قوللاش- 2
- توردا
- 18小时
كۇچاتەڭگىسى- 103
- ھالەت
- 0
- يازما
- 55
- نادىر تېما
- 0
- جۇغلانما
- 162
- تىزىملاش
- 2011-1-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-12
 
قوللاش- 2
- ھالەت
- 0
- يازما
- 55
- تېما
- 18
- نادىر تېما
- 0
- جۇغلانما
- 162
- ھوقۇق
- 20
- تىزىملاش
- 2011-1-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-12
|

چىرايلىق بەدەن ھالىتى ئۈچۈن يېتىلىشى ياخشى سۆڭەك ۋە مۇسـكـۇل بولۇشى كېرەك. ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە سۆڭەك بىرقەدەر يۇمشاق بـولـۇپ، تولۇق سۆڭەكلىشىپ كەتمەيدۇ. سۆڭەك تەركىبىدىكى ئورگانـىـك مـاددىلار كۆپ، ئانئورگانىك ماددىلار ئاز بولغاچقا، سۆڭەكنىڭ ئەۋرىشىملىكـى يۇقىرى، قاتتىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن بولىدۇ - دە، ئاسانلا شـەكـلـى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەتراپلىق، ئولتۇرۇش قـىـيـاپـىـتـى دۇرۇس بولماسلىق ياكى كېسەللىك قاتارلىقلار سۆڭـەك ۋە مـۇسـكـۇلـنـىـڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ غەلىتە شەكىل پەيدا قىلىپ قويىدۇ. غـەلـىـتـە شەكىل پەيدا بولغانىكەن ئۇنى تۈزىتىش تەسكە توخـتـايـدۇ. ئۇ ئىـچـكـى ئەزالارنىڭ يېتىلىشى ۋە فۇنكسىيىسىگە توسالغۇ بولۇپلا قالماي، تۇرمـۇش ۋە خىزمەتكە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قويىدۇ.
سۆڭەكنىڭ غەلىتە شەكلى كۆپىنچە ئومۇرتقا، تۆش سۆڭـەك ۋە مـۈچـىلەردە كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئومۇرتقا غەلىتە شەكلىنىڭ قىياپەتكـە بـولـغـان تەسىرى ئەڭ چوڭ بولىدۇ.
ئومۇرتقا ئادەم بەدىنىنىڭ »لىمى«، ئۇ20 نەچـچە پـارچـە ئۇشـشـاق سۆڭەكتىن تۈزۈلىدۇ. نورمال ئادەمنىڭ ئومۇرتقىسىدا بـويـۇن ئەگـمىسى، كۆكرەك ئەگمىسى، بەل ئەگمىسى ۋە توققۇزكۆز ئەگمىسىدىن ئىبارەت ئالدى - كەينـى تـۆت ئەگمە بولۇپ، ئومۇمەن18 ~20 ياشـقـا كـىـرگـەنـدە ئانـدىـن شـەكلى مۇقىملىشىدۇ. ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ئولتۇرۇش قىياپىتى دۇرۇس بولمـىـسـا ياكى كىتاب ئوقۇش، خەت يېزىش قىياپىتى ناچار بولسا، بوغچىـنى مـەلـۇم بىر مۈرىگىلا ئارتىپ ئادەتلەنسە، ئوزۇقلۇق ناچار بولسا ھەمدە راخىـت كـېـسەللىكى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولسا ئومۇرتقا سۆڭىكىنـىـڭ شـەكـلـى ئۆزگـىـرىـپ كېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا بىرلا ۋاقىتتا كـۆكـرەك قـەپـىـسىـنـىـڭ شـەكلىمـۇ ئۆزگىرىپ دوك بولۇپ قالىدۇ.
ئومۇرتقا ئېگىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكـى ئاسـاسـلـىـق ئۇسـۇل تەنتەربىيە چېنىقىشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. چېنـىـقـىـشـتـا بـەلگىلىك ھەرىكەت مىقدارىغا يېتىش، تۈرلەردىن تاق تورنىك، قوش تورنىك قاتـارلـىـق ئەسۋابلىق گىمناستىكا ۋە ئەسۋابسىز گـىـمـنـاسـتـىـكا، سـۇ ئۈزۈش قاتارلىقلار ياخشىراق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقـىـتـتـا، يـاخـشـى بـەدەن ھالىتىنى ساقلاش، مەسىلەن، ئۆرە تۇرغاندا ئىكـكـى مـۈرىـنـى تـۈز تـۇتـۇپ قۇلاق، مۈرىدىن پۇتقىچە بىر سىزىقتا تۇرۇش؛ ئولـتۇرغـانـدا ئۈسـتـۈنـكـى گەۋدىنى تىكلەش، باشنى بەكمۇ ئالدىغا ئېڭىشتۈرۈۋالماسـلـىـق يـاكـى ئوڭ - سولغا قىيسايتىۋالماسلىق؛ كىتاب ئوقۇغان، خەت يازغاندا كۆز بىلەن كىتاب - ئۈستەلنىڭ ئارىلىقىنى30 ~35 سانتىمېتىر قالدۇرۇش؛ ئالـدى بـىـلـەكـنى ئۈستەلگە تەكـشـى قـويـۇپ، كـۆكـرەكـنـى ئۈسـتەلـنىـڭ گـىـرۋىـكـىـگـە چاپلىۋالماسلىق كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزاق ئۆرە تۇرۇش يـاكـى تـىـنـچ ئولتۇرۇش ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇسكۇلى ۋە نېرۋىسىنى چارچىتىۋېتىـدۇ، شـۇڭـا ھەرىكەت بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
(ئەسكەرتىش:مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yupurmak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-12 17:12
|
|