ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ساغلاملىق بىلىملىرى يەتتە چوڭ ئوزۇقلۇق ئامىلى
كۆرۈش: 6|ئىنكاس: 0
go

يەتتە چوڭ ئوزۇقلۇق ئامىلى

Retsar * توردا يوق

Rank: 2Rank: 2

قوللاش
2  
ھالەت
يازما
55 
تېما
18 
نادىر تېما
جۇغلانما
162 
ھوقۇق
20 
تىزىملاش
2011-1-6 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئادەم ھەر كۈنى يېمەكلىكتىن قوبۇل قىلىدىغان ئوزۇقلـۇق، جـۈمـلـىـدىـن ئاقسىل، شېكەر، ياغ، ۋىتامىن، ئانئورگانىـك تـۇز، سـېـلـلـۇلوزا ۋە سـۇ يەتتە چوڭ ئوزۇقلۇق ئامىلى دېيىلىدۇ. بۇ ئوزۇقلۇق تەركىبلـىـرى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ھاياتلىق پائالىيىتى ئۈچۈن كەم بولسـا بولمايدىغان ماددىي ئاساس.
ئاقسىل ھۈجەيرە ۋە توقۇلمىنىڭ تۈزۈلۈشىدىكى ئاساسلىق ماتېرىيـال، شۇنداقلا ھايـاتـلـىـقـنـىـڭ مـاددىـي ئاسـاسـى. ئۇ ئادەم بـەدىـنـىـدە ئۇچـۇر يەتكۈزۈش، چوڭ مېڭىنىڭ پائالىيىتىنى داۋاملاشتـۇرۇش، خـىـمـىـيـىـلـىـك رېئاكسىيىلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىرتتىـن كـەلـگـەن «تـاجـاۋۇزچى» لارغـا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ۋەزىپىـلـەرنـى ئۈسـتـىـگە ئالـغـان بـولـۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈشى ۋە توقۇلمىلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ئىنتايىن مـۇھىـم رولى بار. نۇرغۇن يېمەكلىكلەردە، مەسىلەن، پۇرچاق، پۇرچاق ياسالمىلىـرى، تۇخۇم، ئورۇق گۆش، بېلىق، راك، كالا سۈتى ۋە ھايۋانـات ئىـچـكى ئەزالىرى قاتارلىقلار تەركىبىدە مول ئاقسىل بار.
شېكەر ئادەم بەدىنى ئېنېرگىيىسىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى. ئادەم بەدىنـى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئېنېرگىـيـىـنـىـڭ تـەخـمـىـنـەن % 70ىـنـى شـېـكـەر تەمىنلەيدۇ. ھەر گرام شېكەر ئادەم بەدىنىدە تەخمىنەن4 كىلوكالورىـيـە ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدۇ. شېكەر يەنە ئادەم بەدىنىنى شەكىللەندۈرىدىـغـان مۇھىم ماددىلارنىڭ بىرى. مەسىلەن، ئادەم بەدىنى ھۈجەيرە پەردىسـىـدىـكـى شېكەر ئاقسىلى، نېرۋا ھۈجەيرىسىدىكى گلىكولىپىد قاتارلىقلار شېكەردىن ئايرىلالمايدۇ. بىز ئىستېمال قىلىۋاتقان تاتـلىـق يـېمەكـلىـك، كـراخـمـال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاساسلىق تەركىبى شىكەر.
ياغ ئوزۇقلۇقتا ئاساسلىق رول ئويـنـايـدۇ، ئۇ ئادەم بـەدىـنـىـدە زاپـاس ساقلىنىدۇ ۋە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ياغ ئادەم بەدىنىـدە تـولۇق »كۆيۈپ« ئېنېرگىيىگە ئايلانغاندا،1 گرام ياغنىڭ ئېنېرگىيىـسـى شـېـكـەر ياكى ئاقسىلنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ياغمۇ ئادەم بـەدىـنـىـنـى شەكىللەندۈرۈشتە كەم بولسـا بـولـمـايـدىـغـان خـام مـاتـېـرىـيـال. ئادەتـتـە ئىشلىتىلىۋاتقان خاسىڭ مېيى، قىچا مېيـى قـاتارلىـقلار يـاغ تـۈرىـدىـكـى يېمەكلىكلەردۇر.
ئانئورگانىك تۇزلار يەنە مىنېرال مـاددىلارمۇ دېيىلىدۇ، ئادەم بەدىنىدە مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىدىن كالتسىي، مـاگـنـىـي، كـالىـي، ناترىي، فوسفور، گۈڭگۈرت ۋە خـلور قـاتـارلـىـق يـەتـتـە خـىـل بولۇپ، باشقىلىرى، مەسىلەن، تۆمۈر، سىنك، يود، مىس قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى ئازراق بولىدۇ، بەزىلىرى ئىنتايىن ئاز مىقداردا بولىدىغان بولغاچقا، مـىـكـرو ئېلېمېنت دېيىلىدۇ. ئانئورگانىك تۇزلار ئادەم بەدىنى توقۇلمىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماستىن، نورمال فىزىئولوگىيىلىك پائالىـيـەتـتـە مـۇھىـم رول ئوينايدۇ. كالىي ۋە فوسفور سۆڭەك ۋە چىشنى تەشكىل قىلـغـۇچـى مـۇھىـم ماددا؛ تۆمۈر قان قىزىل ئاقسىلىنىڭ تەشكىلىي قىسمى، شۇنداقلا ۋىـتـامـىـن ۋە ھورموندا كەم بولسا بولمايدىغان ماددا؛ مىس قان ئىشلـەش جـەريـانـىـغـا قاتنىشىدۇ؛ سىنك بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىـدە مـۇھىـم رول ئويـنايـدۇ ۋەھاكازالار. تۈرلۈك يېمەكلىك ھەمدە كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەر تەركىبىدە مىنېرال ماددىلار بولىدۇ.
