئۇقۇشتىكى ئەسلىمىللىرىمنى سۆزلەپ بەردىم.بىر ئازدىن كىيىن ئۇ ئۆزىنى تەپسىلى تۇنۇشتۇرغاندىن كىيىن ،ئۆزىنىڭ بىر شىرىن لىكىن ئېچىنىشلىق مۇھاببەت ھىكايىسنى سۆزلەپ بەردى.ئۇ ھىكاينى سۆزلەپ بولغۇچە تاڭمۇ سۇزىلەي دەپ قاپتۇ.ئۇنىڭ ھىكايىسى تۇگىگەندە تاڭمۇ ئېتىپ بولغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقاندىن كىيىن ئاستا ياتاقتىن چىقىپ كەتتىم.ئۇ بىر ئاز ئارام ئېلۋېلىشنى ئېيتىپ ياتاقتا قېلىپ قالدى.
ياتاقتىن چىقىپلا ماشىندىن بىرنى توستۇم.ھەم شوپۇرغا ئۇيۇمگە ئاپىرىپ قۇيۇشنى ئېيتتىم.مەس ئىدىم.لىكىن ئاشۇ ئاغىنەمنىڭ كېچىدىن بىر ئازاپ،يىغا بىلەن سۆزلەپ بەرگەن ئاشۇ گەپلىرى كاللامدىن چىقمايۋاتاتتى.توۋا دەيتىم ئىچىمدە.ئۆيگىمۇ كەلدىم.تەلىيىمگە ئۆيدە ھىچكىم يوقكەن.ياتاق ئۇيۇمگە كىرىپ كارۋاتقا ئۇزەممنى ئاتتىم.ئۇيقىغا كەتتىم.توۋا ئاجايىپ ئىش .چۇشۇمدە ئاشۇ ئاغىنەم مەن بۇلۇپ قاپتىمەن.......
ئەڭ ئاخىرقى چۇش
بۇگۇن سەھەردىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.نىمىشقىكىن كەيپىياتىم ناھايتى ياخشى ئىدى.بىر ھەپتىلىك خىزمەت بېسىمىدىن قۇتۇلغانلىقىم ئۇچۇنمۇ بىلمىدىم ئىشقىلىپ كەيپىياتىم باشقا كۇندىكىدىن ياخشى ئىدى.
يۇز-كۇزۇمنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن،دادام-ئاپاملارنىڭ يېنىغا كىلىپ ناشتا قىلىدىم.ئادەتتىكى كۇنلەردە ئاپام داۋاملىق ئۆزلىرى ناشتا قىلىپ بۇلۇپ،ماڭا ناشتىلىقنى ئېلىپ قۇياتتى.بۇگۇن ئۇلار مىنىڭ بۇنچىۋالا ئەتىگەن تۇرۇپ كەتكىنىمدىن ھەيران قالدى بولغاي ئاپام سۆز ئېچىپ قالدى.
-بالام.بۇگۇن ئىشقا بارمايدىغانسەن.
-ياق دىدىم مەن ئاغزىمغا سېلۋالغان ناننى تەستە يۇتۇپ-قانداق دەيسەن؟
-ياق ئەمدى دەيمىنا،باشقا كۇنلىرى مەن قۇپۇڭ،ئىشقا كىچكىپ قالسىز دىسەممۇ ئاران قۇپاتتىڭ.شۇڭا دەيمەن.
-ھە دىدىم كۇلۇپ تۇرۇپ-شۇ بۇگۇن دەم ئالغان.شۇڭا سىلەرگە ئازراق بولسىمۇ ئۆينىڭ ئىشلىرنى قىلىشىپ بەرگەچ سىلەرنىڭ يۇكۇڭلارنى يىنىكلىتەي دەپ ئەتگەن تۇرۋالدىم.
-ۋاي جېنىم بالام.كۆڭلىڭگە ئىنساپ بەرسۇن خۇدايىم.ئەگەر ئاشۇنداق ئۇيۇڭ بولسا بىر تۇيۇڭنى قىلۋالغان بولساڭغۇ بىزنىڭ ئەڭ چوڭ يۇكۇمىزنى بىراقلا ئېلۋەتكەن بۇلاتتىڭ بالام.
-ۋاي بولدى قىلە ئاپا!مەنمۇ توي قىلمايمەن دىمىدىمغۇ.شۇ بىر ئاز ۋاقىت ئۆتسۇن.
-ۋاي بالام ھېلمۇ 28گە كىردىڭ.يەنە قانچىلىك ۋاقىتى ئۇتە
-ۋاي...ئاغىزىمنى ئەمدى ئېچىشىمغا ناشتىسىنى قىلىپ بۇلۇپ گېزىت ئۇقۇپ ئولتۇرغان دادام
-بولدى قىلىڭلا .بۇ بالنىڭمۇ ئويلىغىنى باردۇ.نىمانداق كۇزىگە كىرۋالسىلە دىدى گېزىتتىن كۆزىنى ئۇزمەي تۇرۇپ.
-ۋاي سىلە ئۇنداق دىگەن بىلەن دادىسى.مەنمۇ شۇ مۇشۇ بالامنىڭ بەختىنى ئويلاپ دەۋاتمەن.ئۇنىڭ ئۇستىەە يالغۇز بالا.ئالىمادىس بىزگە بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا بۇ بالا يالغۇز قانداق قىلدۇ دىدى ئاپا كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ.
-بولدى ئاپا.مەن توي قىلاي،ئەمدى خوشال بولدىڭمۇ...
بىز ناشتا قىلىپ بولغاندىن كىيىن،دادام بىلەن ئۆينىڭ بىر ھەپتىدىن بىرى يىغىلىپ قالغان ئىشلىرنى قىلىشقا باشلىدۇق.ئىشمىز ئالاھىزەل بىرەر سائەتتىن كىيىن تۇگۇدى. ئىش تۇگىگەندىن كىيىن مەن ئاپام يۇيۇپ،دەزماللاپ قويغان كىيىملىرىمنى كىيىپ دادام ئاپاملارغا مىنىڭ شەھەردە ئازراق ئىشىم بارلىقىمنى ئېيتىپ ئۆيدىن چىقتىم.
