قوللاش- 2
- توردا
- 18小时
كۇچاتەڭگىسى- 103
- ھالەت
- 0
- يازما
- 55
- نادىر تېما
- 0
- جۇغلانما
- 162
- تىزىملاش
- 2011-1-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-12
 
قوللاش- 2
- ھالەت
- 0
- يازما
- 55
- تېما
- 18
- نادىر تېما
- 0
- جۇغلانما
- 162
- ھوقۇق
- 20
- تىزىملاش
- 2011-1-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-12
|

تېرە ساقلىقىنى ساقلاش
تېرە ئادەم بەدىنى توقۇلمىلىرىنى قـوغـداش ۋە تـەر ئاجرىتىش قاتارلىق مۇھىم روللارنى ئويـنـايـدۇ. تـېـرىـنـى سـاغلام، گـۈزەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئاسراشقا دىققەت قىلىـش كـېـرەك. شـامـال، ئاپتاپتـا تۇرۇش، زەخىملىنىش، كۆيۈش، توڭلاش قاتارلىق فىزىكـىـلـىـق ئامـىـللار؛ كىسلاتا، ئىشقار قاتارلىق خىمىيىلىك ماددىلار ھەمـدە كـېـسـەلـلىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تاجاۋۇزى قاتارلىقلار تېرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. تېرىنى ئاسراش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ زىيانلىق ئامىـللارنىڭ تېرىگە زىيان سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا تېرىنى دائىم پاكىز تۇتۇش كېرەك. يۈز يۇغان، يۇيۇنغاندا ئىشقارلىـقى كۈچلۈك سوپۇنلارنى ئىشلەتمەسلىك، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى مـۇۋاپـىـق بـولۇش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، تېرىنى پاكىز تۇتقىلى ھەم تېرىنى پارقىراق، يۇمشاق قىلغىلى بولىدۇ.
يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، ھاۋا مۇنـچـىسى قاتـارلىـق تـەنـتـەربـىـيـە چېنىقىشلىرى تېرىدىكى قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالـمـىـشـىـشـنـى ئىـلـگىرى سۈرۈپ، تېرىنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
مۇۋاپىق يېمەك - ئىچمەك ۋە ئوزۇقلۇق تېرىنى تېخىمۇ سـاغلام، گـۈزەل قىلىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئادەتتە كۆكتات، مېۋە - چېۋىنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، يېمەك - ئىچمەكـتـىـكـى ئوزۇقـلـۇق يـېتەرلىـك بـولـسـا، مـۇۋاپـىـق ماسلاشتۇرۇلسا تېرە يۇمشاق ھەم ئېلاستىكلىققا ئىـگـە بـولـىـدۇ. جـۇڭـگو تېبابەتچىلىكىنىڭ قارىشىچە، غىدىقلاشچانلىقى كۈچلۈك يېمـەكـلـىـكـلـەرنـى كۆپ يېيىش، تاماق تاللاش تـېرىنىڭ ساغلاملىقىغـا زىيانلىق ئىكەن.
ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە ئادەمنـىـڭ روھىـي ھالىتى تېرىدە ئەكس ئېتىدۇ. مەسىلەن، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغان، ئوزۇقلـۇقى ناچار ياكى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ تېرىسى نۇرسىز، سارغۇچ، ھەتتا تۇتۇق كېلىدۇ. تېرىنىڭ سىلىق، پارقىراق بولۇشى ئادەمنىڭ پۈتكۈل ساغلاملىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىنكاسى. شۇڭا، تېرىمىزنـىـڭ ساغلاملىقى، گۈزەللىكىنى سـاقلاش ئۈچـۈن تەن ۋە روھىي ساغلاملىقىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز لازىم. ھەرقانداق گىرىم بۇيۇمى قوشۇمچـە رول ئوينىيالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ تـېـرىـنـى بەلگىلىك غىدىقلاش رولى بار. |
|