ۋىتامىن ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال فۇنكسىيىسى ۋە ساغلاملىقىغا كاپالەتلـىـك قىلىدىغان خىمىيىلىك ماددا. ئۇلار مەلۇم ئېنزىملارنى تـەشـكىـلـلـىـگـۈچى تەركىب بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىشتا مـۇھىـم رول ئويـنـايـدۇ. مەسىلەن، ۋىتامىنA ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتـىـلـىـشـىـنـى ئىـلـگـىـرى سۈرۈپ، نورمال كۆرۈش قۇۋۋىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ساغلام ئېپىتېلىيە توقۇلمىلىرىنى قامدايدۇ؛ B تۈردىكى ۋىتامىنلار كـۆپ خـىـل ئېـنـزىـملارنـى شەكىللەندۈرۈپ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە پايدىلىنىشىغا قاتنىشىدۇ؛ ۋىتامىنC قان ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگانىزمنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ ۋىتامىنغا بولغان ئېھتىـيـاجـى ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، بىراق كەم بولسا بولمايدۇ. ناۋادا ئۇ كەم بولسا كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. گۆش، پۇرچاق ۋە يـېڭـى كۆكتات، مـېـۋە - چـېـۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەردە تۈرلۈك ۋىتامىنلار بار بولۇپ، تاماق تـاللاش ئادىـتـى بولمىسىلا، ۋىتامىن كەملىك ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ.
سۇ ئادەم بەدىنى ئومۇمىي ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %60ىـنـى ئىـگـىـلـەيـدۇ، بالىلارنىڭ بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىدۇ. كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئىچىپ بەرگەندە ھەزىـم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ ۋە بەلگىلىك سۈيدۈك مىقدارىغا كاپالەتلىك قـىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى زىيانلىق ماددىلارنى چىقىرىۋەتكىلى بـولىدۇ. سۇ كەمچىل بولغان پەۋقۇلئاددە مۇھىتتا سۇنىـڭ ئادەم ھاياتىغا بولغان مۇھىملىقى يېمەكلىكتىن ئېشىپ كېتىدۇ.
سېللۇلوزا ئادەم بەدىنىدە ھەم ھەزىم قىلىنىـپ سـۈمـۈرۈلـمـەيـدۇ، ھەم ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. بىراق، ئۇنىڭ سەل قاراشقـا بولمايدىغان رولى بولغاچقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېمەك - ئىچمەكتىكى «مۇھىم ئامىل» لارنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. يېمەكلىكتىكـى تـالا ئادەمدە تويغانلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلـىدۇ ھەمـدە تـەرەت چـىـقىرىـشـقـا پايدىلىق. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، يېمەكلىك بەك ساپ بولۇش، سېللۇلوزا كەم بولۇش بـوغـمـاق ئۈچـەي راكـى قـاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئاساسلىق كېسەل سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىكەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yupurmak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-12 15:43

ئۆزەم تاپقان بالاغا نەگە باراي داۋاغا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-1-13 05:27 , Processed in 0.208665 second(s), 14 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.