دادام بىر ئىداردىن پىنسىيەگە چىقان.ئاپام بولسا خىزمىتى يوق،ئائىلە ئايالى.ئەسلى مىنىڭ بىر سىڭلىم بار بۇلۇپ كىچىك چېغدا قىزىل چىقىپ تۇگەپ كىتىپتىكەنتۇق.
مەن ئۆيدىن چىققاندىن كىيىن ئاغىنەم دىلمۇراتقا تىلفۇن قىلدىم.تىلفۇندىن مۇڭلۇق ناخشا مۇزىكىسى ئاڭلانغاندىن كىيىن دىلمۇراتنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ۋەي ئاداش قانداق ئەكۋالىڭ.مەن ئادىل.مۇنداق گەپتى ئاداش.مەن بۇگۇن دەم ئالغان دىگىنە.شۇڭا چىقساڭ شەھەرگە بېرىپ كەلسەك.قانداق دەيسەن.
-ماقۇل ئاداش مەن چىقاي.ئۇنداق بولسا ماشىنا بېكىتىدە ئۇچۇرشايلى.
بىز قىسقىلا سۆزلەشكەندىن كىيىن تىلفۇننى قۇيۇپ ئۇدۇل ماشىنا بېكىتىگە ماڭدىم.بۇ ئاغىنەم ساتىراش.ئەسلى ئۇمۇ مەن بىلەن بىر ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن.ئۇقۇشقا ماڭىدىغان چاغدا قىز دوستى گۇلجامالنىڭ ئاتا ئانىسى بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە بىراقلا تۇگەپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭ يىغىسغا چىدىماي،ئاتا-ئانىسنىڭ گىپىگە پەرۋامۇ قىلماستىن ئۇقۇشتىن ۋاز كەچكەن ئىدى.كىيىن ئۇ ساتىراشلىقنى ئۆگىنىپ بىر دۇكان ئاچتى.گۇلجامالمۇ ھۆسۇن تۇزەشنى ئۆگۇنۇپ ئۇمۇ بىر دۇكاننى ئاچتى.ئۇلار توي قىلغاندىن كىيىن تىزلا ئەتىراپقا تۇنۇلۇپ كەتتى.
مەن ماشىنا بېكىتىگە كەلگەندە دىلمۇراتمۇ كەپ بولغاندى.بىز سالاملاشقاندىن كىيىن ئىككى ئادەم بار بىر ماشىنىغا چىقتۇق.تەخمىنەن 20مىنۇتلاردىن كىيىن شەھەرگە كەلدۇق.
ئىككمىز بىردەم بازار ئايلانغاندىن كىيىن،مەسلەھەتلىشىپ يېڭىدىن ئېچىلغان بىر مۇزىكىلىك تورتخانىغا كىرىم بىر-ئىككىدىن پىۋا ئىچىشكەش پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشماقچى بولدۇق.ئادەتتە مەنمۇ،دىلمۇراتمۇ ھاراقنى ئانچە كۆپ ئىچمەيتۇق.مۇشۇنداق ئىككىمىز بىريەرگە كەلگەندىلا ئانچە -مۇنچە پىۋا ئىچىپ قۇياتتۇق.
بىز تورتخانىغا كىردۇق.تورتخانا ھەقىقەتەن چىرايلىق بىزەلگەن ئىدى.يېڭىدىن ئېچىلغاندىنمۇ ئانچە ئادەم يوق ئىدى.بىز دەرىزە تۇۋىگە يېقىن بىر ئۇرۇنغا كىلىپ ئولتۇردۇق.مۇلازىم قىزغا يەيدىغان ھەم ئىچىدىغان پىۋىلارنى بۇيرۇتتۇق.مۇلازىم قىز بۇيرۇتمىلارنى ئەكىلىپ بىرىپ كىتىپ قالدى.بىز پىۋىنى بىر رومكىدىن ئىچىپ بولغاندىن كىيىن بىز پاراڭغا چۇشۇپ كەتتۇق.پارىڭىمىز ناھايتى قىزغىن ئىدى.مەن دىلمۇراتنىڭ دۇكىننىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم.ئۇ شۇ مىنىڭ توي ئىشىمنى،مىنىڭ بالدۇراق توي قىلشىمنى،ئاپامنىڭمۇ ئۆزىنىڭ قېشىغا كىلىپ مۇشۇ ئىش توغىرسىدا ماڭا نەسىھەت قىلىپ قۇيۇش توغرىسدا جىق گەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.مەنمۇ قىز تاپسام توي قىلدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.ئۇ گۇلجاملىنىڭ بىر ئۇقۇتقۇچى ئاغىنىسنىڭ بارلىقىنى،شۇنىڭ بىلەن گۇلجامال تۇنۇشتۇرۇپ قويسا كۇرۇشۇپ بېقىشىمنى ئېيتتى.مەنمۇ ماقۇل بولدۇم.ھەم بۇ كۇرۇشۇشنى كىلەر شەنبىگىمۇ ئۇرۇنلارشتۇرماقچى بولدۇق.بىز شۇ يۇسۇندا پاراڭلىشىپ پىۋىنىڭ تۇگەپ قالغىنىنىمۇ بىلمەي قاپتىمىز مەن كۇتكۇچنى چاقىردىم.تۇيۇقسىز پۇكەيگە يېقىن بىر ئۇرندا ئولتۇرغان بىر قىزنىڭ مەن تەرەپكە قاراپ ئولتۇرغىنىنى كۇرۇپ قالدىم.يۇركۇم ئەنسىز سۇقۇپ كەتتى.قىز مىنىڭ ئۆزىگە قارىغىنىمنى كۇرۇپ ئىتتىك باشقا ياققا قارىۋالدى.مەنمۇ كۇزۇمنى باشقا ياققا ئەپ قاچتىم.ئۇڭغۇچە كۇتكىچىمۇ كىلىپ بولغاندى.ئۇ بىزنىڭ پىۋا بۇيرۇتماقچى بولغىنىمىزنى بىلۋالغاندەك يەنە ئۇچ بوتۇلكا پىۋا كۆتۇرۇپ كەلدى.دىلمۇرات؛
