قوللاش- 2
- توردا
- 18小时
كۇچاتەڭگىسى- 103
- ھالەت
- 0
- يازما
- 55
- نادىر تېما
- 0
- جۇغلانما
- 162
- تىزىملاش
- 2011-1-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-12
 
قوللاش- 2
- ھالەت
- 0
- يازما
- 55
- تېما
- 18
- نادىر تېما
- 0
- جۇغلانما
- 162
- ھوقۇق
- 20
- تىزىملاش
- 2011-1-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-12
|

ئۇيقۇ بىر كۈنلۈك چارچاشنى تۈگىتىدۇ، بالىلار قېنىپ ئۇخلىغاندا مېڭە ئاستى ھىپوفىزىنىڭ ئالدى ياپىراقچىسى ئاجـراتـقـان ئۆسـتـۈرگـۈچـى ھورمـون كۆپىيىدۇ. جىددىي ھەرىكەتتىن كـېيـىن ئۇخلىغاندا ئۆسـتـۈرگـۈچـى ھورمونلار تېخىمۇ كۆپ ئاجرىـلـىـدۇ. ئۇيـقـۇ يـېـتـەرلـىـك بـولـمـىـغـانـدا، ئۆستۈرگۈچى ھورمونلارنىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىپ بالىلارنىـڭ ئۆسـۈشـىـگـە تەسىر يېتىشى مۇمكىن. ئۇيقۇسى قانغان بالىلار ئادەتتە روھلۇق، ئىشتىھالىق ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ ياخشى بولىدۇ.
كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى ياش بىلـەن مـۇناسـىـۋەتـلـىـك بـولـىـدۇ. ئومۇمەن،5 ~7 ياش بالىلار كۈنىگە12 سائەت، جۈملىدىـن چـۈشـتـە ئەڭ ياخشىـسـى1 ~2 سـائەت ئۇخـلـىـسـا؛8 ~11 يـاش بـالـىلار10 سـائەت، جۈملىدىن چۈشتە1 سائەت ئەتراپىدا ئۇخلىسا؛12 ~14 ياش بالـىلار8 −9 سائەت ئۇخلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ.14 ياشتىن چوڭ بالىلارنىڭ چوڭلارغا ئوخشـاش8 سائەت ئۇخلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئۇخلىغاندا ئۆي ئىچى ھاۋاسى ساپ بولۇشى، باشنى چۈمكىۋالماسلـىـق كېرەك. باشنى يوتقانغا چۈمكىۋالغـانـدا، بـەدەنـدىـكـى كـاربـون (Ⅳ) ئوكسىد تولۇق چىقىرىلماي ئوكسىگېننىڭ سۈمۈرۈلۈشى ئازىيـىـپ، بـەدەندىكى ماددا ئالمىشىشقا تەسىر يېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئويـغـانـغـانـدا بـاش ئېغىرلىشىپ ئۆگىنىش ۋە سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ. ئۇخلاشتىن ئىلگىـرى زىيادە ھاياجانلانماسلىق، بەك كۆپ نەرسە يېمەسلىك، كەچلىك تاماقتا سۇيۇق - سەلەڭ، ھەزىم قىلىشقا ئاسان يېمەكلىكلەرنى ئىسـتېـمال قـىلىـش كېرەك. تاماقنى يەپ بولۇپ2 −3 سائەتتىن كېيىن ئۇخلىغاندا ئاشقازاندا كۆپ نەرسە قالمايدۇ - دە، ئۇيقۇمۇ ياخشى بولىدۇ. بالىلار بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر تۇرۇشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشى لازىم.
بەزى بالىلار قاتتىق ئۇخلاۋېتىپ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ، ھۆڭرەپ يىغلايدۇ، ۋارقىرايدۇ، ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن يەنـە ئۆزلۈكىدىن ئۇيقۇغا كېتىدۇ، ئەتىسى بۇنى ئەسلىيەلمەيدۇ. ئەگەر شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئۇلارنى ئويغاتساق، ئۇلار ئۆزىنى قارا باسقانلىقىنى ئېيتىـپ بـېـرىـشـى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال مېدىتسىنادا قارا بـېـسـىـش دېيىلىدۇ. قـارا بېسىش كېسەللىك ئەمەس، بەلكى ئۇيقۇ داۋامىدا يامان چۈش كۆرگەنلـىـك. بەزى بالىلار ئۇخلاۋېتىپ توساتتىن ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىم - كېچەكلىرىنى كىيىپ سىرتقا ماڭىدۇ ياكى ئۆيدە نەرسە - كېرەكلەرنى ئاختۇرىدۇ، بىرنەچچە مىنۇتتىن كېيىن يەنە ئۆزلۈكىدىن ئورنىغـا بېرىپ ئۇخلاپ قالىدۇ، بىراق ئىشتىن كېيىن بۇنى ئەسلىيەلمەيدۇ. ئەگەر قايتا ئورنىـغـا بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئويغاتساق ئۆزىمۇ نېمە ئىـش بولغانلىقىنى دەپ بېرەلمەيدۇ، بۇ تۈن سەيلىسى دېيىلىدۇ. تۈن سەيلىسىنىڭ كۆپىنچىسـى كېسەللىككە كىرمەيدۇ، بۇ بالىلار چوڭ مېڭىسى يېتىـلىـشـىـنىـڭ تـولۇق بولمىغانلىقى، قوزغىلىش بىلەن تورمۇزلىنىش جـەريـانـىـنـىـڭ مـۇكـەمـمـەل بولماسلىقى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇخلىغاندا چوڭ مېـڭـە پـوسـتلاق قەۋىتىدە يەنىلا يېگانە قوزغىتىش ئوچىقى بولۇپ، مۇشـۇ قوزغىتىش ئوچىقىنىڭ تەسىرىدە ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەرىكەتلـەرنـى قـىـلـىـدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل ئەھۋال ئۆزلۈكىدىن ئازىيىـدۇ يـاكـى يوقىلىدۇ.
(ئەسكەرتىىش:بۇنىڭدىن كېيىن تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتمىغايسىىز.بۇنىڭدىن كېيىن مەنبەسىنى ئەسكەرتمىگەن ھەر قانداق تېمىلىرىڭىز بولسا بىردەك تەستىقلانمايدۇ.) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yupurmak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-12 17:09
|
|