قوللاش- 2
- توردا
- 18小时
كۇچاتەڭگىسى- 103
- ھالەت
- 0
- يازما
- 55
- نادىر تېما
- 0
- جۇغلانما
- 162
- تىزىملاش
- 2011-1-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-12
 
قوللاش- 2
- ھالەت
- 0
- يازما
- 55
- تېما
- 18
- نادىر تېما
- 0
- جۇغلانما
- 162
- ھوقۇق
- 20
- تىزىملاش
- 2011-1-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-12
|

تەبىئەت دۇنياسىدا94 خىل تەبىئىي ئېلېمـېـنـت بار. ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئېلېمېنتلاردىن بىزگە مەلۇم بولغىنى20 نەچچـە خىلغا يېتىدۇ. بۇنىڭ11 خىلى، مەسىلەن، كاربون، ھىدروگېن، ئوكسىگېن، ئازوت، كالتسىي، كالىي، ناترىي، ماگنىي، فوسفور، خلور ۋە گۈڭگۈرت قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى ئادەم بەدىنىدە كۆپرەك بولۇپ، تەخمىنەن %99 تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ. بەزىلىرىنىڭ مىقدارى ئىنتـايىن ئاز بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئون مىڭدىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدىغان بولغاچقا، بۇ ئېلېمېنتلار مىكرو ئېلېمېنتلار دېيىلىدۇ. ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغـان مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ14 خىل بولىدىغانلىقىنى، بۇلار فتور، يود، تۆمۈر، مىس، سىنك، مانگان، كوبالت، مولىبدېن، سېلېن، خـروم، قەلەي، كرىمنىي، نىكېل ۋە ۋانادىي قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
مىكرو ئېلېمېنتلار ئادەمنىڭ سالامەتلىكىدە ئىنتايىن مۇھىم بـولـغـاچـقـا، ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ خۇرۇچى دېيىلىدۇ. مەسىلەن، فتور سۆڭەك ۋە چىشنى چىڭىتىدۇ؛ يود قالقانسىمـان بەز ھورمونىنى بىرىكتۈرۈشكە قاتنىشىدۇ، ئۇ كەمچىل بولغاندا قالقانسىمان بەز ئىششىقى پەيدا بولىدۇ؛ تۆمۈر قان قىزىل ئاقسىلى (ھېموگلوبىن)نىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئوكسىگېن توشۇش، ئالماشتۇرۇش ۋە توقۇلمىلارنىڭ نەپەسلىنىشىگە قاتنىشىدۇ، ئۇ كـەمـچـىـل بولغاندا تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرىدىكى قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ.
بەزى مىكرو ئېلېمېنتلار ئادەمنىڭ بىئولوگىيىلىـك فـۇنـكـسـىـيـىـسـىـدە پەۋقۇلئاددە رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، سىنك مېتاللوئېنزىمنىڭ تەركىبىي قىسمى ياكى ئېنزىمنىڭ قوزغاتقۇچىسى بولۇپ، بىزگە مەلۇم بولغان سىنك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېنزىملار20 دىن كەم ئەمەس. سىنك يادرو كىسلاتا (ANR، AND) ۋە ئاقسىلنى بىئولوگىيىلىك سىنتېزلاش بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ، شېكەر ئالمىشىش، ئاشقازان ئاستى بېزى، جىنسىي بەز ۋە ھىپوفىزنىڭ پائالىيىتى، ھەزىم قىلىـش سىستېمىسى ۋە تېرىنىڭ نورمال فۇنكسىيىسى بىلەن مۇناسىـۋەتلىك بولىدۇ. سىـنـك كەمچىل بولغاندا ئۆسۈپ يېتىلىش توختايدۇ، جىنسىي يېتىلىش تىزگىنلىنىدۇ، قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ، جىگەر، تال يوغىنايدۇ، جاراھەتنىڭ ساقىيىشى كېچىكىدۇ، تەم سېزىمى، پۇراق سېزىمى بىنورماللىـشىدۇ، ئىشتىھاسىزلىنىدۇ ۋەھاكازالار.
مىس ئادەم بەدىنىدە قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئىشلەش ۋە ئورگانىزمنىڭ ئوكسىدلىنىش - ئوكسىدسىزلىنىش سىستېمىسىدىكى ئۈنۈملۈك كاتالىزاتور؛ ئۇ تېرە، چاچ قاتارلىق ئەزالارنى شەكىللەندۈرۈشكە قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەدەننىڭ تۆمۈردىن تېخىـمـۇ يـاخـشـى پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. مىس كەمچىل بولغـانـدا، كـۆرۈش قـۇۋۋىـتـى چېكىنىش، سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشى توسالغۇغا ئۇچراش، قان ئازلىق قاتارلىـق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
سېلېن ئېنزىم سىستېمىـسـى ۋە قـاننىڭ نورمال فۇنكسىيىلىك ئايلىنىشىدا رول ئوينايدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، سېلېن بەدەن ئىچىدىكى ئاق قان دانچىلىرىنىـڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن، سېلېن كەمچىل بولغاندا ئاق قان دانچىلىرىنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتتىن كەلگەن باكتېرىيىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىـقـتىدارى ئاجىزلىشىدىكەن. ئالىملار يەنە سېلېن ۋە مىسنىڭ يۈرەك كـېـسەللىكى ۋە ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
مولىبدېن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە پەۋقۇلئاددە رولغا ئىگە. ئادەم بەدىنىدە مـولىبدېن كەمچىل بولغاندا بۆرەككە تاش چۈشۈش ۋە چىش چىرىش كېسەللىكلىرى ئاسانلا پەيدا بولىدۇ. خرومنىڭ بەدەن ئىچىدىكى ئىنسۇلىننى كۈچەيتىش رولى بار، شۇڭا دىئابىت كېسەللىكلىرىنى مۇئەييەن داۋالاش رولىغا ئىگە.
ئادەم بەدىنىنىڭ ھەربىر خىل مىكرو ئېلېمېنتقا بولغان ئېـھـتـىـيـاجـىـدا بەلگىلىك تەلەپ بولىدۇ، ئېھتىياج مىقدارىدىن ئېشىپ كەتسـىـمـۇ زەھەرلـەش تەسىرى پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن، سېلېن، مىس، فـتـور قاتارلىقلار زەھەرلىك. شۇڭا، مىكرو ئېلېمېنتلار ئارقىلىق كېسەل داۋالىتىشقا توغرا كەلسە جەزمەن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىش كېرەك.
بېلقۇت لوغېتىدېن ئېلىندې بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Retsar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-12 16:04
|
|