-ۋۇي سىز موللاتاپقاقمۇ؟بىزنىڭ پىۋا بۇيرۇتىدىغىنىمىزنى قانداق بىلۋالدىڭىز دەپ سوردى كۇلۇپ تۇرۇپ.
-بۇ بىزنىڭ خوجايىننىڭ كۆڭلى.بۇ دۇككاننى يېڭىدىن ئاچقان بولغاچقا شۇنداق قىلۋاتمىز.بۇگۇن ئاخىرقى كۇنى دىدى مۇلايىملىق بىلەن.
بىز رەخمىتىمىزنى بىلدۇرۇپ تۇگىگەندە يەنە بۇيرىتىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىتۇق.قىز كەتكەندىن كىيىن مەن يەنە ھېلىقى قىزغا قارىدىم.ئۇ يەنە ماڭا قاراۋاتاتتى.مىنىڭ قارىغىنىمنى كۇرەتتىيۇ باشقا ياققا قارىۋالاتتى.مەن پىۋا ئىچكەچ ئۇنۇڭغا سەپ سالدىم.قىز ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى.ئۇنىڭ تۇز قىلىپ قۇيىۋالغان چېچى،سۇس قىلغان گىرىمى كىيۋالغان كىيىمى ئۆزىگە تېخىمۇ ياراشقان ئىدى.
بىزنىڭ كۆزىمىز تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇچۇرشۇپ قالاتتى.شۇ ۋاقىتتا ھەر ئىككىلىمىز قىزارغىنمىزدىن باشقا ياققا قارىۋالاتتۇق.ھەم كۇلۇشۇپ كىتەتتۇق.دىلمۇرات مەندىكى بۇ نورمالسىزلىقنى كۇرۇپ ھەيران قالدى.ئۇ مەندىن؛
-ئاداش تىچلىقتۇ دەپ سورىدى پىۋىنى ماڭا سۇنغاچ
-تىچلىق.نىمە بولدى
-نىمە ساراڭدەك بىردەم كۇلۇپ،بىردەم قىزرىپ يۇرۇيسەن ئادەمنى قوقۇرۇپ
مەن پاراققىدە كۇلۇپ كەتتىم.ھېلىقى قىزمۇ دىلمۇراتىڭ ماڭا نىمە دىگەنلىكىنى سەزدى بولغاي باشقا ياققا قاراپ كۇلۇپ كەتتى.دىلمۇرات مىنىڭ كۇلۇپ كەتكىنىمنى كۇرۇپ تېخىمۇ ھەيران قالدى.
-ۋاي گەپ قىلە ئاداش.ئۇ تېخىمۇ ھەيران قالدى.
مەن بېشىم بىلەن ئۇنىڭ كەينى يان تەرپىنى ئىشارەت قىلدىم.دىلمۇرات كەينىگە قارىدى.قىز تېخىچە يەرگە قاراپ كۇلۋاتاتتى.
-ھە!ئەسلى ئاۋۇ گۇزەل بىلەن كۆزۋازلىق قىلىشۋېتىپتىكەنسەندە.ۋۇي.ماۋۇ پىۋا بۇلىدىغان ئوخشىمامدۇ.ئادەتتە سەن قارىماقتا يوق،قىلار قاراپ قويسىمۇ قىزىرىپ يەرگە كىرىپ كىتەي دەيدىغان ئادەم ئەمدى نىمە بولدى. دىدى دىلمۇرات ماڭا قارپ.
مەن كۇلۇپ قويدۇم.بىز داۋاملىق پىۋىمىزنى ئىچىشىۋەردۇق.قىز بىلەنمۇ يەنە پات-پاتلا كۆزلىرمىز ئۇچۇرشۇپ قالاتتى.
پىۋىمۇ تۇگىدى.سائەتنىڭمۇ بىر يەرگە بارغانلىقىنى كۇرۇپ ئەمدى قايتماقچى بولدۇق.ئورنىمىزدىن تۇرۇپ پۇكەينىڭ يېنىغا كىلىپ ھىساۋاتنى قىلدىم،ھەم ھېلىقى قىزنىڭمۇ ھىساۋاتىنىمۇ قىلىۋەتتىم.قىز بۇنى بىلدىمۇ بىلمىدىمۇ بۇنى نامەلۇم.لىكىن چىقىپ كىتىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا يەنە قارىدىم.ئارلىق يېقىن بولغاچقا ئۇنى ئەمدى ئېنىق كۆردۇم.قىز ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى..قىزمۇ ماڭا قاراۋاتاتتى.تۇيۇقسىز قىز ئورنىدىن تۇرۇپ بىر خىل جىددىيلىك بىلەن كەينىمنى ئىشارە قىلدى.مەن نىمە ئىش بولغاندۇ دەپ كەينىمگە قاراپ بولغۇچە تاڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن ئەينەك ئىشىككە بىر ئۇستۇم.پىشانەمنى سىلاپ،ئىزا تارتقىنىمدىن قىزغا قاردىم قىز شۇنداق كۇلۇپ كەتكەن ئىدى.دىلمۇرات بولسا ئىشىكنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ كۇلۇپ تېلقىپ قالاي دەپتۇ.
بىز ماشىنىغا چىققاندىن كىيىن ئۇدۇل يېزىمىزغا قايتىپ كەتتۇق.
داۋامىنى ئۇقۇڭ.......
مەنبە ؛ئۆزەم


ئامال بار خوشال ياشاڭ.
چ چ :1171508170
zarhux * توردا بار
خانىم توردا باركەنسىزدە

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 883
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىغى
تىما سانى: 1679 (3)
جۇغلانما: 18354 نومۇر
20
16603
0


تىزىم ۋاقتى: 2009-6-16
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-13
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-22 18:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۆپ قىسىملىق ھىكايىدىن يەنە بىرسى باشلاندى..........سىزمۇ داۋامىنى يېزىپ بولماي تۇرۇپ مەس بۇلۇپ قالماڭ جۇمۇ.

yupurmak * توردا بار
خانىم توردا باركەنسىزدە

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 693
دەرىجىسى: ئالى باشقۇرغۇچى
تىما سانى: 2826 (6)
جۇغلانما: 23763 نومۇر
85
20657
0


تىزىم ۋاقتى: 2008-5-18
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-13
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-22 18:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇ قىزنى بىر كۆرۈپ ئاشىق ،ئىككى كۆرۈپ مەسخۇش بوپسىزدە.....ئىچىۋېرىپ قىزنى كەلتۈرۈپ بولغۇچە مەست بولۇپ قالماڭ يە ..دىققەت ھە..

بىلگىنكى دىلىڭ پاك،قەلبىڭ سەمىمىي،ئەقىدەڭ چىن،ئېتىقادىڭ ساپ،يۈرىكىڭ سادىق بولسىلا جەننەت ساڭا دائىم كۈلۈپ قارايدۇ!
mosajan0997 * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2284
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 986 (0)
جۇغلانما: 5650 نومۇر
79
4486
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-4-20
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-12
ئىجاتچان ئەزا مۇنبەر قىززىقچىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-22 19:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەيــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــي...ئەمدى يەنە ئىچەرمەنلىككە باھانە بولىدىغان بولدى-دە بۇ،.......(چاقچاق)

koktikan * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1692
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 556 (0)
جۇغلانما: 1371 نومۇر
10
785
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-1-1
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-13
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-22 21:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاخىرىنى تىزدىن تىز يىزىۋېتىڭ بولمايدىغان بولسا ،

harakkax * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1293
دەرىجىسى: كۇچا خۇمار ئەزا
تىما سانى: 196 (0)
جۇغلانما: 699 نومۇر
5
488
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-11-4
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-9
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-22 23:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس شەكىلدە يازايمۇ ياكى تىما شەكىلدىمۇ؟

ئامال بار خوشال ياشاڭ.
چ چ :1171508170
salkin11 * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2012
دەرىجىسى: كونگەن ئەزا
تىما سانى: 79 (0)
جۇغلانما: 383 نومۇر
35
204
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-2-27
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-8-12
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-23 12:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يېزىپسىز ... تەشەككۈر ! ...

mosajan0997 * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 2284
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 986 (0)
جۇغلانما: 5650 نومۇر
79
4486
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-4-20
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-12
ئىجاتچان ئەزا مۇنبەر قىززىقچىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-23 23:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس شەكىلىدە يىزىڭ ئەمدى....

harakkax * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1293
دەرىجىسى: كۇچا خۇمار ئەزا
تىما سانى: 196 (0)
جۇغلانما: 699 نومۇر
5
488
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-11-4
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-9
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 15:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
داۋامى؛
ماشىنغا چىققاندىن كىيىن ئۆيگە بارغۇچە يەنە شۇ قىزنى ئويلاپلا كەلدىم.ئۇنىڭ ھېلقى تاتلىك كۇلۇشلىرى،ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرى ئۇچىرشىپ قالغان چاغلاردىكى ئوڭايسىزلىنىشلارنى ئويلىسام ئۇزەممۇ بىلمەي كۇلۋىتەتتىم.دىلمۇرات مەندىكى بۇ ئۆزگۇرۇشلەرنى كۇرۇپ ھەيران قالغان بولسىمۇ،مىنىڭ كۆڭلۇمنى ئايغان بولسا كېرەك باشقا گەپ قىلمىدى.
ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن،دادام ئاپاملارغا كۇرۇنمەيلا ياتاق ئۇيۇمگە كىرۋالدىم.كىردىميۇ ئۆزۇمنى كارۋاتقا تاشلاپ يەنە شۇ قىزنى ئويلاشقا باشلىدىم.ئۇنىڭ سىماسى كاللامدا ياق يۇرگۇمدە...
تۇرۇپ يەنە ئۆز-ئۆزۇمگە تەسەللى بىرەتتىم.ئۇ قىزنى بۇگۇن شۇ يەردە كۆردۇم.ئەمدى نەدە كۇرىمەن.نەدىن تاپىمەن.تېخى باشقا يۇرتلۇقمۇ...شۇلارنى ئويلاپ ئۇنى خىيال قىلماسلىققا ئۆزەمنى مەجبۇرلىدىم...
*********
شۇنداق قىلىپ يېڭى بىر ھەپتىلىك ئالدىراش خىزمەتكە چۇشۇپ كەتتۇق.بۇگۇن ھەپتىنىڭ ئۇچى.ئەتتىگەندىلا قىلدىغان ئىشلىرىمنى قىلىپ بۇلۇپ ،ئەمدى چاي ئىچكەچ بىر ئاز بولسىمۇ ئارام ئالاي دەپ تۇرسام بىزنىڭ پور كۆتەك باشلىق ئىشىكنى چەكمەستىنلا كىرىپ،ماڭا؛
-سىز ماۋاۇ ماتىرياللارنى ئىدارىگە بېرىپ ئۆتكىزۋېتىپ كىلىڭ دەپلا بىر ئارخىپ خالتىسنى ئۇستىلىم ئۇستىگە قۇيۇپ-قۇيۇپ چىقىپ كەتتى.ئۇنىڭ ئاشۇ تەكەببۇرلىقىنى دىمەيلا قۇياي.ئەزەلدىنلا بۇنىڭ بىلەن مىجەزىم كىلىشمەيتى.تېخ بەزىدە مىنى ئىشخانىسغا ئايرىم چاقىرتىپ؛
ئۇكام،مەن دادىڭىزنىڭ يۇزىنى قىلىپ سىزنى ناھايتى ئاياپ ئىشقا سېلۋاتمەن.شۇنداق قىلغاننى بىلىپ ماڭا يېقىن تۇرۇڭ دەپ كىتىشلىرى زەردەمنى قاينىتىپ.
ئاچچىقىمدا ماتىريالنى ئېلىپ چىقىپ بىر تاكاللىشايمۇ دەپ ئويلىدىم.لىكىن يەنە شۇ دادامنى ئويلاپ بۇ نىيتىمدىن ياندىم.ئىشخانامنى يېپىۋەتكەندىن كىيىن ئىداردىن چىقىپ شەھەرەە قاراپ يول ئالدىم.
********
ئىدارىدىكى ئىشلىرىمنى تۇگەتكەندىن كىيىن،ئكيگە قايتماقچى بۇلۇپ كوچا ئاپتۇۋۇز بېكىتىەە كەلدىم.ئاپتۇۋۇز ساقلاپ تۇرسام تۇيۇقسىز بىرقىزنىڭ تىچلىقمۇ دىگەن زىل ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالدى.بۇرلۇپ قارىسام ھېلىقى تورتخاندىكى قىز.كەينىمگە چۇشۇپ كەتكىلى تاس قالدىم.نەدىن پەيدا بولغاندۇ بۇ...
-تىچ...تىچلىق.ئۆ...ئۆزىڭىزچۇ؟. كېكەچلەپ شۇ گەپنى ئاران دىيەلىدىم.
-يولدىن ئۆتكەچ قارىسام تۇرۇپسىز.شۇڭا ئەكۋال سوراپ قۇياي دەپ كىلىشىم.قانداق بىرسىنى ساقلاۋاتقانما؟
-يا...ياق.شۇ ئۆيگە كىتەي دەپ.توۋا.پۇتۇن بەدىنىم قىزىپ كىتۋاتاتتى.
-ئۆتكەندە تورتخاندا مىنىڭمۇ ھىساۋېتىمنى قىلۋېتىپسىز،شۇڭا بۇگۇن مەن سىزنى مىھمان قىلسام قانداق دەيسىز.بۇلامدۇ يا دىدى ئۇ يەنە كۇلۇپ تۇرۇپ.ياق دىيىشكە ئامالىم يوقتى.ئەگەر ئۇ دىمىگەن بولسا مەن دىگەن بۇلاتتىم.شۇڭا ئىككىلەنمەستىنلا ماقۇل بولدۇم.ھەم ھېلىقى تورتخانىغا كىرمەكچى بولدۇق.تورتخانا ئانچە يىراق جايدا بولمىغاچقا،پىيادە ماڭدۇق.پۇتۇن بەدىنىم تىترەپ ،پۇت-قوللىرىم كالۋالىشىپ خۇددى ئۆزەمنىڭ ئەمەستەكلا يولنىمۇ تۇزۇك ماڭالمايۋاتاتتىم.توۋا نىمە بولغاندىمەن.ياكى تۇنجى قېتىم بىر قىز بىلەن مۇشۇنداق ئايرىم،مۇشۇنداق چوڭ كۇچىدا ماڭغانلىقىم ئۇچۇنمىدۇ ياكى....ئويلىيالمىدىم.خىيالىم تورتخانىغا بالدۇر بېرىۋېلىش.سەۋەبى،يېقىلىپ ماۋۇ قىزغا كوچىدا ئۇيۇن قۇيۇپ بەرمەسلىك...
ئۇھ!تورتخانىغىمۇ كەلدۇق.كۇتكۇچى قىز بىزنى كۇرۇپ تۇنىغان بولسا كېرەك پىسسىڭدە كۇلۇپ قۇيۇپ بىزنى قارشى ئالغاندەك ئاددىغىنە تىچلىق سورىدى.
بىز ھېلىقى كۇنى دىلمۇرات بىلەن بىللە ئولتۇرغان جايغا كىلىپ ئولتۇردۇق.بۇيرتمىلارنى بۇيرۇتقاندىن كىيىن كۇتكۇچى قىز كىتىپ نەرسىلەرنى ئەكەپ بەرگەندىن كىيىن كىتىپ قالدى.ئەسلىدە پىۋىدىن ئۇچ-توتنى بۇيرىتىپ كەيپىياتىمنى تۇراقلاشتۇرۋالماقچىمۇ بولغان ئىدىم.بىراق تۇنجى كۇرۇشۇپ بۇ قىزغا يامان تەسىر بىرىپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەپ پىۋىمۇ بۇيرۇتمىدىم.قىز تۇيۇقسىز؛
-ئەگەر پىۋە ياكى باشقا ئىچىملىك ئىچسىڭىز ئىچىۋېرىڭ.مەن خاتا چۇشەنمەيمەن دىدى خۇددى كۆڭلۇمدىكىنى بىلۋالغاندەكلا .مەن قىزغا رەخمىتىمنى بىلدۇرۇپ كۇتكۇچىگە پىۋىدىن ئۇچنى ئەكەپ بىرىشنى ئېيتتىم.كۇتكۇچى پىۋىنى ئەكەپ بەرگەندىن كىيىن تارتىنىپ ئولتۇرماستىلا رومكىنى تولدۇرۇپ ئارقا-ئارقىدىن ئۇچ رومكا پىۋىنى ئىچۋالدىم.-خېلى ئۇساپسىز ھە دىدى قىز قۇلى بىلەن ئاغىزنى تۇسۇپ تۇرۇپ كۇلگەچ
-ياق...شۇ سەل جىددىيلىشىپ كىتۋاتمەن دىمىسمۇ يەنىلا تىترەپ كىتۋاتاتتىم.يۇركىم خۇددى قېپىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك دۇپۇلدەپ سۇقۇپ كىتۋاتاتتى.
-بولدى.ئەركىن ئولتۇرۇڭ.مەن ئۇنچىۋالا بەك ...
-ياق ،مەن ئەركىن ئولتۇرۋاتمەن.دەردىمنى ئۆزەم بىلەتتىم.بىردەم ئۇنىڭدىن-بۇنۇڭدىن يىيىشكە باشلىدۇق.يا مەن گەپ قىلمىدىم.يا ئۇقىز.
-ھە راست.پىشانىڭىز ساقتۇ؟ قىز شۇنداق دەپلا كۇلۇپ كەتتى.مەنمۇ ئىسىمدە يوقلا پىشانەمنى سىلاپتىمەن .قىز تېخىمۇ بەك كۇلۇپ كەتتى.مەنمۇ خىجىل بۇلۇپ قىزرىپ كەتتىم.
-شۇ سىزگە قارايمەن دەپ. يائاللا !نەدىن چىقتى ما گەپ.بۇ گەپنى دەۋىلىپ خېلى يىننىكلەپ قالدىم
-ئۇنداقتا ھازىرچۇ؟ھازىر مانا ئالدىڭىزدا ئولتۇرۇپتىمەن.قانداق ئەمدى ئەيننەك يوق قۇمۇ بۇ يەردە ئۇسىدىغان.
-ئۇنى دىمىسڭىزمۇ،دەردىمنى ئۆزەم بىلمەن.
بىز شۇ يۇسۇندا گپنى باشلىۋالدۇق.
-ھە راست،سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى،نىمە ئىش قىلدىغانلىقىڭىزنى تېخىچە بىلمەيمەن دىدىم پىۋېىدىن يەنە بىر رومقا قېقۋالغاندىن كىيىن.
-ئىسمىم گۇلزار.ھازىرچە خىزمىتىمنى دىمەي تۇراي.بىكار ئىزا تارىپ قېچىپ كەتمەڭ يەنە.ھە راست سىزنىڭ ئىسمىڭزچۇ؟
-مىنىڭ ئىسمەم ئادىلجان.؟؟؟يېزىدا ؟؟؟ئىدارىدە ئىشلەيمەن.
بىز شۇنداق قىزغىن پاراڭلاشتۇق.تۇرۇپ قىزىق گەپلەرمۇ چىقىپ قالاتتى.بىز بىر-بىرمىزگە قاراپ كۇلشۇپ كىتەتتۇق.شۇ چاغدا كۇتكۇچى قىزنىڭمۇ بىزگە ھەۋىسى كىلىپ قالامدۇ ئۇ قىزمۇ بىزنىڭ گىپىمىزنى ئاڭلاپ قالغاندەك كۇلۇپ كىتەتتى.
بىز شۇ يۇسۇندا ئولتۇرىۋىرپ ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالنىنىمۇ سەزمەي قاپتىمىز.خوشلىشىپ ماڭىدىغاندا بىر-بىرمىزنىڭ تىلفۇن نۇمىرمىزنىمۇ يىزىشۋالدۇق.تېىى ئۇنى يۇشۇرۇنچە رەسىمگىمۇ تارتىۋالدىم.نۇمۇرنى بولسا رەسىمى بىلەن (گۇزەل قىز) دەپ كۇرگۇزۋالدىم.تورتخاندىن چىققاندىن كىيىن ئۇ مىنىڭ ئاپىرىپ قۇياي دىگىنىمەىمۇ ئۇنماي كىتىپ قالدى.
مەنمۇ ماشىنا بېكىتىەە كىلىپ ئۇدۇل يېزامغا قاراپ يول ئالدىم.
كەيپىياتىم شۇنداق ياخشى ئىدى.قىز بىلەن دەسلەپ كۇرۇشكەن چاغدىكى قورقۇنۇچ،قۇرۇنشلاردىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.
ماشىندىن چۇشۇپ ئويگە كەلگەندىن كىيىن يەنە ئۇدۇللا ئۇيۇمگە كىرىپ كارۋاتقا ئۆزۇمنى ئاتتىم.دەدەم-ئاپاملارغا يەنە كۇرۇنمەيلا كىرۋالدىم.چۇنكى چوڭ بۇلۇپ تا مۇشۇ كەمگىچە ئۇلارنىڭ ئالدىغا ھاراپ پۇراپ ياكى يۇزۇمنى قىزارتىپ كىرىپ باقمىغان ئىدىم.
كارۋاتتا يېتىپ ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلغىم كەپ قالدى.تىلفۇن نۇمىرنى باستىم.كۇنۇپكىنى بېسىشىم بىلەن ئۇنىڭ سۆرىتى چىقتى.يائاللا!نىمانداق چىرايلىق قىزدۇ بۇ.يا كۇزۇمگە شۇنداق كۇرۇنۇپ كىتىۋاتامدىغاندۇ؟
تېلفۇندىن ئۇنىڭ ۋەي دىگەن يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ۋەي.گۇلزارما؟
-ھەئە مەن.قانداق ئۇيڭىزگە تىنىچ ئامان باردىڭىزمۇ؟
-شۇنداق ھازىر كەلدىم.كىلىپلا سىزگە تىلفۇن قىلىشىم
-نىمىشقا.يا سىز ماڭا بارغان -تۇرغان يىرڭىزنى ماڭا دوكلات قىلدىغان مىنىڭ مۇھابىتىم بولمىسڭىز.
-مەن.....نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم.غىقدە بۇلۇپ قالغان ئىدىم.دەيدىغانغا گەپ تاپالماي تېلفۇننى ئۇزۋەتتىم.
لاسسىدە بۇلۇپ قالغان ئىدىم.ئۇنىڭ نىمە دىگەن گىپىدۇ بۇ؟يا ئۇنىڭ مۇھابىتى بارمۇدىيا؟ئەگەر بولغان بولسا مەن بىلەن ئۇنداق كۇرىشىپ يۇرمەستى.خەپ ئاران بىر قىزنى تاپسام...شۇ خىياللار بىلەن تىلفۇنۇم سايرىدى.قارىسام گۇلزاردىن كەپتۇ.
-ۋەي دەپ ئالدىم مەن بوش ئاۋازدا
-ھە مەن.خاپا بولدىڭىزما؟
-ياق.نىمىشقا خاپا بۇلاتتىم.دىمىسمۇ يا مەن سىزنىڭ مۇھابىتىڭىز بولمىسام.قارىغاندا مۇھابىتىڭىز كۇندە سىزگە شۇنداق دەيدىكەندە
-كىم مىنى مۇھابىتى بار دەيدۇ
-ئەمسە يوقما؟
-كىم مىنى مۇھابىتى يوق دەيدۇ.ئۇ شۇ گەپنى دەپ بۇلۇپ كۇلۇپ كەتتى.مەن بىر ئاز تۇرۋالغاندىن كىيىن بو ئاۋازدا سورىدىم؛
-گۇلزار.خاپا بولماڭ،مەن سىزدىن بىر گەپ سوراي.ماڭا سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاپ بىرىڭ.سىزنىڭ مۇھابىتىڭىز بارمۇ يوقمۇ؟
-راست گەپنى ئاڭلىغۇڭىز بارمۇ
-شۇنداق دىدىم مەن تەققەزالىق بىلەن.
-ھازىرچە يوق.لىكىن ئەمدى بوپ قېلىشى مۇمكىن.
-يېس.تىلفۇن قۇلۇمدا ئۇلاقلىقى يادىمدا يوقلا شۇ گەپنى دەۋېتىپتىمەن.تىلفۇندىن گۇلزارنىڭ نىمە دەيسىز دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى
-ھىچ...ھىچنىمە،ئۇنداق بولسا سىزمۇ ئىشڭىزنى قىلىۋىرىڭ.مەن يەنە تېلفۇن قىلمەن.سىزمۇ مىنى ئۇنتۇپ قالماي تىلفۇن قىلارسىز دىدىم
بىز خوشلىشىپ تىلفۇننى قويغاندىن كىيىن شۇنداق خوشال بۇلۇپ كەتتىم.ۋاھ ئۇنىڭ مۇھاببىتى يوقكەن.ئۇنى چۇقۇم كەلتۇرمەن.ھە راست!ئۇ ھازىرچە يو،ئەمدى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن دەيدىيا.توغرا ئۇنىڭغا باشقا بىرسى تەلەپ قويغان ئوخشىمامدۇ؟ھە شۇنۇڭغا شۇنداق دەپتىكەندە.ياق گۇلزار سىز مىنىڭ.سىزنى چۇقۇم كەلتۇرۇپ ئۆزۇمگە مەڭگۇلۇك ھەمرا قىلمەن.
ئۇنى كەلتۇرۇش ھەم كىيىكى ئىشلار توغرىسدا شۇنداق شىرىن خىياللار قىلىپ كىتىپتىمەن.شۇ خىياللار بىلەن ئۇخلاپ قاپتىمەن.
داۋامىنى ئۇقارسىز....

ئامال بار خوشال ياشاڭ.
چ چ :1171508170
zarhux * توردا بار
خانىم توردا باركەنسىزدە

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 883
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىغى
تىما سانى: 1679 (3)
جۇغلانما: 18354 نومۇر
20
16603
0


تىزىم ۋاقتى: 2009-6-16
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-13
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 21:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يەنە قىزىق يىرىگە كەلگەندە توختاپ قالدى....

1框架
كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!
.كۇچامۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! كونۇپكا تاختىسىدىكى S D F G H J K L كونۇپكىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان يېشىل رەڭلىك ھەرىپلەرنى Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ باسسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-9-13 14:43 , Processed in 0.605349 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.